Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى قانچىلىك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ακβαя تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 13:14  

                                                                                      ئابدۇرېھىم راخمان

                                                                       
    ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا بىرمۇنچە يېزىقلارنى قوللانغان. بۇ يېزىقلار ھەرخىل دىنىي ئېتىقاد، ئىجتىمائىي بىرلىك سەۋەبىدىن قوللىنىلغان. يەنى، ھەربىر خىل يېزىقنىڭ كەينىدە ئۆزىگە خاس سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ياكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بار. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇ ھەرخىل يېزىقلار ئارقىلىق ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋر ۋە دىنىي مۇھىتتىكى ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن ئەدەبىيات، دىن، تارىخ، ئىقتىساد، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە نۇجۇم، تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەردىكى يازما يادىكارلىقلارنى خاتىرىلىگەن.
    شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبلىك شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن، تىل ۋە يېزىق ئۇچراشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا قەدىمدە بىرمۇنچە مىللەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دەپ ساناشقا ئاساس بولالمايدۇ. بىز ئۇيغۇر يېزىق تارىخىنى بايان قىلغاندا شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقلىرى قاتارىدا ساناشقا قوشۇلمايمىز. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىزىپ كەتكەن شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى گېرمانىيە، رۇسىيە، شېۋىتسىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنى مول ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئىگە قىلدى. ئەنە شۇ يازما يادىكارلىق ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق 20 خىل يېزىقتا خاتىرىلەنگەن 22 خىل تىلغا مەنسۇب ئىكەنلىكىنى مەلۇم بولدى. بۇ يادىكارلىقلار قارا خانىيلار دەۋرىدىن بۇرۇنقى زامانلارغا مەنسۇب. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى، رايونىمىزدىن تېپىلغان 20 خىل يېزىقنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلمىگەن. بۇ 20 خىل يېزىقتىن ئورخۇن يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، براھما يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، نىستورىيان يېزىقى، تۈبۈت يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، پاسبا يېزىقى قاتارلىق توققۇز خىل يېزىق ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ۋە كەڭ قوللىنىلغانلىرى ئورخۇن يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى قاتارلىقلار. ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەرەب يېزىقى بارغانسېرى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەرەب يېزىقى ھاكىمىيەت يېزىقى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ئارسىغا كىردى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلگەن ئەرەب يېزىقى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنى مەلۇم پىرىنسىپلار ئاساسىدا، ئەرەب-پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى مەلۇم پىرىنسىپلار ئاساسىدا ئىشلەتكەن. شۇڭا بۇ دەۋردە قوللىلىنغان يېزىققا «خاقانىيە يېزىقى» دېگەن نامنى بېرىمىز. بۇ يېزىق چىنگىز ئىستىلاسىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلىغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا ھاكىمىيەت ۋە دىن، سەنئەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى. بەزىلەر بۇ دەۋر تىل–يېزىق تارىخىمىزدا  چاغاتاينىڭ نامى بىلەن «چاغاتاي تىلى» دەپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قىسمەن ماسلاشتۇرۇلغان بۇ يېزىقنى «چاغاتاي يېزىقى» دەپ ئاتىدى. لېكىن بىز بۇ بۇ دەۋر تىل-يېزىقىنىڭ چاغاتاي نامى بىلەن ئاتىلىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەي «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىمىز.
