ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

گىگانتلار زەربىدە- خۇلاسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16#
Ablazewolf ۋاقتى: 2014-1-19 12:23:15 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2014-1-19 10:20
بىر يىلى يۇرتقا قايتىپ كېلىپ كوچا ئاپتوبۇسىدا بىر ياشا ...

ئېسىل كارتونكەن بۇ!
كارتون دېگەننى كىچىك بالا كۆرىدۇ دەيمىز، ئەمما مۇنداق كارتون فىلىملەردىكى ئىدىيەنى چوڭلار كۆرۈشكە تېخىمۇ مۇۋاپىق. شەمسىنىڭ چۈشەندۈرشىدىن، ئاققىركام ۋە باشقىلارنىڭ ئىنكاسىدىن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. سىموۋۇللۇق مەنىسى چوڭقۇر ھەم يەشمىسى باشقىلارغا ئاسانلا چۈشۈپ قالىدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېسىل كارتونلار ئۈزۈلمىسۇن!
17#
سياۋەش ۋاقتى: 2014-1-19 13:00:19 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-1-19 12:23
ئېسىل كارتونكەن بۇ!
كارتون دېگەننى كىچىك بالا كۆرىدۇ  ...

ئەسلەن ئۇندا ئەمەس.
كارتوننىڭمۇ ھەرخىل تۈرى بار بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ يېشى بويىچە،  ئاساسەن مۇنۇ تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
بالىلار كارتونى:- مەسىلەن ماشىنا مۈشۈك.
ئوغۇل ئۆسمۈرلەر كارتونى:- ئالتە ياشتىن ئون سەككىز ياشقىچە ئوغۇل بالىلارغا قارىتىلغان بولۇپ،  گاھى يىگىتلەرمۇ ئوغۇل ئۆسمۈرلەر كارتونىنىڭ كۆرۈرمەنىدۇر.
قىز ئۆسمۈرلەر كارتونى:- ئالتە ياشتىن ئون سەككىز ياشقىچە قىز بالىلارغا قارىتىلغان بولۇپ،  بۇنداق كارتونلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى قىز باش پېرسوناژلىق بولىدۇ.
ئاياللار كارتونى:- بۇنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ئاساسلىقى يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئاياللار، ئائىلە خوتۇنلىرى ھەم خىزمەتچى ئاياللاردۇر.
نەۋجاۋانلار كارتونى:- بۇنىڭ ئاساسلىقى كۆرۈرمەنلىرى ئون سەككىز ياشتىن يىگىرمە بەش ياشقىچە يىگىتلەر بولۇپ،  بۇنى ئۆسمۈرلەر كارتونىغا سېلىشتۇرغاندا، مۇبالىغە ۋە رېئاللىقتىن چەتنەش نىسبىتى كەمراق بولىدۇ. مەزمۇنىدا ئومۇمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئۇنۋېرىستىت تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلىۋاتىدۇ.
چوڭلار كارتونى:- بۇ ئادەتتە مەخسۇس دۇكانلاردا، يالتىراق خالتىغا قاچىلىنىپ سېتىارمىش.
بۇ تۈرلەر خەق مىللەتنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قارىتا تەسىس قىلىپ كېلىۋاتقان تۈرى بولۇپ، كارتونسازلىق كەسپىيلەشمىگەن ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە قارىتىلغان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قوچاق كۆرۈش ئۇششاق بالىنىڭ ئىشى بولغان دەسلەپكە باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز. بۇمۇ ھازىرقى تەرەققىياتىمىزغا مۇناسىپ.
كارتونسازلىق تېخىمۇ راۋاجلانغان ئەللەردە، كۆرۈرمەنلەرگە قارىتىلغان تۈرلىرى بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىي بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن مېيىپلار كارتونى، مويسىپىتلار كارتونى دېگەندەك.
18#
ئارسلان ۋاقتى: 2014-1-22 16:05:35 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى تۈگىتىپسىز، 2-بۆلىمىدىن خەۋەر بارمۇ؟
19#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2014-1-23 22:41:22 | ئايرىم كۆرۈش
نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتىغۇ بۇ كىنومۇ ... مەن تېخى 25-قىسمىدا ئايال گىگانىتنى تۇتۇپ، باشقا گىگانىلارنىڭ ئەجەللىك كۈشەندىسى تېپىلىپ يوقىتىلىپ بىچارە ياپونلار ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان بولدى دەپ تەسەۋۋۇر قىپتىكەنمەن، كۆرۈپ بولۇپ ھېس قىلدىمكى باشتا ئويلىغانلىرىم بالىلارچە تەسەۋۋۇر بوپتۇ.
20#
janbilig ۋاقتى: 2014-1-25 16:48:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەن مۇقەددىمە ناخشىسنى ئاڭلاپلا قىزقىپ قالدىم بولمىسا كارتۇن كۆرمەيتىم . قىنى بىر كۆرۇپ باقاي بۇ كارتۇننى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1