- UID
- 50
- تىزىملاتقان
- 2010-7-31
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
يېڭى كىرگەن ئەزالار كىنو كىنوخانىدا كىنو كۆرىدىغانغا پۇل تاپالماي يۈرىۋىتىپتۇ. فىلىم كىنوخانىدىن چۈشسىغۇ بەھۇزۇر كۆرگىلى بولاتتى، ئەمما <كىنونىڭ قاتىلى>، <بىر كۆرمىسىڭىز ئارماندا> دېگەندەك تەشۋىقات سۆزلىرى بىلەن ئەزالارنىڭ ئىچىگە ئوت تۇتاشقان چېغى، ئولتۇرالماي قىلىۋاتىدۇ.
ئەمىسە دوللارنى نەدىن تاپىمىز؟
1-فىلىم تەرجىمە قىلىڭ
فىلىم تەرجىمە قىلىپ، مۇنبەرنىڭ مەسئۇللىرىغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز، سىز تەرجىمە قىلغان فىلىمنى كىنوخانىدا بىزگە ساتىدۇ. ساتقان كىرىمنى سىزنىڭ ھېسابىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىدۇ. بۇمۇ دوللار تېپشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسسۇل. ئەمما تەرجىمە قىلغاندا ئۆز ئالدىڭىزغا ئەمەس ىبرلىشىپ تەرجىمە قىلسىڭىز مۇۋاپىق. بۇ مېنىڭ ئەمىلىيتىمدىن ئۆتكەن تەجرىبە. ۋەزىپە تەقسىملىگەندە 100جۈملە تەرجىمە قىلسىڭىز 100دوللار تاپىسىز، بىر جۈملىسى 1 دوللار. بىر فىلىمنى يالغۇز تەرجىمە قىلسىڭىز پەقەت بىلەت كىرىمىگىلا ئېرىشىسىز. ( تېخى سېتىۋىلىپ كۆرىدىغان ئادەم چىقسا). پايدا زىياننى ئۆزىڭىز دەڭسەپ كۆرۈپ قارار چىقارغايسىز. مانا بۇ سوتسىيالزىمنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ئەكىس ئېتىشى.
2-تېما يوللاش
ھەر قېتىم تېما يوللىسىڭىز بىر دوللار قوشۇلۇپ ماڭىدۇ.(باشلىقلارنىڭ سىخيلىقى تۇتۇپ قالسا قىزىل بولاقمۇ بار ئەلۋەتتە). ئەمما ئۈنۈمى يەنىلا فىلىم تەرجىمە قىلغانغا يەتمەيدۇ. چۈنكى بىر فىلىم كۆرۈش ئۈچۈن كەم دېگەندە 10تېما يوللاشقا توغرا كېلىدۇ. ۋەزىپە تاپشۇرىۋىلىپ 100جۈملە تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ 10كىنو كۆرگىدەك پۇل تاپىسىز. قالغىنىنى ئۆزىڭىز ھېساپلاپ بېقىڭ.
3-قەرز سوراش
باشلىقلاردىن قەرز سوراپ، كىيىن پۇل تاپقاندا قايتۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىڭ. ئامال بار كۆپ ئىشلەتمەڭ. چۈنكى قەرز بولۇپ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.
4-ۋەزىپە ئورۇنلاش.
مۇنبەردە قەرللىك ھالدا ۋەزىپە تارقىتىلىدۇ. شۇلارنى ئورۇندىسىڭىز سىزگە دوللار بېرىدۇ. بۇمۇ تەۋسىيىىك ئۇسۇلنىڭ بىرى
5-مۇنبەر بانكىسىنى بۇلاش.
خاككىرلىك تېخنكىڭىز يۇقىرى بولسا مۇنبەر بانكىسىنى بۇلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن. :<قانۇن مۇقەددەستۇر!>
6-باشلىقلارغا ياخشىچاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشىش.
ھى ھى ھى
بۇ خىل ئۇسۇلنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بىلدىڭلارغۇ دەيمەن.
قنى ئەمىسە، دوللار تىپىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|