ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

گىگانتلار زەربىدە 3- قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسمى:
گىگانتلار زەربىدە
خەنزۇچە ئىسمى:
进击的巨人
چەتئەلچە ئىسمى:
attack on titan
دۆلىتى:
ياپونىيە
تىلى:
ياپونچە
تۈرى:
كارتون
فورماتى:
باشقا
ۋاقتى:
2013-04-06
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
رازمېرى:
1080× 1920
سىغىمى:
800MB~1G
ئۇزۇنلىقى:
24~26 مىنۇت
رېژىسسور:
ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)
باش روللاردا:
ئېرېن يېگار-  كاجى يۈكى
مىكاسا ئاكېرمان-  ئىشىكاۋا يۈيى
ئارمىن ئارلېرت-  ئىنوۈۋې مارىنا
رىۋايل-  كامىيا خىروشى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:   يۈز نەچچە  يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن  يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل  ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور  گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ  گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى  ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش  ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.




3 - قىسىم «زۇلمەت ئىچىدىكى غۇۋا نۇر» نىڭ مەزمۇنىدىن پارچە:
  شىگانشىنادىكى پاجىئە ئېرېن ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى، ئېرېن ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەسكەرلىككە قاتناشتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىككى دوستىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى، ئۇلار يېڭى ئەسكەرلەر پولكىدا تۇنجى قېتىملىق مەشقنى باشلىدى، ئەمما تەلەپ بەك قاتتىق ئىدى، لاياقەتسىز بولغانلار بوز يەر ئېچىشقا قايتۇرۇلاتتى. ۋاھالەنكى ئېرېنمۇ ئاشۇ لاياقەسسىز ئەسكەرلەرنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالىدىغاندەك تۇراتتى...

فىلىمدىن كەسمىلەر:





  مەزكۇر كارتوننىڭ تەرجىمىسى باشتىن ئاخىرى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان بولغاچقا قىسمەن نۇقسانلار كۆرۈلگەن بولۇشى ئېنىق، ئىملا خاتالىقى ياكى ناتوغرا تەرجىمىلەرنى بايقىغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.
360.txt (47 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 269)        baidu.txt (77 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 288)
بېلەت كىرىمى: 39
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار14

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
شۇڭقار ۋاقتى: 2013-12-17 20:44:26 | ئايرىم كۆرۈش
بايىدىن بىرى مۇشۇ كارتوننىڭ يوللىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ، ئاخىرى يوللاندى ، ئەمسە چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم .
يىكەنداز
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-12-17 21:00:05 | ئايرىم كۆرۈش
بارغانسىرى قىزىۋاتىدىغۇ بۇ فىلىم. بىر كۆرۈش بىلەن تۈگىتىۋەتكۈسى كېلىدىكەن ئادەمنىڭ.
ئېرىننىڭ گېپىگە چۈشلۇق جېگىرى بارلىقى بايقىلىۋاتىدۇ.


[akburkut.com]Shingeki no Kyojin - 03[1620131222242GMT].JPG (215.72 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

[akburkut.com]Shingeki no Kyojin - 03[1620131222242GMT].JPG
گېلەم
abdukerim99 ۋاقتى: 2013-12-17 21:22:25 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى ئاداش،،سىلى ياپۇنچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلامىسلە؟ ،يا خەنزۇچە خېتىدىنمۇ..؟  سىلىدەك نادىر ياپۇنىيەنىڭ كارتۇن فىلىمىنى تەرجىمە قىلدىغانلار ئاز جۇمۇ..
كىگىز
kokqin ۋاقتى: 2013-12-17 21:52:50 | ئايرىم كۆرۈش
شۇندا كۆرگۈم كىلىپ كەتتى ما كارتوننى. ئەپسۇس تىلىپۇندا كۆرگلى بولمايدۇدە. ئەتە كۈرەي ئەمدى 2 قىسىم كۈرۈپ بەك قىزىقىپ قالدىم بۇ كارتونغا. تەرجىمىسىمۇ بەك ياخشى چىقىلىق بۇ كارتوننىڭ شەمسى بۇرادەرنىڭ تەرجىمە قىلىش سەۋىيسىگە بەق قول قۇيمەن
ئورۇندۇق
ئاققىر ۋاقتى: 2013-12-18 00:13:36 | ئايرىم كۆرۈش
كىنولارنىڭ ئارقىمۇ ئارقا چىققىنى ئىچىمنى قاينىتىپ، كۆرگىدەك ۋاقتىمنىڭ چىقمىغىنى، چۈشۈرۈۋاتىمەن، چۈشۈرۈۋاتىمەن، يىغىپ بىرلا كۆرەي..
داق يەر
razzak ۋاقتى: 2013-12-18 17:22:29 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ  قاتتىق   قىزىقىپ  كەتتىم.
ھازىرغىچە 10 قىسىم  كۇرۇپ  بولدۇم  داۋاملىق   كۇرۇۋاتىمەن،
ئىرىن  دىگەن  بۇ  بالىغا  قول  قويدۇم  جۇمۇ ھەقىقەدەن  يامان  بالىكەن  بۇ
گىگانىتلارنى  شۇندا  جايلايدىكەنكى  ئالامەت  پەچەت  جايلايدىكەن.
ئاتىسى  بەرگەن  قازناقنىڭ  ئاچىقۇسى  نىمە  رولى  باردۇ، قازناقتا  زادى  نىمە  باردۇ  شۇنىڭغا  بەك  قىزىقىۋاتىمەن.
شۇغىنىسى كوڭلۇم  يىرىم  بولىدىغىنى  بۇ  كىنونىڭ  يىڭىلىنىشى  بەك  ئاستىكەن ئايدا  بىر  قىسىم ، نىمىدىكەن ئەپسۇسنىلارلىق  ھە
ئۇيغۇرچە خەتلىكى  تىز چىقىۋاتىدۇ  بولمىسا، لىكىن  ئوز تىلى  بىلەن ئاسمان  زىمىن  پەرىقى بەردە.
بولسا 26 قىسىمنى  بىراقلا  ئىلان قىلۋەتسەڭلە بىر يولى  سىتىۋىلىپ چۇشۇشۇپ  كۇرۇپ كەتسەك  نىمە  دىگەن  پەيزى ھە
مىخ
ياساۋۇل ۋاقتى: 2013-12-18 17:36:54 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
يانفۇن دىتالىدا ئاچقاندا ھەقلىك تىمىلارنىڭ ھەقسىز مەنبە ئىچىلىپ قىلىش ئوڭشىلىپتۇ来自: Android客户端
9#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-18 19:59:50 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2013-12-17 19:00
بارغانسىرى قىزىۋاتىدىغۇ بۇ فىلىم. بىر كۆرۈش بىلەن تۈگى ...

مۇكاپاتىڭىزنى يوللىۋەتتىم،    بۇ كارتونى مۇكاپاتقىلا كۆرۈپ تۈگىتىدىغان بولدىڭىزدە
10#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-18 20:01:26 | ئايرىم كۆرۈش
abdukerim99 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-17 19:22
شەمسى ئاداش،،سىلى ياپۇنچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلامىس ...

تېخىچە خەنچىدىن تەرجىمە قىلىۋاتىمەن...     لېكىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەۋىيە ئۆسۈپ قالدى، شەمشەر تورىنى پۈتۈنلەي خەنچە خەتتىن تەرجىمە قىلغان، مانىڭدا بىرنەچچە جۈملىنى ياپونچىدىن تەرجىمە قىلالىغۇدەك بوپتىمەن
11#
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-12-18 20:02:31 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 19:59
مۇكاپاتىڭىزنى يوللىۋەتتىم،    بۇ كارتونى مۇكاپاتقىلا  ...

چۈشۈرۋاتىمەن. يېڭى قىسىملىرىنى كۆرۈشكە تاقەت قىلىپ بولالماي، بەكلام ئىنچىكە كۆرىدىغان بولۇپ كەتتىم.
بولمىسا، قالغان ھەممىسىنى بىراقلا يوللىۋەتسىڭىزمۇ بولاپتىكەن.
12#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-18 20:05:04 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 15:22
مەنمۇ  قاتتىق   قىزىقىپ  كەتتىم.
ھازىرغىچە 10 قىسىم  كۇرۇ ...

مەن دېمەكچى كارتون قويۇلۇپ تۈگىدى، رەسىملىك كىتاب ئايدا بىر قىسىمدىن ھازىر ئون توم چىقىپ بولدى.
26 قىسىمنى بىراقلا يوللاشقا ھازىر شارائىت يار بەرمەيدۇ، بىر ياقتىن كىرىشتۈرۈپ تورغا يوللاپ ئاران ئۈلگۈرىتىدىغان گەپ...
13#
arkan2010 ۋاقتى: 2013-12-18 22:39:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئابلىز بۇرادەر خاتالىق تېپىشتا مەندىن تېز چىقىپ كېتىپتۇ!
ئۇ بىرىنى تېپىپتۇ مەن يەنە بىرنى تاپتىم:
19:55
ئەمما مەندىكى ئىرادە ھەر كىمنىڭكىدە كۈچلۈك
كىمنىڭكىدىن كۈچلۈك

21:25
چاتاق يوق، داۋاملىق مەشق قىلىسەن
مەشىق قىلىسەن
مۇشۇ جايلار
يەنە بىرى...فىلىمدە ئاقىلانىلىك دېگەن بىر سۆز ئۇچرىدى مەن تەرجىمىلەردە ئاقىلانىلىق دەپ ئالاتتىم، لۇغەتلەرنى ئاختۇرسام بەزىلىرىدە ئاقىلانىلىق بەزىلىرىدە ئاقىلانىلىك دەپ چىقتى...قايسىسى توغرا؟!
14#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-19 19:41:26 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 20:39
ئابلىز بۇرادەر خاتالىق تېپىشتا مەندىن تېز چىقىپ كېتىپ ...

رەھمەت سىزگە، ئىملا تەكشۈرگۈچتە مەشق دېگەن سۆز توغرىكەن، لېكىن تور لۇغىتىدىن ئىزدىسە ئۇ سۆز تېپىلمايدىكەن يەنە  ئاقىلانىلىقمۇ تور لۇغىتىدىن تېپىلمايدىكەن...
  تۆتىنچى قىسىم سەل تۇرۇپ ئېلان قىلىنىدۇ، شۇڭا مۇكاپات ئۈچۈن بىراقلا 5- قىسىمنى ئەۋەتىپ بېرەي
15#
arkan2010 ۋاقتى: 2013-12-19 20:49:09 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 19:41
رەھمەت سىزگە، ئىملا تەكشۈرگۈچتە مەشق دېگەن سۆز توغرى ...

رەھمەت سىزگە! جاپا چەكتىڭىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1