ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يىڭى قۇرۇلغان تەرجىمە فىلىم بەتلىرىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1244 44
版主推荐 isyankar ۋاقتى: 2016-4-12 23:40:28 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىھنەتكەش تەرجىمان ، تەھرىر ، مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى توربەت قۇرغىچى جۈملىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتقانلار ھەممىڭلارغا رەھمەت .
  ئاق بۈركۈت تورىنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا سۈزۈك فىلىم، فىلىم خۇمار ، پولات قاتارلىق توربەتلەر قۇرۇلۇپتۇ ، بۇ توربەتلەرگە ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قوياي دەپ ئۇشبۇ تىمىنى يوللىدىم ئويلىغانلىرىم سىزلەرگە توغرا كەلسە قۇبۇل قىلارسىزلەر توغرا كەلمىسە ياكى قۇلاققا خۇش ياقمىسا ئۇشبۇ تىمىنى كۆرمىگەن بولۇڭ .
   ئاۋال فىلىم خۇمار بلوگىنىڭ مۇنبەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىدىن ناھايتى ئەپسۇسلاندىم ، سەۋەبى شۇنچىلىك پاكىز شۇنچىلىك سىپتا بلوگ مۇنبەرگە ئايلىنىپتۇ ئىشقىلىپ بۇمۇ بوپتۇ ئەسلى بۇرۇنقى بلوگدا مەنبە تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلغان بولسا ھازىر قىدىنمۇ بەلەن ئىش بولاتتى .

توربەتلەر بەلكىم ئىقتىسادنى چىقىش قىلىپ شۇنچە كۆپ قۇرۇلغاندۇ ( پات مەزگىل ئىچىدە توربەت قۇرۇپ سىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچە كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالىسىلەر ) ياكى باشقا سەۋەبلەردىن قۇرۇلغاندۇ ، قۇرۇلغانكەن بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلساڭلار لايىھەگە دىققەت قىلساڭلار لايىھە دىگەن رەسىمنىڭ ئۈستىگە قىزىل قىلىپ خەت چاپلاپ قويۇشنى كۆرسەتمەيدۇ ، لايىھە گۈزەل سەنئەت جەھەتتە ئالاھىدىلىكىڭلار بولسا ئۆزەڭلار قىلساڭلا بولمىسا شۇنداقلارغا قىلدۇرساڭلارمۇ بولىدۇغۇ ، تىما ئىسىملىرىنى ھەرخىل قىزىل، يىشىل ، ئالا بۇلىماچ قىپ قويمىساڭلار ئادەم بىر قارىسىلا كۆڭلى ئېلىشىدىكەن ، ئۇندىن باشقا بىكا دىن بىكا مەجبۇرى ئىنكاس يازدۇرمىساڭلار ، تىمىنىڭ كۆرىلىش قىتىم سانىنى كۆرگىلى قانچىلىك ئادەمنىڭ سېتىۋالغانلىقىنى باشقىچە ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ستاستىكا قىلغىلى بولىدىغۇ ؟ ئىنكاسلاردىنمۇ ھۇزۇرلىنىدىغۇ ئادەم كىنونى كۆرگەن ئادەم تەسىرات يازىدىغۇ  تەسىرات يازاي ياكى كۆرەي دىسە رەھمەت، ۋەھشى رەھمەت دىگەندەك قۇرۇغ گەپلەر بىلەن ئون نەچچە بەتكە بارغان ھېلىقى پۈچەك ئىنكاسلار ،  دىيىشىڭلار مۇمكىن جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغانكىن رەھمەت دەپ قويسا نىمە بولىدۇ دەپ . پۇچەك ئىنكاسلار بىلەن تىمىنى تولدۇرۋېتىش ھەرگىزمۇ تەرجىماننىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغانلىق ياكى قەدىرلىگەنلىك بولمايدۇ ھەقىقى قەدىرلەش ياكى ھۆرمەتلەش تىما يوللانغاندىن كىيىن كىنونى كۆرۈپ كىنوغا بولغان تەسىرات ياكى كىنوغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ھېچ بولمىسا كىنودىكى رول ئالغان ئارتىسلارنىڭ ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇش ھەقىقى تەرجىماننىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغانلىق .
  قۇرۇلغان تەرجىمە فىلىم توربەتلىرى خاسلىقنى ئاساس قىلساڭلار مەستانە قۇرۇلغاندا ھىندىستان كىنولىرىنى تەرجىمە قىلىشنى ئاساسى نىشان قىلغان ئىدى مانا مۇشۇنداق ھىندىستان كىنوسى دىسە مەستانە دىگەن تور بەت دەرھاللا ئىسىمىزگە كىلىدىغان بولاتتى ، ھازىر ئاق بۈركۈتكە قوشۇلغۇنى دەششەت بەلەن ئىش بولاپتۇ . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەممىڭلار ئاق بۈركۈتتە بار نەسىلەرنىلا يوللىماي ، بىرىڭلار كورىيە كىنولىرغا، بىرىڭلار ياپون كىنولىرىغا ، بىرىڭلار ياپون كارتونلىرىغا، يەنە بىرىڭلار ھازىرقىدەك ئالقىشقا ئىرىشكەن ئامرېكا تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئاساسى نىشان قىلىپ تەرەققى قىلساڭلار بولماسمۇ با نەرسە ھەممە توربەتتە بار يوقى ھېچ يەردە يوق ھالەت شەكىللىنىپ قالمىسا ............................ ئويلىغان نۈرغۇن گەپلىرىم قىسقارتىلدى
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
سەردار. + 100

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +100

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار44

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تەۋسىيىلەش
razzak ۋاقتى: 2016-4-14 20:17:06 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   razzak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-14 20:58  

قارىغاندا ماگەپ مەن قۇرغان فىلىمخۇمار تورىغا مەركەزلىشىپ قالدىمۇ قاندا .
تەكلىپ بولسا قۇبۇل قىلىمىز ، بىراق قارغۇلاچە باھا بەرمەڭلار .
فىلىمخۇمار بۇنىڭدىن بىريىل ئىلگىرى بىلوگ شەكىلدە قۇرۇلۇپ ، مۇشۇ بىريىل ئىچىدە نورمال ماڭغان ۋاقتى 3 ئايغا يىقىنلىشىدۇ ، مۇشۇ جەرياندا ئازكەم 60 تال ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىملەرنى مۇستەقىل كىرىشتۈرۈپ . تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا ھەقسىز سۇنۇپ كەلدۇق ، لىكىن بىرەر مۇنبەر ياكى بىرەر ئادەم ، قولاققا خوش ياققۇدەك گەپتىن بىرنى قىلىپ باقمىدىڭلا ، ھەتتە تەييار فىلىمنى چۈشۈرۈپ كۈرەلمىسەڭلا ، قالايمىقان گەپلەر بىلەن زىتىمىزغا تەگكەنلەرمۇ يوق ئەمەس ، رەھمەت دەيدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ يوق ، يىنىغا تارتىدىغان ئاتالمىشى داڭلىق بىكەتلەردىن ئەسەرمۇ ھەم يوق ، ھەقىچان تىما ئىگىسى ، فىلىمخۇمارنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى قىينالماي فىلىم چۈشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ بۇگۇنكى كۇندە نۇرغۇن جارياندىن كىيىن ئاندىن بىر فىلىمنى چۈشۈرەلىگىنىدىن قوساق ئاغرىتقان ئوخشايدۇ .
قىسقىسى بىر ئادەم بىركۇنلۇك جاپاسىنىڭ ئاخىردا قاندا نەتىجىلەرگە ئىرىشكىنىگە بىقىپ ، شۇنۇڭدىن مەمنۇن بولىدۇ ۋە شۇ نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئۇتۇق قازانغانلىقىدىن پەخىرلىنىش تۈركىسىدە داۋاملىق تۈردە تەرەققىي قىلىپ ئۈزىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۇشكە تىرىشىدۇ ، بىراق فىلىمخۇمار بىلوگى تارتقان جاپاسىغا چۈشلۇق نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى ، ھەتتە قوللاشقىمۇ ئىرىشەلمىدى ، قايسى بىرسىڭلا شۇ بىكەتكە كىرىپ ئادەمنىڭ ھارتۇقى چىققۇدەك بىرەر ئىنكاس قالدۇرۇپ باقتىڭلا ، ياكى قايسى بىرسىڭلار شۇ ھەقسىز فىلىملەرنى كۆرۈۋاتقان ۋاقتىڭلاردا شۇ كىنونى ھەقسىز قىلىپ تارقاتقان بىلوگنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ قوللاش تەكلىپ بىرىش دىگەندەك ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققۇدەك گەپ سۆز ، ئىش ھەركەتكە ئۆتۈڭلار ، گەرچە كىرىشتۈرگەن فىلىمىز كۆپ بولمىسىمۇ ، 60 دىگەن بۇ سان ،ھەرگۈز بىر ئادەمگە نىسپەتەن ئاز ئەمەس .
گەرچە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىم ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمدەك قول تۇتۇدىغان سالمىقى ئېغىر بولمىسىمۇ ، لىكىن بۇنىڭ جاپاسىمۇ ئاز ئەمەس .
بىر فىلىمنىڭ سۈپەتلىك كىرىشتۈرلۇپ بوشلۇققا يوللىنى شى ئۈچۈن ئەڭ تىز بولغاندىمۇ 1كۇن ۋاقىت كىتىدۇ ، بۇنۇڭ ئۈچۈن كومپىيتۇرۇڭىزنىڭ سەپلىمىسى يۇقۇرى بۇلىشى ، تور سۈرتىڭىز تىز بولىشى كىرەك ، يەنە ئاز دىگەندە كومپىيتۇر ئالدىدا 2\3 سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇشىڭىز كىرەك .
