- UID
- 648
- تىزىملاتقان
- 2011-2-20
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
1دوللار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاق بۈركۈتتىكى دوستلار؟ كەمىنە بۈگۈن جىددى ياردەمگە ئېھتىياجىلىق بولۇپ ئاق بۈركۈتتە خالىس پىداكار تەرجىمانلار بار دەپ ئاڭلاپ مەزكۇر يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
گېپىمىزگە كەلسەك، مەن ئاز كەم بىر يىلدىن بېرى ھېچ بولمغاندا باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلىش مەقسىتىدە، شۇ بىلوگ قۇرۇش، سەرخىل مۇنبەرلەرنى يوقلاش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىمەن. ھەممىڭلار بىلىسىلەر، ھازىر بىلوگ قۇرۇشتا، بىلوگ سېستىمىلىرىنىڭ ئىچىدە wordpress ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. بىر يىلدىن بېرى خېلى كۆپ بىلوگىرلار بۇ سېستىمىدىن پايدىلىنىپ بىلوگىنى قۇرىۋالدى. جۈمىلىدىن مەنمۇ شۇنداق. بۇنىڭدىكى مەقسەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ بىلىدىغانلىرىدىن ئازىراق بولسىمۇ نەپ يەتكۈزۈش.
بىر قانچە ئاي بۇرۇن نۇرقۇتتىكى «WordPress بلوگ قۇرۇش ۋە شۇغۇللىنىش» دىگەن بىر تېمىنى ئوقۇپ، بۇ كىتابنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەمدە تەرجىمە قىلماقچى بولغان. ئېغىزدا دەپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلماق تەسكەن. تۈرلۈك ئىشلار سەۋەبلىك بۇ كىتابنىڭ 2- بابىنى ئۆزەم يالغۇز تەرجىمە قىلىپ بولاي دىگەندە تاشلىنىپ قالدى. مۇنبەرلەردە، گۈدۈكتە بۇ توغىرسىدا ياردەم سورىغان بولساممۇ، تەرجىمە قىلىشنى قوللايدىغانلار ئىنتايىن جىق لېكىن مەن قىلىشىپ بېرەي دەيدىغانلاردىن بىرسىمۇ چىقمىدى. يالغۇز ئاتنىڭ چېكى چىقماس....دەپ ماڭىمۇ بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئىشى بەك تەس تويۇلۇپ كەتتى.
ئىشەنسەڭلار، بۇ كىتاب pdf شەكىلىدىكى ھەقىقەتەن ئېسل كىتاب. ئەگەر تەرجىمە قىلىنغان بولسا بۇ بىلوگىچىلارغا ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا يېزىلغان ناھايىتى ياخشى بىر قوللانما بولالايتتى ئەمەسمۇ! نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئانا تىلدىكى ماتېرىيالنى كۆرۈش بىر ھوزۇر دە!
شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلشنى ئەلسۆي تەرجىمە گورۇپپىسىدىن ي، م ئېلقۇت ئەپەندى تەشكىللەيدىغان، كىتابنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىپ تۈگىتىدىغان بولدۇق. سېپىمىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلار تېزدىن خەۋەر بېرىۋەتسەڭلار. ئىشنى باشلىساق ....
مۇناسىۋەتلىك تېما ۋە كىتابنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى
http://www.nurqut.com/ud/thread-7317-1-1.html
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/2763.html
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/2767.html |
|