ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شاننارا رىۋايىتى 1- بۆلۈم 5- قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىسمى:        شاننارا رىۋايىتى (يەنە بىر ئىسمى : شاننىرانىڭ خەنجىرى )
خەنزۇچە ئىسمى:        沙娜拉传奇
دۆلىتى:        ئامىرىكا MTV تىلىۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتتە سۆرەتكە ئېلىنغان .
تىلى:        ئىنگىلىسچە
تۈرى:        ھەيران قالارلىق ، خەتەرلىك ، فانتازىيە ئارىلاش
فورماتى:        باشقا
ۋاقتى:        2016-01-05
يېزىقى:        ئۇيغۇرچە ، ئىنگىلسچە
رازمېرى:        1280*720
سىغىمى:        بىر قىسىمى 1 گىگا بايىت ئەتراپىدا
ئۇزۇنلىقى:        بىر قىسىمى 42 مىنۇت ئەتراپىدا
رېژىسسور:        Brad Turner,Jonathan Liebesman,James Marshall,Jesse Warn
باش رولچىلار:        ئەمبېرلى رولىدا : Poppy Drayton
ۋېل رولىدا : Austin Butler
ئېرىتىرىيا رولىدا : Ivana Baquero
ئەللانون رولىدا : Manu Bennett (سىپارتاكتىكى ئاساسلىق ئارتىسنىڭ بىرسى )
ئەندىر رولىدا : Aaron Jakubenko
پادىشاھ رولىدا : John Rhys-Davies
بەندىن رولىدا : Marcus Vanco
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:        
                                  ھىكايە ۋەقەلىكى ئىنسانلار مەدىنيىتى بىر قېتىم ۋەيران بولغاندىن كىيىنكى مىڭ يىلدىن كىيىنكى ۋاقىتقا توغرا كىلىدۇ ، زېرەكلەر ( يەنى ھۆكۈمران ئۈزۈك فىلىمىدىكى ئېلىۋىسلار ياكى ھۆر زاتلار دەپ ئاتالغان ئۇچلۇق قۇلاقلار) نىڭ بىر قېتىملىق ئىلاھى جەڭچى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، تاللانغان ئىلاھى جەڭچىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئېلكىرىيىس دەرىخىنىڭ ھاياتلىقىنى قوغداش بولۇپ بولۇپ ناۋادا بۇ دەرەخ قۇرۇپ كەتسە زۇلمەتكە پالانغان ئالۋاستىلار قايتىدىن تىرىلىپ زېرەكلەر ، ئىنسانلار ۋە باشقا مەۋجۇداتلارغا زىيان كەلتۈرەتتى ، دەرەخ بىلەن ئالۋاستىلارنىڭ ھاياتى چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ دەرەخنىڭ بىر يوپۇرمىقىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئالۋاستىلارنىڭ تىرىلىپ كۈچىيىشىنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى ، ئىلاھى جەڭچى تاللاش مۇسابىقىسىگە پادىشاھنىڭ مەلىكىسىمۇ قاتنىشىدۇ ۋە تاللىنىپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ ، دەل شۇ چاغدا ئېللىكرىيىس دەرىخى مەلىكىگە كەلگۈسىدىكى يۈز بېرىدىغان قاباھەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ ، مەلىكە بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن دەپ قاراپ ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كىتىدۇ ، يولدا ۋېل ، ئېرىتىرىيا ۋە ئەللانون قاتارلىق ئادەملەرگە ئۇچىرايدۇ ، ئەللانون ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلات سىھرىگەرى بولۇپ ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئالدىنقى قېتىملىق چوڭ ئۇرۇشتا ئالۋاستىلارنى يوقاتقان ۋە زۇلمەتكە پالىغانلاردىن ئىدى، ئۇ ۋېل بىلەن سىھرىگەرلەر ماكانىغا بېرىپ بىر قەدىمى كىتاپتىن ئېللىكرىيىس دەرىخى ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى بىلىپ كىلىدۇ ، كىتاپتا يىزىلىشىچە ئەسلىدە بارلىق مەۋجۇداتلارنى قۇتقۇزىدىغان بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە مەلىكە ۋە ۋېل قاتارلىقلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى ، ئۇلار بۇ تەقدىردىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايتى ، ۋېل بولسا شاننىرانىڭ ئاخىرقى بىر ۋارىسى بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك سىھرى بارلىقىنى بىلمەيتى ، دەل موشۇ پەيىتتە زۇلمەتتىكى ئالۋاستىلارنىڭ شاھىمۇ تىرىلىپ بىر ئۆزگىرىشچان تەنلىك ئايال ئالۋاستىنى زېرەكلەرنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزىدۇ ، ئوردىدىكى ئىلاھى جىڭچىلەر ئۇ ئالۋاستى تەرپىدىن بىر بىرلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ ....







