ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

غەم تۈگىتىش دۇكىنى [تەشۋىق فىلىم]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-6 09:10  


فىلىم نامى: غەم تۈگىتىش دۇكىنى
خەنچە نامى: 解忧杂货店
ئىنگىلىزچە نامى:Namiya Zakka Ten No Kiseki
دۆلىتى: ياپونىيە
تىلى: ياپونچە
تۈرى: ۋەقەلىك
IMDb نومۇرى: 0
IMDb ئۇلىنىشى: tt6298600
ئورگان تورى: http://namiya-movie.jp/
قويۇلۇش ۋاقتى: 2017-يىل 9-ئاي 23-كۈنى
تارقاتقان ئورۇن: شوچىكۇ شىركىتى
رېژىسسورى: Ryuichi Hiroki
سېنارىست: Keigo Higashino
روللاردا:

قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ فىلىم خىگاشىنو كېيگونىڭ شۇ ناملىق رومانىدىن سېنارىيىلەشتۈرۈلگەن. فىلىمدىكى ۋەقەلىك 2012-يىلى بىلەن 1980-يىلىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ئەزەلدىن ياخشى ئىش قىلىشنى بىلمەيدىغان ئاتسۇيا ئەسكى ئىش قىلغاندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن بىرگە كونا مىلىچمال دۇكىنىغا قېچىپ بېرىۋېلىپ تاڭ ئاتقۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ،  كېيىن ئۇ دۇكاننىڭ خەت ساندۇقىدا تۇرغان بىر پارچە خەتنى بايقاپ قالىدۇ، خەتنى ئېچىپ ئەسلى بۇ خەت 32 يىل بۇرۇن بىر ئادەمنىڭ «غەم تۈگىتىش دۇكىنىغا» ئۆزىنىڭ بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يازغان خېتى ئىكەنلىكىنى، بۇ خەت ساندۇقىنىڭ 2012-يىلى بىلەن 1980-يىلىنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئاتسۇيا گۇمانلانغاچ خەت ئىگىسىگە جاۋاب خەت يازىدۇ،  ئەلۋەتتە قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭغا خەت يازىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن دۇرۇس ياشاپ باقمىغان بۇ بالا باشقىلارنىڭ غېمىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى سېزىدۇ، ئۇنىڭدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ كىملەرگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ بۇنى فىلىم قويۇلغاندا بىلگەيمىز!


تەشۋىق فىلىم:


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
تەۋفىيق1 ۋاقتى: 2017-6-5 21:33:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەۋفىيق1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-5 21:38  

مۇشۇ ئاي ،مۇشۇ كۈنلەردە ئاق بۈركۈتنى سىزلا كۆتۈرە ئالدىڭىزمۇ نىمە ئەركانكا ؟تېمىلىرىڭىز بىرسى-بىرىدىن سەرخىلغۇ زادى......
يىكەنداز
abduking1887 ۋاقتى: 2017-6-6 00:15:40 | ئايرىم كۆرۈش
تەۋفىيق1 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 21:33
مۇشۇ ئاي ،مۇشۇ كۈنلەردە ئاق بۈركۈتنى سىزلا كۆتۈرە ئالد ...

جىڭ   
گېلەم
بوران120 ۋاقتى: 2017-6-6 02:54:55 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قايىل. بىر گەپ ،‹‹قويۇلغان ۋاقتى: 2017-يىل 9-ئاي 23-كۈنى›› نى قويۇلدىغان ۋاقتى دەپ ئالساق ياخشىراق چىقارمىكىن دەيمەن .
كىگىز
يولۇچې ۋاقتى: 2017-6-6 02:59:51 | ئايرىم كۆرۈش
چوقۇم ئىسىل بىر كۆرمىسەم چىققاندا
ئورۇندۇق
dilmurat ۋاقتى: 2017-6-6 09:35:06 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ فىلىمنىڭ ماۋزۇسىلا ئادەم قىزىقتۇرىدىكەن
داق يەر
ئىھسان520 ۋاقتى: 2017-6-6 23:05:39 | ئايرىم كۆرۈش
ياپۇننىڭ كىنولىرى مۇشۇنداق جەلىپ قىلىدۇ ئەدەمنى …
مەنمۇ قىزىقىۋاتىمەن .
مىخ
akburkut0908 ۋاقتى: 2017-6-9 00:38:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسلى ياپونىيەلىك داڭلىق يازغۇچىنىڭ  رومانى بولۇپ....   كىتاپ سالونىدا بار،  دەرتكە داۋا مىلىچ ماللار دۇككىنى  دەپ تەرجىمە قىلىنغان .....    ئىنتايىن ياخشى بىر ئەسەر...   كىنو فىلىمى ئىشلىنىۋېتىپتۇ دىگەن  مانا بۇيىل كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغۇدەكمىز...  تەقەززامەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1