ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئاق بۈركۈتتىكىلەر ئۆز-ئارا تونۇشايلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
46#
ئاققىر ۋاقتى: 2012-1-13 01:52:15 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئەسلى تونۇشتۇرماي دىگەن، سەۋەبى ئاڭلاپ بۇنچە قېرى بوۋاينىڭ ياش بالىلارنىڭ ئارىسىغا چۆكۈۋالغىنىنى دەپ زاڭلىق قىلامدىكى دەپ. ئەمما قېرىدىمۇ ھەۋەس بار..
ئىسمىم:  ئەكبەر تۇرغۇن.  توردىكى ئىسمىم: ئاققىر
يۇرتۇم: يېڭسار. يېشىم: 40 ياش.   دىمەك بېكەت، تور بويىچە ئەڭ قېرىسى مەن. بەزىلىرىڭلار ھەتتا ئوقۇغۇچۇم چىقىپ قېلشىڭلار مۈمكىن.
ئۆي ئوچاقلىق، ئايلىم ۋە ئىككى بالام بار. كۈندە دىگىدەك ئوغلۇم بىلەن كومپىيۇتېر تالىشىپ، بەزىدە ئايالىم بىلەنمۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىمىز. كىچىك قىزىم زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ بەزىدە تېخى ئۇمۇ تالىشىدۇ. ئاخىرى ئوغلۇمغا كونا كومپىيۇتېرنى بېرىپ قۇتۇلدۇم. كۈندە ئويۇن ئوينايدى، ئازراق چەك قويغاندىن باشقا توسمىدىم.
خىزمىتىم بار، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. ئوقۇغان كەسپىم ماتىماتىكا، خىزمەتكە چىققىلى 20 يىل بولدى. تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە.
ئاق بۈركۈتنى چۆرگىلەپ يۈرگىلى ئىككى يىل بولاي دەپ قاپتۇ. يامان ئەمەس، بۇ توپنىڭ جامائىتى ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر ئىش قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئاللا خالىسا بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق خىزمىتىڭلاردا بولىمىز.
قىزىقىشىمغا كەلسەك، بۇ ياشقا كەلگەندە نىمە قىزىقىش بولسۇن، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ئۆينىڭ غېمى، ھەممىنى ئاسان قىلار...
ياشلىقىمىزدا قىزىقىشىمىز بەك كۆپ ئىدى، ھەممە نىمىگە بەك قىزىقاتتىم. ھەممە نىمىنى تەڭ ئۈگۈنۈپ باقاتتىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بىرەرسىنىمۇ بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي، ساقالغا تۈكۈرۈپ ئولتۇرىمىز. تىلدىن ئەرەپ تىلى، رۇس تىلى، ئېنگىلىز تىلى ھەممىسىنى ئۈگەنگەن، ھازىر بىرسىنىمۇ ئۇقمايمەن. ناخشا ئۇسۇل دەپ دۇتار، راۋاپ، تەمبۇر، گېتار ھەممىگە قىزىققان، ئەمما ھازىر بىرسىنىمۇ چالالميمەن. غازى ئەمەتنىڭ رەسىمىنى كۆرسەم رەسسام  بولغۇم كېلىپ، بىر ۋاقىتلاردا رەسىملەرمۇ سىزىپ يۈرگەن، شائىرمۇ بولۇپ باققان، ھىكايىمۇ يېزىپ باققان، ئەمما ئۆتكەندە يېڭى يىللىق شىېر يېزىش ئالۋىڭى كەلگەن ئىدى، ئىلھام دىگەن نەرسە كەلمەي ئۈچكۈن ئولتۇرۇپ ئاران 3 مىسرا يېزىپ، قالغىنىغا يازالمىدىم دەپ قاراپ ئولتۇردۇم. تەبىئى پەنگىغۇ ئالامەت قىزىقاتتىم، ئەمما ھازىر پىزىكىدىكى بىرەر قانۇننى دەپ بەر دىسە دىيەلمەيمەن. راستىمنى دىسەم يېقندىن بۇيان تەرجىمانلىققا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.  ياش ئۇكا دوستلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىپ قوياي ماڭا ئوخشاش ھەممىگە تەڭ قىزىقماي،  ھۆنەرلەرنىڭ ماۋۇ مۇۋاپىقكەن دەپ قارىغا پەقەت بىرسىنىڭ پېشىغا چىڭ ئېسىلىپ، قالغىنىنى كېتىپ بېرىپ ئۈگۈنۈپ قويساڭلار بولدى.  ئۇنداق دىسەم ھەممىگە تەڭ چېپىلغاققا بۇ يەردە نىمە بار دەپ قالماڭلار، ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىزمۇ 40 نەچچە ياشتا ئۈگۈنۈپ پەخىرلىك ئالىمىمىز بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار دەپ خۇدايىم ئال قۇلۇم دەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس... يەنە يازسام باغرىمنى پۈتۈنلەي تۆكۈپ تاشلايدىغان ئوخشايمەن. ئۆزۈمنى سەل بېسىۋالاي.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-13 02:09  

47#
ئاققىر ۋاقتى: 2012-1-13 02:12:32 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭا بوۋاي دەپ قويىدۇ مېنى، مەنمۇ تە بولمايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-13 02:12  

48#
ۋورست ۋاقتى: 2012-1-20 01:48:50 | ئايرىم كۆرۈش
2882457 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-19 07:35
ئىسمىم   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت  .
يۇرتۇم ئۈرۇمچى  ھازىر تۇ ...

ياپاناھ....(ژۇتلۇقۇمنى تېپپالدىما؟!!!!)
49#
ۋورست ۋاقتى: 2012-1-20 02:11:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدىكى نۆۋەت مېنىڭكىكەندە....
ئىسمىم:شرئەلى تۇرغۇن
توردىكى ئىسمىم:白马唐僧      ۋورست  worst(بۇنىڭدىن كىيىن ئىشلىتىدىغىنىم ۋورست)
يۇرتۇم:ئاقسۇ-شاھدىيار
تۇغۇلغان يىل:1991-يىل 10-ئاينىڭ11-كۈنى    (10كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كىيىنلا دەڭلا ...ئىچىم پۇشىدۇ شۇڭا گەرچە تۇغۇلغان كۈن دىگەنگەئەزەلدىن ئېرەڭشىمىسەممۇ...)
يېشىم: 20
كەسپىم:ئوقۇغۇچى (شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئېلىكتىر تېخنىكىسى ئىنىستىتوتى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى 09-يىللىق2-سىنىپ. باشقىلار سورىسا ‹ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى› دەيمەن.‹كىيىنچە گولوفاڭدا ئىشلەمسىز؟› دەيدۇ .‹ھە لا دەپ قويىمەن. كىيىن پۇلنى جېق تاپقاندا بىرگەپ بولمامدۇ...)
قىزىقىشىم:ھەممىلا نەرسە...كارتون دىسە ئۆلۈپ بېرىدىغىنى جۇمۇ مەن.گىتتارنىمۇ ئۆگىنىمەن دەپ بىر گىتتارنى بۇزۇپ بۇلۇپ تاشلاپلىۋەتتىم...ھەراست ئويۇن دېسە ئۆلۈپ بېرىدىغىنى ئىدىم.شۇ قىزلارنىڭ بارىدا تورخانىغىمۇ ئايلاپ- يىللاپ كىرمەس بولدۇم .خاتا چۈشەنمەڭلا يەنە. تولا ئۆگىنىش قىلمىسام بولمايدىغان بولدى.كاساپەت سىنىپ بويىچە بىرىنچىدە. كەينىدە قالسام سەت تۇرارمىكىن دىدىمغۇ...
ئالاھىدىلىكىم:كومپىيوتېر: قانداقلا دېتال بولسا ھەپىلىشىپ باقىمەن...

مەن ئاقبۈركۈتكە كارتون ئىشلىرىغا ياردەملىشەي دەپلا كەلگەن.كارتون تەرجىمە قىلىشىپ بەر دېسەڭلار جېنىم بىلەن ماقۇل دەيمەن جۇما... لېكىن ئوقۇش باشلاپ كەتسە چاتاق چىقارمىكىن.ھەپتىلىك ئاراممۇ يوق.پىراكتىكادەپلا يۈرگەن. تەتىلدە بېكار يەپ ،قاچا بېكارلاپلا يۈرەتتىم.بۇقېتىمبىر ئىشلەپ باقاي دەپ تەكرار سىنىپى ئېچىۋىدىم 1-سىنىپنىڭ باللىرى تەرلىتىپلىۋەتتى دىسە.ئىشقىلىپ ئاسان ئىش يوقكەن.