تېما سېتىۋېلىش ھازىرغىچە 35 ئادەم سېتىۋالدى  بۇ تېمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يوللىغۇچىغا 20 دوللار تۆلىشىڭىز كېرەك
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار17

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مىلادى2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى شاننارا رىۋايىتى 5نىڭ دىۋانى سۈرخان تەرىپىدىن فەتھى قىلىندىلەر

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
ئۇۋاھ ..... نىمە دىگەن پاساھەتلىك جۈملە  ۋاقتى: 2016-4-26 12:26
يىكەنداز
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-4-26 12:07:42 | ئايرىم كۆرۈش
بىزمۇ ئارقىدا قالمايلى ئەمسە --- يۇرت ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە ئولتۇراپ كۆرىدىغان بوپتىمىزدە
لىكىن - 2 - بۆلۈمى چىققاندەكمۇ يا بۇ كىنونىڭ
گېلەم
 ئىگىسى| نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-26 12:11:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكاش1 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 12:07
بىزمۇ ئارقىدا قالمايلى ئەمسە --- يۇرت ئاقساقاللىرى بىلە ...

سۈرەتكە ئېلىۋاتىمىز ھازىر ، ئوزۇنغا قالماي قويىمىز ئاقبۈركۈتتە.
كىگىز
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-4-26 12:28:05 | ئايرىم كۆرۈش
نۇر0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 12:11
سۈرەتكە ئېلىۋاتىمىز ھازىر ، ئوزۇنغا قالماي قويىمىز ئ ...

ۋوي ھە ----   قانداق سۈرەتكە ئىلىش خىزمىتىڭلار مۇۋاپىقىيەتلىك بولاۋاتامدۇ يا
ئورۇندۇق
شاكىر ۋاقتى: 2016-4-26 12:32:17 | ئايرىم كۆرۈش
كۆرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە،بوشراق پاراڭ سوقارسىلەر
داق يەر
okyar ۋاقتى: 2016-4-26 14:17:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەن كۆرەلمەي قالدىم سەل چەتىتىرەك ئولتۇرۇڭلار
مىخ
 ئىگىسى| نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-26 15:22:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكاش1 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 12:28
ۋوي ھە ----   قانداق سۈرەتكە ئىلىش خىزمىتىڭلار مۇۋاپى ...

ھە، ھەممە ئىشلار جايىدىغۇ ، ئاۋۇ مەلىكە بىلەن ۋېلنىڭ پات-پات يوقاپ كەتكىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا
9#
xjhack ۋاقتى: 2016-4-26 15:53:13 | ئايرىم كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار  قايسىڭلاردا كورىيەنىڭ شەھەرلىك ئوۋچې دېگەن كىنوسې با  بوسا يوللاپ بېرىڭلا
10#
لەتىف ۋاقتى: 2016-4-26 17:02:05 | ئايرىم كۆرۈش
xjhack يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 15:53
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار  قايسىڭلاردا كورىيەنىڭ شەھە ...

مەندە 17 قىسىم بار
11#
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-4-26 17:38:54 | ئايرىم كۆرۈش
نۇر0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 15:22
ھە، ھەممە ئىشلار جايىدىغۇ ، ئاۋۇ مەلىكە بىلەن ۋېلنىڭ  ...

مەلىكىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن - لىكىن ئاۋۇ يەنە بىرسىنى تاپالامدىكى دەيمەنغۇ - -قاتتىق ئىشقى بىلەن ئىزدەپ كەتتى بولمىسا
12#
ئىسىل4775 ۋاقتى: 2016-4-26 22:05:37 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ كۈرۈشنى باشلىۋەتتىم كىيىن بوسىمۇ
13#
barchuq ۋاقتى: 2016-4-26 23:45:43 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي تۇلۇق چىققاندا كۈرەي دىدىم لىكىن تاقەت قىلالمىدىم تايىنلىق كۈرۋىتىپ ئاخىرى قاچان چىقار دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇراي
14#
iYisan ۋاقتى: 2016-4-27 13:05:26 | ئايرىم كۆرۈش
   ھەي تۇلۇق چىققاندا كۈرەي دىدىم . توپلام  قىلىپ يولىغاندا سىتۋالاي...
15#
iYisan ۋاقتى: 2016-4-27 13:27:15 | ئايرىم كۆرۈش
    جەمىئىي قانچە قىسىم  .......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

3پىنتوزىلىرى

3تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1