    20-ئەسىردە ئۇيغۇرلار يېزىق جەھەتتە تولىمۇ مۇقىمسىز بىر جەرياننى باشتىن كەچۈردى. بۇ مەزگىلدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە خېلىلا ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا ئىسلاھ قىلىندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن سىياسىي ئېھتىياجلارغا كۆرە سلاۋيان ۋە لاتىن ئېلىپبەلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بولۇپمۇ خەنزۇ تىلى پىنيىن لايىھەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى 17 يىل قوللىنىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار دۇنيادا كۆپ يېزىق ئىشلىتىش جەھەتتە «رېكورت» ياراتقان بىر مىللەتكە ئايلاندى. ئۆز يېزىق تارىخىدا بۇنچە كۆپ يېزىق قوللانغان ۋە شۇ يېزىقلاردا مول يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان مىللەتتىن يەنە بىرى يوق ئىدى.
    ئۇيغۇرلار تۈرلۈك تارىخىي، دىنىي، سىياسىي سەۋەبلەرگە كۆرە تۈرلۈك يېزىقلارنى قوللانغان. شىنجاڭدىن تېپىلغان ھەر خىل تىل-يېزىقلاردىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىل تۈرى 22 خىلغا، يېزىق تۈرى 20 خىلغا يېتىدۇ. لېكىن بۇ يېزىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن قوللىنىلمىغان. بۇ 20 خىل يېزىقنىڭ 9 خىلى تارىختا ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلگەن.
    بۇ يېزىقلار ئاساسلىق شىنجاڭنىڭ تۆۋەندىكى جايلىرىدىن تېپىلغان:
    بىز ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇندىن كېينكى سانلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەشكە ئىشلتىلگەن بۇ توققۇز خىل يېزىقنى، بۇ يېزىقتا مەيدانغا كەلگەن مۇھىم يادىكارلىقلارنى ۋە بۇ يېزىقلارنىڭ قوللىنىلىش، ئىسلاھ قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى زادى قانچىلىك؟
    1956-يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ئارخېئولوگ دورجىسۇرېن (Ts. C. Dorzhsuren) سەككىزىنچى ئەسىرگە مەنسۇپ تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى تېپىلغان يەرنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 170 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالاخانگاي تەۋەسىدىكى بۇگۇت دېگەن جايدىكى تۈرك قەبرىستانلىقىدىن سوغدى يېزىقىدىكى بىر دانە مەڭگۈ تاشنى تاپتى ۋە تېپىلغان جاينىڭ نامى بىلەن بۇ مەڭگۈ تاشنى «بۇگۇت مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتىدى. تاشنىڭ ئىگىزلىكى 1.98 مېتىر، ئۇلى 0.7 مېتىر، قېلىنلىقى 0.2 مېتىر. ھازىر تسېتسېرلېگ (Tsetserleg) مۇزېيىدا ساقلانماقتا. بۇ مەڭگۈ تاشنى 1968-يىلى موڭغۇلىيەلىك ئاكادېمىك رىنچىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا دەپ مولچەرلەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. شۇ يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى س. گ. كىلياشتورنىي (S. G. Klyashtornyi) ۋە سوغدى تىل–يېزىقى مۇتەخەسسىسى ۋ. ئا. لىۋسىچ (V. A. Livshits) تاشنىڭ ئالدى يۈزى ۋە ئىككى يان تەرىپىدىكىسى سوغدى يېزىقى، تىلىنىڭ سوغدىچە ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. بۇ ئىككى ئالىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالدى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلدۇردى. كېيىنكى يىلى ۋېنگرىيىدە ئېلان قىلدى. «بۇگۇت مەڭگۈ تېشى»نىڭ ئۈچ يۈزىگە جەمئىي 29 قۇر سوغدىچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، تۆتىنچى يۈزىگە براھما يېزىقى بىلەن 20 قۇرچە سانسكرىتچە سۆز ئويۇلغان. مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستى قىسمىغا تۈرك خانلىقىدىكى ئاشىنا ئۇرۇقىنىڭ تۇتېمى بولغان چىشى بۆرىنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان بولۇپ، ئاستىنقى قىسمى تاشپاقا شەكىللىك ئۇلدىن تۈزۈلگەن. مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى شۇ بولۇپ، دەۋر جەھەتتە «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»، «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» ۋە «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلاردىن 150 يىل بۇرۇندۇر .
    بۇگۇت مەڭگۈ تېشى كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ بىرىنچى دەۋرىدە، يەنى 581-يىلىدا تىكلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ تىلى تۈركچە ئەمەس. مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈچ يۈزىگە سوغدى تىلىدا، بىر يۈزىگە سانسكرىت تىلىدا خەتلەر يېزىلغان. بۇگۇت مەڭگۈ تېشىنىڭ تۈركچە بولمىغانلىقىدىن قارىغاندا، مىلادى 6-ئەسىردە كۆك تۈرك خەلقى تېخى ئۆزىگە خاس بىر يېزىق قوللانمىغان بولسا كېرەك.
    1975-يىلى تۇرپان قاراغوجىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بىر يۈزىگە خەنزۇچە، بىر يۈزىگە نامەلۇم ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى يېزىلغان 18 پارچە تارشا تېپىلغان. بۇ تارشىلارغا يېزىلغان «نامەلۇم ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى» ئەمەلىيەتتە سوغدى يېزىقى بولۇپ، بۇ تارشىلار ئىچىدە بىر تارشىغا «كىشى» دېگەن خەت يېزىلغان. بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «ئادەم»، «چاكار»، «خوتۇن» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ تارشىلارنىڭ يىل دەۋرى مىلادى 422-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ قىممەتلىك مەلۇمات ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 5-ئەسىردە ئۆز تىلىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى، يەنى يېزىق ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن يادىكارلىقلار كۆپ ئەمەس.
    خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىن «جۇنامە.تۈركلەر تەزكىرىسى» (周书·突厥传)دە «ئۇلارنىڭ يېزىقى غۇزلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ» دېگەن مەلۇمات بار. «شىمالىي چى سۇلالىسى تارىخى» (北齐书·解律羌举传)دا «دەي ئادىمى ليۇ شىچىڭ ......تۆت خىل چەت تىلىنى بىلەتتى، بۇ جەھەتتە زاماننىڭ ئالدى ئىدى. كېيىن پەرمان بويىچە <نېرۋان نومى>نى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تۈرك خانىغا ئەۋەتىپ بەردى.»  دەپ خاتىرىلەنگەن. (بۇ ۋەقە مىلادى 574-576-يىللىرى يۈز بەرگەن) دېمەك تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك خانىغا تەقدىم قىلىنىدىغان بۇ نوم مەلۇم بىر خىل يېزىقتا يېزىلغان. بۇ يېزىق ئورخۇن يېزىقى بولۇشى مۇمكىن ياكى باشقا بىز بىلمىگەن بىر يېزىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇر يېزىق تارىخىغا ئائىت ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ بىرى.
ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىللىيام ماككوۋېرننىڭ قارىشىچە «خەنزۇ يېزىقى ھەرقانداق بىر تۇران تىلىنى خاتىرىلەشكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلەتكىنى بەلكىم يېقىن شەرق تەرەپلەردىن كەلگەن فونېمىلىق يېزىق بولۇشى مۇمكىن. »
    رۇسىيىلىك تۈركولوگ كىلياشتورنى ۋە ئېلىمىزنىڭ بۈيۈك تۈركولوگى گېڭ شىمىن كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئورخۇن يېزىقىنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقىنى، ھاكىمىيەت تىلى ۋە يېزىقى سوغدى تىلى ۋە سوغدى يېزىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
    بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، يايلاق مەدەنىيىتىگە مەنسۇب بولغان كۆك تۈرك خانلىقى تەۋەسىدە، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنى بولغان تۇرپاندا شەھەرلەشكەن ئۇيغۇرلار يېزىق ئىشلەتكەن. دېمەك ئۇيغۇر يېزىق تارىخى 5-ئەسىر، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 6-ئەسىردە باشلانغان دېيىش مۇمكىن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق يېزىق قوللانغان دەۋرى كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ئىككىنچى دەۋرى يەنى، شەرقىي كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىگە (682-744) توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بالدۇر ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشلاردىن كۈلىچۇر مەڭگۈ تېشى (719-723-يىللاردا تىكىلگەن)، ئۆنگىن مەڭگۈ تېشى (732-735-يىللىرى تىكىلگەن) قاتارلىقلار بار.


                                                                                   مەنبە-- مۇئەللىم تورىدىن پايدىلنىش ئۈچۈن ئېلندى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2016-2-28 16:40:18 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك تارىخكەن.
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 17:45:22 | ئايرىم كۆرۈش
يولۇچې يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 16:40
رەھمەت بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك تارىخكەن.

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
گېلەم
ۋاقتى: 2016-2-28 19:45:55 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن تارىخنى بىلىش،تارىخقا توغرا باھا بىرىش كەلگۈسىگە توغرا قەدەم تاشلاشنىڭ ئاساسى دەپ ئويلايمەن.
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 20:24:20 | ئايرىم كۆرۈش
شاكىر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 19:45
ياخشى تىمىكەن تارىخنى بىلىش،تارىخقا توغرا باھا بىرىش  ...

توغرا دەيسىز قېرىندىشىم .
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-2-28 21:54:45 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 05:51 , Processed in 1.351357 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش