- UID
- 50
- تىزىملاتقان
- 2010-7-31
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ئۈچىنجى گۇۋاھچى : دوزاخ ! دوزاخنى كۆردۈم !
رون رېگان ، ئەر، ئامرىكان ، ئۆلۈمگە يېقىنلىشىش ھادىسىسىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋاقتى : 20 يىل بۇرۇن
پىرافېسور مورىىس راۋلىنسنىڭ سۆزلىرى : مەن ئاتىست ئىدىم. بىر بىمارىمنى جىددى قۇتقۇزىۋاتقاندا مەن ئۇنىڭ ئۆلۈمگە يېقىنلىشىش ھادىسىسىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقىنىنى بىلدىم. بىمارىمنىڭ كۆزلىرى بىر ئاجايىپ كېرىلىپ ، پۈتۈن چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. مەن ئەزەلدىن ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتكەن بىمارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. مەن يەنە بۆلۈمدە باشقا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدىم، مەن دوختۇر بۇ يەرنىڭ مەسئۇلى دەيتتىميۇ، خۈدۈكسىرەۋاتقان ئىدىم.
زور كۆپچىلىك ئەھۋاللاردا جىددى قۇتقۇزۇشقا كىرگەن كىشىلەر قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ.
ئامرىكىدا 11 مىليون كىشى ''ئۆلىۋاتقاندا'' نۇر تونىلىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆلۈمگە يېقىنلىشىش ھادىسىسىنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ زور كۆپ سانلىقى دوزاخنى كۆرگەن ھەم جىم –جىت ھالدا بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشنى تاللىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى ئېيتىشقان . قايسى بىرەيلەننىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى باشقىلارغا ئىقرار قىلغۇسى كەلسۇن ؟ ھەتتا ئاتا-ئانىمىزغىمۇ، ئائىلىمىزدىكىلەرگىمۇ ئېيتمايمىز. بىر نەچچەيلەنلا مۇشۇ سەۋەب بىلەن يۈرىكىنى تىڭشاپ باقىدۇ، باشقىلار بۇ خاتىرىلارنى كۆڭلىگە كۆمۈپ ، ئۆزىنى ئازابلىشىغا كۆنىدۇ.
توققۇز ياش ۋاقىتلىرىم، تاغدا ياشايتتۇق. دادام دىندار ئەمەس ئەكىسچە بىر ھاراقكەش، زومىگەر كىشى ئىدى. قاچانلا بولسا ۋارقىراپ-جارقىرايتتى، بىزنى ئۇراتتى. بىركۈنى مەكتەپنىڭ يولىدا بىر خانىم ماڭا كىچىك قوزىچاقنى سوۋغا قىلدى. قوزىچىقىم بىلەن تېزلا ئايرىلغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. بىركۈنى ئۆيگە قايتىپ دادامنىڭ قوزامنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئورمانلىققا بېرىپ تازا ھۆكىرىدىم، ئارانلا توققۇز يېشىمدا پۈتۈن يۈرىكىم بۇ دۇنياغا بولغان نەپرەت ۋە ئاچچىق بىلەن تولغان ئىدى. 12 يېشىمدىن باشلاپ لۈكچەكلىك ھاياتىم باشلاندى. 15 يېشىمدا ئوغۇرلىغان ماشىنا بىلەن نەچچە ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش سەۋەبىدىن تەربىيلەش مەركىزىگە قامالدىم. 17 يېشىمدا توي قىلدىم، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايالىم تايىقىمغا، زەھەر چىكىشمگە، ھاراقكەشلىكىمگە چىدىيالماي مېنى تاشلاپ كەتتى. موتوتسىكىتلار زوراۋانلىق ئەترىتىگە قوشۇلدۇم. بىر كۈنى ئۆزەمنى تۈرمىدە كۆردۈم. قاتىللىق گۇماندارى بولۇپ تۇتۇلغان ئىدىم لېكىن ئالدىنقى كۈنى بەك كۆپ زەھەر چىكىۋەتكەچكە ھېچنىمە ئىسىمدە قالمىغان ئىدى . سوتقا ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا قېچىپ بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇندۇم. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن زەھەر چىكىپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ سۇنۇق بوتۇلكا بىلەن بىلىكىم ۋە يوتامنىڭ ئارتىرىيە چوڭ تومۇرىنى كىسىۋەتتى . نەچچە مىنۇتتىن كىيىن قۇتقۇزۇش خادىمى يىتىپ كەلدى ۋە ماڭا بىر قارىۋېتىپ :
- تەڭرىگە ئىشىنەمسىز ؟ دىدى.
- ئۇ نىمىدىگەن گەپ ؟
- قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋېلىڭ، ئەھۋالىڭىز بەك تەس..
ئۆلگۈر! دەپ بولۇپلا ئوتنىڭ ئىچىدە تۇرغىنىمنى كۆردۈم. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى پارتلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن چۈنكى بۇرنۇمغا قويۇق ئىس-تۈتەك پۇراۋاتاتتى. قىيا-چىيا ئاۋازلار چىقىۋاتاتتى. بىردەمدە ئوتنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئەتراپى تىك يارلىق بىركۆلنىڭ ئۈستىگە بېرىپ قالدىم . كۆل كۆيىۋاتاتتى، كۆلنىڭ ئىچىدە ئادەملەر قورقۇنۇشلۇق چىقىرايتتى، كۆيىۋاتاتتى، يۇلقۇناتتى. تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ چىرايى يېقىنلاشتى. بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىلىرىنى تونۇيتتۇم. بىرسى زەھەر چىكىپ ئۆلگەن، بىرسى ھاراق ئىچىپ ئۆلگەن، بىرسى قورال ئوغۇرلاش جەريانىدا مۇشتلىشىپ ئۆلگەن ئىدى. ھەممىسى ئىسمىمنى توۋلاۋاتاتتى. كەلمە! بۇ يەرگە كەلمە ! ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتاتتىم ، تۈتۈننىڭ پۇرىقىدا نەپەسلىنىۋاتاتتىم بىراق ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم. شۇنچە يىللار لۈكچەكلىك بىلەن ياشاپ باشقىلار بىلەن مۇشتلاشقاندىمۇ، خەقلەر ماڭا ئوق چىقارغاندىمۇ قورقۇپ باقمىغان ئىدىم . ھوشۇمغا كەلگەندىن كىيىن ھەپتىلەرچە شۇ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ زەھەر چىكىپ مەست يۈردۈم لېكىن ھېچنىمىگە پايدىسى بولمىدى، چىراقنى ئۆچۈرۈشۈم بىلەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر كۆزۈمگە قايتا كۆرىنەتتى. ئايالىمنىڭ زورى بىلەن چېركاۋغا باردىم. پوپ دوزاخ توغۇرسىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا بىلدىمكى ، تەسۋىرلەر مېنىڭ كۆرگىنىمنىڭ ئۆزى ئىدى. ئاھ تەڭرىم، ئەگەر راستىنلا مەۋجۇت بولساڭ مېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن يا مېنى ئۆلتۈر يا مېنىڭ روھىمنى ساقايت، مېنىڭ چىدىغۇچىلىقىم قالمىدى دىدىم. كەينىدىن كەلكۈندەك بىر يىغلاش بىلەن تەڭ توققۇز يېشىمدىن باشلانغان پۈتۈن نەپرەت، ئاچچىق ھەممىسى ئىچىمدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى...
كىلەر قېتىمقىسى ئاخىرقى گۇۋاھچى زۇبەيرە : ئاپا، مەن ئۆلمىدىم ! |
|