ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

12-ئايلىق كىنو فىلىملەردىن خۇلاسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1042 52
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-3 19:07  

2015-يىلى 12-ئايمۇ ئالدىنقى پەسىللەرگە ئوخشاش بېكىتىمىز ئۈچۈن مول-ھوسۇللۇق ئاي بولدى. بۇ ئايدا جەمئى12 دانە نادىر كىنولار تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كىنولار كىنوخانىدىن چۈشۈپ، ھەقسىز قىلىنغاندىن كېيىن فىلىم ئامبىرىدا ئامبارلاشتۇرۇلدى...  ئەمدى بۇ كىنولارنى دوللار جەجلىمەيمۇ كۆرەلەيسىز.  ئۇلار بولسىمۇ ئاققىر خېلى جاپادا تەرجىمە قىلىپ چىققان چاقماق كاپىتان ۋە مۇقەددەس رۇمكا،  ئەركان باشچىلىقىدىكى بىر گورۇپپا ياشلار تەرجىمە قىلغان 30 يىلدىن بېرى يارقىن نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتقان يۈرۈشلۈك كىنولاردىن ئىمكانسىز ۋەزىپە 5، بېكىتىمىزنىڭ كونا تايانچلىرىدىن زۇلپىقار ئۆزى بىر قوللۇق تەرجىمە قىلىپ چىققان كىنو مەھشەر كۈنىدىكى پالايى ئاپەت، يەنە ئاققىرنىڭ مامات ترانسپورت شىركىتى، كونا تەرجىمانىمىز سۈپۈرگىنىڭ ئاجايىپ تۆت پالۋان ناملىق فانتازىيىلىك تەرجىمە فىلىمى، ئۇيغۇر چەۋەنداز تەرجىمە قىلغان ۋەقەلىك كىنولاردىن كۆچمە سىرلىق قەلئە 2،  ئاتامان دېلمۇرات تەرجىمە قىلغان كىنو مەخپىي خادىم سۈپۈرگىنىڭ يەنە بىر تەرجىمىسى كومدىيىلىك كىنولاردىن پىكسېل ئۇرۇشى، يېڭىدىن سېپىمىزگە قوشۇلغان ياش دوستىمىز سەھرايىمنىڭ ماكان ناملىق تەرجىمە كارتونى، مەردان تەرجىمە قىلغان كارتون دېڭىز قاراقچىسى شاھى ئەركان تەرجىمە قىلغان داڭلىق قىسقا كارتون توغان باقاۋۇلى، ئۇنىڭدىن باشقا asim707 تەرجىمە قىلغان تېلېۋىزىيە فىلىمى چاقماق پالۋان 1-قىسىم قاتارلىق جەمئى 12 كىنو فىلىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىنولارنىڭ ھەممىسى مەزمۇنى ساغلام، ھېچقانداق بىر نىيەت مەخسەت ئارلاشمىغان، پەقەت قىزىقىش بويىچە پىداكارلىق بىلەن تەرجىمە قىلىپ چىقىلغان نادىر كىنولاردۇر...
ئەمدى كۆرۈپ بولغان دوستلاردا بەلگىلىك تەسىرات قالمىدى دېيەلمەيمىز، شۇڭا كىنونى مەزمۇنى، ساغلاملىقى، تەرجىمە، كىرىشتۈرلۈش سۈپىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئادىل، توغرا مەيداندا تۇرۇپ باھا بېرىپ بېقىشىڭلارنى سورايمىز...مۇشۇ باھالار بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا زور تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...

ئالغان قىسقىچە تەسىراتىڭلارنى، ھېس قىلغانلىرىڭلارنى بىر ئىككى جۈملە سۆز بىلەن يېزىپ قويساڭلار، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جۈملە سۆزلەر نادىر سۆزلەردىن بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، قېنى ئېرىنمەي كونۇپكا ئالدىغا كېلىڭ دە، قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى بېرىڭ....
ئۇنىڭدىن باشقا يۇقارقى كىنولارغا بېلەت تاشلاڭلار....بۇ ئارقىلىق كۆپچلىكنىڭ رايىنى بىلگىلى بولىدۇ.....بۇ بېكەت ھەممىمىزنىڭ بېكىتى....




بىر ئادەم بىرلا قېتىمدا 3 كىنوغا بېلەت تاشلىيايدۇ.....
كۆپ تاللاشلىق سايلام : ( ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 تۈرنى تاللىيالايسىز ), قاتناشقانلار
201652abc4qikpspp37s4h.jpg

چاقماق كاپىتان ۋە مۇقەددەس رۇمكا

114202i7adizi8353mzkmz.jpg

ئىمكانسىز ۋەزىپە 5

104400kzs0am2cfab0u99s.jpg

مەھشەر كۈنىدىكى پالايى ئاپەت

140538b2j7ff1ajlyftffl.jpg

مامات ترانسپورت شىركىتى

114421wwoslydnw6v7vs70.jpg

ئاجايىپ تۆت پالۋان

163321brvukuvzz6hezcev.jpg

كۆچمە سىرلىق قەلئە2

110743o4gzpqgzozygzhww.png

پېكسىل ئۇرۇشى

120744x6rm9tprtu393v6u.jpg

ماكان

001342awqfata4cuu6tt46.jpg

دېڭىز قاراقچىسى شاھى-چىغ قالپاقنى ئىزدەش

001307e73gtbyt9zq16jg1.jpg

توغان باقاۋۇلى

174054ogvgcz4pa29afaan.jpg

مەخپىي خادىم

120418c1y7nz4v5un1vxsx.jpg

چاقماق پالۋان 1-قىسىم

سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار52

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
saarhil ۋاقتى: 2016-2-3 19:11:37 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ چاقماق پالۋاننىڭ داۋامىنى نىمىشقا تەرجىمە قىلمايسىلەر،،

راس گەپ قىلسام  كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى قەتتى تۈگۈتۈپ بىر تۇتۇش قىلغانچا ئاخىرىغىچە تۇلۇق تەرجىمە قىلمايدىكەنسىلەر،  بىر ئىككى قىسىم قىلىپلا ھېرىپ قالدىكەنسىلەر

كۆپ قىسىملىق فىلىملەرگە تۇتۇش قىلغانكەنسىلەر تىز سۈرئەتتە تۇلۇق تەرجىمە قىلساڭلار دىگەن ئۈمىتتە مەن
يىكەنداز
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2016-2-3 19:17:12 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ئادەم كۆپ بولغاندا ئۈچ كىنوغا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ..
گېلەم
شاكىر ۋاقتى: 2016-2-3 19:25:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەم ھاياتنىڭ قەدرىگە ئۆلۈم يۈزلەنگەندىلا تولۇق يىتەلىشى مۈمكىن مۇھەببەتنىڭ قەدرىگە ئايرىلىش ،سەرسانلىق ئىچىدە يىتەلىشى مۈمكىن شۇڭا
كىگىز
شاكىر ۋاقتى: 2016-2-3 19:26:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن مەشھەر كۈنىدىكى بالايى-ئاپەتكە بىلەت تاشلىدىم
ئورۇندۇق
arkan2010 ۋاقتى: 2016-2-3 19:50:30 | ئايرىم كۆرۈش
saarhil يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 19:11
مۇشۇ چاقماق پالۋاننىڭ داۋامىنى نىمىشقا تەرجىمە قىلماي ...

داۋامىمۇ بار...ئىش جىق ئادەم ئاز بولۇش سەۋەبلىك سوزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ...بۇ ئىشلار ئىشتىن سىرت قىلىدىغان ئىشلار بولغاچقا، سەۋر تاقەتلىك بولارسىلەر، تورداشلار! مەخسۇس بېسىپ قىلىدىغان ئىش بولسا ئىدى ۋاش-ۋاش چىقار ئىدى....
داق يەر
saarhil ۋاقتى: 2016-2-3 20:00:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saarhil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-3 20:02  
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 19:50
داۋامىمۇ بار...ئىش جىق ئادەم ئاز بولۇش سەۋەبلىك سوزۇلۇ ...

ھە تەكلىۋىم بىر كۆپ قىسىملىق فىلىمنى باشلاشتىن بۇرۇن ، 20 قىسىملىق فىلىم بولسا ئاز دىگەندە 10 قىسىمنى تەرجىمە قىلىۋېتىپ ئاندىن داۋامىنى تەرجىمە قىلغاچ 3 ~ 4 كۈندە بىر قىسىم ئېلان قىلساڭلار، ياخشىدى.


ھەپتىدە 10 ~ 20 كۈندە بىر قىسىم ئېلان قىلساڭلار ئادام كۈرۈپ-  بولغان مەزمۇننى ئۇنتۇپ قالدىكەن، داۋامىنى كۆرسەك چۈشۈنۈپ بولماق تەسكە توختايدىكەن، ھەم بەك تەقەززا بۇپ شۇ فىلىمگە بولغان قىزىقىش سۇسلاپ قالدىكەن.

مىخ
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-2-3 20:05:06 | ئايرىم كۆرۈش
saarhil يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 19:11
مۇشۇ چاقماق پالۋاننىڭ داۋامىنى نىمىشقا تەرجىمە قىلماي ...

مەن چاقماق پالۋان دىگەن فىلىمنى سىتىۋالغان.
بىراق بىت ئۇرۇق چىسىدا ئىكەن   شۇنلىي گە چاپلاپ چۇشۇرسەم چۇشمىدى.
مۇشۇ فىلىمنى جىڭتوڭ غا چىقىرىپ قويغان بولساڭلار . بەكلا خۇش بولغان بولاتتىم.
باشقۇرغۇچىلار. ئىنكاسىم غا  قاراپ قويغان بولساڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇر چەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-3 20:57  
saarhil يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 20:00
ھە تەكلىۋىم بىر كۆپ قىسىملىق فىلىمنى باشلاشتىن بۇرۇن  ...

خەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تور بىكەتلىرىدىمۇ، مەسلەن 优酷   腾讯 لاردىمۇ ھەپتىدە بىر قىسىمدىن چىقىدۇ كۆپ قسىملىق فىلىملەر، ئۇنىڭدىن تىز چىقىپ كەتسىمۇ قاملاشماس، تەھرىرلەش بىلەن كىرىشتۈرۈشكىلا تېز بولسا 2 ياكى 3 كۈن بولمىسا ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت كىتىدۇ، سىز دىگەندەك بولسا پۈتۈن قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىرۋېتىپ، تەھرىر بىلەن كىرىشتۈرگۈچى قوپماي ئىشلىسە ئاندىن بولغىدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىرلا فىلىمگە قاراپ تۇرغىلى بولمىسا ،،،، ئاققىركام دىگەندەك خەنلەردە بۇ ئىش مەخسۇس كەسىپ، ھەم خىزمەت ، ئۇلارنىڭ ئىش تەخسىماتى ئېنىق نەچچە ئون ئادەم بىرلىشىپ قارس-قۇرۇسلار پۈتتۈرۋېتىدۇ ،،، بىزدىكى بولسا ئىشتىن سىرت قىلىدىغان ئىش شۇڭا........ توغرا چۈشۈنۈڭلار
10#
مەردان428 ۋاقتى: 2016-2-3 20:55:23 | ئايرىم كۆرۈش
saarhil يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 19:11
مۇشۇ چاقماق پالۋاننىڭ داۋامىنى نىمىشقا تەرجىمە قىلماي ...

تەرجىمىسى بىر يەرگە بارغان، ئ‍ەمما ھەممە يۈكنى بىر ئادەمگە يۈكلەپ قويغانلىقتىن كەينىگە سۈرلۈپ كەتتى، مەنمۇ ئ‍ۆگۈنلۈككە قايتىپ بارسام، يۈكنىڭ ئ‍از تولىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭسام ئ‍ۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەيدۇ، توغرا چۈشنىشىڭلارنى ئ‍ۈمىد قىلمىز.
11#
toghraq731 ۋاقتى: 2016-2-3 21:07:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئىمكانسىز ۋەزىپە 5 نىلا كۆرۈپتىمەن، ئارامچىلىق يوق.
12#
ArmanimI ۋاقتى: 2016-2-3 22:11:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەمنىڭ بالسى ھەرقانچە يىغلاڭغۇ ۋە ياكى ماڭقا بولسىمۇ، ئۆز بالىسى ئۆزىگە ياخشى بولغانغا ئوخشاش. ئۆزەمنىڭ قان-تەدىرى بەدىلىگە كەلگەن تەرجىمە فىلىم ئۆزەمگە ياخشى بولغاچقا، ئۆزەمنىڭ كارتۇن فىلىملىرى ۋە ئۆزەم ياقتۇرغان فىلىملەرگە بىلەت تاشلاي دەپ بۇلۇپ توختاپ قالدىم.
بۇنداق بىلەت تاشلاشقا، باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇنبەردىكى ئەزالار قانداق قارايدىكىن، قېنى پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.

باھا سۆز

ئەلۋەتتە بولىدۇ....ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلىنىش بولغاندا ئالدىغا ئىنتىلىش بولىدۇ..ئالغا ئىنتىلىش بولغاندا يۈكسە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-4 10:44
13#
شۇرايىم ۋاقتى: 2016-2-3 23:38:58 | ئايرىم كۆرۈش
مەخپىي خادىم  ..مامات ترانسپورت شىركىتى..چاقماق كاپىتان ۋە مۇقەددەس رۇمكا..مەن مۇشۇ ئۈچ فىلىمغا تاشلىدىم..مەن ئۈزۈممۇ جاسۇسلۇق فىلىملەرنى ياختۇرغاچقىمىكىن،مەخپى خادىم دىگەن فىلىم ماڭا بەك ياختى...ئەسلى فىلىم دىگەننى ئۆز تىلدا،ئۇيغۇرچە خەتلىك كۆرسە كۆرگەندەك بولىدىكەن ئەمەسمۇ...
تەرجىمانلىرىمىز ھارمىسۇن...سىلەرگە كۆپ رەھمەت...
14#
Nejmi ۋاقتى: 2016-2-4 01:09:50 | ئايرىم كۆرۈش
ماكان، مامات ترانسپورت شىركىتى، پىكسىل ئۇرۇشى غا بىلەت كەتتى....
15#
سەردار. ۋاقتى: 2016-2-4 01:49:24 | ئايرىم كۆرۈش
مەخپى خادىم،مامات تىرانسىپورت شىركىتى،چاقماق پالۋانغا  بىلەت كەتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1