Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق [تەشۋىق فىلىم]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-19 19:37  


فىلىم نامى: ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق
خەنچە نامى: 美女与野兽
ئىنگىلىزچە نامى: Beauty and the Beast
دۆلىتى: ئامېرىكا
تىلى: ئىنگىلزچە
تۈرى: فانتازىيە\مۇھەببەت\ئوپېرا
ئۇزۇنلىقى: 130 مىنۇت
IMDb نومۇرى: 7.7/10
IMDb ئۇلىنىشى:  http://www.imdb.com/title/tt2771200/
قويۇلغان ۋاقتى: 2017-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
رېژىسسورى: Bill Condon
سېنارىست: Stephen Chbosky\Jeanne-Marie\ Leprince de Beaumont
روللاردا:

كەسمە سۈرەتلەر:





قىسقىچە مەزمۇنى:
فىلىمدا بېل (رولدا ئېمما ۋاتسون) بازاردىكى باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغان كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن، خىيالپەرەس بىر قىز، قاۋۇل كېلىشكەن يىگىت جاستىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا قەسەم قىلىدۇ، بىراق بېل جاستىننىڭ ياسالما، شەخسىيەتچى، ھاكاۋۇرلۇقىنى ياقتۇرمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا بوي ئەگمەيدۇ، بېلنىڭ دادىسى موۋرىس بىر كۈنى يولدىن ئېزىپ قېلىپ ئىنسۇجىن يوق خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن بىر قەلئەگە كېلىپ قالىدۇ، بىراق ئۇ قەلئە بەتبەشىرە بىر غەلىتە مەخلۇق(رولدا دان سىتىفىن) تۇرىدىغان جاي.
موۋرىس قەلئەدىكى ئەتىرگۈلنى ئوغرىلىغانلىقتىن غەلىتە مەخلۇق ئۇنى قاماپ قويىدۇ، بۇنى ئۇققان بېل دەرھال قەلئەگە كېلىپ غەلىتە مەخلۇق بىلەن سودىلاشماقچى بولىدۇ، ئۇ دادىسىنى قۇتقۇزالامدۇ، بۇ جەرياندا بېل غەلىتە مەخلۇق بىلەن قەلئەدە بىللە تۇرىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالامدۇ؟ گەپ قىلالايدىغان چەينەك، چۆگۈن ۋە شامدان ۋە سائەتلەرنىڭ ياردىمىدە بېل ئۇ يەردىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالامدۇ؟ بۇلارغا قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز فىلىمدا بولسۇن!
فىلىم ئاساسىي ناخشىسى:
ئىنگىلىزچە نۇسخىسى:


خەنزۇچە نۇسخىسى:


تەشۋىق فىلىم:



«ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق»نىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى

فىلىم توغرىسىدىكى خەۋەرلەر:

«ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» فىلىمى شىمالىي ئامېرىكىدا بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا كۈنلۈك بېلەت كىرىمى ئەھۋالى ياخشى يەنە داۋاملىق ئېشىش ھالىتىدە بولۇپ ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقۇسى!
«ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» كورىيەدە ئۇدا بېلەت كىرىمى چىمپىيونى بولۇپ، « سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 8» ۋە «ئالاھىدە جەڭ ئەترىتى» فىلىملىرىنىڭ تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى ئۇنىڭغا يېتەلمىدى.
«ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» شىمالىي ئامېرىكا بېلەت كىرىمى تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى كىرىملىق ئون فىلىم ئىچىدىن ئورۇن ئالدى، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 47 مىليارد يۈز مىليون بولۇپ «پلانېتلار ئارا ئۇرۇش-يېڭى ئۈمىد» تىن ئېشىپ كەتتى.
«ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» ئەنگىلىيەدە ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەرنىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ياراتتى....

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2017-5-19 19:40:10 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-19 19:42  

قىز باش پىرسوناژمۇ خاررىي پوتتىر فىلىمىدىن كىيىن مۇشۇ فىلىم تۈپەيلى دۇنيا بۇيىنچە بىلەت كىرىمى ئەڭ يۇقۇرى ئارتىسقا ئايلاندى، ئارتىسلار رەت تەرتىپى بۇيىنچە دۇنيا بۇيىنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن
يىكەنداز
ۋاقتى: 2017-5-20 15:51:02 | ئايرىم كۆرۈش
كارتون نۇسخىسىنى ئادەملەشتۈرۈپتۇ ، مەنزىرە گەپ سۆزلەر دېگەنلەرمۇ ئاسەن ئوخشاشكەن، شۇڭا ۋاقتىمنى باشقا فىلىمگە بىرىشنى ئويلاپ قالدىم
گېلەم
ۋاقتى: 2017-5-22 17:48:59 | ئايرىم كۆرۈش
بىر كۆرۇشكە ئەرزىگۇدەك فىلىمكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:16 , Processed in 1.273676 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش