بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-16 18:18
ئەسلى ئىش مۇنداق، كومپىيۇتېرىم ۋە قاتتىق دېسكام كىنوغا تولۇپ كېتىپتۇ، ئۆچۈرۋېتەي دېسەم چىدىمىدىم..بۇرۇن بىر قېتىم خېلى جىق كىنولارنى 360، چاقماقلارغا يوللىغان ئىدىم، ئەپسۇس ئۆچۈرۋېتىپتۇ... بۇ قېتىم يەنە چېڭ توڭغا يوللاپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇۋاتىمەن...چۈنكى بۇنى خېلى مۇقىم ھېس قىلدىم...ئەمدى ئۆزۈم كۆرسەممۇ كۆرىدىكەنمەن، يەنىلا كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھىرلىنىيە دەپ مۇشۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن...
مەندە بار كىنولارنىڭ ھەممىسىنى 20 دىن پارچىلاپ يوللايمەن، كۆرۈشنى خالايدىغانلار چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلار بولىدۇ..ئەمما چۈشۈرگىلى بولمىدى...بەيدۇغا يوللىساڭ بولمامدۇ، چاقماققا يوللىساڭ بولمامدۇ دېگەن گەپلەرنى قىلماڭلار... چۈشۈرگىلى بولمىغان بولسا ئۇ مەندىكى مەسلە ئەمەس....
بەزى دوستلار چىڭ توڭدىن چۈشۈرۈشنى بىلمىگەنلىكىنى دەپتۇ..شۇڭا بۇنىڭدىن چۈشۈرۈشنىڭ ئازراق قەدەم باسقۇچىلىرىنى دەپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم..
1. ئالدى بىلەن مەزكۇر كىنونىڭ ئىسمىنى چېكىپ (ياكى ئۇلىنىش ئادىرىسىنى چېكىپ) چىڭتوڭدىن چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىمىز.
بۇ چاغدا تۆۋەندىكى رەسىم كۆرۈنىدۇ.
بۇنىڭدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىپ قويغان كونۇپكىنى باسىمىز.
2. بۇ چاغدا تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
بۇنىڭدىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويغان دەلىللەش كودىنى ئىۋۇ ئاستىدىكى بىكار كاتەكچىنىڭ ئىچىكگە يېزىپ، ئۇنىڭمۇ ئاستىدىكى 进入下载列表 دىگەننى چېكىمىز.
3. ئەگەر كودنى توغرا كىرگۈزگەن بولساق تۆۋەندىكى رەسىم كۆرىنىدۇ. توغرا كىرگۈزەلمىگەن بولساق دەلىل كودىنى قايتا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنە قايتا كىرگۈزىمىز..
بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويغان كونۇپكىنى باسىمىز.
4. بۇ چاغدا تۆۋەندىكى دىئالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ.
بۇ يەردە رامكا ئىچىگە ئېلىنغان 1-كونۇپكا ئارقىلىق چۈشۈرمەكچى بولغان كىنونىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز. ئاندىن ئاستىدىكى 下载 دىگەن 2-كونۇپكىنى باسساق كىنو چۈشۈشكە باشلايدۇ.
5.ئەگەر بىز چاقماققا ھەقلىق ئەزا بولۇپ چاقماقتىن چۈشۈرمەكچى بولغان بولساق رەسىمدىكى چاقماقتىن چۈشۈرۈش دېگەن قىزىل رامكىدا كۆرستىلگەن جاينى چېكىپ، چاقماق چۈشۈرگۈچكە كىرىپ چۈشۈرۈشنى باشلىساق بولىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلاركى مەشغۇلاتنى توغرا قىلالمىغان بولسىڭىز، ياكى چۈشۈرۈشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ، كىيىن قايتا چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز ۋە ياكى توك ئۆچۈپ قېلىپ، قايتا چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز پۇلغا چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ دەپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاق بۈركۈتنىڭ دوللىرىدىن باشقا يەنە 2 سوم پۇلغا كۆرىسىز ياكى كۆرۈشتىن ۋاز كېچىپ،مېنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىسىز...چۈنكى بۇ بىر ip غا بىرلا قېتىم ھەقسىز چۈشۈرۈش پۇرسىتى بېرىپتۇ. بۇنىڭغا بەك دىققەت قىلىڭ.
بۇ قېتىم تۆۋەندىكى كىنولار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.. قايسى كىنونى كۆرمەكچى بولساڭلار شۇ كىنونىڭ ئىسمىنى ئىنكاسقا يازساڭلار شۇ كىنونىڭ ئادىرىسى تەمىنلىنىدۇ..
چۈنكى بۇنداق بولغاندا تىما كۆمۈلۈپ قالمايدۇ ۋە دوستلارنىڭ رايىنى بىلگىلى بولىدۇ...
قاتىل، بىشارەت، داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى، ئىسيانكار، كۆپ يوپۇرماقلىق دەستارگۇل (1،2)، قاتمۇ قات سۈيقەست (1،2)، ھەل قىلغۇچ جەڭ، جەھەننەم، مۈشۈك، چاشقان ۋە شىرلوك ھولمىس، ھىندىستان ئەزىمەت، دىلمۇراتنىڭ خۇلاسە يىغىنى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تار كوچا، دەرجىدىن تاشقىر 8، لوس ئانژىلىس جېڭى، باش كۆتۈرۈش، ئىلاھىي شەھىرىستان، كۆك زىرەكچاقبۇ كىنولارنىڭ ھەممىسى ئاق بۈركۈت ۋە باشقا تەرجىمە گورۇپپىلىرىنىڭ خەتلىك تەرجىمە فىلىملىرى بولۇپ، ئارخىپى ۋە چۈشەندۈرلىشى ئاق بۈركۈتنىڭ كىنو سەھىپىلىرىدە بار
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
|