Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 328|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈندىدار ھېساباتىغا پۇل قاچىلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۈگۈن ئۈندىدار ھېساباتىمىزغا پۇل قاچىلاشنى بىلىشىمچە سۆزلەپ باقاي دېدىم، بىلىدىغانلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭلار، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالارسىلەر. كەم قالغان جايلىرى بولسا بىلىدىغانلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھازىر بەزى سودىلار ئۈندىداردىلا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى، پۇل تۆلىگەندە ئۈندىداردا بىۋاسىتە يۆتكەپ بىرىش ياكى قىزىل بولاق شەكلىدە يۆتكەپ بېرىش دائىم ئۇچرايدۇ. شۇنداق چاغلاردا ئۈندىدار ھېساباتىمىزدا پۇل بولمىسا بۇلارنى قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز، ئەلۋەتتە. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئاددى دەرسلىكنى سۇندۇم.
مىسال قىلغىنىم ئۈندىدار Android نۇسخىسى ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى (6.3.16)
ئۈندىدار ھېساباتىمىزغا پۇل قاچىلاش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۈندىدارىمىزغا باغلانغان بانكا كارتىسى بولۇشى كېرەك. بانكا كارتىسى باغلاشنى بىلمەيدىغانلار ئالىم ئەھەت بىلوگىدىكى ماۋۇ ئادرېستىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.
http://www.alimahat.com/?p=4320
ئەمدى ئۈندىدارىمىزنى ئېچىپ مەن (我) نى چېكىمىز.

ئۇ يەردىن پارچە پۇل (零钱) نى چېكىمىز.

قارىساق بىزنىڭ ھازىرقى پارچە پۇلىمىز چىقىپ تۇرىدۇ. ئاستىدىكى قىممەت تولۇقلاش (充值) نى چېكىمىز.

بۇ چاغدا ئۈستىدە ئۈندىدارىمىزغا باغلانغان بانكا كارتىسى چىقىپ تۇرىدۇ. باغلانغان كارتا بىردىن كۆپ بولسا ئۈستىدىن تاللىساق بولىدۇ. ئاستىغا تولۇقلىماقچى بولغان مىقدارىنى (قانچە پۇل تولۇقلىماقچى شۇ پۇل سانىنى) يېزىپ، كېيىنكى قەدەم (下一步) نى چېكىمىز.

بۇ چاغدا بىزدىن ئۈندىدار پۇل تۆلەش پارولىنى سورايدۇ، يەنى بىز باشقىلارغا قىزىل بولاق ئاتقاندا ياكى يىغىلىپ قالغان قىزىل بولاقنى بانكا كارتىمىزغا ئاغدۇرغاندا كىرگۈزىدىغان ئالتە خانىلىق پارول شۇ. شۇنى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەم (下一步) نى چېكىمىز.

ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدەك قىممەت تولۇقلاش ئۇتۇقلۇق بولدى (充值成功) دەپ چىقسا بولىدۇ. ئاندىن تاماملاش (完成) نى چەكسەكلا بولىدۇ.

ئەمدى بايىقى پارچە پۇل كۆرىدىغان يەردىن قاراپ باقساقلا بولىدۇ.

مۇشۇ بويىچە قىلساڭلار بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +5 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 5 ئوبدان

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2016-4-24 15:37:44 | ئايرىم كۆرۈش
تەپسىلي بوپتۇ
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-4-24 19:49:08 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئىشلارنى بىلمەي ئۈندىدار ئوينايدىغانلارمۇ بارمىدۇ...
گېلەم
ۋاقتى: 2016-4-24 19:54:14 | ئايرىم كۆرۈش
saarhil يوللىغان ۋاقتى  2016-4-24 19:49
مۇشۇ ئىشلارنى بىلمەي ئۈندىدار ئوينايدىغانلارمۇ بارمى ...

بار .....بار.......كۆپ ئادەم بىلمەي مىنىڭ يىنىمغا كىلىدۇ
كىگىز
ۋاقتى: 2016-4-24 19:57:58 | ئايرىم كۆرۈش
بەلەن  ئىش  بوپتۇ    ئەمدى   ئۆگىنىۋالدۇق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +253 يىغىش سەۋەبى
teklimakan + 253 يامان ئەمەس

باھا خاتىرىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-24 20:02:53 | ئايرىم كۆرۈش
چچ دىمۇ بولامدۇ ؟ بولسا شۇنىمۇ بىر ئەسكەرتىپ ئۆتسىڭىز
داق يەر
ۋاقتى: 2016-4-24 23:42:25 | ئايرىم كۆرۈش
بېلېۋالدۇق
مىخ
ۋاقتى: 2016-4-25 10:09:48 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا چ چ پۇلىنى ئۇندىدار قىزىل بولاققا ئالماش تۇرۇش نى ئۈگۇتۇپ قويغان بولسىڭىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 14:59 , Processed in 1.646911 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش