Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 14336|ئىنكاس: 66
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ناچار قوغدىغۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-30 21:28  
    تۈنۈگۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ناچار قوغدىغۇچىنى يوللىغانتىم . پايدىلىنىنغان تىما ئۆچۈرلۈپتىكەن شۇڭا ئاققرنىڭ بىلوگىدىكى يازمىدىن پايدىلانغان قالغىنى بەيدۇ دىن پايدىلانغانتىم،قانداقتۇر تىما تەستىلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە ئۆچۈرلۈپتۇ.شۇڭا بۈگۈن قايتا يوللاپ تۇرۇپتىمەن.
ئاقبۈركۈت ئالى سوت مەھكىمىسىگە شۇنداق ئەرىز سۇنماقچى:
بىرىنجىدىن : مۇشۇ تىمامنى ئۆچۈرگۈچى ماڭا روھى تۆلەم بىرىشى كىرەك.
ئىككىنجىدىن:ۋاقىتتىن زىيان تارتتىم شۇڭا ۋاقىت زىينىمنىمۇ تۆلىشى كىرەك.
سوتنىڭ تىزراق ھۆكۈم چىقىرىپ بىزدەك تىما يىزۋاتقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن پىقىر:مۇز
(بەزەن گپلەر چاقچاق جۇمۇ)لىكىن زىياننى تۆلىمىسىڭىز بولمايدۇ!



ئىسمى:ناچار قوغدىغۇچى
ئېنگىلىزچە ئىسمى: The Guard
خەنزۇچە ئىسمى:坏守卫/看守员/国民警卫队/守卫
دۆلىتى:ئېرلاندىيە
تۈرى:كومىدىيلىك
تىلى: ئىنگلىزچە
يىزىقى:ئۇيغۇرچە
فورماتى:باشقا
ۋاقتى:2011
IMDB باھاسى:7.5/10 (8,003 votes)
رازمېرى: 396*720
سىغىمى: 359mb
ئۇزۇنلىقى: 92 Mins
رىژېسسور: 约翰·迈克尔·麦克唐纳 John Michael McDonagh
باش رولچىلار:布莱丹·格里森 Brendan Gleeson  ....Sergeant Gerry Boyle
      唐·钱德尔 Don Cheadle  ....FBI agent Wendell Everett
      马克·斯特朗 Mark Strong  ....Clive Cornell
      利亚姆·坎宁安 Liam Cunningham  ....Francis Sheehy
      大卫·维尔莫 David Wilmot  ....Liam O'Leary
      罗瑞·吉南 Rory Keenan  ....Garda Aidan McBride
      菲奥纽拉·弗拉纳根 Fionnula Flanagan  ....Eileen Boyle
      多米妮克·麦克艾丽戈特 Dominique McElligott  ....Aoife O'Carroll
      Sarah Greene  ....Sinead Mulligan
      Katarina Cas  ....Gabriela Mc3gpBride
      帕特·绍特 Pat Shortt  ....Colum Hennessey
      达伦·西里 Darren Healy  ....Jimmy Moody
      Laurence Kinlan  ....Photographer
      Gary Lydon  ....Garda Inspector Gerry Stanton
      Michael Og Lane  ....Eugene Moloney
      David Pearse  ....Bartley
      Owen Sharpe  ....Billy Devaney      