سەپلىمىسى ئادەتتىكىدەك بولسىچۇ ؟ ئۇۋاقىتتا بىرفىلىمنى سۈپەتلىك كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن 2\3 كۇن ۋاقتىڭىز كىتىدۇ ، تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسىچۇ ، بىر فىلىمنى نورمال سىغىمدىكى بىر فىلىمنى بوشلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ، يىرىمكۇندىن 1كۇنگىچە ۋاقتىڭىز كىتىدۇ ، دىمەك بىر فىلىم پۇتىشى ئۈچۈن ، شۇ فىلىمگە 4\5كۇن ئەجىر قىلىشقا توغرا كىلىدۇ  ، مىنىڭ دەل كومپىيتۇرۇم ۋە تورسۈرئىتم نورمال بولغاچقا بۇ 60 فىلىمگە قانچە كۈن ئەجىر قىلغىنىمنى زىغىرلاپ يۇرمىسەممۇ بولا ، شۇ ھەقسىز فىلىملەرنى چۈشۈرگەن قىتىم سانىنى تەكشۇرۇپ باقسام بىرفىلىمنى 2000 قىتىم چۈشۈرۈلگەن ، تۈۋەن بولغاندا 300 قىتىم چۈشۈرۈلگەن ، قىنى مۇشۇ چۈشۈرگەن ئادەملەر فىلىمخۇمارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم قىلىپ باقتى ، ياكى شۇ فىلىمدىن قانائەتلەنگۈدەك تەسىرات ياكى بىرجۇملە ھارمىغايسىز جاپا چەكتىڭىز دىگەن گەپلەرنى قالدۇرۇپ باقتى ، قىسقىسى شۇ ۋاقىتلاردا بىلوگنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇش ئىقدىدارى بولغان ، شۇ يەردە بىر تورداشنىڭ بىرجۇملە خىتىنىمۇ ئۇچۇراتقىلى بولمىغان ئىدى .
بىرئىش تىن كۆڭۇلدىكىدەك نەتىجەگە ئىرىشەلمىگەن بولغاچقا يەنە كىلىپ ئۈزۈم يالغۇز كىلىپ قالغاچقا ، ئاتالمىش سىپتا بىلوگنى 5ئايدىن كۆپرەك تاشلاپ قويدۇم ،بىلوگ شۇندا تاشلىنىپ قالسا بىرەرسىڭلار نىمىشقا ؟ دىگەن بۇ بىرسوئالنى سوراپ بىرەرسىڭلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ باقتاڭلارمۇ ، ياكى شۇ بىلوگقا ئىنكاس قالدۇرۇپ باقتىڭلارمۇ  ، ھەتتە ماۋۇ تىمىنى يازغان بۇرەدەرمۇ شۇ بىلوگنى بىلگەندىن باشلاپ ، شۇ ھەقسىز كىنونى چۈشۈرۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا ، يازغان ئىنكاسى 10 يەتسە ئۇنۇڭغا مەن نىمدەي ئەمدى . قالغىنى ئۈزى بىلىدۇ.
ھەتتە شۇ ھەقسىز فىلىملەرنى ئاق بۈركۈتتە ، تىزيولدا ، سۈزۈك فىلىم تورىدا ئۇلانما ئادىرىس قىلىپ سىناپ باققان ، بەزىلىرىڭلا قوللىدىڭلا ، بەزىلىرىڭلا ئۈچۈق ئاشكارە ، يەكلەش تەدبىرىنى ئىشقا سىلىپ چەككە قاقتىڭلا ، ھەتتە ئاق بۈركۈتتە ئۇلانما ئادىرىس قالدۇرۇپ قويسام «دىلمۇرات بۇنۇڭغا يول قويدى ، شۇۋاقىتتا بۇ ئادەمدىن تولىمۇ مىننەددار بولدۇم » مۇشۇ ئاق بۈركۈتتە بولسىمۇ شۇ فىلىم توغۇرلۇق قوساققا سىققۇدەك بىرەر ئىنكاس يوللاپ باقتىڭلارمۇ ؟
فىلىمخۇمار بىلوگى نىڭ تەقدىرى ئەنە شۇندا بولمىدىمۇ ، بەلكىم يەنە بىرسى قوپۇپ يەنە بىرگەپلەر بىلەن ، بۇ ئىنكاسلىرىمغا رەدىرە بىرىشى مۇمكىن ، گەپنىڭ قىسقىسى «ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ» سىز بىرەر تور بىكەت ئاچمايتۇرۇپ ، بىرەر فىلىمنى تەرجىمە قىلىماي تۇرۇپ ، بىرەر كىنونى كىرىشتۈرمەي تۇرۇپ ، جاپاسىنى تارتىپ باقماي تۇرۇپ  ئېغىزىم بادەپ گەپلەرنى قىلىۋەرمەڭ .
فىلىمخۇمارنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى نۇرغۇن ئويلىنىش ، نۇرغۇن مەسلىھەت قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ھالەتتە شەكىنلەندى ، ئەلۋەتتە كۇرۇنمە جەھەتتە ئاق بۈركۈتكە نىسپەتەن ئوخشاشلىق مەۋجۇت ، چۇنكى مىنىڭ نەزىرەمدە ئاق بۈركۈت تورى ، مەن بىلىدىغان ھەرقانداق بىكەتتىن كۆركەم ھەم يىقىشلىق ، شۇمۇناسىۋەت بىلەن بەزى بىرجايلىرى ئوخشاش چىقىپ قالغان بولىشى مۇمكىن ، مەنچە بولغاندا سىلەر بۇنۇڭ ئۈچۈن خۇرسەن بولساڭلار بولىدۇ ، نىمىشقا دىگەندە مۇشۇ بىكىتىڭلارنىڭ باشقىلار كۇرۇنمە جەھەتتە بولسىمۇ ئۆز توربىكىتىنىڭ مۇشۇنداق چىقىشىنى ئۈمۈد قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۈمۈد -ئارزۇ دىگەن بىرئىككى كۇندە شەكىللەنمەيدۇ ، بۇنى سىلەر مەندىن ياخشىراق چۈشۈنۈپ يىتىسىلە ھەقاچان .
قىسقىسى ھەقسىز فىلىم تارقاتقان ھەرقانداق بىر بىكەت ئۇزاق مۇددەد قەد كۆتۇرۇپ تۇرالمايدىكەن « ھەممىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئىرىشكەن ، شاھ بىلوگ ، كۆرۇك تورى .....» مانا مۇشۇنىڭ دەلىلى ، شۇ بىكەتلەرنى قايسى بىرىڭلار ياقتۇرمايتتىم دىيەلەيسىلەر؟ « ئۇسلۇپ جەھەتكە كەلگەندە ، مەن ياخشىراق ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىپ ۋاقتىدا ئالماشتۇرۋىتىمەن ، يەنە بىرسى قوپۇپ بۇنۇڭدىنمۇ قۇسۇر ئىزدىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم »
مۇشۇ تىمىنى يوللىغان بۇرادەر ۋە شۇنۇڭدەك قاراشتىكى بۇرادەرلىرىمگە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ، فىلىمخۇمار تور بېكىتى باشقىلارنى دورىمايدۇ ، ئۇ پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىملەرنى ئاساس قىلغان بىكەت ، بىرقىسىم خەتلىك فىلىملەر يوللانغىنى بۇراست ، لىكىن ھەممىسى بۇرۇن ئېچىلغان ھازىر تاقالغان بىكەتلەرنىڭ« تۇرانىم ، ئوغۇلچاق . 10 كىنو ، ئاكامى ..»دىگەندەك تەرجىمە تور بىكەتلەرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنىڭ ، بىسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، مەنبەسىنى تۇلۇقلىغان ئاساستا يوللاندى ، يەنە كىلىپ ھەقسىز ، ھازىر بار بولغان تەرجىمە فىلىم توربىكىتىنىڭ بىر تەرجىمە فىلىمنى تاپالىسىڭىز ، مانا مەن ئۆز يىنىمدىن پۇل چىقىرىپ شۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمان ۋە شۇببىكەتنىڭ بىكەت مەسئۇلىنىڭ شۇ فىلىمدىن تارتقان بارلىق زىيىنىنى تۆلەپ بىرىمەن . ئەگەردە سىز ئىنكاس يىزىپ فىلىم چۈشۈرۈشنى خالىمىسىڭىز ، ياۋرۇ تۇلۇقلاپ كىنو چۈشۈرۈشنى خالىمىسىڭىز ، ئۇنداقتا بۇنىڭ چارىسى بەك ئاسان .سىز شۇ توربىكەتكە ئىككىنچى كىرىپ سالمىسىڭىزلا ھەممىسى شۇيەردە توختاپ قالدۇ ، بۇ باش ئاغرىقلاردىن قۇتۇلىسىز. قولى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق بولىدۇ .
ھەرقاندا بىر بىكەتنىڭ ئۈزۈنىڭ خاسلىقى ۋە بىكىتىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەدبىرى بولىدۇ ، ئۆزىڭىزچە ھەممە ئىشلار سىزنىڭ خايىشىڭىز بويىچە تەرەققىي قىلىشى كىرەكمىدى ، گەپ قىلساق گەپ جىق ، مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي ، يۇقۇردا دىگەن گەپلىرىم ، فىلىمخۇمارنى ئاقلىغىنىم ئەمەس ، ھەم ئاقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمىلى گەپنى قىلدىم ، مۇشۇ سەۋەپلىك تىما ئىگىسى ۋە باشقا تورداشلارنى رەنجىتىپ قويغان بولسام ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن ، بىراق گەپ قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلۇشۇپ گەپ قىلىشىڭلارنى ، پىكىر بەرگەندە كۆپ تەرەپلەرنى ئويلۇشۇپ ، نىمە ئۇچۇن بۇندا قىلىدۇ ، دىگەن سوئالنى ئۆزەڭلارغا قويۇپ بىقىڭ ، جاۋابىنى تاپالمىغاندا ئاندىن مۇشۇنۇڭدەك تىمىلارنى ۋە ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ! « ياكى بىيۋاستە تەكلىپ پىكىرنى شۇ كىشىگە دەڭ ، بۇندا جاپا تارتىپ يۈرگۈچە »
ئاخىردا تەكىت لەيدىغىنىم فىلىمخۇمار پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇرچە سۈزۈك فىلىم چىقىردىغان تور بىكەت ، بۇ بىكەتتە فىلىم كىرىشتۈرۈپ يوللىغان ۋە شۇ بىكەتنى قۇرغان ئادەملەرمۇ ، مۇشۇ ئىشنى 4\5يىل باشقىلارنىڭ توربىكىتىدە بويۇن قىسىپ يۇرۇپ ، ئاخىردا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىپ بىقىشنى نىشانلىغان ، ئىقدىساد يارىتىشنى قوشۇمچە قىزىقىشىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ  فىلىمگە بولغان ھەۋىسىنىڭ كۈچلۇك بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇپ چىقىلغان ھەقىقى فىلىمخۇمارلار  توپى ................
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
ئالىم521 + 20 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +20

