ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

چاقماق پالۋان 1-بۆلۈم 2-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
فىلىم ئىسمى              چاقماق پالۋان 1-بۆلۈم 2-قىسىم

خەنزۇچە نامى 闪电侠 第一季
ئېنگىلىزچە نامىThe Flash
دۆلىتىئامېرىكا
تىلىئېنگىلىزچە
يېزىقى ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە
قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 10-ئاي
قىسىم سانى 1- بۆلۈم 23 قىسىم، 2- بۆلۈم داۋاملىشىۋاتىدۇ
ئۇزۇنلۇقى ھەر قىسىمى 40 مىنۇت ئەتراپىدا
سىغىمى 1.04 گىگابايىت
شەكلى م پ 4
ئېنىقلىقى 720 پ
تەرجىمان ئاسىم، شاھزادە(مەردان428)
تەھرىر ۋە
كىرىشتۈرگۈچى
شاھزادە(مەردان428)
فىلىمنىڭ قىسقىچە
چۈشەندۈرۈلىشى
   بۇ كىنو <<چاقماق پالۋان>>  ناملىق بالىلار كارتون كىتابىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن بولۇپ، چاقماق پالۋان تۇغۇلغىلى 1940-يىلىدىن باشلاپ ھېساپلىساق ھازىر ساق 75 يىل بولۇپتۇ.
بەۋرىي ئەللىن ئىسىملىك 11 ياشقا كىرگەن، ناھايتتى ئەقىللىق بالا بولۇپ، شۇ چاغدا ئانىسى سىرلىق سەۋەب بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ۋە دادىسى ئۆز ئايالىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دېگەن گۇمان بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كېتىدۇ. بەۋرېينى بولسا دادىسىنىڭ ساقچى دوستى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئۇ ناھايتتى ئەقىللىق، چىقىشقاق چوڭ بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەھلىلچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، ۋە ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئېنىقلىماقچى بولىدۇ. شۇ چاغدا بىر قېتىملىق قاتتىق چىققان سۈنئىي چاقماق ئۇنى سوقىۋېتىدۇ. دوختۇرخانىدا ئۇزاق مەزگىل ياتقاندىن كىيىن دوكتۇر خاۋرىسىن ۋېللىس باشچىلىقىدىكى ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا تەجىرىبىخانىسىدىكى كىشلەر تەرپىدىن تەرجرىبىخانىغا ئەكىتىلدۇ ھەم شۇ جايدا ھۇشىغا كىلىدۇ. ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ. ھەم  ئۇنىڭ بەدىنىدە غايەت ئۆزگىرىش بولىدۇ....فىلىم ۋەقەلىكى بىز ھەر بىرىمىزنىڭ كىچىكىمىزدىكى ساددا ھەم ساپ بولغان قەھرىمان بولۇپ كىشلەرنى قۇتقۇزۇشتەك گۈزەل ئارزونى ئەسلەتسە، قەھرىمانلارنىڭ باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىش، ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشلەرگە ئامالسىز يالغان سۆزلەش، ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىيەلمەسلىك، سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايمۇقۇش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈشتەك، ۋاز كەچمەسلىك، تىرىشىش، ھەر بىر ئىش قىلغاندا ئۆز ئەتراپىدا نۇرغۇن دوستلىرى بارلىقىنى ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلكىنى، بەزى ئىشلارنى يالغۇز ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولغان بىلەن كۆپ قىسىم ئىشلاردا يەنىلا ئىتىتىپاقلىقنىڭ كۈچىنىڭ ھەر قانداق بىر كۈچتىن غالىپ كىلىدىغانلىقىدەك، كىشلەرگە ئىلھام ئاتا قىلىدىغان مەزمۇندا راۋاجلىنىدۇ.
ئىككىنچى قىسىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
   ئ‍ونۋېرسىتىت ئ‍الىم سايمون ستاگنىڭ ئ‍ېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئ‍ۆتكۈزىدۇ، بەۋرىي ئ‍ايرىسقا ھەمراھ بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئالتە قوراللىق بۇلاڭچى پائالىيەت مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ، بەۋرىي شۇ ھامان چاقماققا ئايلىنىپ ئۇلارنى توسىدۇ. ئ‍ۇ بىر ئ‍ادامنى قۇتقۇزۋالىدۇ، بىراق  ئ‍ەبلەخنى  تۇتۇشتىن بۇرۇن ھوشىدىن كېتىدۇ،  بۇ ئ‍ۇنى ناھايىتى ئ‍ۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ۋېللىس دوكتور، كەيىتلىن ۋە سىسكولار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئ‍ۇنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، جوۋ بەۋرىينىڭ ئ‍ۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقىنى، قانۇننى كۆزگە ئ‍ىلمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەيدۇ.تېخىمۇ مۇھىمى ئ‍ۇ ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلماسلىقى  كېرەك ئىدى. بەۋرىي ناھايىتى تېزلا ئ‍ۇ ئ‍التە ئ‍ادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئ‍ادەم ئىكەنلىكىنى، يەنى دەنتون بىلاك ئ‍ىسىملىك ئ‍ۆز بەدىنىنى كۆپەيتەلەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئ‍ادەم ئ‍ىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ ئىشتىن كىيىن ئ‍ايرىسنىڭ قىزىل سايىگە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ .


ئەسكەرتىشفىلىم ھازىرچە يەنىلا بەيدۇ بۇلۇتىغا يوللاندى، چىڭ توڭدىكى مەنبە تۇلۇقلىنىۋاتىدۇ...
چۈشۈرۈش ئادىرىسى 1
                          فىلىم كەسمە رەسىملىرى
   

   

   


چۈشۈرۈش
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار22

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
barchuq ۋاقتى: 2016-3-1 16:37:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى چىقتى بۇ كىنونىڭ داۋامى ، بەك ئۇزۇندا چىقتىغۇ؟
رەھمەت ھارمىغايسىز،ئاخىرىنىمۇ ئۈزۈپ قويماسلىقىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن.
فىلىم ھەقسىز يوللۇنۇپتۇ، يەنە بىر قېتىم رەھمەت. لىكىن خاتالىق بۇلۇپ ھەقلىق بوپ قالسا دوللار تۈلۈۋىتىمەن
ئاخىرىنى قىلماسمىكىن دەپ قالغانتىم جۇمۇ بۇ كىنونىڭ
گېلەم
 ئىگىسى| مەردان428 ۋاقتى: 2016-3-1 16:42:58 | ئايرىم كۆرۈش
ακβαя يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 16:37
ئاخىرى چىقتى بۇ كىنونىڭ داۋامى ، بەك ئۇزۇندا چىقتىغۇ؟
...

بولسا شۇنداق قىلسىلا، دوللىرىم يىتىشمىسە سىلدىن قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ تۆلىگەن دوللارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرەمەن.
كىگىز
شاكىر ۋاقتى: 2016-3-1 16:53:16 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنونىڭ ئاخىرى چىقارمۇ؟ چىقماسمۇ؟دەپ 1-قىسمىنمۇ كۆرمىگەن ئىدىم، ئەمدى ئىككى قىسىمنى بىراقلا كۆرەي،تەرجىمانغا رەھمەت.
ئورۇندۇق
razzak ۋاقتى: 2016-3-1 17:01:12 | ئايرىم كۆرۈش
بەك تەس چىقتى بۇكىنو. راستىننى دىسەم بۇ كىنونى 1قىسمىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كىتىپتىمەنكەن ، مانى كۈرۈپ يادىمغا كەلدى .
داق يەر
barchuq ۋاقتى: 2016-3-1 17:15:31 | ئايرىم كۆرۈش
مەردان428 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 16:42
بولسا شۇنداق قىلسىلا، دوللىرىم يىتىشمىسە سىلدىن قەرى ...

ئۇنداق قىلساق بەك زىيان بوپ كېتەرمىكىن
مىخ
dartman119 ۋاقتى: 2016-3-1 17:26:15 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ كىنونىڭ داۋامىنىمۇ تولۇق تەرجىمە قىلىدىغانلسىلەر ھە ؟؟
9#
saarhil ۋاقتى: 2016-3-1 17:38:14 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامى چىقمىغۇدەك دەپ مەنمۇ بىرىنجى قىسىمنى كۆرمىگەن، ئەمدى كۈرۈشنى باشلىسام بولغۇدەك ، داۋامىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !!!
10#
ئاكاش7773 ۋاقتى: 2016-3-1 18:17:47 | ئايرىم كۆرۈش
مەردان428 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 16:42
بولسا شۇنداق قىلسىلا، دوللىرىم يىتىشمىسە سىلدىن قەرى ...

بۇفىلىمنى .ئاخىرغىچە تەرجىمە قىلامسىز ئەگەر ئاخىرغىچە تەرجىمە قىلسىڭىز  ئەتە دوللار تولۇقلاپ قويايدىگەن ئىدىم  
11#
 ئىگىسى| مەردان428 ۋاقتى: 2016-3-1 18:24:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكاش7773 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 18:17
بۇفىلىمنى .ئاخىرغىچە تەرجىمە قىلامسىز ئەگەر ئاخىرغىچ ...

نىسىپ قىلسا داۋاملىق قىلىمىز. تەرجىمىسى بىر يەرگە بېرىپ بولغان كىيىنكى ئەمگەكلىرىنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي كەينىگە سۈرلۈپ كەتتى، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
12#
ئېلھام ۋاقتى: 2016-3-1 18:24:45 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق  ئايدا  بىر  قىسىمدىن  تەرجىمە  قىلسىڭىز  10  يىلدا  كۆرۈپ  بولامدۇق  نىمە ؟  ئەڭ  ئاستا  بولغاندىمۇ   ھەپتىدە  بىر  قىسىم  تەرجىمە  قىلىسىڭىز  بولاتتىدە....

مەن  مۇشۇ  كىنونى  كۆرۈشنى  ئۇزۇندىن  بۇيان  كۈتىۋاتىمەن .
13#
 ئىگىسى| مەردان428 ۋاقتى: 2016-3-1 18:28:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئېلھام يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 18:24
بۇنداق  ئايدا  بىر  قىسىمدىن  تەرجىمە  قىلسىڭىز  10  يىلدا ...

بىزمۇ شۇنىڭغا تىرىشىۋاتىمىز، تەرجىمە پۈتسىلا ئېلان قىلغىلى بولمايدىكەن، بولمىسا بۇنداق كەينىگە سۈرلۈپ كەتمەيتى. توغرا چۈشىنىڭ
14#
نۇرئەلى2 ۋاقتى: 2016-3-1 19:26:10 | ئايرىم كۆرۈش
1-بۆلىمىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز كۆرمىگەنلەر كۆرىۋالسۇن
15#
yakup1232 ۋاقتى: 2016-3-1 19:33:32 | ئايرىم كۆرۈش
مەردان428 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 18:28
بىزمۇ شۇنىڭغا تىرىشىۋاتىمىز، تەرجىمە پۈتسىلا ئېلان ق ...

سىزنى قوللايمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

6پىنتوزىلىرى

28تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1