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
                               ساقچى ئەمەلدارى گېرىي بويلې بولسا سەپرا، ئاچچىقى ناھايتى يامان ئادەم. ئۇنىڭدا ھىچقانداق يۇمۇرىستىك تۇيغۇ دەيدىغان نەرسە يوق، مىجەزى غەلىتە. گالىۋاي ۋىلايىتىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغاچقا، پۈتۈن ۋىلايەتنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغۇقلارنى، نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولغاچقا بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىنى مەنىسى ۋە ئەھمىيتىنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدى. مەلۇم كۈنى بۇ كىچىك بازارنىڭ تېنچلىقىنى كۆلىمى ناھايتى زور بولغان زەھەر سودىسى بۇزىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بويلې ئۆزىدىنمۇ سەپرا،توڭ FBI نىڭ رازۋېدكا خادىمى ۋېندېر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت رايۇنىدا FBI نىڭ ئىشلىشىنى قەتئى كۆزىگە سىغدۇرالمايدۇ. ۋېندېر بولسا تىپىك ئامېرىكىلىق بولۇپ، ۋاقىت ۋە قانۇن تۈزۈمگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان، خىزمەتنى پىرىنسىپ بويىچە دوگما قىلىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلماي قويمايتتى. دېلو بېچىرگەندە ئەنزىنىڭ يىپ ئۇچى ياكى ئارقا كۆرنىشى دىگەندەكلەرنى قەتئى ئويلاپ قويمايتى، ئويلايدىغىنى بولسا دېلونى تېزرەك ئاياقلاشتۇرۇش ئىدى. ۋېندېرنىڭ نەزىرىدە گېرىي كىچىككىنە ساقچى ئىدى خالاس. ئۇنىڭ ئەكىسچە بويلېنىڭ نەزىرىدە ۋېندېر پەقەت كىتاپ خالتىسى بولۇپ ئىشنى ئۆلۈك بېجىرەتتى. قانداق ئىش بولسا ئۇنى كىتاپ بويىچە ۋە دوگما بىر تەرەپ قىلاتتى. رىيال تۇرمۇش قانداق كېتىۋاتىدۇ،ئىشلارنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇ ھەقتە قىلچە ئويلانمايتى. ئۇ گەرچە ۋېندېرنىڭ دېلونى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالىمىسۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بەزى قويلايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدۇ. بويلې دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بىرەيلەننى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دېلونىڭ يىپ ئۇچى بىردەم پەيدا بولۇپ، بىردەم يوقاپ دىگەندەك ھەيران قالارلىق ئىشلار ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شىرىگى يوقاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان پاھىشە ئايال بۇ ئىشلارغا قارىتا يالغان ياۋداق سۆزلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا زەھەر ئېلىپ-ساتارلار ئۆزىنى ئاشكارلاپ ئۇنىڭغا يېلىنىدۇ. ئۇلار ئەسلى ساقچى ئىدارىسىنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزۋالغان ئىدى. بۇ ئىشلارنى بويلې ھىچ چۈشەنمەيدۇ....ئۇ بۇ دېلونى پەقەت ئۆزىلا ئېنىقلاپ چىقماقچى بولىدۇ ئەمما بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان ئىشەنچىسى يوقالغان ئىدى... كىيىن ئۇ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەم ئۇ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەملەر ئەمەس بەلكى ئەڭ خوشى يوق ۋېندېر بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە دېلونى پاش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ، ئەمما بۇ خېلىلا مۇرەككەپ دېلو ئىدى. ئۇلار دېلونىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئادىمىنى تېپىپ چىقالامدۇ؟... دىققىتىڭلار مەزكۇر فىلىمدە بولسۇن.







چۈشۈرۈش بېتى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +90 يىغىش سەۋەبى
ahsaxum + 90 مانا روھىي تۆلەم ، ۋا.

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى1 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2012-2-14 15:12:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئاللا ئاللا  بوپتۇ ، مەن ئۆچۈرگەن تۆلەي مانا ئەمدى تۆلىمەي قانداق قىلاتتىم ! 10 دوللارغا كىنو سېتىۋالدىم . 90دوللار روھىي تۆلەم ، ۋاقىت تۆلەم ، شۇنداق بولسا بولا ! بولمىسا ما كېلىشتۈرۈپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ جۇمۇ !