ھەقىقەتەن بەلەن گەپ قىلىپسىز بىر تور بىكەتنى قۇرۇپ تەرەققى قىلماق ئاسان ئەمەس بولۇپمۇ تەرجىمە فىلىم تورىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ئادەم ئۆزى يىتىشىپ بولالمايدىكەن.  يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس دېگەن راس گەپكەن. مەستانە تورىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قۇرۇلۇپ 1 ئايدىلا ئەزا سانى شىددەت بىلەن كۆپەيدى ھەم قوللايدىغانلارمۇ كۆپەيدى . شۇڭا خاسلىق بىلەن بىر بىرىڭلارنى دورىماي ئىش قىلساڭلار تەرەققى قىلىشىڭلاردا گەپ يوق .

(بىر يەھۇدى بىر كىچىك يەرگە كېلىپ ئۇيەردە ماي قاچىلاش پونكىتى يوقلىقىنى كۆرۈپ ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ ،بازىرى ياخشى بولۇپ كۆپ پۇل تېپىپتۇ، كىيىن يەنە بىرسى كېلىپ بۇ يەردىكى يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ
تاماق جەھەتتە قىينىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاشخانا ئېچىپ ئۆئۆپ پۇل تېپىپتۇ ، يەنە بىر يەھۇدى كېلىپ ماگىزىن ئېچىپتۇ شۇنىڭ بىلەن بۇيەر بىر بازارغا ئايلىنىپ ھەممىسى كۆپ پۇل تېپىپتۇ .)
بىر ئۇيغۇر بىر كىچىك يەرگە كېلىپ بىر ئۇيەردە ماي قاچىلاش پونكىتى يوقلىقىنى كۆرۈپ ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ ،بازىرى ياخشى بولۇپ كۆپ پۇل تېپىپتۇ، كىيىن يەنە بىرسى كېلىپ بۇ يەردىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ تىجارىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچى قىزىرىپ ماي قاچىلان پونكىتىنىڭ قېشىغا ماي قاچىلاش پونكىتى قۇرۇپتۇ ، .ئىككىسىنىڭ تىجارىتى يامان ئەمەس بوپتۇ ، يەنە بىرسى كېلىپ ئۇمۇ ماي قاچىلاش پونكىتىنى كۆرۈپ مۇشۇنىڭدا پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئۆخشايدۇ دەپ ئۇمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى تەرەققى قىلالماي ئاخىرى ۋەيران بولۇپتۇ .)
قاتناشقانلار سانى 2دوللار +130 يىغىش سەۋەبى
wiiros + 100 دەششەت !
arkan2010 + 30 قوللايمەن! ئېسىل!

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +130

تەۋسىيىلەش
rohqin ۋاقتى: 2016-4-15 08:33:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق بۈركۈتنىڭ سەككىزيىلدىن بىرى ئىزچىل مېڭىۋاتقانلىقىدىن بەزەنلەر ئىلھاملىنىپ  بەكلا ئاسان ھەم بىرمۇنچە پۇل تاپقىلى بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان چېغى...

ئاق بۈركۈت دىلمۇراتنىڭ قىزىقىشى سەۋەبىدىن قۇرۇلغان ھەم شۇ قىزىقىش ھازىرغىچە بەرداشلىق بەرگۈزىۋاتىدۇ، ناۋادا ئىقتىسادى ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن قۇرۇلۇپ قالغان بولسا ھازىرغىچە ئاق  بۈركۈتنىڭ بىرتال پېيىنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى.
بەزى ئىنكاسلاردىن ئاق بۈركۈتتىن ئاغىرنىشتەك ھېسياتنى سەزدىم مۇنبەرگە يىغىلغان ھەربىرەيلەن ئاق بۈركۈتكە قەرىز ئەمما ئاق بۈركۈت ھېچكىمگە قەرىز ئەمەس  چۈنكى ئاق بۈركۈت ھازىرغىچە بەدەل تۈلەپ كەلدىيۇ بىرە قېتىم نەپكە ئېرىشىپ باقمىدى.
بۇ پەقەت قىزىقىش سەۋەبىدىن بىرلىۋاتقا  قۇربانلىق ھەرگىزمۇ مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكتىن پايدا تېپىپ كەتكەنلىكتىن ئەمەس.
مۇستەقىل بولىۋالغانلارنىڭ سىناپ باققىنى يامان ئەمەس ئەمما مۇستەقىل مەۋجۇت تۇرۇشنىڭ بەدىلىگە كىملەرنىڭ بەرداشلىق بىرەلىشىنى ھازىرچە بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.
كونىلارنىڭ گىپىچە بولغاندا مەيلى پالتا كەركىسىنى قاقتۇرۇپ كەلسۇن

باھا سۆز

راست دەيسىز، ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ، مەنمۇ قەدەملىرىم ئېغىرلىشىپ نەچچە توختاي دېگەندە، ئىزچىللىقنى س  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-4-15 12:31
Nejmi يوللىغان ۋاقتى  2016-4-15 10:15
ھەقلىق فىلىمنى ئىنكاس يازسا چۈشۈرەلەيدىغان قىلمىغان. ...

