Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىستېما يېڭىلىغاندا كونا سىستېمىنى يۇيۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، كومپيۇتېرىمىزنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاپ بولۇپ بۇرۇنقى سىستېمىنى يۇيۇۋېتىشكە توغرا كەلگەندە بىلمەيدىغان تورداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم. بىلگەننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن (ئىنتىل سەيناسىنىڭ شوئارى) دەپتىكەن، بىلىدىغانلار كەم قالغان جايلىرى ياكى باشقا ئۇسۇللار بولسا تولۇقلاپ قويارسىلەر.
ئادەتتە كومپيۇتېرىمىزنىڭ سىستېمىسىنى (بۇ تېمىدا windows سىستېمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) يۇقىرىلاتقاندا (windows xp, windows 7, windows8, windows10 قاتارلىقلارنى تۆۋەن نەشرىدىن يۇقىرى نەشرىگە يېڭىلىغاندا) بەزىلىرىمىز سىستېما قاچىلانغان دىسكىنى تولۇق فورماتلاپ قاچىلايمىز، يەنە بەزىلىرىمىز تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بىۋاسىتە يېڭىلايمىز ياكى قاچىلىغاندا باشقىچە ئۆزگەرتمەي قاچىلاۋېرىمىز. مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىستېما قاچىلىنىشتىن ئىلگىرى سىز بۇرۇن ئىشلەتكەن سىستېمىنى قاچىلانغان دىسكىغا بىر قىسقۇچقا ئاپتوماتىك زاپاسلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. يېڭى سىستېمىنى قاچىلاپ بولۇپ قارىسىڭىز سىز بۇرۇنقى سىستېمىڭىز قاچىلانغان دىسكىدا windows. old دەپ بىر قىسقۇچنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ دەل سىز سىستېمىڭىزنى يېڭىلاشتىن ئىلگىرى ئىشلەتكەن سىستېمىڭىزنىڭ زاپاس نۇسخىسى شۇ. (ئىشلەتكىنىڭىز ghost سىستېما، يېڭىلىغىنىڭىزمۇ ghost سىستېما بولسا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ).

سىزنىڭ بۇرۇنقى سىستېمىڭىزغا ھاجىتىڭىز چۈشمىسە يۇيۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا قۇرۇق سىغىم ئىگىلەپ تۇرىدۇ شۇ. windows.old دېگەن بۇ قىسقۇچنى تېپىپ بەزىدە ئادەتتە بىز ھۆججەت يۇيۇۋەتكەندەك Shift + delete كۇنۇپكىسى بىلەنلا يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەن نەشرىدىن يۇقىرى نەشرىگە يېڭىلىغاندا windows.old دېگەن قىسقۇچنى كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇشۇنداق يۇيۇۋەتكىلى بولىدىكەن، لېكىن windows10 بۇرۇنقى نەشرىدىن يېڭى نەشرىگە يېڭىلىغاندا بۇنداق يۇيالمايدىكەنسىز. مەن مۇشۇنداق ئادەتتىكى ئىككى كۇنۇپكىدا يۇيۇۋەتكىلى بولمايدىغان windows.old دېگەن قىسقۇچنى يۇيۇۋېتىشنى سۆزلىمەكچى.
ئاۋۋال سىستېما قاچىلانغان دىسكىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز (كۆپىنچىڭلار c دىسكىغا قاچىلايسىلەرغۇ)، چىققان تىزىملىكتىن ئەڭ ئاستىدىكى خاسلىقلار(属性) نى چېكىمىز.

ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن دىسكا تازىلاش (磁盘清理) نى باسىمىز.

بىردەم تەكشۈرگەندىن كېيىن بىر كۆزنەك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىستېما ھۆججەتلىرىنى تازىلاش (清理系统文件) نى باسىمىز.

بۇنىڭغا ئالدىنقى تەكشۈرۈشتىن سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

ئاندىن يەنە بىر كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ يەردە كۆرۈنگىنى ئادەتتە سىستېمىنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى ۋە ساقلانمىلىرى قاتارلىقلار. بۇ يەردىن بۇرۇنقى windows قاچىلانمىسى (以前的Windows安装) نى تاللاپ، جەزملەشتۈرسەك بولىدۇ.

بىزدىن راستلا مەڭگۈلۈك ئۆچۈرەمسىز دەپ سورايدۇ، ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش (删除文件) نى باسساق بولىدۇ.

ئاندىن يەنە بىر بۇ ھۆججەتنى يۇيۇۋەتسىڭىز بۇرۇنقى سىستېمىغا قايتالمايسىز، جەزملەشتۈرەمسىز دەپ ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن جەزملەشتۈرۈۋەتسەك بۇرۇنقى سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات تامام.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +3 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 3

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2016-3-1 12:15:18 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بىلمەيدىغانلەر بىلىۋالدى.
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-3-1 20:46:14 | ئايرىم كۆرۈش
مەن يۇيالماي تاشلاپ قۇيغانتىم ئەمدى سىزدىگەن ئۇسۇلنى سىناپ باقسام بۇلغىدەك.
گېلەم
ۋاقتى: 2016-3-1 20:53:51 | ئايرىم كۆرۈش
مەن پەقەت سىستىما يىڭىلايدىغان يەنى توختىتالمىدىم.نىم دەپمۇبىسىپ قالغان بولغۇيتۇم.دائىم ئاچسام يىڭىلىنىۋاتىدۇ دەپ چىقىۋىلىپ بىر نەسىلەنى چۈشۈرۈۋېرېدۇ.س دىسكىمۇ توشاپ چۈشۈردىغان يەمۇ قاممىدى ھازىر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 15:00 , Processed in 1.341522 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش