ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

گىگانتلار زەربىدە 1-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-14 09:36  

ئىسمى:
گىگانتلار زەربىدە
خەنزۇچە ئىسمى:
进击的巨人
چەتئەلچە ئىسمى:
attack on titan
دۆلىتى:
ياپونىيە
تىلى:
ياپونچە
تۈرى:
كارتون
فورماتى:
باشقا
ۋاقتى:
2013-04-06
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
رازمېرى:
1080× 1920
سىغىمى:
800MB~1G
ئۇزۇنلىقى:
24~26 مىنۇت
رېژىسسور:
ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)
باش روللاردا:
ئېرېن يېگار-  كاجى يۈكى
مىكاسا ئاكېرمان-  ئىشىكاۋا يۈيى
ئارمىن ئارلېرت-  ئىنوۈۋې مارىنا
رىۋايل-  كامىيا خىروشى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:   يۈز نەچچە  يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن  يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل  ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور  گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ  گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى  ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش  ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.


1- قىسىم «ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىنكى سىزگە» نىڭ مەزمۇنىدىن پارچە:
  845- يىلى، ئىنسانلار سېپىل ئىچىدىكى يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىنچ تۇرمۇش قوينىدا بىغەم ياشاۋاتاتتى. بۇ كۈنى سېپىل سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەزەك قوشۇن قايتىپ كەلدى، ئەمما ئۇلار زور بەدەل تۆلىگەنگە چۇشلۇق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتقان ئىدى، كوچىلاردا كىشىلەر ئۇلارنى كەينىدىن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىۋاتاتتى... ئەمما ئېرېن يېگارنىڭ يەزەك قوشۇن ۋە ھازىرقى تۇرمۇشىغا بولغان قارىشى باشقىچە ئىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى يەزەك قوشۇن جەڭچىلىرى ھەقىقى قەھرىمانلار ئىدى، ئەكسىچە قاتمۇ-قات سېپىللار ئىچىدىكى ھاياتنى قوتاندىكى مالنىڭ كۈنىگە ئوخشىتاتتى...
  شۇ كۈنى تۇرمۇش بۇرۇنقىغا ئوخشاش تىنچ داۋام ئەتمەكتە ئىدى، كوچا رەستىلەردە سودا-سېتىق قايناۋاتقان، بالىلار خۇشال ئويناۋاتقان، ئەسكەرلەر سېپىل قوۋۇقىنى ساقلىغاچ ھاراق ئىچىۋاتقان... ئەمما ئۇلار ھوشيارلىقنى يوقاتقان ۋاقىتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقان ئىدى...



   ئالدى بىلەن ئاق بۈركۈت ئەھلىنىڭ مەزكۇر فىلىمگە بولغان تەقەززاسىغا يارىشا تېز ئېلان قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن، فىلىمدىكى قىسمەن ئاتالغۇلار ھەممە قىسىملار تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنۇپ تەھرىرلىكى باشلانغان چاغدا ئاندىن تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى خاتالىقلار كۆرۈلگەنلىكتىن 4- قىسىمغىچە پىرىسلىنىپ بولغاندا ئۆزگەرتىلىپ قايتا پىرىسلاندى، شۇڭا ئېلان قىلىنىش ۋاقتىمۇ بەك سوزۇلۇپ كەتتى... ناماقۇللۇقۇم سۈپىتىدە ھەم بۈگۈن ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن 1- قىسىم ھەقسىز يوللاندى.
   ئاتالغۇلار ئىزاھاتى:
   يەزەك قوشۇن: سېپىل سىرتىدا گىگانتلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يەزەك- تۈركى تىللار دىۋانىدا قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرگۈچى ئاۋانگارت ئەترەت دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن.)
   تۇرغۇن قوشۇن: سېپىل ساقلاش، رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم.
   يورتۇغ قوشۇن: پادىشاھنىڭ يېنىدا شاھنى قوغداش، پۇقرالارنى باشقۇرۇش، تەرتىپ يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يورتۇغ- تۈركى تىللار دىۋانىدا ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا خاقاننى قوغداپ ماڭغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر ياكى خاقاننىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرگەن ھەمراھلىرى دېيىلگەن.)
   باشقا ئاتالغۇ ۋە مەلۇماتلار فىلىم ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلغان، ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەزى مەزمۇنلار ئاشكارىلىنىپ ماڭىدۇ.
   تەرجىمە توغرىسىدا:
   فىلىمدىكى ۋەقەلىك ئارقا كۆرۈنۈشى قەدىمكى ھەم ھازىرقى ئېلېمىنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا  ھەربىي ئىشلار ئاتالغۇلىرىغا قەدىمقى ۋە ھازىرقى ئاتالغۇلار ئارىلاش ئىشلىتىلدى. كىشى ئىسىملىرى ئاساسەن چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، مەسىلەن ئېرېن يېگار نېمىس تىلىدىن، ئەسكەر بېشى رىۋايلنىڭ ئىسمى فرانسۇز تىلىدىن كىرگەن ئىكەن، (ئېرېن شان شەرەپ دېگەن مەنىنى، يېگار ئوۋچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، «تىنچ ئوكياندىكى كۈرەش» فىلىمىدە يېگار دېگەن سۆز ئۇچرايدۇغۇ...) شۇڭا ئەسلى تىلىدىكى ئوقۇلۇشى ئاساس قىلىندى. ئۇندىن باشقا بۇ كارتوننى مەن تۇنجى كۆرگەندە گىگانتلارنى يەجۈج-مەجۈجلەرگە ئوخشاتقان، (ھەزرىتى ئىسكەندەر سېپىل بىنا قىلىپ توسۇپ قويغان بۇ مەخلۇقلار ھەر كۈنى سېپىلنى تېشىشكە ھەرىكەت قىلارمىش، تېشىپ چىقاي دېگەندە ئەزان ئاۋازى كېلەرمىش، يەجۈج-مەجۈجلەر ئەزاننىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىشەرمىش، سېپىلنى تەشكەن جايى يەنە پۈتۈپ قالارمىش...) ئەسلى شۇنداق دەپ تەرجىمە قىلىشنى پىلانلىغان، ئەمما فىلىمدا تەسۋىرلەنگەن گىگانتلار ماھىيەت جەھەتتە  يەجۈج-مەجۈجلەر  بىلەن ئوخشىمايدىكەن، شۇڭا ئۇدۇللا گىگانتلار دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق تاپتىم.
   فىلىمدىن كەسمىلەر:


  مەزكۇر كارتوننىڭ تەرجىمىسى باشتىن ئاخىرى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان بولغاچقا قىسمەن نۇقسانلار كۆرۈلگەن بولۇشى ئېنىق، ئىملا خاتالىقى ياكى ناتوغرا تەرجىمىلەرنى بايقىغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.

مۇشۇ پۇرسەتتە، قۇرۇق بولسىمۇ فىلىمنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ھەممىدىن بەك تەقەززا بولغان ھەم يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن دوستىمىز ئەركان خوتەنىگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

  بەيدۇ تور دېسكىسىدىن:
http://pan.baidu.com/s/18EBRF
密码: hr97


360 تور دېسكىسىدىن:
http://yunpan.cn/QUjuq45giTFix
访问密码 0dfc
قاتناشقانلار سانى 4دوللار +130 يىغىش سەۋەبى
ئالىپ0998 + 30 كۆپ رەھمەت...........
ياساۋۇل + 50 ئىلان قىلىنغانلىقىنى .
رىشتە01 + 20 ئوغۇل بالا ! مانا كىنو .
arkan2010 + 30 يارايسىز! جاپا چەكتىڭ.

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +130

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش2
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار14

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ياساۋۇل ۋاقتى: 2013-12-13 22:51:34 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئىلان قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن
ئۇيغۇرچە خەتلىكنى كۆرمەن دەپ ساقلاپ تۇرغىلى نەكەم ،ئاخىرغىچە تۇلۇق تاماملىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ
يىكەنداز
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-12-13 23:30:04 | ئايرىم كۆرۈش
1-قىسىمنى بايام كىنوخانىدا كۆرۈپلا، ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىپلا ئالدىغۇ ماۋۇ قوچاق. كىرىشتۈرگەن ئۈنۈملىرى قالتىس بوپتۇ.
ۋەقەلىكنىڭ باشلىنىشىمۇ غەلبىلىك، ئارقا كۆرۈنۈش ھەم ۋاقىتنى تولۇق تاپشۇرغان. جەڭ باشلاندى مانا. بولدى شۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي.
شەمسى بۇرادەرنىڭ تىنى سالامەت، ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي.
گېلەم
arkan2010 ۋاقتى: 2013-12-14 00:16:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! فىلىمنى مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە ئېلان قىپسىز! ھەقىقەتەنمۇ ئەتراپلىق ئويلاپسىز!
مۇبارەك بولسۇن!
بۇ كارتون ھەقىقەتەنمۇ كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك كارتونكەن! خىزمەتداشلىرىممۇ بۇ كارتوننىڭ بالدۇرراق چىقىشىغا تەشنا ئىدى! ئاخىر ئېلان قىلىندى!
مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم نامىدىن سىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!
كۆپ جاپا چەكتىڭىز!
كىگىز
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2013-12-14 01:05:53 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋاپاسىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-18 22:32  

قالتىس
ئورۇندۇق
free ۋاقتى: 2013-12-14 06:27:38 | ئايرىم كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن بۈگۈن 1بىر ئاي تور تارىتقۇچىلارنى ساخلاپ ئاخىرى ئۈيۈمگە تور ئەكىرۋالدىم   ھەم مۇشۇنداق ياخشى كارتوننىڭ ئېلان قىلنىشىغا ئۈلگۈرۈپتىمەن  رەھمەت تەرجىمان بۇرادەرلە  جاپا چەكتىڭلا
داق يەر
razzak ۋاقتى: 2013-12-14 11:20:57 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  كارتۇن  شەمشەر  تورىدەك  يىغىنچاق  ھەم  ياخشىمىدۇ.
بەك  كوپ  قىسىملىق  بولسا  بىز  ساقلاپ ، سىزھىرىپ  كىتەرسىزمۇ.
شۇنى  بىلگۇم كىلىۋاتىدۇ بۇ كارتۇن  قانچە  جىسىمدۇ
يوللىغىنىڭىزغا  رەھمەت، مىنىڭ  بىلەتلىرىمنى  ئاتىۋەتتىم  بولدى  بۇ  كارتۇنغا
مىخ
ياساۋۇل ۋاقتى: 2013-12-14 11:29:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئىشلەتكىنىڭىز قايسى خەت نۇسقىسى ؟
بەك چىرايلىق يارشىپتۇ
9#
شۇڭقار ۋاقتى: 2013-12-14 12:40:20 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2013-12-14 11:20
بۇ  كارتۇن  شەمشەر  تورىدەك  يىغىنچاق  ھەم  ياخشىمىدۇ.
بە ...

ئەينى ۋاقىتتا شەمسى ئەپەندى مۇشۇ كارتون توغرىسىدا يوللىغان تىمىنى كۆرمەپتىكەنسىزدە بۇ كارتون فىلىم 26-قىسىملىق ، شۇڭا بەك ساقلاپ كەتمەيسىز .  مەنمۇ بۇ كارتوننىڭ تەرجىمىسىنى ساقلاۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى ، ھەي ... يۇرتتا بولغان بولسام ئىنىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۆرەر بولغىيتىم .
10#
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-12-14 13:39:34 | ئايرىم كۆرۈش
ياساۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-12-14 11:29
ئىشلەتكىنىڭىز قايسى خەت نۇسقىسى ؟
بەك چىرايلىق يارشىپ ...

ئۇكىجىنىڭ نەسىق خەت نۇسقىسىكەن. كارتونلارغا بەك يارىشىدىكەن بۇ نۇسقا.
11#
yaram ۋاقتى: 2014-1-9 19:23:52 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 22:51  

بەيدۇدىكى ئادېرىسى ئۆچۈرلۈپ كېتىپتۇ ، بولسا ماۋۇ تېما بويىچە مەڭگۈلۈك ھەمبەھرلەپ قويسىڭىز....
12#
isyankar ۋاقتى: 2014-6-15 14:25:46 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى كۆرۈشكە ئامال بولمايدىكەندە
13#
Abdunur ۋاقتى: 2014-7-14 12:44:28 | ئايرىم كۆرۈش
yaram يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 19:23
بەيدۇدىكى ئادېرىسى ئۆچۈرلۈپ كېتىپتۇ ، بولسا ماۋۇ تېما  ...

سىزنىڭ تىمىڭىزنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ... ...
14#
akax ۋاقتى: 2014-11-18 23:08:10 | ئايرىم كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن 1.2،6،16،19،20،قىسىملىرىنىڭ
15#
saarhil ۋاقتى: 2016-3-28 19:45:28 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ بۇ كارتوننى كۆرگۈم باتتى
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +30 يىغىش سەۋەبى
dolqun + 30

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +30

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1