مەنمۇ مۇشۇ ھەقسىز فىلىملەرگە مەجبۇر ئىنكاس يېزىشنى تازا قوللاپ كەتمەيمەن ( شەخسىي پىكىر) .  ئادەتتە بەزىدە شۇنداق تېمىلار ئۇچراپ قالسا ئارقامغا يېنىپلا چىكىتىمەن ... پاخال ئىنكاس ئادەمنىڭ جېنىغا تىگىدۇ ، يا بىر تۈزۈك ئىنكاس يازغىلى بولمىغان ،كۆرمىگەن كىنوغا نەدىكى تەسىرات دەيسىز ،سەل بىر مۇقامغا سىغقۇدەك گەپتىن تۆت ئېغىز قىلاي دىسە قاملاشمايۋاتقان .. شۇڭا مۇشۇ خىل ئەھۋالنى تۈزىتىش كېرەك دەپ قارايمەن .. بەزىدە مېھمان ئەزالار كىرىپ زىيارەت قىلغاندا بولسا شۇندا  بىرەر ياخشى كىنو ئۇچرىسا چوقۇم ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن تىزىملىتىش كېرەك... بەزىلەر تىزىملىتىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ئاۋارچىلىق كۆرۈپ تىزىملاتمايدۇ ، دىمەك بىر ئەزانى قولدىن بېرىپ قويىمىز ، ناۋادا شۇ ئەزا شۇ كىنونى چۈشۈرۈپ كۆرەلىسە كىنو پەچەت بولسا ئۆزلىكىدىن تىزىملىتىدۇدە .. پەيزى ئىنكاسلارغا قاراپ ئۆزىنىڭمۇ ئىنكاس قالدۇرغۇسى كېلىدۇ.. مۇشۇنداق قىلىپ بارا بارا تەرەققىي قىلىمىز ياخشى نامىمىزمۇ ئۆزلىكىدىن تارىلىدۇ!
تەۋسىيىلەش
ئۇيغۇر05 ۋاقتى: 2016-4-15 00:47:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
خاسلىق يارىتىش مۇھىم، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى ھەمكارلىق. خەتلىك فىلىم بەتلىرى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانىكەن بولسا بىكەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە تەڭ تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىنى دەپ باقاي:مىنڭچە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىرقانچە تەرجىمە فىلىم توربىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشى تولىمۇ ياخشى ئىش،بۇ تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.مەن كۆرۈرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنى قوللايمەن سېتىۋىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىگىدەكلا فىلىم بولسا سېتىۋىلىپ كۆرىمەن،توربىكەتلەرنىڭ دوسلۇق ۋە رىقابەت ئىچىدە روناق تېپىشىنى خەلىقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشىنى ئۈمۈت قىلمەن،بۇرۇن ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان توربىكەت قۇرغۇچىلىرىغا دەيدىغىنىم خەلىق سىلەرنى قوللايدۇ.قانچىلىك دەرىجىدە قوللاشقا ئىرىشىش سىلەرنىڭ ئىقتىدارىڭلارغا باغلىق ئەلۋەتتە.
تەۋسىيىلەش
razzak ۋاقتى: 2016-4-14 20:17:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   razzak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-14 21:00  

ئىنكاس ئىككى قىتىم يوللىنىپ قاپتۇ ، ئۆچۈرۈشكە ھوقوق يەتمىگەچكە تەھىرلەپ قويدۇم ، توغرا چۈشىنەرسىلە.
كۆڭۈلدىكى گەپنى قىلىپسىز، خاسلىق يارىتىپ ماڭالىسىڭلار ھەممە سىلەرنى قوللايدۇ، تەبىئىيلا ياقتۇرۇپ قالىمىز، مۇشۇ ئوخشاش مۇنبەرنىڭ جىقلىقىدا ئاق بۈركۈتنىمۇ قىياپەت ئۆزگەرتەي خەق ماڭا ئوخشىۋالسا مەن بولساممۇ خەققە ئوخشىۋالماي دەپ باشقا بەتلەرگە ئېسىلىپ باققىنىمدىن خەۋىرىڭلار بار، ئەمما بېكەتنىڭ 8 يىللىق يىغىندىسىنى يوق قىلىپ نۆلدىن باشلاشقا ھېچقايسىمىز قىيالمىدۇق، بولمىسا نەچچە ئاي بۇرۇنقى باشبەت دەپ قويۇۋالغان كىنو بېتىمۇ يامان چىرايلىق ياراشقان، ھازىرغىچە ئىچىم كۆيىدۇ، شۇڭا دەيدىغىنىم، خاسلىق بىلەن قۇرۇلغان ھەرقانداق يېڭى تور بەت بولسا ئېلانىنى بېكەتكە قويۇپ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوللايمىز، ئەمما كۈندە يېڭىلايمىز دەپ مەزمۇن تىرىپ يۈرمەڭلار، بىرمۇنچە زېھىن خورىتىپ ئەخلەت دۆۋىسى قۇرۇپ چىققاننىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق.
يىكەنداز
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-4-14 11:55:18 | ئايرىم كۆرۈش
قوللايمىز !  بوپمۇ دەيمەن بەزىبىر تور بەتلەر باركەن - بىر ئادەم ئەزا بوپ كىرسە ئىنكاسمۇ يازغىلى بولمايدىكەن تىخى كىنو كۆرۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن    كىنو كۆرگۈسى بار ئادەمگە ئۇنداق مەجبۇرى ساتقۇزمۇسىمۇ كىنو كۆرگۈسى بار ئادەم ئۆزى بىكەت مەسئۇللىرىنى ئىزدەپ پۇل تولۇقلاپ كىنو سىتىۋىلىپ كۆرىدۇ ---- گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئىيتقاندا تىما ئىگىسى ئىيتقاندەك تور بەتلەرنىڭ كۆپىيىپ بىزنىڭ مەنىۋى تورمۇشىمىزنى بىيىتقانلىقىدىن بىزمۇ ناھايتى خۇشال -- بىز قوللايمىز --- لىكىن ساز بولسا بىر -بىرىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىنسا - ئۆز-ئارا قوللاشلار بولسا دىگەن پىكىردىمىز!
گېلەم
abdusala ۋاقتى: 2016-4-14 11:55:21 | ئايرىم كۆرۈش
كۆڭۇلدىكى سۆز
بولسا مۇنبەر قۇرغاندا لاھىيەسىنى ياخشى ئويلىشىڭلار   كىيىن تولا ئۆزگەرتمەڭلار
كىگىز
polatkalam ۋاقتى: 2016-4-14 12:18:42 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تور ساھەسىدە ھىچ نىمە بىلمىسەممۇ ،شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۆز-ئارائىشىنىش ،ياردەمدە بۇلۇش ، ھۆرمەتلەش،ھۆرمەتلىنىش ،كەمتەرلىك  ،كۈيۈنۈش ، باراۋەرلىك بۇلىدىكەن  باشقىلارھەيران قالغۇدەك مۇۋاپىقىيەت، بىزنى  ئۈزى ئىزدەپ كىلىدۇ،بىز قىچىپ كىتەلمەي قالىمىز.
داق يەر
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-4-14 13:07:09 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق تىما بوپتۇ  .
مىخ
del ۋاقتى: 2016-4-14 19:16:12 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىما بەك ئوبدان يېزىلىپتۇ ؟ ھەممە بىكەت بىر يولىنىشكىلا ئېسلىۋالماي كەڭ تەرەپلىمىلىك تەرەققىيات يولىنى تۇتۇپ ئېلگىرلىسە .ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر مۇكەممەلەشكەن بولاتتى ، مەسىلەن ئاق بۇركۇت تورى خەتلىك فىلىملەر جەمگاھى بولسا مەستانە تورى ھىندىستان فىلىملىرىنى يېڭىلاپ تۇرسا يەنە بىر بىكەت ياپۇن كارتونلىرىنى تەرەققى قىلدۇرسا نىمدىگەن ياخشى .
9#
سەردار. ۋاقتى: 2016-4-14 19:49:41 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقى نەخ گەپنىڭ ئۆزى بوپتۇ،مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە تىما يازاي دەپ يۈرگەن،لېكىن سىز يېزىپ بوپسىز، بەك ئورۇنلۇق گەپ قىلىپسىز، رەھمەت بۇرادەر!
12#
hakkerboy ۋاقتى: 2016-4-14 22:35:16 | ئايرىم كۆرۈش
   سۆزلىرىڭلا  ئۇرۇنلۇق بوپتۇ مەنما ياخشى تەرەپ لىرى تۇغۇرلۇق تۇلۇقلاپ باقاي ئەمدى مۇشۇ بىلوگدىن مۇنبەرگە ئۆزگۈرۈپ فىلىملەرنىڭ ھەقلىق بوپ كەتكەننىڭ سەۋەبلىرىدە ئويلۇنۇپ قالسام،بىلوگ ئاچقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى بىلەن ئۆز قىزىقىشىغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلاپ پىدائىيلارچە تىرىشىپ ئۆزئەمگىكىدىن تورداشلارغا ھەرخىل كىنو-فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ،ئۇيغۇرچە ئاۋازلىققا كىرىشتۈرۈپ يوللايدىكەن.....(ئۆززۇمما قىلىپ باققان)
   لىكىن بارا-بارا بۇ ئەمگىكىدىن ئۆزىگە ئۇخشاش قىززىققۇچىلىرىنىڭ  ئاندا-ساندا ھۇزۇر ئالالىغىنىدىن مەمنۇنلۇق تاپسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭمۇ باشقىلارنىڭ يوللىغان كىنو-فىلىملەردىن ھۇزۇر ئىلىپ قىزغىنلىقىغا ئىلھام قىلىپ ماڭمىسا،قىززىق قۇچىلىرىدىن كۆپلەپ چىقىپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىق ئورنىنىتىپ ماڭمىسا،ئۆزى يالغۇز يىتىشىپ بولالمىغاندەك،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ زىرىكىپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان،ئىشتىن سىرتقى قىلغانكى ئەمگىكى مەنىۋې جەھەتتىن قىممەت يارتالمىغاندىكىن توختاپ قالدىكەن،ئاندىن بىزدەك  فىلىملىرىنى سۈزۈك كۆرۈپ كۈنۈپ قالغان، كۆرگۈلى كىنو تاپالمىغان كۆرۈرمەنلەر ‹‹ۋاي يىڭىلىق يۇققۇ،يىڭى كىنولار يۇققۇ،ئۇنىڭ ئاخىرى يولىسىڭىز بوپتىكەن....سىتىۋەپ كۆرسەك،ھەقلىق يولىساڭلارمۇ پۇل قاچىلاپ كۆرسەك ....››دەپ كىنو كۆرۈشنىلا بىلىپ كىلىپ ئاخىرى مەنىۋې جەھەتتىن قىممەت يارتالمىغان فىلىملەرنى،ماددى قىممەتتە سىتىۋېلىپ كۆرۈشنى ئۆزىمىز شەكىلەندۈردىكەنمىز.....شۇنىڭ بىلەن بىلوگلار مۇنبەرلىشىپ شۇ كىرىشتۈرگۈچىلەر بىر يەرگە كىلىپ توپلىشىپ ئۆز-ئارا فىلىملىرىنى ئىلان قىلشىپ مول-مەزمۇنلۇققا تولدۇرۇپ قىممەت ياراتقان فىلىملىرىدىن بىر-بىرسىنىڭ كىنوسىنى كۆرۈپ ھاردق چىقىرىشىپ، جىمجىت قىزىقىپ كۆردىغانلار قۇللىغىنىچە سىتىۋېلىپ كۆرۈرىدىغان قۇلايلىق بىر سورۇن ھازىرلىنىدىكەن .
  شۇڭا بارا-بارا قۇللىغۇچىلىرىدىن مەنىۋې جەھەتتە قۇلللاش،قۇشۇلۇش،بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش شەكىللەنمىگەن بلوگ ئۇزاققا بارماي تاقىلىپ قالغاندىن،مۇنبەرلىشىپ ماددى قىممىتى بويچە تەلەپچانلىقى ئىشىپ فىلىملىرىنىڭ ئۇزاققىچە چۈشۈرۈش ئادىرىسىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان مۇنبەرنىڭ شەكىللىنىشى ياخشى دەپ ئويلايمەن.
   بۇ قاراشلىرىم ئاساسى پەقەت ‹‹نەگىلا قارسا پۇلغىلا سىتىۋاتقان›› دىگەنلەرگە قىلغان چۈشەنچەم سىلەرنىڭ تىماڭلارغا قارتا رەددىيە ئەمەس جۇمۇ.
13#
Nejmi ۋاقتى: 2016-4-14 23:07:16 | ئايرىم كۆرۈش
پىكرىڭىزغا قوشۇلىمەن لېكىن مەجبۇرى ئىنكاس يازدۇرۇش دەپ سەل قاملاشمىغان گەپ قىلدىڭىزمۇ قانداق ؟؟
مەجبۇرى ئىنكاس يازدۇرغانلىق ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنىڭ تور بېتىنىڭ قىممىتى بولسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز.... ھەم ئىنكاس يازمىسا فىلىم چۈشۈرەلمەدىغان قىلىشتىكى سەۋەب ئەزالار مۇنبەرنى قوللىغاندا ئۇنىڭدىن كىيىن  كۆرەلەيدۇ... ھەم ھەقسىز فىلىمنى چوقۇم شۇنداق قىلىمىز.... مەنغۇ مۇقىم ياپون كارتونلىرىنى ئاساس قىلىمەن... فىلىم خۇمارنى مۇنبەر قىلىپ ياخشى قىلماپتۇ دەپسىز بۇمۇ بولماپتۇ... سىز ئاۋال يالغۇز بىر بىلوگ ئېچىپ بېقىڭ.. قانداق بولىدىكەن... يالغۇزچىلىقتا قىلغان ئىشنىڭ ئايىغى لمايدۇ... شۇڭلاشقا مۇنبەر قۇرغان گەپ... مۇنبەر بولسا ئەزالارمۇ كۆپ ھەم ئادەمنىڭمۇ كۆڭلى ئېچىلىپ توربەتنى داۋاملىق ماڭغۇزالايدۇ...دەيدىغىنىم مۇشۇنچىلىك.......يېڭلىق يارتىپ تەرەققىي قىلغان شۇ ياخشى..
14#
Nejmi ۋاقتى: 2016-4-14 23:09:00 | ئايرىم كۆرۈش
مەن مەخسۇس كارتون غا تۇتۇش قىلدىم... فىلىم خۇمارمۇ قوشۇمچە قىلىپ يېڭى بىر  تور بەت ئاچتى مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق 3d فىلىم تورى قۇردى....بۇمۇ بىر يېڭىلىق....ئۇ توربەت ئېچىپ ئۇنداق قىپتۇ بۇ بۇنداق قىپتۇ دېمەي قوللاپ بەرسەك شۇ ئەۋزەل !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

4تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1