باھا سۆز

تۆلەم بەك ئاز بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-14 16:34
يىكەنداز
ۋاقتى: 2012-2-14 15:26:42 | ئايرىم كۆرۈش
كۈندە يوقلىمىدىن ئۆتۈپ تاپقان 10دوللار پۇلۇم بارئىدى ، ماۋۇ كىنو خىلى نوچىدەك قىلىپ تۇرىدۇ ، بولدى مۇشۇ كىنونىلا كۆرەي يانا يىڭى كىنو چىقىچە  يوقلىمىدىن ئۆتۈپ يانا تاپىمەن دوللار دىگەننى. بولمىسا بىزنىڭ باشلىقلار ئىلتىپات قىلا.
گېلەم
ۋاقتى: 2012-2-14 16:12:30 | ئايرىم كۆرۈش
پۇلۇم بارغانچە ئاز قېلىۋاتىدۇ.....
كىگىز
ۋاقتى: 2012-2-14 16:14:30 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-2-14 15:12
ئاللا ئاللا  بوپتۇ ، مەن ئۆچۈرگەن تۆلەي مانا ئەمدى تۆلى ...

توختاڭلا، توختاڭلا.... بۇ يەردە نېمە ئىش بولاۋاتىدا؟
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2012-2-14 16:14:36 | ئايرىم كۆرۈش
چۇشۇرۇشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە
داق يەر
ۋاقتى: 2012-2-14 16:17:46 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-2-14 15:12
ئاللا ئاللا  بوپتۇ ، مەن ئۆچۈرگەن تۆلەي مانا ئەمدى تۆلى ...

نىمىشقىمۇ ئۇچۇرگەنسىز، ئىھتىياتسىزلىقتىن بولسا توغرا چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز بەلكىم تۇلەممۇ تۇلىمەستىڭىز.....
مىخ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-14 16:34:26 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-2-14 15:12
ئاللا ئاللا  بوپتۇ ، مەن ئۆچۈرگەن تۆلەي مانا ئەمدى تۆلى ...

تۆلەم بەك ئاز بولۇپ  قالدىمۇ قانداق؟

باھا سۆز

ئاز بوپ قالغان بولسا يۇقىرى سوتقا ئەرىز سۇنۇڭ !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-14 18:18
9#
ۋاقتى: 2012-2-14 17:06:56 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ  10  دوللارغا  چىداي  ئەمدى
10#
ۋاقتى: 2012-2-14 18:14:05 | ئايرىم كۆرۈش
50  %  دە  توختىۋالدىغۇ      سىلەرنىڭ  مۇ  شۇنداما
11#
ۋاقتى: 2012-2-14 18:18:50 | ئايرىم كۆرۈش
مۇز يوللىغان ۋاقتى  2012-2-14 16:34
تۆلەم بەك ئاز بولۇپ  قالدىمۇ قانداق؟

ئاز بوپ قالغان بولسا يۇقىرى سوتقا ئەرىز سۇنۇڭ !

باھا سۆز

بولدى قىلاي بىكا كىرىمدىن چىقىم ئىشىپ كەتمىسۇن . يۇقىرى سورتقا ئەرز سۇنساق پارە بەرمىسە بولماس.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-14 18:51
12#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-14 18:51:47 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-2-14 18:18
ئاز بوپ قالغان بولسا يۇقىرى سوتقا ئەرىز سۇنۇڭ !

بولدى قىلاي بىكا كىرىمدىن چىقىم ئىشىپ كەتمىسۇن .
يۇقىرى سورتقا ئەرز سۇنساق پارە بەرمىسە بولماس.

باھا سۆز

سۇنۋۇكۇڭدەك ئۇششۇقلۇق قىلىڭ بولمىسا .... 90$ تۆلەم ئېلىپمۇ يەنە شۈكرى دىمەي ...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-15 17:50
13#
ۋاقتى: 2012-2-14 18:53:01 | ئايرىم كۆرۈش
تەشەككۈر  دوستۇم............ قانداقراق  فىلىم  بۇ  بىر  كۈرۈپ  باقاي
14#
ۋاقتى: 2012-2-14 19:15:51 | ئايرىم كۆرۈش
دوللار بېرىپ تۇرساڭلار .
15#
ۋاقتى: 2012-2-14 19:25:35 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ كىنونى چۈشۈرۋاتقىلى 3سائەت بولدى ئەمدى 50%لىك يىرىگە كەپتۇ ، باشقا كىنولارنى چۈشۈرسەم يىرىم سائەتكە قالماي چۈشۈپ بولىتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 12:43 , Processed in 1.279533 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش