Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 5309|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاخىرلاشتۇرغۇچى قورال : ئوقيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياساۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 14:40  



ئىسمى:ئاخىرلاشتۇرغۇچى قورال : ئوقيا
خەنزۇچە ئىسمى:最终兵器:弓
دۆلىتى:كورىيە
تىلى:كورىيە ،ئىنگىلىز قوش ئاۋازلىق
تۈرى:ئۇرۇش ،  ھەرىكەتلىك  ،  تارىخ
فورماتى:720P
ۋاقتى:2011-08
يېزىقى:ئۇيغۇرچە
رازمېرى:1280*720
سىغىمى:2.95 گىگابايىت
ئۇزۇنلىقى:2 سائەت
تەرجىمان:كىرىشتۇرگۈچى ،مۇھەررىر  ياساۋۇل
باش رولچىلار:
          پىياۋ خەي رى

文彩元- Chae-won Moon
柳承龙- Seung-yong Ryoo
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:

پادىشاھ  يېنىدىكى بىر ئەمىر سۆز خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۆزى ۋە ئائىلە ئەۋلادى قىرىلىش جازاسىغا ئۇچرايدۇ،جازا ئىجرا بۇلۇش داۋامىدا ھۆكۈمگە بۇيرۇلغان ئەمىر ئوغلى ۋە قىزىنى قاچۇرۋىتىدۇ ۋە ئۇلارغا ئوقياسىنى بىرىپ يىراق بىر يۇرتتىكى دوستىنى ئىزدەشنى تاپىلايدۇ،ئەمىرنىڭ دوستى ،دوستىنىڭ باللىرنى ئۆزبالىسدەك بىقىپ چوڭ قىلىدۇ،بلللار بويىغا يەتكەندە ئۆزىنىڭ ئۆغلى بىلەن دوستىنىڭ قىزىنغا توي زىياپىتى بىرۋاتقاندا مانجۇ قۇشۇنى باستۇرۇپ كىلىپ ،باش پىرسۇناژنىڭ سىڭلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر رۇۈكۈم خەلىقنى قۇل قىلىپ ئېلىپ  كىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن باش پىرسۇناژ  سىڭلىسىنى قۇتۇقۇزۇش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ ...
قالدى تەپسلاتلار نى فىلىمدىن كۆرۈڭ.

بېلەت كىرىمى: 108
بۇ فىلىم 2012-يىللىق ئاسىيا كىنو كورىكىدە ئەڭ ياخشى ئەرئارتىس(نامىنى ئاتاش)مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن
ۋە يەنە 2012-يىللىق بەي شىياڭ كىنو كۆرىكىدە ئەڭ ياخشى بەدىئىي فىلىم مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.




چاقماق تىزيوللانمىسىدىن چۈشۈرۈش



باشقا رەسىملەر كىچىك رەسىم چوڭ رەسىم
رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...

Axirqi Yaragh-Oqya.AkBurkut.Com.mkv.torrent

15.39 KB, كۆرۈش چەكلىمىسى: 100, چۈشۈرۈش سانى: 61

BT ئۇرۇقى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى1 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2013-11-19 21:30:11 | ئايرىم كۆرۈش
كورىيە ھازىر خېلى ياخشى ئىشلەيدىغان بۇپ كەتتى  كىنونى  بۇرۇن خاس مۇھاببەت كىنوسى ئىشلەيتتى  
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-11-22 00:04:21 | ئايرىم كۆرۈش

ئەركەكلەرگە ھۆرمەت!!!

ئەڭ ئاۋۋال تەرجىماندىن كېلىلى، تەرجىمە ناھايىتى تەبىيي چىققان بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا يېقىن بولغاچقا كىنونى ئاسانلا چۈشىنىپ كەتكىلى بولىدىغان قىلىپ كۆپچىلىككە سۇنغان، ئەمما بۇ يەردە سادىر بولغان سەۋەنلىكلەرنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈپ كېتەي...
  تىنىش بەلگىلىر جايىدا ئەمەس، فىلىم خېتنىڭ رەڭگى يەنىلا ئاق بولسا بولىدىكەن، ئادەتتىكى دىئالوگلارغىمۇ ئۈنۈم بېرىپ فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن رول تالاشتۇرۇپ قويۇپتىمىز، دىققىتىمىزنى ئۇنچە چاچمايلى، كونكرېت قىلىپ يادىمدا قالغان خاتالىقتىن بىرى: ۋۇ ئەبلەخ، ۋۇ ئۆلگۈر... دىكى ۋۇ خېتى بۇ ئادەم فامىلىسى ئەمەس بەلكى تەلەپپۇز سۆزى، شۇڭا ئېغىز تەلەپپۇزىمىدا ۋۇكۇڭ... دىكى ۋۇ دەپ كۆنۈپ قالغان بولساقمۇ، يېزىقچىمىز بويىچە ھۇ! دەپ ئېلىنماق زۆرۈر، قالغان ئىملا خاتالىقلىرىنى يادىمدا تازا قالماپتۇ، ھەم تەرجىمانغا بەك ئېغىر زەربە بېرىۋەتكۈممۇ يوق...;P باشلىنىش مۇشۇنداق بولىدۇ، غەيرەت قىلىڭ، ھەممە ئىشنى مۇشۇنداق قول سېلىپ قىلىپ باققاندىلا تېگىگە يەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق مۇستەقىل ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامىز...!
  ئەمدى گەپنى بۇ كىنوغا ئاغدۇرايلى، تەرجىماننىلا ماختاپ كىنو ئىشلىگەن رېژىسسور بىلەن كارىمىز بولمىسا بولماس، رېژىسسور ئەپەندى تىنچلىقمۇ، مۇشۇنداق نادىر فىلىمنى سىزنىڭ قولىڭىزدىن چىقار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، ئەڭ ئاۋۋال قول قويغىنىم، تاللىغان ئوبېكتىڭىز ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئاپتومات، تاپانچە، راكېتا، تانكا، زەمبىرەك... دېگەندەك مەزمۇندىكى فىلىملەرنى ھارغۇچە كۆرۈپ يەتكەن بىزلەر ئۈچۈن بۇ بىر يېڭىلىق تۇيۇلسا كېرەك، شۇڭا بىرخىل قىزىقىشىمىزنى قوزغاپ قويدى، ئەلۋەتتە بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ رېژىسسورلىرىدىن بىرەرسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ «رەگەتكە» نامىدا فىلىم ئىشلەپ قالسا تېخىمۇ بەك قىزىقىشىمىزنى قوزغىشى تۇرغانلا گەپ...
  «ئوقيا»--بۇنى «كامايلەك» دەپمۇ قويىمىز، ئەمما بۇ يەرلىك شىۋىمىمۇ بىلمىدىم، بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇنقى ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىق يېرىم تاقىرلارنىڭ كىنوسىدا ئۇچراتقاندىن باشقا، بوۋام ئېيتقان چۆچەك، مومام ئېيتقان ھېكايىلەردىمۇ بۇ ياراغنىڭ ئىسىمى قۇلاقلىرىمىزغا كىرىپ تۇرىدىغان، ھەم كىچىكىمىزدىمۇ قىزىقىپ ياساپ باقىدىغان، مەزكۇر فىلىمدە بولسا رېژىسسور «ئوقيا»نى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىپ خۇددى ھازىرقى زامان فىلىملىرىدىكى مەرگەنلەر جېڭىنى ناھايىتى رېتىملىق تەسۋىرلەپ بەرگەن، كۆرىنىش ئۈنۈم جەھەتتىمۇ ھەرگىز يېڭىلىپ قالمايدۇ...
  ئۇزۇن ئۆرۈمە يېرىم تاقىرباشلىقلارنىڭ گېپى چىقىپ قالدى، بۇ توغرىلىقمۇ ئىككى شىڭگىل غەيۋەت ئويناپ قويىلى، بۇ خەق ئۆزلىرىنىڭ كىنولىرىدا «ئوقيا»نى بىزگە پەقەت ئوۋ ئوۋلاشقا ئىشلىتىدىغان قىلىپ كۆرسەتكەچكىمى ياكى پېقىرنىڭ تارىختىن ئانچە خەۋىرىم بولمىغاچقىكىن، بۇ فىلىمدىكى «ئوقيا» تۇتقان مانجۇلارنى، دۆلىتىمىز فىلىملىرىدىكى كۈسەي مىلتىق تۇتقان ياپونلارغا سېلىشتۇرۇپ ياققامنى تۇتۇپلا قالدىم، بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىدىن نېمە پەرقى، ئوت قويۇش، خوتۇن-قىزلارنى دەپسەندە قىلىش، سەبىيلەرنى قىرغىن قىلىش... لېكىن ھازىر قايتىپ ئويلاپ باقىدىغان بولساق، مۇشۇنداق ئېچنىشلىق كۆرۈنىشلەرنىڭ ئىچىدىن ھەجىۋىي بىر سىمالەر كۆز ئالدىمىزدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ... مانا بۇ دۆلىتىمىز فىلىملىرىدىكى «ياپونلار»!  ئەمما بۇ فىلىمدە مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن كېچىدىغىنى كاللا كەسسە كۆزى مىت قىلىپ قويمايدىغان، يۈرىكى قېتىپ كەتكەن، يولۋاسنى كۆرسىلا ئانچە-مۇنچە تىتىرەك باسىدىغان، قارا ماتاق لىكۈيدەك چىرايى بولغان بىلەن ھەجىۋىيلىكتىن قىلچە ئەسەرمۇ بولمىغان تاجاۋۇزچىلار-- مانا بۇ چاۋشىيەن فىلىمدىكى ھەم مۇشۇلارنىڭ تارىخىدىكى «مانجۇلار»! دېمەك تارىخنىڭ راستلىقىغا ئىشەنسە، ئاشۇنداق ئېچىنشلىق، زوراۋانلىققا ھەجىۋىيلىكنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىشنىڭ قىلچە زۆرۈررىيتى يوق، نىگۇلاسنىڭ بىر فىلىمى بولىدىغان، شۇنىڭدىمۇ ئامېرىكىلىقلارنى خېلى بىر يەرگە ئاپىرىدۇ ياپونلار... زۇلپىقار تەرجىمىسىدىكى «يولۋاس! يولۋاس! يولۋس!» دىمۇ ياپونلار زەھەرخەندىلىك بىلەن ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلسىمۇ ھەجىۋىيلىك يوق...
  ئەمما ھازىر بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا ئەڭ ئاۋۋال كېلىدىغان ياپون ئوبرازى بولسا «قولۇڭنى كۆتۈر»دىكى O پاچاق، بۇرۇنىنىڭ چىڭ ئوتتۇر ئاستىدىلا ئازراق بۇرۇتى بارلاردۇر... بۇنداق چىكىت بۇرۇت پەقەت چارلىز چاپلىنغىلا ياراشقان، مەمەتجان رۇزىسايىتمۇ شۇ قىزىقچىلىق قىلىمەن دەپلا شۇنداق بۇرۇتقا مۇھتاج بوپ قالىدۇ...
  ئىشقىلىپ مەيلى تارىخ، مەيلى ئەركەكلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە مەيلى قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت بولسۇن، مەزكۇر فىلىمدىن رېژىسسور ئەپەندىنىڭ خېلىلا تىرىشقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز، پېقىردىن تەۋسىيە CF كە ۋەيگۇا ئېسىپ يۈرۈمەي، ماندا تەبىئىي قوراللارنىڭ ۋىژىلدىغان كۆرۈنىشلىرىنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار!
گېلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-22 07:57:58 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىلى فىلىم تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن فىلىىمنىڭ سۈزۈك نۇسقىسى بىلەن خەت ھۆججىتىنى ئىزدىسەم 6.5گىگابايىتلىق قوش ئاۋازلىق فىلىم ئۇچراپ قالدى ،چۈشۈرۈش ئۈچۈنلا بىركۈن كەتتى ،تەرجىمە پۇتكەندىن كىيىن  ئويلاپ باقسام خەت ھۆججىتىنى ئاققىرغا يوللاپ بەرسەم ،ئاققىركام بىركۈن سەرىپ قىلىپ فىلىمنى چۈشۈرسە ،جەمېي ئىككى كۈنىمىز بىكار بولغىدەك ،ئۆزۇملا تەھىرلەپ پىرىسلاپ باقاي دەپ پىرىسلىغان،ھىلىمۇ تۆت قىتىم پىرىسلىدىم بىرنۇسقىغا خەت چوڭلىقىنى 20گە تەڭشەپ پىرىسلىسام خەت كىچىك چىقىپ قالدى،ئۇنى ئىشلەتمەي 30غا تەڭشەپ ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى قۇشۇمچىنى قۇشۇش دىگەن رامكىغا بەلگە ئۇرۇپ ساپتىمەن شۇنىڭ بىلەن ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى باشقا بىر ئۈنۈم بار ھۆججەتنى قۇشۇپ پىرىسلاپ قۇيۇپتۇ
شۇنىڭ بىلەن ئابلىز ۋولىف تىن سورىسام meguiدا ئالدىن كۆرۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى دىدى ،دىگەندەك ئۈنۈم ئىشلاتمەي ئاق خەت شەكلىدە كۆرسەم فىلىم بەدىئىي فىلىم بولغاچقا خەت بىلەن فىلىم رەڭ تالىشىپ قالدى ،شۇ سەۋەپنى كۆزدە تۇتۇپ رەڭلىك خەت ئىشلەتكەن ئىدىم
تەرجىمە،تەھىرلىك نى تۇنجى قىلىشىم بولغاچقا سەۋەنلىك بولسا ئەپۇ قىلىڭلار،ئەگەر يەنە باشقا تورداشلارمۇ خاتالىق بايقىسا ،خەت رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ قايتا كىرىشتۇرسەم بولىدۇ.
كىگىز
ۋاقتى: 2013-11-22 10:05:26 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە، خەت رەڭگى فىلىم ئۈستىدە چىقماي، بوسۇغىسىدا چىققاچقا، يارقىن، ئوچۇق چىرايلىق بوپتۇ. شۇنىڭغا قاراپ، مەنمۇ ئاۋۇ فىلىمنى شۇ رەڭدە پېرىسلاپ باققان ئىدىم.
تەرجىمىسىگە كەلسەك، تەھرىرلەشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا تېخى كۆرۈشكە ۋاقتىم چىقمىدى. كۆرگەندىن كىيىن، ئاندىن مەزمۇنى، تەرجىمىسى توغىرلىق توختىلارمەن.
كىچىك ۋاقتىمدا، مەنمۇ قىش كۈنلىرى نىچاق ياساپ ئويناشقا ئامراق ئىدىم. دىلمۇراتنىڭ ئىشكالىسىدا كامالەك دېسە، بىزنىڭ ئىشكالىدا(ئىشىك ئالدى، مەھەللە دېگەن مەنىدە) نىچاق دەيدۇ بۇنى. يولغۇننى تازا ئېگىپ، تانا بىلەن ئۇلاپ، يىكەن قومۇشنىڭ ئۇچچىغا توم يىڭنە ياكى مىخ بىكىتىپ نىچاق ياسايتتۇق. :lol شۇنىڭ بىلەن تېخى قاغا ئوۋلىماقچى بولاتتۇق..;P كۆڭۈللۈك بالىلىق چاغلار...
ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە كەينى تەرەپكىمۇ ئالدى تەرەپكە ئاتقاندەك نىشانلاپ ئېتىپ، ياۋلارنى يەر چىشلىتەركەن.
يۇقارقى تۇيغۇلارنى ئەسلەش ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇ فىلىمنى بۇ ھەپتە ئاخىرى كۆرۈپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-11-25 11:18:09 | ئايرىم كۆرۈش
ما كىنو پەقەت چۈشمەيۋاتىدۇ 0.4% تە قېتىۋالغىكى 2 كۈن بولدى تېما ئىگىسىگە نەچچە ئۇچۇر يوللىدىم  جاۋاپ يوق باشقۇرغۇچىلار ماۋۇ كنونى بىر ئوڭشاپ قويساڭلار
داق يەر
ۋاقتى: 2013-11-25 12:35:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئوۋچى312 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 11:18
ما كىنو پەقەت چۈشمەيۋاتىدۇ 0.4% تە قېتىۋالغىكى 2 كۈن بولد ...

ئۈچ خىل ئۇسۇل بار. سىز قايسى خىل ئۇسۇلدا چۈشۈرگەنتىڭىز؟ 360 بوشلۇقىدىن چۈشۈرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۈنلېيدا ئاۋو بىت ئۇرۇقى ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى كۈەيبو قوچغۇچتا چۈشۈرمەيلا كۆرۈڭ.
/eza/thread-5312-1-1.html
بۇ تىمىنى كۆرۈپ بېقىڭ، ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.
مىخ
ۋاقتى: 2013-11-25 19:19:29 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا بۇ كىنو بەك ياقتى. 2بېلەت سېتىۋېلىپ كۆرگۈنۈمگە رازى بولدۇم . تۇنجى قېتىم مانجۇلارنى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان قىياپەتتە كۆردۈم . مەن دىمەكچى بولغان ئەمما ئىپادىلەشكە قۇربىم يەتمىگەن گەپلەرنىڭ ھەممىنى دىلمۇرات دەپ بۇپتۇ .  
9#
ۋاقتى: 2013-11-25 21:41:15 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنىڭ قاندىقىنى چۈشۈرۈپ قالدىمكىن. ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئۈستىگە خەنسۇچە خەت چىقىۋېلىپ نورمال كۆرەلمىدىم... 2.97گىگابايتلىقىنى چۈشۈرۈپتىكەنمەن. ماۋۇ ھۆججەت ئىسمىكەن.ang ahirki kural -okya-kosh awazlikخەنسۇچە خەت يوق نۇسخىسى قايسىسى بولغىيتى ؟
ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ باقسام ھەممە يېرىدە شۇنداق چىقىۋاپتۇ. ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئۈستىگە خەنسۇچە خەت باستۇرۇلۇپ قاپتۇ.
10#
ۋاقتى: 2013-11-25 22:24:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئەلىجان يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 21:41
مەن بۇ فىلىمنىڭ قاندىقىنى چۈشۈرۈپ قالدىمكىن. ئۇيغۇرچە  ...

قويغۇچىڭىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ قەبىھ ياخشلىقىدىن ئۆزى توردىن خەنچە خېتىنى تەييار قىلىپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز قوش ئۈنۈمدىن بەھىر ئېلىپسىز، قويغۇچىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك خەت ماسلاشتۇرىدىغان يېرىنى ئېتىۋېتىڭ ياكى فىلىم ئىسىمىنى قويغۇچ خەت ماسلاشتۇرالمىغۇدەك ھالەتكە ئەكېلىپ قويۇپ تۇرۇپ كۆرۈڭ، مەسىلە، فىلىم نامىنى ئەلىجان دەپ قويسىڭىز چوقۇم تاپالمايدۇ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +5 يىغىش سەۋەبى
ئەلشاھ + 5 ئۇنداق ئەمەسكەن،smi نا.

باھا خاتىرىسى

11#
ۋاقتى: 2013-11-26 12:54:40 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ كاللامدا تۆۋەندىكىدەك ئوي-خياللار كەلدى .

دەسلەپ كەلگەن خىيال بۇ كورىيەنىڭ فىلىمىدە نىمىشقا خەنچە يېزىق چىقىدۇ ؟ ى بۇ مىنىڭ كورىيە فىلىمىدە خەنچە خەت كۆرىشىم بىرىنجى قېتىم ئەمەس . ھەكىمە چاڭجىن دىگەن ماز كىنودىمۇ شۇنداق كۆرگەنتىم .
بۇننىڭغا تارىخ بىلىمى يۇقىرى تورداشلار چۈشەنچە بەرسە ؟

بۇ فىلىمنى كۆرۈپ زىمىننى تىتىرىتىپ مانجۇ قوشۇنى كىلىپ كىشىلەرنى يالاپ ماڭغاندا < نۇزۇگۇم > نىڭ قانداق كۈنلەرنى تارتقانلىقىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىپ باقتىم  .

مانجۇلار ھېلىقى قىيادىن سەكرەپ قوغلاشقان يەرلەر ، ئامېرىكا فىلىمى بىشارەتكە ئوخشاتقاندەك بىلىندى .


ئاخىرىدا زىمىننى تىتىرىتىپ كەلگەن مانجۇلار بارغانسىرى دوتلەشتۈرۈۋېتىلىپتۇ . خۇددى قۇڭغۇ فىلىمىدىكى ياپۇنلاردەك .
شۇڭا قاراپ بۇ فىلىمنىڭ بەيشىئاڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىگە ھەيران قالمىدىم .
12#
ۋاقتى: 2013-11-26 17:28:27 | ئايرىم كۆرۈش
teklimakan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 12:54
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ كاللامدا تۆۋەندىكىدەك ئوي-خياللار كە ...

چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى دۆلىتىمىز مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپتىكەن، بۇ خەقنىڭ خۇيزۈلارغا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزىقى يوقمىش.
13#
ۋاقتى: 2013-12-12 20:32:17 | ئايرىم كۆرۈش
كىنونى تىخى تۈنۈگۈن كۆرۈپ تۈگەتتىم تۈگۈتۈپلا بۇ تىمىغا ئىنكاس يازىغىلى كىرىشىم ،  كىنو ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلىنىپتۇ ،  مەن ئۆزۈمنىڭ تارىخ بىلىمىم خىلى يۇقرى دەپ قارايتىم ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ مانجۇلارنىڭ كورىيە زىمىنىغا بىسىپ كىرگىنىدىن پەقەتلا خەۋىرىم ھەم شۇنۇڭغا مۇناسىۋەتلىك پەقەتلا ماتىرىيال ئۇچراتماپتىكەنمەن ، بۇ كىنونى كۆرۈش ئارقىلىق مۇشۇ كىچىككىنە تارىخىي ۋەقەلىكنى بولىسىمۇ بىلىۋالدىم ، يەنە فىلىمدە ئوقيا ماھارىتى بەك ياخشى نامايەن قىلىنىپتۇ خۇددى مەرگەن فىلىمىدىكى مەرگەن قۇرالى ئىشلىتىش كۆرنىشلىرىگە ئوخشاش .
تەرجىمىگە كەلسەن ياساۋۇل بۇرادەر بەك ئەجىر قىپتۇ ، بۇنى كىشى ئىسىملىرىدىن ۋە فىلىمدىكى دىئالوگلارنىڭ قەدىمكى زامان تۈسىگە ماسلاشتۇرشىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ ، مەن بۇندىن بۇرۇن كۆرگەن كورىيە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملىرىدە كۆپىنچى ھاللاردا پىرسوناژلارنىڭ ئىسمى خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ ئالاتتى ، ئەمما ياساۋۇل بۇرادەر بۇ يەرگە ئالاھىدە دىققەت قىپتۇ يەنى كىشى ئىسىملىرىنى كۆرىيان تىلىدا نېمە دىسە شۇ بويىنچە ئاپتۇ .
فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، ياساۋۇل ئەپەندى ھارمىغايسىز .
14#
ۋاقتى: 2014-2-2 12:10:48 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 22:24
قويغۇچىڭىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ قەبىھ ياخشلىقىدىن  ...

دىلمۇرات باشلىق مەن قانداق قىلسام بۇ كىنولارنى ئايپادتا كۆرەلەيمەن؟ ئايپادتا كۆرۈش دېگەن ئورۇننى باسساممۇ شۇ رەسىم چىقىپ تۇردى .  تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
15#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-9 16:35:52 | ئايرىم كۆرۈش
جەك يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 12:10
دىلمۇرات باشلىق مەن قانداق قىلسام بۇ كىنولارنى ئايپا ...

ئاۋال پەدتە كۆرۇش دىگەن رەسىمنى تىلفۇن ياكى پەدنىڭ بىر يىرىگە ساقلايمىز ئاندىن ئايپەد ياكى ئەقلىي تىلفۇنلاردا ئىشلىتىدىغان (快播)نى قوزغۇتىپ سول ئىقتىدار كۆزنىكىدە ئىككلىك كودنى سىكانىرلاش ئىقتىدارى بار شۇ ئىقتىدار ئارقىلىق كۆرىمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 13:17 , Processed in 1.355023 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش