- UID
- 32469
- تىزىملاتقان
- 2016-3-13
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 20
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ئاق بۈركۈتنىڭ دائىملىق كۆرۈرمەنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارچە تەرجىمان دوستلارغا ۋە ناھايىتى سۈپەتلىك ياخشى بولغان فىلىمنى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ كېلىۋاتقان سەردار قوشۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن جاپا چەكتىڭلا. (بىر باغلام گۈل سۇنغان ئىپادە)
شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىچىككىنە بىر تەكلىپنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسام لايىق كۆرسەڭلا ئەمەلىيلەشتۈرەمىز.
مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە نۇرغۇن كونا يېڭى فىلىملەر تەرجىمە قىلىنىپ بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ مىھنەتسىز ئەجىر ھېساپلىنىدۇ، بىراق كونا يېڭى فىلىملەر تەرجىمە قىلىنىشتىن سىرت كونا يېڭى ئەزالارمۇ بارغانچە كۆپىيىپ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشۇتىن باشقا يەنە مەلۇم بىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
مەسىلەن:
1. بۇرۇن يوللانغان فىلىملەر ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىۋاتقان فىلىملەر تۈپەيلىدىن كۈرۈنمە بەتتىن يوقاپ كېتىش.
2. يېڭى كىرگەن ئەزالار بۇرۇن قانداق فىلىملەرنىڭ يوللانغانلىقىنى ، قايسى فىلىمنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىزدەش كۆزنىكىگە ئىسىمنى قانداق كىرگۈزۈشنى بىلەلمەي قېلىش.
3.بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىپ خېلى ئىلگىرىلا بەتكە يوللىنىپ بولغان بىراق بەزى كونا يېڭى تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىپ قايتا تەرجىمە قىلىپ توقۇنۇش پەيدا بوپ قېلىش.
4.بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان فىلىملەر كۆرۈنمە بەتتىن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن شۇ فىلىمنىڭ ئاۋاتلىقى سۇسلاپ كېتىش ياكى تەرجىمانلارنىڭ شۇ فىلىمدىن كىرىمى توختاپ قېلىش.
مېنىڭ ھىس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك مەسىلىلەر، ئەمدى بۇنى ھەل قىلىشنىڭ كىچىككىنە بىر ئۇسۇلىنى دەپ باقسام
تەدبىر:
مەخسۇس بىر تېمىنى مەڭگۈ چوققىلاقلىق ھالەتتە تۇرغۇزۇپ شۇ تېمىغا بۇرۇن يوللانغان فىلىملەرنىڭ مۇقاۋىسىنى يوللاش ۋە بۇنىڭدىن كىيىن يوللانغان فىلىملەرنىڭمۇ مۇقاۋىسىنى يوللاش.
ئەھمىيىتى:
بۇنداق بولغاندا مەيلى كونا ئەزالار بولسۇن مەيلى يېڭى ئەزالار بولسۇن مۇنبەرگە كىرىپلا شۇ چوققىلاقلىق تېمىغا كىرىپ ھەر بىر كىنونىڭ شۇ يوللانغان مۇقاۋىسىغا قاراپ مۇنبەردە قايسى فىلىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيدۇ ۋە ئىزدەش كۆزنىكىگە كىرىپ ئۆزى ياقتۇرغان فىلىملەرنى ئىزدەپ سېتىۋىلىپ كۈرەلەيدۇ ياكى ھەقسىز بولسا بەھىرلىنەلەيدۇ دىگەندەك، ھەمدە مۇنبەردىكى ھەممەيلەن بۇ شارائىتتىن ئىنتايىن توللۇق بەھىرلىنەلەيتۇق
خاتىمە
بۇ مېنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە ھىس قىلىپ يەتكەن قىسمەن يىتەرسىزلىكلە گەر تورداشلىرىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار لايىق كۆسەڭلا مۇشۇ بۇيىنچە قىلىپ باقساق دىگەن ئۈمۈتتە، ئەگەر ئارتۇقچە بوپ قالسا ئۆزۈر ئېيتىمەن رەھمەت.
|
|