ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

2015-يىلىدىكى قىززىق نۇقتا تەرجىمە فىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
817 35
arkan2010 ۋاقتى: 2015-12-29 20:06:03 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 20:07  

ھەر قانداق بىر كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا ھەر قانداق بىر خىزمەتلەردىن خۇلاسە چىقىرىلىپ يېڭى يىلغا يڭېى پىلانلارنى تۈزۈش ئاساسەن قېلىپلىشىپ قالغىلى تۇردى...شۇڭا مۇنبىرىمىزمۇ شۇ ساداغا ئاۋاز قوشۇپ بۇ بىر يىل جەريانىدىكى قىززىق نۇقتا تەرجىمە فىلىملەرنى بىر باھالىغاچ...بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئۆزىڭىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان فىلىملەر توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىش بىلەن كونا يىلنى ئۇزاتساق قانداق دەيسىلەر؟!
تەرجىمە فىلىملەر جەمگاھى

فىلىملەرنى كۆرىمىز...كۆرىۋېرىمىز...تۈرىمۇ ھەرخىل-ھەر ياڭزا...بەزى فىلىملەر ئادەمگە ئىلھام بېرىپ روھلاندۇرسا، بەزى فىلىملار ئادەمنى كۈلدۈرۈپ ھاردۇقنى چىقىرىدۇ، بەزى فىلىملار تەسىرلەندۈرۈپ ئادىمىيلىكىمىزنى ئويغىتىدۇ، بەزى فىلىملار ئۇرۇش-چېپىشلار بىلەن قېنىمىزنى قىززىتىدۇ، بەزى فىلىملار.........مانا مۇشۇنداق!
كىنولارنى كۆرىۋېرىپ تەسىر قىلماس بولۇپ قالمىغاندۇ، ئۇنداقتا مۇشۇ بۇيان قىسىپ قالغان «تەسىرات» سەھىپىسىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە قىززىق نۇقتا فىلىملارنى باھالاپ چىقمامدۇق!
يېزىش ئۇسلۇبى:
فىلىم نامى + تەسىرات
مەسىلەن:
ئىمكانسىز ۋەزىپە 5 : سىرلىق دۆلەت
تەسىرا:
فىلىم بۆلۈملۈك فىلىم بولغاچقا بۇ بۆلۈمنى كۆرۈپ بولغىچە ئالدىنقى بۆلۈملىرىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇنتۇپ ئۈلگۈردۈم! شۇنداقتىمۇ كۆرمەي بولمايدۇ-دە! يېڭى فىلىم، تام كروسنىڭ فىلىم دەپ داۋرىڭى جىق...شۇنىڭ بىلەن كۆرىۋەتتىم......
فىلىمدا ھازىرقى دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ئۆلمەس تېمىلاردىن تېررورلۇققا قارىش تۇرۇش ئاساسى تېما قىلىنىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى بىتچىت قىلىش جەريانىدىكى ئىش-پائالىيەتلەر بىر قاتار سۆزلەنگەن بوپتۇ....
بىراق ۋاي دەپ قالغۇدەك ئالاھىدە ماھارەتلەرمۇ ئىنتايىن ئازكەن، تام كروسنىڭ موتوسىكلىتتا يىقىلىپ چۈشۈشىدىن باشقا!(ماڭا شۇنداق تۇيۇلدىمۇ ئۇقىمدىم)
فىلىمدىكى ماڭا تەسىر قىلغان ئەڭ مۇھىم سۆز:
قېلىن مۇز بىر كۈندە قاتقان ئەمەس

.....مۇشۇ شەكىلدە بىر يېزىپ چىقمامدۇ باللا.....كۆرگەندىن كېيىن ئانچە-مۇنچە تەسىر قىلغان فىلىملەرمۇ باردۇ....ئەركىن بىر مۇنازىرە قىلىشپ باقايلى!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار35

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
yusanjan138 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-31 15:28
ھە ،ئۆزتىل خېتىنى ئىزدەپ باقاي ،ھازىرلا ئەۋەتىپ بېرى ...

بۇرادەر فىلىمنىڭ ئۆز تىلدىكى خەت نۇسخىسىنى تاپالىدىڭلارمۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 23:01  

ماۋۇ ناھايتتى ياخشى ئويغۇتۇش بولۇپتۇ....كىنو كۆرسەك-كۆرسەك تۈگىمەيدۇ، بىر بىرىدىن قىزىق، ئەمما ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغانلىرى ئازغىنە..دەل مۇشۇ ئېسىمىزدە قالغان ئازغىنە كىنو قەلبىمىزگە تەسىر قىلغان كىنو بولىدۇ...2015-يىلى مەن جىق كىنو كۆرەلمىدىم، ۋە سىلەر بىلەنمۇ جىق ئارلىشالمىدىم.. ماۋۇ تىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ماڭا تەسىر قىلغان كىنو زادى قايسىدۇر دېگەننى ئويلاپ-ئويلاپ ئېسىمدە قالغان كىنودىن بىرسىلا بارلىقىنى ھېس قىلدىم... ئۇ بولسىمۇ PK  ئىكەن....

ماڭا تەسىر قىلغان كىنو: PK
تەسىرات: تاشقى پىلانىتتىن دەلتە چىراي بىرسى يەر شارىنى تەكشۈرگىلى كېلىپ، بىر نەرسىسىنى ئوغرىغا بېرىپ قويىدۇ، ئۇ نەرسىنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ ئەسلى ماكانىغا قايتالماسلىقىدىن دېەك بېرەتتى... شۇنىڭ بىلەن ئۆز نەرسىسىنى ئىزدەشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، يەر شارى ئادەملىرى بىلەن ئارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ يەر شارىلىقلار بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن ناچار قىلمىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۆز بېشىدىن كەچۈرىدۇ...شۇنداقلا ياخشى ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ھېس قىلىدۇ....
كىنو دولقۇنى: بۇ كىنو ھېندىستاندىكى گورۇھۋازلىق، ئالدامچىلىق، ئۆچ ئاداۋەت قاتارلىقلارنى ئېچىپ بەرگەن شۇنداقلا ھېندىستانلىقلارنىڭ يېغىرىغا تەگكەن كىنو بولغاچ ئۇزۇن ئۆتمەي چەكلەنگەن ۋە زور دەرجىدە نامايىشقىمۇ سەۋەپچى بولغان...ھەتتا بىر قىسىم ياشلار باش رولچى ئامىرخانغىمۇ بىھۆرمەتلىك قىلغان....
تەسىر قىلغان سۆزى: تەڭرىگە ئىشىنىش بىزگە ھەقىقەتەن ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

ئىككى تەڭرى بار، بىرى بىزنى ياراتقان تەڭرى، يەنە بىر سىلەر ياراتقان تەڭرى، سەن ياراتقان تەڭرىمۇ خۇددى ئۆزۈڭگە ئوخشايدىكەن.. ئاچكۈز، يالغانچى، ئۇششۇق...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 22:51  

<< قايناق ھېسسىياتقا تولغان تېزلىك 7 >> نى كۆرگەندىكى ئاشۇ قەھۋە ئىچىپ فىلىمدىن ھۇزۇرلانغان دەملەرنى ئەسلىگەچ مۇنۇ ناخشىنى بىللە ئاڭلايلى!!! تەسىرات يېزىشقا ئىلھامى كەلگەنلەر ناخشا ئاڭلىغاچ يېزىڭلار؟


تەۋسىيىلەش
dilmurat ۋاقتى: 2015-12-29 21:12:15 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ئىسل گەپ بوپتۇ، يىل ئۆرىلىدىغانغا يەنە بىر نەچچە كۈنلا قاپتۇ، ماۋۇ تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلارغا يېڭى يىللىق مۇكاپات بار ئەمىسە باللا، ياخشى يازغان ئالدىنقى ئۈچەيلەنگە  1000، 800، 600 دوللار مۇكاپات!
يىكەنداز
پولات. ۋاقتى: 2015-12-29 21:15:44 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پولات. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 21:22  

قېلىن مۇز بىر كۈندە قاتقان ئەمەس ............

----چۇڭقۇر مەنىلىك سۆزكەن ،

ماڭا تەسىر قىلغان سۆزلەر....

غەلبە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ———مىخانىك فىلىمىدا.......

سىز دەڭە : دۇنيا مۇشۇنداق رەھىمسىزمۇ ياكى كىشىلەر

مۇشۇنداق رەھىمسىز قىلغانمۇ....这个杀手不太冷 فىلىمىدە

ئىنسان ھاياتى مۇشۇنداق ئازاپلىقمۇ ياكى كىچىك
ۋاختىدىلا مۇشۇنداقمۇ؟؟؟——这个杀手不太冷 فىلىمىدە

گېلەم
Ablazewolf ۋاقتى: 2015-12-29 21:22:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىما دەل جايىدا بوپتۇ. قېنى ئەمىسە تەسراتىڭلارغا ئىنتىزارمەن.  ھە، مەنمۇ يوللايمەن ئەلۋەتتە.
كىگىز
پولات. ۋاقتى: 2015-12-29 21:24:12 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2015-12-29 21:12
ناھايىتى ئىسل گەپ بوپتۇ، يىل ئۆرىلىدىغانغا يەنە بىر نە ...

ياخشى گەپ بولدى ،  يەنە سىزنىڭ مۇكاپاتىڭىزمۇ بار........
ھەي مۇشۇنداق ۋاقىتتا سۈرخان بىلەن روھچىن نەلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈيدىغاندۇ. مەن يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق تۇرىدۇ. تاراسلىتىپ بىرەر ئابزاس باشلىۋالسامغۇ توختىماي يېزىۋىتەتتىم....  
9#
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2015-12-29 23:05:42 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭىمۇ ئەڭ ياخشى بىلىنگىنى pk
10#
نامسىز01 ۋاقتى: 2015-12-29 23:42:28 | ئايرىم كۆرۈش
مەن شەخسەن بۇ يىل چىققان ئىسىمدە قالغان كۆرگەن كىنولىرىمنىڭ ئىسمىنى ئاتاي، ئىلھامى كەلمىگەنلەرنىڭ ئىلھامىنى قوزغاتسا ئەجەپ ئەمەس!
مەخپىي خادىم
مامات ترانسىپورت شىركىتى
چاقماق پالۋان 1-بۆلۈم 1-قىسىم
ئاجايىپ تۆت پالۋان
ماكان
مەھشەر كۈنىدىكى بالايىئاپەت
ئىمكانسىز ۋەزىپە 5 : سىرلىق دۆلەت
قايناق ھېسسىياتقا تولغان تېزلىك 7
ئەسەبىي مەكىس
كاپىتان پىلپىس
مۇزلۇق تاغدىكى ئويۇن
ئاخىرلاشتۇرغۇچى: ئەسىر يارىتىش
ئوقيا
سىرلىق ئوردىدىن قىچىش2
چاقماق كاپىتان ۋە مۇقەددەس رۇمكا
باخابۇلىخان
ئالاھىدە خادىم(ھىرتىك روشەننىڭ)
نويابىردىكى قاتىل
ئىختىلاپچى2
لۇسىي
يۇرا دەۋرى باغچىسى
قىساسكارلار ئىتتپاقى 2
X جەڭچى: كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش
سېرىقچاقلا
گىگانىتلار زەربىدە ئادەم نۇسخىسى-ئالدىنقى قىسىم
مۇزلىغان يۈرەك: تۇغۇلغان كۈندىكى خۇشاللىق
كۆك تۇز
PK
بۈۋى جېئان
ئالۋاستى ئانا
كىتاب ئوغرىسى
قورقۇنۇچلۇق سەرگۈزەشت
جەڭ شاھى
بۆرە جىلغىسى 2
ساھېپجامال مېمپىس
11#
يولۇچې ۋاقتى: 2015-12-30 00:08:52 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولۇچې تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-30 00:16  

مىنىڭ بۇرۇن  x جەڭچىنى كۆرگۈم باتى ئاران تەستە كۆرسەم بۇ بۆلىمى تازا ياخشى چىقماپتۇ بۇرۇنقى بۆلۈملىرىگە ئامراق ئىدىم  " بۇنداق ئاز فىلىم كۆرىشىمدىكى سەۋەپ 2ھەپتە بولدى مەن ئاق بۈركۈت بىلىن تونۇشقىلى بىر دوستۇم كىنو ئىۋەتىپ بەگەن  بەيدۇ دا (رانگو دىگەنفىلىمنى ) ئىزدەپ تاپتىم ئاندىن ئاق بۈركۈتنى گەپنى كۆپ قىمماي  ماڭا يارىغىنى مەن قور قۇنۇشلۇق فىلىمنى كۆپ كۆرگەچكە ماڭا كونسىتاتىن  يارىدى (چۈنكى مەن مۇشۇنىلام كۆرگەن)
12#
نامسىز01 ۋاقتى: 2015-12-30 00:11:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئويلىسا 2015 بەك جىق كىنولارنى كۆرۈپتىمەن، ئۆزتىل خەتلىك، ئاۋازلىق... لىكىن بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئويلىسام شۇنى بايقىدىمكى، كىنولار بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپتۇ، ھەركەت ئۈنۈم تىخنىكا ئىشىپتۇ، خۇددى راستەك تۇيغۇ بىرىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ، لىكىن ئادەمگە بىرىدىغان مەنىۋى زوق ئازلاپ كىتىپتۇ...
ئادەمنى ئويغا سالىدىغان قەلىب تارىنى چىكىدىغان، خىياللارغا ۋىجدان سوراقلىرىغا، ھايات قىسمەتلىرىدىن سۇئال قويدىغان كىنولار كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كىتىپتۇ....!
شۇنچە ئويلاپ شۇنچە كومپىيۇتىرىمنى ئاختۇرۇپ ئاخىرى ئىسىمدە قالغان سۆزلەرنى تاپالمىساممۇ لىكىن تەسىر قىلغان جاي مەزمۇننى تاپتىم.
پ ك: بۇ ھەققىدە ئۈستىدە ئاققىركام بىلەن قارشىم ئوخشاش قايتا دىمىسەممۇ بولىدۇ.
يۇرا دەۋىر باغچىسى: بۇنىڭدىن يەكۈنلىگەن سۆزۈم تەبىلىكتىن ھالقىغان نەرسە غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىدۇ.
جەڭ شاھى: دۇنيادىكى ئۇرۇشلار پەقەت كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرال سودىگرى دەل ئامىرىكا زۇڭتۇڭى!

يۇقارقىلار بەزى كىنولاردىكى ئەڭ ساپ يەرلىرىدىن ئالغان تەسىراتىم، كۆپ قىسىم كىنولاردىكى ھىسيات ساپ ئەمەس، مەنپەئەت، قارشىلىق، قىززىقىش لىكىن ساپ بىرخىللا ھىسياتتا پەيدا بولغانلىرى ئازكەن.
خۇش ئەمدى باشقا يەردە كۆرگەن كىنولاردىكى ئەڭ تەسىر قىلغىنى پەقەت بىرلا، ماڭا ئەڭ ياققان كۆرنۈش دىسەممۇ بولىدۇ، بىر يىل ئىچىدە كۆرسەم كۆرسەم ھەۋىسىم كىلدىغان كۆرنۈش.
دەل ساماۋى قوشۇن!
بۇ كىنونىڭ باشقا يىرىنىڭ ئانچە ۋاي دىگۈچىلىكى بولمىسىمۇ لىكىن ماڭا تەسىر قىلغىنى فىلىمنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پادىشاھنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ ناخشا ئوقۇپ بىرەي دەپ چىقىپ دۆلەت شىئىرىنى ئوقۇشى، ھەممىدىن تەسىرلىكى ھەممە ئەسكەرلەرنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ يۇركىنىڭ ئۈستىگە قولۇنى قويۇپ تەڭ ئوقۇشى، مانا بۇ ئەڭ ساپ ھۆرمەت ۋە سۆيۈش دە قارايمەن ئۆزۈمچە
13#
ئىقلىم ۋاقتى: 2015-12-30 00:13:36 | ئايرىم كۆرۈش
ىلىم نامى :ئەسەبىي مەكىس،ئەشەددىي يول
تەسىرات: بىرخىل بۇگۇن ئىلھامىم پەقەت يوققۇ، نىمىلا بولمىسۇن فىلىمدىدەك كۇنلەر مەڭگۇ كەلمەسلىكىنى ئۇمۇت قىلىمەن
ماڭا فىلىمدە ماڭا شاھىت بولۇڭلار بەك قىزىقارلىق بىلىنىدى  
14#
razzak ۋاقتى: 2015-12-30 00:58:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   razzak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-30 01:04  

مەنمۇ ئىئىكى ئىغىز كوتىلداپ باقاي .
ماڭىمۇ ئەڭ تەسىر قىلغىنى PK بولدى « تەسىر قىلغان فىلىملەرمۇ ئاز ئەمەس ، قايناق ھىسسىيات 7، ئىمكانسىز ۋەزىپە 5، ئەسەبىي مەكىس ، كۆچمە سىرلىق قەلئە2 ، باخوبالى .............» دىگەندەك PK قا كەلسەك ئاققاركام مىنىڭ دەيدىغىنمنى ئاساسەن دەپ بوپتۇ شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنى توغرا كۆرمىدىم .
ئۇنىڭدىن كىيىن تۇرسا باخوبالى خان فىلىمى .
باخوبالىغان   توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن ، مىنىڭ ھىندىستان فىلىملىرىگە بولغان قارىشىم بۇلۇپمۇ يىقىنقى تەرەققىي قىلغان ھىندىستان فىلىملىرىگە بولغان تەسىراتىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى .
قىسقىسى ھىندىستاننىڭ 2009-يىلدىن كىيىن ئىشلەنگەن ، ھىندىستاننىڭ ھەركەتلىك ، مۇھەببەت تۇس ئالغان فىلىملىرىگە بولغان قارشىم تولىمۇ ناچار ئىدى .
لىكىن « PK ، مىنىڭ ئىسمىم خان ، غەلبە » بۇفىلىملەر بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس .
گىپىمغا كەلسەم ، ھىندىستان فىلىملىرىنى ياقتۇرماسلىقىمدىكى سەۋەپلەر بولسا .
1- ناخشىلىرى زىيادە كۆپ .
2- فىلىمدىكى ئاياللارنىڭ زىيادە ئۇچۇق كىينىۋىلىشى .
3-فىلىمدىكى ھەركەتلىك كۈرنىشلەرنىڭ تولىمۇ مۇبالىغە بولغانلىقى .
4- فىلىمدىكى قىز ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان زىيادە ساداقىتى .
مۇشۇ ئامىللارر تۇپەيلى ھىندىستان فىلىملىرىنى ئاساسەن ياقتۇرماس بۇلۇپ قالغان ئىدىم ( بىراق كونىلىرىنى ياقتۇرۇپ كىلىمەن ئەلۋەتتە ، يۇقۇردا دىيىلگەن سەۋەپلەر بىرقەدەر تۇرمۇشقا يىقىن چىقىدۇ ، كونىلىرىدا «مۇھەببەت فىلىملىرى بۇنىڭ سىرتىدا » )
باخو بالىخاندىن ئالغان تەسىرات .
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان جايلىرى بولسا .
1-بىر ياشانغان ئايالنىڭ«سىۋىگامى» ئۆز ھاياتى بەدىلىگە كەلگۈسىدىكى پالۋاننى دىڭىزدا قۇتۇلدۇرۋىلىشى .
2-ئانىسى ئۇچۇن ، قولىدىن ھىچقانداق ئىش كەلمەيدىغان تەڭرىنى باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا قۇمۇرۇپ ئۇلارنىڭ تەڭرىسىنى شاقىراتمىنىڭ ئاستىغا ئاپرغانلىقى ( گەرچە بۇيىرى مۇبالىغە بولسىمۇ ، بىراق بۇنىڭدا مەلۇم دەرجىدە شۇ ھىندىلارنىڭ ئىنتايىن نادانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ، ماۋۇ ھىلىقى راھىپ نىڭ باخوبالىنىڭ بىقىۋالغان ئانىسى سورىغان جاۋابىدىن ، بۇ يوغان باشلارنىڭ قانچىلىق نادانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ )
3-باخوبالىنىڭ جەڭدا ئىشلەتكەن جەڭ تەتبىرى ( شۇيەرنى كۆرگەندە كاللام ئىچىلغاندەك بۇلۇپ قالدى )
4-سىۋىگامى « شۇ فىلىمدىكى ئايال پادىشاھ قۇ دەيمەن » ، ئىككى پادىشاھنى تاللىغاندا دىگەن سۆزى
«بىر ئادەمنىڭ شاھ تەھتىدە ئولتۇرشى ئۇچۇن . قانچىلىك ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس ، قانچىلىك ئادەمنى قۇتۇلدۇرغانلىقىغا قاراش كىرەك »مۇشۇ سۆزى بەك تەسىر قىلغانتى ماڭا.

ئەسلى PK دىن ئالغان تەسىراتىم ئەڭ چوڭقۇر ئىدى ، بىراق ئاققىر كامنىڭ تەسىراتى مىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە بىر تەسىر قىلغان باخوبالىخان توغرىسىدا تەسىراتىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم .
15#
abdusala ۋاقتى: 2015-12-30 12:19:11 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdusala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-30 12:31  

ئەڭ تەسىر قىلغىنىنى دىسەك  سالمانخاننىڭ (قايتىش) دىگەن كىنوسى بولدى ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلەپتۇ
دوسلارنىڭ بىر كۆرۇپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

يەنە  كۆك تۇز دىگەن كىنونى بەك ياقتۇرۇپ كۆردۇم
يەنە ئالاھىدە مەخپىيەتلىك دىگەن كىنونىمۇ بەك ياقتۇرۇپ كۆدۈم

كىتاپ ئوغۇرسى دىگەن كىنومۇ بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1