ھەراست،جاپانىڭ تېگى راھەتكەن...
50#
zulphar ۋاقتى: 2012-1-20 02:41:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلگەن ئوخشايدۇ
ئىسىمم:ئابلىمىت ئابدۇنىياز
توردىكى ئىسىمم:zulphar(زۇلپقار)
يۇرتۇم:ئاقسۇ شەھىرى
تۇغۇلغان ۋاقتىم:1976-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى
خىزمەت ئورنۇم:ئاقسۇ ئاۋات ناھىيسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى،بىردىغان دەرسىم جۇغراپىيە،ماتىماتىكا
قىزىقشىم:كومپىيوتىر،ئەڭ دەسلەپتە فىلىم ئىشلەشنى ئۈگەنگەتىم كىيىن پوتوشوپتا رەسىم بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈگەندىم لىكىن بۇ ئىككلىسىنى بىر باشقا ئەپچىقالمىدىم،ئۆتكەن يىلى ئاقبۈركۈت تورىغا ئەزا بۇلۇپ كىنو تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىپ مانا ئاقبۇركۇت تورىدا تەرجىمانلىق قىلىپ يۈرۈيمەن،بۇنىڭ سەۋەبى بىرى فىلىم تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىمەن يەنە بىرى خەنزۇتىلىنى پىشىقداپ ،ئۈگۈنۈش.
مەن ھەركۈنى بىرىنجى بۇلۇپ كومپىيوتىردا قىلدىغان ئىشىم ئاقبۈركۈت تورىغا كىرىپ مۇنبەردىكى يېڭى ئىنكاسلارنى بىرقۇر كۈرۈپ چىقىمەن،ئاندىن فىلىم تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىمەن،بۇ جەھەتتە مېنى يىتەكلەپ ماڭغان ئۇستازىم ئاققىر غا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن،ئۇ بۇ جەھەتتە ماڭا ئىرنمەي ياردەم قىلىپ تۇردى.
تۇرمۇش ئەھۋالىم :توي قىلغان،ئىككى قىزىم بار،ئازۇيىم بولسا ئىككى قىزىمنى ئىمانلىق قىلىپ ياخشى تەربىيلەپ چوڭ قىلىىش.
ئەڭ ئاخىردا ئاقبۈركۈت توردىكى بارلىق تورداشلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق،تىنىىنىڭ سالامەتلىك،تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
51#
salahiddiyn ۋاقتى: 2012-9-26 23:22:19 | ئايرىم كۆرۈش
el.ensar يوللىغان ۋاقتى  2011-12-9 17:17
توردىكى ئىسمىم ئەل.ئەنسار، 4 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىسىم: ...

ۋاي يالغانچى، ما خوتۇنلىرى يارىمىغان ئوخشايدۇ ھە، يا ئاقبۇركۇتتىكى قىزباللىدىن بىرە ئىككىنى توردىلام نىكا ئوقۇتۇپ، نىسىگە ئەكىرۋالاي دىگەنمۇيا                                   ئاكا ئىنكاس دىگەننى خىجىل بومماي يىزىۋەتتىم، خاپا بولماسلا
52#
salahiddiyn ۋاقتى: 2012-9-27 00:05:07 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salahiddiyn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-27 00:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!              ئەمدى مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇراي،
توردىكى ئىسمىم:salahiddiyn
ئەسلى ئىسمىم: سالاھىددىين (ئەل.ئەنسارنىڭ نەۋرە ئىنىسى)
يۇرتۇم: يەكەن
مەدەنيەت سەۋيەم: تولۇق 2-يىللىق (بولمىسا دەرىستىغۇ ياخشى ئىدىم، لىكىن مەكتەپتە ئوقۇش خوش ياقماي يىنىپ چىققان:loveliness)
تۇغۇلغان ۋاقتىم:1996-2-20
كەسپىم: كىچىك تۇرۇپ دەسمىسى ئىغىر، خەتىرى چوڭ تىجارەتكە تۇتۇش قىلىۋالدىم،
مىنىڭ مەكتەپتىن يىنىپ چىقىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ھازىرقى مەكتەپلەردە بۇزۇلۇش ئىنتايىن ئىغىر، ئوقوغۇچىلار مەكتەپتە بىلىم، ئەدەپ ئەخلاق ئۈگەنمەي، ناچار، ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى(تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش دىگەبدەك) ئۈگىنىپ قىلىۋاتىدۇ، بەزى مەدەنيەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەسكەش قىلمىشلىرىغا(ئوقوغۇچىلارنى سەت گەپ بىلەن تىللاش دىگەندەك) چىداپ تۇرالمىدىم،يەنەبىرگە مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىمدا نامازنى ۋاقتى قارارىدا ئوقۇيالمىدىم، شۇ ئىشلار تۈپەيلى 11يىللىق مەكتەپ ھاياتىم بىلەن خوشلىشىۋالدىم، ھازىر مانا كۈنلۈرۈم ناھايىتى ئەركىن، خۇشال خۇرام ئۆتىۋاتىدۇ،
مەن ئاق بۈركۈتكە يىرىم يىلدەك سەيياھ ھالىتىدە كىرگەن، يىڭى كىنولار چىقسا ئەل.ئەنساردىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ كۆرەتتىم، كىيىن بۇ مۇنبەردە ئوتۇنسىز ئۇرۇش جىدەلنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى كۆرۈپ ئكزۈمنىڭ ئىسمىنى قويۇپلا تىزىملىتىۋالدىم، لىكىن، مەن ئەمدى كىرىپ تۇرشۇمغا كىنولار نەق پۇللۇق بولاپ كەتتى ئەمەسمۇ،
53#
بۇغرا68 ۋاقتى: 2012-9-27 00:32:25 | ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا  مەنمۇ ئۆزەمنى بىر تونۇشتۇرسام بولغۇدەك .
كەمىنە توردا  بۇغرا68  ئەمەلىيەتتە  ئابدۇراخمان مەتنۇرى  ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 86 . يىلى تۇغۇلغان .
يۇرتۇم ئەزىزانە ئەمەس قەدىمى كېرىيە . (مەشرەپلەردە شۇنداق دەيدۇ ، مەنغۇ قەدىمى يۇرتىمىزدا
ساپلا  ھوشۇشەن خوتۇنلارنى كۆرۈدىغان بوپقالدىم )
ھازىر ئاشخانا ئېچىپ پۇلى بار ئادەملەرگە خەيرى-ساخاۋەت قىلماي پۇل تېپىۋاتىمەن .
تولۇقسىزغىچە ئوقۇپ دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانىنى ئالالمىغان . بۇنىڭغا دائىم ئۆكۈنمەيمەن .
ئەمما كىتاپنى تولا ئوقۇپ خەت يېزىشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكىلى تاس قاپتىمەن .
شۇنىڭ بىلەن ئازتولا شېئىر يېزىپ ساۋادىمنى ساقلاپ قالدىم .
قىزىقىشىم بەك تولا مەن خۇددى ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى دىگەن ئىتوتتىكى ھېلىقىدەك .
بۈگۈنكى ئىپادەم سەل ئېچىنىشلىق ، نىمىشقا دىسەڭلا ما ياپۇن پاكالىرى بەك جىلە قىلدى مېنى .
دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بولسا بېلىقچىلىق ئارىلىغا بېرىپ ياپۇن باسقۇنچىلىرىنى
قوغلاپ چىقارسام دەيمەن .

54#
ۋاپاسز ۋاقتى: 2012-9-27 01:11:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسمىم نۇردۇن ، توردىكىسى - ۋاپاسىز .
يۇرتۇم ئاقسۇ ، كەسپىم تىجارەتچى .
تۇغۇلغان ۋاقتىم .1982.2.27
55#
يۇرتۇم ۋاقتى: 2012-9-27 08:02:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇرتۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-27 19:54  

توردىكى نامىم  (يۇرتۇم)   (گۈزەل يۇرتۇم) ، بۇ ئىسم غا  7-8 يىل  بوپقالدى .دىيارىم  مۇنبىرى دىيارىم چايخانىسى  قاتارلىق يەرلەردە ئشلەتكەن.ئىسىم ؛ئابدۇراخمان  يۇرتۇم :قاغىلىق تىجارەتچى (تۈركىيە)گە مەخسۇس ئايالچە سومكا ساتىمىز  . بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقىلى   12 يىل بولدى.ئورنۇم گاڭجۇ    . يۇرتۇم دىن  92 - يىلى  ئايرىلغان.ئۈرۈمچىدە بىر تۈركىيىلىك قىز بىلەن تونۇشۇپ  توي قىلغان ، ھازىر   2 بالام (ئوغۇل قوش كېزەك) بار .ئاللا خالسا 10-21-كۇنى 1  ياشقا كىردۇ(2لىسى تۈركىيە نوپۇسى).
قىزىقىشىم  ياۋۇز  دوللار   خەلق پۇلى، بىكا قالغاندا   كىنو كۇرەش ، مۇنبەر .ساياھەت،،،كىتاپ ئوقۇش ئوزەم  شوخ ناخشا مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق.
ئازۇيۇم-----2 بالامنى   ئمانلىق ....ئوقۇمۇشلۇق ئادەم  قىلىپ  تەربىيىلەش ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،يىشى 36....بوي ئگزىلىكىم  178   كىلوگرام   100   توي قىلغان...




