شۇنداق قىلىپ "ئارگو" بەزىلەرنى خوشال قىلىپ، بەزىلەرنى غەزەپلەندۈرۈپ ،بەزىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، بەزىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ، بەزىلەرنى گاڭگىرىتىپ ، بەزىلەرنى تەمتىرىتىپ، بەزىلەرنى كۈلدۈرۈپ ،بەزىلەرنى يېغلىتىپ ، بەزىلەرنى ھەسەت قىلدۇرپ، بەزىلەرنى مىننەتلەندۈرپ يەرشارى فىلىم ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەڭ نادىر سۈرەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 6 K" x- T) l+ y
ئارگو بولسا 1979-يىلى ئىراندا يۈز بەرگەن ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن بىر فىلىم. بېن ئافلېك رىژىسسورلۇق قىلغان. 2012-يىلى مىزاندا قويۇلۇپلا مۇكاپاتلارغا تويغۇدەك ئېرىشتى.خەۋەرلەردىن قارىغاندا بۇ فىلىمگە ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغانلار ئىرانلىقلاردەك قىلىدۇ. ئاندىن قالسا بەزى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەينى چاغدىكى غەزىۋى قايتىدىن يالقۇنجاپ، ئىرانلىقلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى قوزغالغاندەك پاراڭلار… بۇ فىلىم بەزىلەر ئۈچۈن بەلكىم ئاددىغىنا بىر جىددىچىلىككە تولغان فىلىم بولۇشىمۇ مۈمكىن.
: R! h8 { u9 ~- x" p M; w
بەلكىم مۇشۇنداق جىق مۇپاكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكى ، مۇشۇنداق جىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ئاددى دەپلا خۇلاسە چىقىرىشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي فىلىم ئۈستىدە ئاز تولا ئىزدىنىپ باقتىم.
بۇ فىلىم كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ مېدىئا مەتبۇئاتلارنىڭ تەسىرىدە سىياسي ئويۇنلاردا خاتا يېتەكلىنىشىدىن ئىبارەت يەرشارى خارەكتىرلىك ئەھۋالنى ئىسپاتلاش ۋە زاڭلىق قىلىش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن ھەم ناھايتتى ئۇستىلىق بىلەن بۇ مەقسەتكە يېتىپ ھەر جەھەتتە غەلبە قىلغان. ئاكادېمىكلەرگە ياراپ كېتىشىدىكى سەۋەب فىلىم كىنو سېھرىگەرلىكىنى ناھايتتى دادىللىق بىلەن شۇنچە ئاددى ،ئوچۇق-ئاشكارە ھەتتا قەستەنگە ئەخمىقانە ئويناپ تۇرۇپمۇ كىشىلەرنى ئەينى چاغدىكى مېدىئا ئۇچۇرلىرى ئالداپ كەتكەندىنمۇ بەكرەك ئازدۇرۇپ كېتەلىگەنلىكىدىندۇر. نوچى يېرى بۇ سېھرىگەرلىك بەك مۇرەككەپ ئەمەس ھەم كىشىلەرنىڭ يېشىۋىلىشىغا بەك كۆپ يىپ ئۇچى قالدۇرغان. ئەمدى بىز بۇ سېھرىگەرلىكنىڭ قانداق ئوينالغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىراق مۇلاھىزە ئېلىپ بارايلى. 4 R. Q( D$ |5 `: x* F L, n$ L
ئەڭ دەسلەپتە گەپنى فىلىمنىڭ ئىسمى"ئارگو"دىن باشلايلى. $ X* q' ]: @8 ^ b9 X
شۇنىسى ئېنقكى ، قانداقلا بولمىسۇن "ئارگو" دېگەن بۇ ئەخمىقانە ئىسىم چوڭ بىر ئالدامچىلىقنىڭ ئىسمىدۇر. ئەينى چاغدا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە ھوللىۋۇد بىلەن ھەمكارلىشىپ پۈتۈن دۇنياغا "ئارگو"ئىسىملىك بىر فانتازىيە فىلىم ئىشلىمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىغان. رىژىسسور، پرادۇسېر، ئەرتىسلەرنى ئىشلىتىپ پەقەت ئىراننى ئالداش مەقستىدە ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئالدىغان. بىز بۇ نۇقتىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھوللىۋۇدنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى ئالدىيالايدىغانلىقى ۋە مېدىئالارنى ئۆزلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىتالايدىغانلىقىدەك بىر ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېنىق جەزىملەشتۈرەلەيمىز. بىرىنچى يەكۈن ئۇلار شېرىك ئالدامچى. شۇڭا بۇ ۋەقەمۇ ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمىگەن، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بىر ئىش بولۇشى مۈمكىن. بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولماي تۇرۇپ يەنە ئىسمغا كېلەيلى. فىلىمدىمۇ نۇرغۇن يەردە"ئارگو"نىڭ مەنىسى نىمە دەپ سورىلىدۇ. فىلمدە ئالان ئاركىن جاۋاب بەرگىنىدەك ۋە ھازىرقى لۇغەتلەردە ئىزاھات بېرىلگىنىدەك بۇ سۆز "oh go fuck yourself"(ماڭا بېرىپ ئىشڭنى قىل)دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئىراننىڭ شۇنداق خەتەرلىق دەۋىرىدە بىر توپ كانادالىق ئۇ يەرگە"ئارگو"ناملىق فانتازىيە كىنو ئىشلىمەكچى بولۇپ بارغان. ئېسىمىزدە بولسا بۇ خەۋەر لوس ئانجىلىسنىڭ مۇقەددەس ئورمانلىقى( ھوللىۋۇد)دا مۇخبىرلانى كۈتۈۋېلىپ جاكارلانغان. دېمەكچمەنكى بۇ بىر ھوللىۋۇد فىلىمى.ئەينى چاغدا ئىرانلىقلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئاۋۇ كانادالىق فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى ھوللىۋۇد بىلەن ھەمكارلاشقان لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئويلاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ كانادالىق ھوللىۋۇد فىلىم گۇرۇپپىسى ئىراندا داغدۇغۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىغا زورمۇ-زور ئىشنىپ تۇرايلى. CIAۋە ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ ھېلىقى گېپى يادىڭلاردىمۇ؟ ئاقساراي ئەمەلدارى "سىلەرنىڭ باشقا بىر ناچارراق پلانىڭلار يوقمۇ؟"دەپ سورىسا" ئەپەندىم بۇ بىز ئويلاپ چىقالىغان ئەڭ نوچى ناچار پلان "دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىككىنچى يەكۈن، ئالدامچىلىقنىڭ شەرتى ئەڭ بىمەنە ۋە ئەڭ ناچار بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنغاندا گۇناھنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئالدانغۇچىلارغا ئارتىپ قويغىلى بولىدۇ.
ئەمدى كىنونى باشلايلى. فىلىمنىڭ باشلىنىشىدا ئىراننىڭ مۇھىم بىر بۆلەك تارىخى كارتۇن ئارلاش ھالدا ناھايتتى قىسقا سۆزلىنىپ ئۆتىدۇ. كالتا ھەم كۆرۈنۈشلەرگە كارتۇن ئارلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت كىشىلەرنىڭ ۋەزىنى ناھايتتى ئېغىر بولغان بۇ بايانلارنى تېزدىن ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۈر. ئەگەر بىزنىڭ ئەقلى تەپەككۈرىمىز مۇشۇ ئىككى مىنۇت ئىچىدە بايان قىلىنغان نۇقتىلارغا چىڭ ئېسلىپ تەرەققي قىلغان بولسا بۇ فىلىم بىزگە پۈتۈنلەي باشقىچە تەسىرات بەرگەن بولاتتى. بۇ ئىككى مىنۇتلۇق بايانغا قاراپ باقايلى:
"بۇ پارىس ئىمپىرىيەسى ، بۈگۈن ئىران دەپ ئاتىلىدۇ. 25يۈز يىلدىن بېرى بىر تۇتاش شاھلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن. 1950-يىلى ئىران خەلقى ئەنئەنەپەرۋەر دېموكراتچى مۇھەممەد مۇساددېھنى دۆلەت ۋەزىرى قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ. ئۇ ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا كونتروللىقىدىكى ئىران نىفىتچىلىكىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ ، ئىراننىڭ نىفىتىنى ئىران خەلقىگە ياندۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن 1953-يىلى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا بىر سىياسي ئۆزگىرىشكە ئىنجىنىرلىق قىلىپ مۇساددېھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ مۇھەممەد رېز پاھلاۋىنى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ.بۇ ياش شاھ مال دۇنياغا ھېرىسمەن ۋە ئىسراپخورلۇقى بىلەن داڭلىق ئىدى.ئىراندا ئۇ دائىم چۈشلۈك تامىقىنى پارىسدا يەپ ئۇچۇپ كەلگىچە ئايالى سۈت بىلەن يۇيۇنىدىكەن دېگەندەك سۆزلەر تارقالغان ئىدى. كىشلەر ئاچارچىلىقتا ئىدى. شاھ ئۆزىنىڭ ھوقوقىنى "ساۋاك"ناملىق رەھمسىز مەخپىي ساقچى تەشكىلات ئارقىلىق يۈرگۈزەتتى. قىيناش ۋە ۋەھىمىگە تولغان بىر دەۋىر باشلانغان ئىدى. ئاندىن شاھ ئىراننى غەرىبلەشتۈرۈش ھەركىتىنى باشلايدۇ….بۇ بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى شىئە جامائىتىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدۇ… 1979-يىلى ئىران خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ شاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان ئاياتۇللاھ ھۈمەينى قايتىپ كېلىپ ئىرانغا باشچىلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىراندا ھېساب ئېلىش مەقستىدە، تۈركۈملەپ قەتىل قىلىش قالايمىقانچىلىقى باشلىنىدۇ. راك كېسلىگە گرىپدار بولغان شاھ، ئامېرىكىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىدۇ. ئىران خەلقى ئامېرىكا كونسۇلى ئالدىدىكى كوچىدا نامايىش قىلىپ، ئامېرىكىدىن شاھنى ياندۇرۇپ بېرىشنى ، ئۇنى سوراتقا تارتشىنى، ۋە دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلىدۇ…"
كىنو مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ. ۋە بۇ بايانلار مۇشۇنداق ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ قىلمىشىلىرىغا ئازراق بولسىمۇ غەزىۋىنى قوزغىيالمىغانلىقى ھېچ بولمىغاندا ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە ئادىل ئويلىنىپ بېقىشقا تۈرتكە بولالمىغانلىقى بەك قورقۇنۇچلۇق ئەھۋال. بۇ باياندىكى ۋەقەلەر شۇنداقلا ئىراق ۋە لىبىيەدىكى يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەنمۇ ناھايتتى ئوبدان سېلىشتۇرما بولالايدۇ. بۇ يەردە دۇنياغا يامىرىغان ئامېرىكىچە ھاكاۋۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك فىلىم ۋە كۆرۈرمەنلەردە تەڭلا ئەكس ئېتىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئىران خەلقىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان شاھنى ئامېرىكىغا ئېلىپ قېچىپ خەلقنىڭ ئامېرىكىغا بولغان غەزىۋىنى قوزغاپ قويۇپ، كونسۇلدىكى ئادەملىرىنى ئاشۇ شاھ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ قېنىنى بىھۇدە تۆككەن غەزەپلىك خەلقنىڭ ئارىسغا تاشلاپ قويىدۇ. ھېچكىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن غەزەپلەنمەمدۇ؟ بۇ نادانلىقمۇ ياكى ھاكاۋۇرلۇقمۇ ياكى ۋەتەنپەرۋەرلكمۇ؟ فىلىمدە دىئالوگلار شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كونسۇلدىكىلەرنىڭ "بىز دېگەن ھازىر ئامېرىكىدا "دەيدىغان گەپلىرى بار. بۇ يەردە بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلغا ھۇجۇم قىلىش ناھايتتى چوڭ گۇناھ، لېكىن باشقىلارنىڭ سىياسىتىگە ئارلىشىپ ئەل سايلاپ چىققان، خەلقنى باياشاتلىققا ئېرىشتۈرمەكچى بولغان ۋەزىر ۋە داھىلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ خەلقنى خار قىلىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس دەيدىغاندەك بىچارە پىسخىكىسىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. بەلكىم بۇ پسىخىكا بىزلەردىمۇ بولۇپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. كىنونىڭ ۋەقەلىكى داۋاملىق مۇشۇ نەرسىلەرنى سۆزلەپ تەرەققي قىلىدۇ. بۇ فىلىم ئىرانلىقلارغا ھېچقانداق ئۇۋال قىلمىغان بەلكى پۈتۈنلەي ئەينى چاغدىكى ئىرانلىقلارغا قىلىنغان ئۇۋالچىلىقنى ئاقلاشنى مەقسەد قىلغان. فىلىمنىڭ تەسۋىرى بويىچە سۆزلىسەك ئىرانلىقلار ئامېرىكا كونسۇلىغا بېسىپ كىرىشتە ھېچقانداق چېكىدىن ئاشىدىغان زوراۋانلىقلارنى قىلمايدۇ. ئامېرىكىلق ئەسكەرلەر ئۇلارغا ئىس بومبىسى ئاتقان چاغدىمۇ ئۇلار چۆچۈپ كېىتپ بىرەر تال ئوق چىقىرىپ تاشلىمايدۇ. نامايىشچىلار كونسۇلغا بېسىپ كىرىشكە باشلىغاندا ئامېرىكلىقلار بارلىقلار ئارخىپلارنى ۋەيران قىلىشقا باشلايدۇ. لېكىن ھېلىقى ئىشخانىدىكى ھۈمەينىنىڭ يۈزىگە سانجىپ قويغان ئوقيالارنى ئېلىۋەتمەيدۇ. ھۈمەينى ئۈچۈن جېنى پىدا ئىرانلىق نامايشچى بۇ ھاقارەتتتىن شۇنداق غەزەپلەنگەن چاغدىمۇ ئۇلارنى ئېتىۋەتمەيدۇ ياكى ئۇلارنى ئۇرمايدۇ. لېكىن كۆرۈرمەنلەرگە بۇ كۆرۈنۈش پەقەت كۈلكىلىكلا تۇيۇلغانلىقى ئېنىق. بۇ ۋەقە مۇشۇنداقلا راۋاجلىنىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە نامايشىچىلارنىڭمۇ كونسۇلنى ئىگەللەپ دىپلوماتلارنى تۇتقۇن قىلىشنى مەقسەق قىلمىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى ھېلىقى ئالتە دىپلومات قېچىپ كەتكەن كەينى كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ بۇلار بىلەن كارى بولمىغان. فىلىمدە دېيشىلچە ئۇلار سىرتتا بىر قانچە كونسۇلغا دوقۇرۇشۇپ ئاندىن رەت قىلىنىپ ئاخىرى كانادا كونسۇلىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشكەن. ئاندىن پارلامېنتنىڭ 7- قەۋىتىدىكى دىئالوگلارمۇ ناھايتتى ئېسل: # W* j) v: y* W" S' u9 K6 @: I
-ئۇلار بىزگە مۇشت ئېتىپتۇ، بىز قايتۇرۇپ ئۇرالمامدۇق؟
- مۇساددېھ، بىز باشتا ئۇلارغا قىلغان.) E6 g$ @& F5 J; d( F9 I0 |
-
- بىز ھېلىقى گۇي(شاھ)غا ياردەملىشىپ پۈتۈن ئاھالىنى قېينىدۇق.
-ئۇلار ئامېرىكا كونسۇلىنى ئىشپيونلارنىڭ ئۇگىسىكەن دەپتۇ…; k" `5 c$ Y0 c, z1 p4 v
( بۇ يەردە ئۇلار نىمە ئۈچۈن كونسۇلنى شۇنداق ئاتايدۇ؟ چۈنكى كونسۇلدىكىلەر نىمە ئۈچۈن بارلىق ئارخىپ ماتىرىياللارنى يوق قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئىرانلىقلارنىڭ ئۆيىدە ئۇلاردىن يوشۇرۇن مەخپىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا ئۇلارنى ئىشپيون دەپ گۇمانلانسا ئەلۋەتتە بولىدۇ)1 [8 R0 u; e1 V
-ئۇ يەردە 3 ciaخادىمى بارتى ئۇلار ئىنقىلاپ بولغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمۇ؟
-شاھنى ئۇلارغا ياندۇرۇپ بەرمىگىچە ئۇلار قايتۇرۇپ بەرمەيمىز دەيدۇ.8 q( g( o/ b# r: q4 V( }
-ئۇنى ئايرۇپىلانغا سېلىپ قايتۇرۇپ بېرەيلى. ئۇ بەرىبىر ئۆلەي دېدىغۇ. & T0 I! T) H- [7 R5 @2 z
-ئوبدان. بىز بارلىق ئەخمەقلەرنى ئۇلار راك بولۇپ قالغىچە ھېمايىگە ئالامدۇق؟. ^; ~8 ~$ ^( ^" E1 S# X8 ~! f
-ياق، پەقەت بىز تەرەپتە تۇرغان ئەخمەقلەرنى.
- شۇڭا ھازىرقى بارلىق بىز تەرەپتىكى ئەخمەقلىرىمىز ئەخمەق تەختىدىلىرىدىن بىر كۈنى ئاغدۇرۋېتىلسە ئۆزلىرىنىڭ تاللىرىنىڭ سىنايلىق تۆگە تىۋىپلىرى تەرىپىدىن سۇغۇرىۋىلىنمايدىغانلىقىنى بىلسۇن. 5 Z" E, B9 @9 F' U2 O% ^8 Z
شۇنداق قىلىپ 69كۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ. & C8 t. b7 C+ d0 b" c9 T/ |
بېن ئافلىكنىڭ مۇشۇ دىئالوگلارنى يۈرەكلىك ھالدا ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا كشىلەرنى ئامېرىكىلىقلارغا ھېسداشلىق قىلدۇرالىغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ ماھارىتى ئارقىلىق مېدىئانىڭ قورقۇنۇچلۇق ئىقتىدارىنى نامايەندە قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇپ ھېسىيات جەھەتتە خاتالىشىۋاتىمىز. جىمى كارتېرنىڭ خىجىل بولماي :" ئىراننىڭ قىلمىشىلىرى مەدەنىيەتلىك دۇنيانى چۆچۈتتى"(actions of iran have shocked the civilized world) دەپ قويۇشلىرى كىشىلەرگە بەك تەسىرلىك ئاڭلىنىپ كېتىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ، بىز كۆنۈپ كەتكەن ئامېرىكىچە ئاھاڭ، ئامېرىكىچە چىرايلار. بارلىق كىنولاردا ئىجابى قەھرىمان بولۇپ چىقىدىغان بۇ چىراي ۋە ئاھاڭلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ مەيلى ئۇلار قانداق قورقۇنۇچلۇق ئەسكىلىكلىرىنى بايان قىلىۋاتقان بولسۇن بىز بەرىبىر ئۇلارنى سەلبى تەرەپكە چىقىرالمايمىز. بۇ كىنونىڭ سېھرى،شۇنداقلا مېدىئانىڭ سېھرى. 4 O4 k3 i, M4 H0 j: \
مۇداپىيە ۋە گۇمان ئېڭىڭىزنى كۈچەيتىپ تۇرۇپ بۇ فىلىمنى قايتىدىن كۆرسىڭىز بەلكىم ھېسىياتىڭىز ئازىراق بولسىمۇ باشقىچە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكىلقلارنىڭ نادان قىلمىشلىرىنىڭ قەستەنگە تەكىتلىنىپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىيالايسىز. دوستلىرىم ئىچىدە لېكىن بۇ فىلىمدە ئىرانلىقلار بەك زوراۋان تەسۋىرلىنىپتۇ دېگەنلەر بولدى. بەلكىم قىساسچىلارنىڭ ئۆلۈم قەتىللىرىدۇر. لېكىن قىزىق يېرى ئامېرىكىلىقلارغا ھېچقانداق زوراۋانلىق قىلغان كۆرۈنۈشى يوق. بەلكى ئامېرىكىلقلار بولسا ئامېرىكىدىكى ئىرانلىقلارنى ئۇرغان كۆرۈنۈشلىرى بار. ئۇنى ئۇرۇۋاتقان ئاشۇ ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ ئىراننى تاشلاپ ئامېرىكىنى خالاپ قېچىپ كەلگەن ئىرانلىقلىقىنى پەرق ئىتەلمەيدىغان ئەخمەقلەرمۇ ؟ تېلېۋىزورلار نىمىشقا مۇشۇنداق ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىش ۋە گەپلىرىنى تارقىتىدۇ؟ ھېلىقى بىر كۆزەينەكلىك گومۇش ئوقۇغۇچىنىڭ گېپىچۇ : ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى كونسۇلغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئۇلاردىن بىر قانچىسىنى ئېتىۋىتىپ ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ قويۇشىمىز لازىم ئىدى. مۇشۇ كۆرۈنۈشلەرمۇ بىزنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا بولغان ھېسداشلىقىمىزنى قوزغىيالىدىمۇ؟ بۇ فىلىم قارىماققا بىمەنە لېكىن چۇڭقۇر مەنىلىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن تولغان. ھوللىۋۇد مەينەتچىلىكلىرىمۇ خېلى كۆپ ئاشكارىلانغان. مەن سۆزلەپ ھېرىپ كەتتىم. سىلەرنىڭمۇ قايتىدىن كۆرۈپ ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەقىقەتەن بەك كۆپ….. " I, p+ u; W5 K9 h# n0 M
ئاخىرىدا ئۇلار ئايروپورتتا تەكشۈرۈشدىن ئۆتۈۋاتقاندا ھېلىقى ئىرانلىق ئەسكەرنىڭ سۆزلىرى تەرجىمە قىلىنمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى پارىسچىنى بىلمىسەكمۇ چۈشىنىشىمىز مۈمكىن. ئۇ چوقۇم" سىلەر ئىرانغا كېلىپ مۇشۇنداق يېرىم يالىڭاچ قىزلار چىقىدىغان فىلىم ئىشلىمەكچىمۇ؟ ئىراندا يالىڭاچ قىز چىقىدىغان فىلىم ئىشلەيمەن دەپ ئامېرىكىلقلارنى ئەخمەق قىلغىنىڭلار بىلەن مېنى ئەخمەق قىلالمايسىلەر…….." لېكىن ئافلېك ئۇنىڭغا ئىسم كارتىسنى بېرىپ تېلېفون ئۇرۇپ ئۆزلىرنى جەزىملەشتۈرۈپ بېقىشنى ئۆتۈنگەندە بۇ ئەقىللىق ئەسكەر بىز بىلەن قوشۇلۇپ ئالدىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ كانادا ئەمەس ئامېرىكىغا ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى جەزىملەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن پاراڭ. ئاخىرىدا ئۇلار سائىتىگە 500كىلومىتىر ماڭىدىغان ماشىنىلارغا تۇتۇق بەرمەي قېچىپ كېتىدۇ. توني مېندېز ئالتە تۇتقۇننى قۇتۇلدۇرپ چىققان قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ. ئادەملەر ھەممىسى كاناداغا رەھمەت دېيىشىدۇ. لېكىن ھەممىمىز كونسۇلدا تۇتۇقلۇق تۇرغان 50نى ئۇنتۇپ كېتىمىز ۋە كىنو تۈگەي دېگەندىلا ئۇلارنىڭ 444كۈندە ئامېرىكىغا قايتۇرۇلۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىمىز . ئىرانلىقلارنىڭ بۇ ئىنسانپەرۋەرلىكى كىملەرنى تەسىرلەندۈرەلىدى؟ كىملەر ، قايسى ئامېرىكىلقلار ئىرانلىقلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېيتتى؟
argo fuck yourself!
ېكىن مۇشۇنداق فىلىملەرنىڭ ئامېرىكىلقلار تەرىپىدىن ئىشلىنىدىغانلىقى ۋە بىر قىسىم ئادەملەر تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن يەنىلا ئۈمىدسىزلەنمەيمەن. خۇددى ئارگونىڭ بۇ قېتىم روياپقا چىقىشى ۋە غەلبە قىلىشى ۋە ئاقساراينىڭ بۇ ئشىقا ئارلاشتۇرۇلۇشنىڭ ھەممىسى يەنە بىر قېتىملىق سىياسي ئويۇندەك.لېكىن بۇ قېتىم ئويۇننىڭ مەقسىتى كشىلەرنى ئالداش بولماستىن ئۇلارنى ئويغاتماقچى بولۇۋاتقاندەك............, m$ a! k' S' Y8 B$ u6 Z' B
5 T0 U* F( a( ]8 Z2 G7 h
بۇبۇس،نۈ
|