ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

گىگانتلار زەربىدە 13- قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىسمى:
گىگانتلار زەربىدە
خەنزۇچە ئىسمى:
进击的巨人
چەتئەلچە ئىسمى:
attack on titan
دۆلىتى:
ياپونىيە
تىلى:
ياپونچە
تۈرى:
كارتون
فورماتى:
باشقا
ۋاقتى:
2013-04-06
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
رازمېرى:
1080× 1920
سىغىمى:
800MB~1G
ئۇزۇنلىقى:
24~26 مىنۇت
رېژىسسور:
ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)
باش روللاردا:
ئېرېن يېگار-  كاجى يۈكى
مىكاسا ئاكېرمان-  ئىشىكاۋا يۈيى
ئارمىن ئارلېرت-  ئىنوۈۋې مارىنا
رىۋايل-  كامىيا خىروشى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:   يۈز نەچچە  يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن  يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل  ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور  گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ  گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى  ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش  ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.

بېلەت كىرىمى: 28
13 - قىسىم «دەسلەپكى ئارمان» نىڭ مەزمۇنىدىن پارچە:
  ئېرېن ئاخىرى ئارمىننىڭ ياردىمىدە ئۆزىگە قايتتى، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىنىلا ئەمەس دەسلەپكى ئارمانلىرىنى ئېسىگە ئالغان ئىدى. شۇ تاپتا ئېرېن يوغان قورام تاشنى كۆتۈرۈپ سېپىل قوۋۇقىغا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى غەلبىسىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى...


فىلىمدىن كەسمىلەر:


http://yunpan.cn/QDEBQERbPQIwL
访问密码:e26f

http://pan.baidu.com/s/1y3oqa
密码:vk87
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ilqin ۋاقتى: 2013-12-29 10:50:49 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى بىۋاستە تەمىنلىسىڭىز ياخشىكەن، قولايلىق بولىدىكەن
يىكەنداز
ئارسلان ۋاقتى: 2013-12-30 14:46:38 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا مۇشۇ كارتوننىڭ 2-بۆلىمى باردەكلا بىلىنىدۇ.
گېلەم
ئارسلان ۋاقتى: 2013-12-30 14:54:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كارتوننىڭ تياتىر نۇسخىسى باركەن تىخى قويۇلماپتۇ، بەزى تور بىكەتلەردە 2-بۆلىمى چىقىدۇ دىگەن مىش مىش گەپلەر بار.
كىگىز
Nejmi ۋاقتى: 2014-1-2 13:53:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئارسلان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 14:46
ماڭا مۇشۇ كارتوننىڭ 2-بۆلىمى باردەكلا بىلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە بار...2015 يىلى راس ئادەملىكنى ئىشلەشنى باشلايدىكەن...
1 ئاينىڭ ئالدىدا كارتونغا بېلەت تاشلاشتا يۇقىرى بولۇپ...ئاخىرىنى ئىشلەش باشلىنىپ بوپتۇ..
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2014-1-4 20:35:38 | ئايرىم كۆرۈش
HilwaT يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 11:53
ئەلۋەتتە بار...2015 يىلى راس ئادەملىكنى ئىشلەشنى باشلاي ...

كېيىنكى بۆلۈمنىڭ بارلىقى راست، كىنونىڭمۇ 2015- يىلى قويۇلۇدىغانلىقى مۇقىمدالغان، (كىنونىڭ ئورگان بېتى shingeki-seyo.com) بۇ ھەقتە ئورگان بېتىدە خەۋەر بېرىلگەن، ئەمما ئورگان بېتىدە ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى، شۇڭا باشقا مىش-مىش پاراڭلارغا ئىشەنمىگەن تۈزۈك...
ئۆتكەندە بىر تورداش ئىشلىگەن كىنو مۇقاۋىسى خېلى پاراڭلارغا سەۋەب بولدى، ئۇنىڭدا 2018 دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن، نۇرغۇن كىشىلەر گىگانتلار زەربىدەنىڭ كىنوسى 2018- يىلى قويۇلىدىكەن دەپ ئىشىنىپ يۈردى... بۇنداق مىساللار كۆپ.
داق يەر
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2014-1-4 20:44:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئارسلان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 12:54
بۇ كارتوننىڭ تياتىر نۇسخىسى باركەن تىخى قويۇلماپتۇ، ب ...

ئىككىنچى بۆلۈم چوقۇم ئىشلىنىدۇ، چۈنكى بىرىنچى بۆلۈم نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئىككىنچى بۆلۈم ئىشلىنىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى،  تياتېر نۇسقىسى بارلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن ئەمما oad نۇسقىسى بار، ھازىر بىر قىسىم تارقىتىلدى، ئىككىنچى قىسىم oad تۆتىنچى ئايدا تارقىتىلىدۇ. 1- قىسىمدا 34- قېتىملىق سېپىل سىرتى سەپىرىدىكى بىر جەڭچىنىڭ خاتىرىسى مەزمۇن قىلىنغان، 2- قىسىمدا پەقەت يەنە بىر ھېكايە دېيىلگەن، ئەمما نېمە ۋەقەلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ps:  كىچىككىنە بىر پەرەز، بەلكىم بازارغا سېلىنغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئەسكەر بېشى رىۋايلنىڭ ئۆتمۈشى سۆزلەنگەن يانداش قىسسە oad2 نىڭ سىنارىيىسى قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن...
مىخ
خۇشخۇي1 ۋاقتى: 2014-1-4 21:12:53 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
13قىسمىنىڭ ئايىغى قاچان چىقىدۇ来自: Android客户端
9#
كىنوچى1 ۋاقتى: 2014-1-4 22:44:10 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 20:44
ئىككىنچى بۆلۈم چوقۇم ئىشلىنىدۇ، چۈنكى بىرىنچى بۆلۈم  ...

14-قىسىم قاچان يوللايسىز بۇنىڭ بەك تەقەززا بۇلۇپ كەتتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1