ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 10-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2117 18
شەمسى ۋاقتى: 2012-10-14 13:47:53 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
RMVB
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
720×396
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...











ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار18

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-10-14 15:04:08 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋان مىنىڭڭى بۇپتۇ. مەن كۆرگەچ تۇراي
يىكەنداز
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-10-14 16:31:50 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر يۈزگىرادۇس تورىدىن بۇ كارتون فىلىمنى ئىزدەتسەم 15 قىسىم چىقىپ بولاپتۇ ، مۇشۇ سۈرئەت بويىنچە ماڭساق بۇ كارتون فىلىمنىڭ يىڭىلىنىش سۈرئىتىگە يىتىۋىلىشىمىزدا گەپ يوقكەن ، شەمسى ئەپەندى جاپا چىكىۋاتىدۇ جۇما ، ئەينى ۋاقىتتا شەمسى ئەپەندى بۇ كارتون فىلىمنى ماڭا تەۋسىيە قىلغان ۋاقىتتا تازا ياقتۇرمىغان ئىدىم ، ھازىر بۇ كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرۈپ قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالدىم دىسە .
گېلەم
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-15 10:25:56 | ئايرىم كۆرۈش
15- قىسىم تېخى تۆنۈگۈن چىقتى، ئۇنىڭ خەت ھۆججەتلىرى بىلەن سۈزۈك نۇسخىسى ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە چىقسا جۈمە كۈنىدىن قالدۇرماي تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ دىلمۇراتجانغا يوللاپ بېرىمەن... نېمىلا دېگەن بىلەن ئانا تىلىدا كۆرگەنگە يەتمەيدۇ ھە...
كىگىز
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-15 10:45:11 | ئايرىم كۆرۈش
تۈنۈگۈن توك يوق، بىركۈن ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇردۇم دېسە،
بۇ قىسمىدا كىرىتو بىلەن ھېلىقى قان چەۋەندازلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاتامىنى ئۇرۇشماقچى، قېنى باللا ھۇررا!
ئورۇندۇق
ناخرۈس ۋاقتى: 2012-10-15 10:48:22 | ئايرىم كۆرۈش
بىر جانغا ئىككى ئىسىمدا  كىرسە بەك ئاۋارچىلىقكەن....
داق يەر
nur719 ۋاقتى: 2012-10-15 12:26:25 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-15 10:45
تۈنۈگۈن توك يوق، بىركۈن ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇردۇم دېسە،
بۇ ...

ما سۈرخان ئەپەندى قارىسام بىر سوممۇ يوق قانداق كۆرىۋاتىسىز كىنونى ؟  باشلىقلار ما سۈرخان ئەپەندى تامدىن سەكرەپ چۈشۈپ كۆرىۋىتىپتۇ دىققەن قىلاسىلە چاخچاق جۇمۇ !
مىخ
قاتىل ۋاقتى: 2012-10-15 13:44:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخېرې چېېپتۇ

باھا سۆز

ئىككىمىز ئىككى مىللەت بولغان بىلەن، يېزىقىمىز ئاندا ساندا ئوخشاپ كېتىدىكەن جۇمۇ، سىز ئۇرغۇيمۇ ياكى ئۇرغىمۇ؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-15 14:01
9#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-15 14:01:48 | ئايرىم كۆرۈش
قاتىل يوللىغان ۋاقتى  2012-10-15 13:44
ئاخېرې چېېپتۇ

ئىككىمىز ئىككى مىللەت بولغان بىلەن، يېزىقىمىز ئاندا ساندا ئوخشاپ كېتىدىكەن جۇمۇ، سىز ئۇرغۇيمۇ ياكى ئۇرغىمۇ؟
10#
يمت ۋاقتى: 2012-10-16 14:10:11 | ئايرىم كۆرۈش
بۇكېنو بەك ياردې
11#
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-10-17 11:20:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى 10 قىسىمنى تولۇق كۆرۈپ بولۇپ مۇنبەردىكىلەرگە يىتىشىۋالدىم   شۇنداق قىلىپ كىرىتو دىگەن گۇي ئاسۇنا بىلەن توي قىلىۋالدى دىسە .
بۇ كارتون فىلىم بىشىدا چاتما كارتون فىلىم شەكلىدە باشلىنىپ ئەمدى ھازىرغا كەلگەندە بىر قىسىمدىكى ئىشلار يەنە بىر قىسىمدىكى ئىشلارغا باغلىنىپ تازا چاتما كارتون فىلىمگە ئوخشىماي قىلىۋاتىدۇ جۇما .
12#
كىرەم ۋاقتى: 2012-10-17 22:25:28 | ئايرىم كۆرۈش
دوسلا  11  - قىسمى قاچان كىلىدىكەن  .مىنىڭ بەك كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ ..
13#
كىرەم ۋاقتى: 2012-10-17 22:25:44 | ئايرىم كۆرۈش
دوسلا  11  - قىسمى قاچان كىلىدىكەن  .مىنىڭ بەك كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ ..
14#
كىرەم ۋاقتى: 2012-10-17 22:27:19 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى ئەپەندىمگە رەھمەت جۇمۇ  .  
15#
كىرەم ۋاقتى: 2012-10-17 22:27:36 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى ئەپەندىمگە رەھمەت جۇمۇ  .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1