56#
el.ensar ۋاقتى: 2012-9-27 11:39:12 | ئايرىم كۆرۈش
salahiddiyn يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 23:22
ۋاي يالغانچى، ما خوتۇنلىرى يارىمىغان ئوخشايدۇ ھە، يا  ...

ئا ئىنكاس يازغان ۋاقىتقا قايلەۋا گۇي!!! 2011-يىلدىكى ئىنكاس ئاۋۇ، 2011-يىلى خوتۇن نېمىش قىلىدۇ مەندە؟ خجىل بولماي مېنى سۆكىۋاتىدا ماۋۇ!!!كۆزىمىزنى ماي تۇڭىغا تاشلىۋەتمىگەندىكىن، ئىنكاسنى قاراپ يازىلى
دەرھال كەچۈرۈم سورىسىلا، بولمىسا ئاق بۈركۈت خەلقئارا سوتىغا ئەرز قىلىمەن!
57#
ئۆمەر ۋاقتى: 2012-9-27 16:10:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسمىم : ئۆمەر
يۇرتۇم : ئاقسۇ شايار
كەسپىم : كومپىيۇتېر رېمۇنىتچىلىق
قىزىقىشىم : كومپىيۇتېر
تۇغۇلغان ۋاقتىم : 1983.11.18
58#
nur719 ۋاقتى: 2012-9-27 18:14:24 | ئايرىم كۆرۈش
مەن قەشقەر كوناشەھەردىن !
مۇنبەردىكى ئىسمىم ئاشۇ باش سۈرەتتە با
ئەزان چىللاپ قويغان ئىسمىم : نۇرمەمەتجان
كەسپىم ئوقۇتقۇچى (ماتىماتكا ئوقۇتقۇچىسى)
59#
سالجۇق ۋاقتى: 2012-9-27 20:56:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
قارسام نۆۋەت ماڭا كەلگەن ئۇخشايدۇ،توردىكى ئىسمىم سالجۇق،ئەسلى ئىسمىم ئىسمايىل،تۇرپان پىچاندىن،تۇغۇلغان ۋاقتىم1987،07،08 ،قىزىقىشىم،تەبئىي پەن ساھەسىدىكى يىڭى يىڭى تىخنىكا،يىڭى بايقاشلار،ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋىرستتىدا ئۇقۋاتمەن.ئارتۇقچىلىقىم چىقىشقاق،كەمچىللىكىم كەم سۆز،قارغاندا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىمىز «بويتاق»لىق ئۇخشايدۇ.
60#
razzak ۋاقتى: 2012-9-27 18:42:02 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئۇزۇمنى تۇنۇشتۇرېىتەي
پىقىرنىڭ ئىسمى ئەسلى ئىسمىم-ئابدۇراززاق توردىكى ئىسمىم ھەممىڭلار كۇرۇپ تۇرۇپسىلەر razzak
تۇغۇلغان يۇرتۇم  خوتەن دىيارىدىن بولىمەن
كەسپىم تىجارەتچى
ئوقۇش تارىخىم  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا
تۇغۇلغان ۋاقتىم 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 1تاتىپ شۇ 30 غىچە بولغان بىر كۇنى ھەممىنى يىزىۋەتمەي
قىزىقىشىم  شۇ كومپىيتۇر  سۇغا چۇشۇش ۋاسكىتبول ئويناش كىتاپ كۇرۇش (ھىكايە  رومان دىگەندەك)
كەمچىلىگەم مەن بىلىدىغىنى جىق قايسىنى ياسسام بولا ئاڭ چوڭ كەمچىلىكىم ئالدىرقسان
مۇشۇنچىلىك تۇنۇشتۇرغاچ تۇراي ھازىر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ئەگەشكىنى

پىنتوزىلىرى

تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1