ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى-- خۇلاسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2039 27
شەمسى ۋاقتى: 2013-1-23 17:59:31 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
  شۇنداق قىلىپ مىلادى 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى باشلانغان «شەمشەر تورى» ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمنىڭ تەرجىمىسى شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى تامام بولدى، بۇ بەش ئاي داۋامىدا تەرجىمان مەيلى مۇشۇ كارتوندىن بولمىسۇن ياكى فىلىم باشتىن ئاخىرى يوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاق بۈركۈتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى، بېكەتتىكى ئىناقلىق ھەم كۆيۈنۈش ياردەملەردىن كۆڭلى سۆيۈندى... ئەمما ئاخىرقى قسىمنىڭ تەرجىمىسى تاماملانغان كۈننىڭ ئەتىسى تەرجىمان تاغىسىنىڭ مۇسىبىتى ئۈچۈن ئۇچىسىغا قارىلىق كىيىملىرىنى كىيدى... شۇ سەۋەبلىك تاماملانغان تەرجىمە ھۆججەتلىرى تەھرىرنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمەي فىلىم كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇنداق كېيىن يۈز كۆرۈشتى...
  كارتون فىلىمنىڭ تىزىملىكى:
        1- قىسىم: شەمشەر دۇنياسى
        2-قىسىم: بېكىنمىچى
        3- قسىىم: رودژېستۋو بۇغىسى
        4- قىسىم: قارا چەۋەنداز
        5- قىسىم: بىخەتەر رايون ۋەقەسى
        6- قىسىم: مەۋھۇم قىساسكار
        7- قىسىم: ئىللىق قەلب
        8- قىسىم: ئاق-قارا شەمشەر ئۇسۇلى
        9- قىسىم: كۆك كۆز ئالۋاستى
        10- قىسىم: قىزىل رەڭ قاتىللىق ھىدى
        11- قىسىم: سۈبھىدىكى قىزچاق
        12- قىسىم: يۈيىنىڭ قەلبى
        13- قىسىم: دوزاخ چىگرىسى
        14- قىسىم: ئاخىر زامان
        15- قىسىم: قايتىش
        16- قىسىم: ھۆرزاتلار دۆلىتى
        17- قىسىم: قامالغان خانىش
        18- قىسىم: جاھان دەرىخى
        19- قىسىم: رۈگۈرۈ كارىدورى
        20- قىسىم: ئاتەش سانغۇن
        21- قىسىم: ھۆرزاتلار تورىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى
        22- قىسىم: ئىمكانسىز ۋەزىپە
        23- قىسىم: ھەمراھ
        24- قىسىم: ئالتۇن ھەل باتۇر
        25- قىسىم: جاھان ئۇرۇقى

  مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بىر فىلىمگە ئۇدا بەش ئاي زېھنىمنى سەرىپ قىپتىمەن، ئەمما بۇ كارتون شۇنىڭغا ئەرزىيدۇ. كەلگۈسىگە بولغان ئارمان، دوستلۇق، مۇھەببەت، باتۇرلۇق ھەم ئىرادە پەقەت كارتونغىلا خاس بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ... بۇ ھەم مېنىڭ كارتون فىلىمغا ئامراق بولۇشۇمدىكى سەۋەب. ئەمما نېمە ئۈچۈن بۇ كارتوننى تەرجىمە قىلىشنى خالاپ قالغىنىمغا كەلسەك، مېنىڭچە پەقەت مەنلا ئەمەس كۆپ ساندىكى بالىلار مۇمكىن بولسا ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق ياكى كومپىيوتېردا ئوينىغان شۇ ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئويناپ باققۇسى كېلىدۇ ئەلۋەتتە، ئاپتور مۇشۇنداق بىر ئورتاق ئىنتىلىشنى تۇتىۋېلىپ غايىۋى تەسەۋۇرغا تولغان بىر دۇنيانى، كىرىتو ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن ئاجايىپ بىر روماننى يېزىپ چىقتى. ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي ئويۇن ئىچىدىكى ۋەقەلىكلەرگىلا ئېسىلىۋالماي ئاشۇنداق بىر غايىۋى دۇنيادا كىشىلەر ئارىسىدا يەنىلا مۇھەببەت، دوستلۇق مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئالغا ئىنتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھەم روماننىڭ شۇنچىلىك بازار تېپىشى شۇنداقلا مېنىڭ بۇ كارتوننى تەرجىمە قىلىشىمنىڭ سەۋەبى. ئۇنىڭ رومانى ياپونىيەدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا بازار تاپتى ھەم كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەندى. كارتون فىلىم قويۇلىشىغىلا ئوخشاش ۋاقىتتا قويۇلۇشقا باشلىغان كارتون فىلىملەر قاتارىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى، يىل ئاخىرىدىكى راي سىناش نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، 2012- يىلى قويۇلغان كارتون فىلىملەر ئىچىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكىنى «شەمشەر تورى» ئىدى. (ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئوخشاش تېمىدىكى رومانى «تېزلەتمە دۇنيا» غا ئاساسلىنىپ ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كارتون فىلىم 4- ئورۇندا. ئەسلىدە بۇ كارتوننى ھەم تەرجىمە قىلىش ئويۇم بار ئىدى، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى تەرجىمە قىلىشتىن ۋاز كەچكەن.) جۈملىدىن ئاق بۈركۈتتىمۇ بۇ كارتون فىلىم ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلدى. شەخسەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بىر كارتوننىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق تاماملاپ ھاردۇقۇ چىققان بولدى، ئەمما بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىم يەنە نۇرغۇن...
  مەنلا سۆزلىمەي، تەھرىر- دىلمۇراتمۇ يازمىنى تەھرىرلەپ قويغاچ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز...  
  كېيىنكى مەزمۇنلاردىن ئالدىن مەلۇمات:
  گەرچە كارتون فىلىم تولۇق ئاياغلاشقان بولسىمۇ ئەمما رومان ۋەقەلىكى تېخى تۈگىگىنى يوق، بىز كۆرۈپ تۈگەتكەن ۋەقەلىكلەر بولسا كىتابنىڭ ئالدىنقى تۆت قىسىمى ۋە سەككىزىنجى قىسىمدىكى قىسمەن ۋەقەلىكلەر. ئەمما ئورگان بېتى ۋە باشقا تاراتقۇلاردا «شەمشەر تورى» نىڭ داۋامى ياكى تياتېر نۇسقىسى، ova دېگەندەكلەرنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقى توغۇرلۇق مەلۇمات يوق، شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق ياخشى كىرىم ياراتقان بىر كارتون مۇشۇنداقلا توختاپ قالمايدۇ دېيىشىۋاتىدۇ، يەنە نۇرغۇن تورداشلار ئىككىنجى بۆلۈمنىڭ چىقىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ(مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە... ). ئەگەر يەنە بىر بۆلۈم چىقىدىغان بولسا ئاللا ئىمكانىيەت بەرسە ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىمەن...
  ئەمدى بۇندىن كېيىن نېمە مەزمۇزنلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى: بەشىنجى ۋە ئالتىنى قىسىمنىڭ ئىسمى «ئەرۋاھ ئوق». كىرىتو خوجۇلۇق باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن Gun gele online ناملىق بىر ئويۇندا مەۋھۇم دۇنيا ھەم رېئال دۇنيادا تەڭلا يۈز بەرگەن قاتىللىقۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئويۇنغا كىرىپ سىنون ئىسىملىك سنايپېر مىلتىق ئېتىشقا ئىنتايىن ماھىر بىر قىز بىلەن تونۇشىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلگىرى شەمشەر تورىدىكى قاتىللار ئۇيۇشمىسى «شادىمان تاۋۇت» نىڭ سابىق ئەزاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ سىرلىق ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا باشلايدۇ...

  يەتتىنجى قىسىم ئاساسەن پارچە ۋەقەلىكلەر،بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر باب كارتون فىلىمنىڭ 5- ۋە 6- قىسىملىرىنىڭ ۋەقەلىكى. توققۇزىنجى قىسىمنىڭ ئىسمى «ئانىنىڭ دۇئاسى» بۇ قىسىمدا بىر سىرلىق شەمشەرۋاز ھۆرزاتلار تورىغا تىزىملىتىپ كىرىپ ئويۇندىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن دۇئىلغا چۈشۈپ ھەممىسىنى مەغلۇپ قىلىپ باشقىلار تەرىپىدىن «غالىپ»(绝剑) دەپ ئاتىلىدۇ، ھەتتا كىرىتومۇ ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قالىدۇ. ئاسۈنا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ «غالىپ» بىلەن بىر مەيدان تۇتۇشۇپ باقماقچى بولىدۇ... ئۇلار تۇتۇشقاندىن كېيىن غالىپ ئاسۈنانى ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىسى بىلەن بىرگە ئاتامانغا جەڭ ئېلان قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ... (ئەمەلىيەتتە بۇ قىسىمنىڭ ۋەقەلىكى بەك تەسىرلىك)

  توققۇزىنجى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىكىقىسىملاردىكى مەزمۇنلار ئاساسەن كىرىتونىڭ بىر خىل يېڭى تەقلىدى رېئاللىق تېخنىكىسىنى سىناق قىلىشقا قاتنىشىپ شۇ جەرياندىكى under world دەپ ئاتىلىدىغان تەقلىدى دۇنيادىكى ئىشلىرى سۆزلىنىدۇ...


  بۇندىن كېيىنكى پىلان ۋە نىشان:
  شەمشەر تورى تاماملانغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ۋە قىسمەن ئۆگىنىش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يەنىلا كارتون فىلىم تەرجىمە قىلىشنى ئاساس قىلماقچى، تۆۋەندە ئۆزۈم تاللىغان ئەمما تەرجىمە قىلىشنى تېخى باشلىمىغان ئىككى كارتون فىلىملارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.  ئەمدى ھەممىنى ئۆزى تاللىۋاپتۇ دەپ قالماڭلار، مېنىڭچە ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ھەم بىر قەدەر ياخشى چۈشەنگەن ئەسەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلالايمەن دەپ قارايمەن شۇڭا...
  پولات كىمياگەر- 钢之炼金术师
  شۇ ناملىق چاتما رەسىملىك كىتاب (مانگا) دىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بۇ كارتون فىلىم ئىككى نەپەر ئاكا-ئۇكىنىڭ ئاپىسىنىڭ تەبەسسۇمىنى قايتا كۆرۈش ئىستىكىدە كىمياگەرلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ كېيىن كىمياگەرلىكتە ئەڭ قاتتىق چەكلىنىدىغان ئىشنى قىلغاندىن يەنى ئادەم تاۋلىغاندىن كېيىن ئۇكىسى پۈتۈن بەدىنىدىن ئاكىسى بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاكىسى ئۇكىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قولى بەدىلىگە ئۇكىسىنىڭ روھىنى بىر قۇرۇق ساۋۇتقا بەنت قىلىپ قويىدۇ... شۇندىن كېيىن بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئۆز بەدىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.
  مەزكۇر كارتون فىلىمنىڭ ئىككى نۇسخىسى بار بىرىنجىسى 2003- يىلى ئىشلەنگەن،  قويۇلغاندىن كېيىن ئەسلى ئەسەردىكى باش قەھرىماننىڭ كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىكى ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن 2009- يىلى fa نۇسخىسى ئىشلەنگەن. ئەگەر تەرجىمە قىلسام مۇشۇ نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىمەن.
   تېزلەتمە دۇنيا- 加速世界
  دەپ ئۆتۈلگىنىدەك بۇمۇ شەمشەر تورىنىڭ يازغۇچىسى كاۋاخارا رېكىنىڭ ئەسىرى. بۇنىڭدا ئاساسەن ئويۇن ئىچىدىكى ۋەقەلىكلەر سۆزلىنىدۇ، ئىشقىلىپ خېلى يامان ئەمەس، لېكىن بەزىبىر جايلىرىنى كىچىك بالىلار بىلەن بىللە كۆرمىگەن تۈزۈك، شۇڭا بۇنى تەرجىمە قىلمايمۇ دېگەن، ئەمما خېلى تۈزۈك كارتون بولغاچقا تېخىچە مېھرىمنى ئۈزەلمەيۋاتىمەن، كېيىنچە ماسكا كودىنىڭ ياردىمى بىلەن تەرجىمە قىلىۋېتىشىممۇ مۇمكىن.
قاتناشقانلار سانى 2دوللار +90 يىغىش سەۋەبى
باپكار + 50 دەششەت !
مۇز + 40 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +90

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار27

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
مۇز ۋاقتى: 2013-1-23 21:51:15 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي....
شۇنداق قىلىپ بۇ نادىر كارتونمۇ ئاياغلاشتى .....(راستىنى دىسەم پەقەت قانمىدىم،ئارانلا25-قىسىم)
بۇندىن كىيىن يەنە نادىر كارتونلا بولسا ئايىمىغايسىز..
يىكەنداز
dilmurat ۋاقتى: 2013-1-23 21:57:48 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ كارتوننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى كۆرۈپلا شۇنداق ھاياجانغا تولغان، چۈنكى سىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزيۇممۇ ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ ئويناش ئىدى، ھازىرغىچە ئادەم ئاشۇنداق كاللىسىغا بىر نېمە كىيىپ تۇرۇپ مېڭىسى بىلەن ئويۇن باشقۇرۇپ ئوينىسا دېگەندەك خىياللارنىمۇ قىلىپ قويىمەن، كارتون دېگەننى ئاڭلاپلا نۇرغۇن تاغاشلار كىچىك بالىنىڭ نەرسىسىغۇ دەپ قاراپمۇ قويمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ كارتون راستلا ئۆزگىچە، كۆرمىگەنلەر بولسا قان چېچىپ تۇرۇپ تەۋسىيە قىلاي كۆرۈپ قويۇڭلار، شۇڭا مۇنبەرنىڭ باش بېتىدىن بۇ كارتوننىڭ ئىزناسى تېخى ئۆچۈرۈلمىگىنى يوق...
  ئەمدى تەرجىمانغا كەلسەك، ئەستايىدىللىقىغا ئاپېرىن ئوقۇيالماي تۇرالمايمەن، تەرجىمىگە تاللانغان ئەسەرلىرىمۇ شۇنداق خىل، ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ كۆرگەن «ئەجەل پۈتۈكى» بولسۇن ۋە ياكى «بوشلۇق شەھىرى» بولسۇن شۇنداق سۈپەتلىك چىققان، يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتۈپتۇ ئۆزۈم ياقتۇرغاننى قىلسام، تەرجىمە ياخشى چىقىدۇ دەپ، دېمىسىمۇ شۇ، يېڭى كىنو قوغلاشماي ئۆزىمىز ياقتۇرغان، ئۆزىمىز چۈشەنگەننى قىلساق تېخىمۇ ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى كۆپچىلىككە سۇنالايمىز، شۇڭا بۇ يەردە كونا يېڭى تەرجىمانلارغا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قويىدىغىنىمىز، ئامال بار ئۆزۈڭلار ياقتۇرغان فىلىمنى تاللاپ قىلىڭلار، چوقۇم يېڭى فىلىم قىلىشىمىز شەرت ئەمەس.
  ئەڭ ئاخىرىدا 2012-يىلدا ئاق بۈركۈتكە يېڭىدىن تۈس قوشقان دوستىمىز شەمسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، جاپا چەكتىڭىز!
گېلەم
captain ۋاقتى: 2013-1-23 22:05:14 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ كارتونغا قانماي تۇرۇپ تـۈگىدى دىسە!
راس مەن بۇ كارتوندىن بۇرۇن كۆرگەن كارتونلار ئىچىدە ھەممنىڭ ئالدىدا ‹‹نارۇتو›› دەپ ئويلىغان ئىدىم، لىكىن بۇ كارتوننى كۆرۈپ كارتوننىڭ غوجىسىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
ئەسلى تەسىراتىمنى تۇلۇق بىر يازاي دىگەن.  ۋاقىت قىس بوپ قالدى.
كىگىز
kokbora001 ۋاقتى: 2013-1-23 22:05:37 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كارتون راسلا ياخشىكەن، لىكىن بەكلا قىسقا . 1 قىسىم ئارانلا 20 نەچچە مىنۇت. ئادەم ئەخمەق قىلماي 40 مىنۇتتىن قىلىپ 10 قىسىملا قىلسا بولمامدۇ دەيمەندە،
مۇشۇ باھانىدا شەمسى ئەپەندىممۇ خىلى كۆپ پۇل تىپىۋالدى باشقىلار ئىككى سائەتلىك كىنولارنى تەرجىمە قىلىپ 1 سومدىن ساتسا، شەمسى ئەپەندىم 20 منۇتلۇق كىنونى 1 سومدىن سىتىپ.. ( چاخچاق جۇمۇ)
ئورۇندۇق
باپكار ۋاقتى: 2013-1-23 22:13:54 | ئايرىم كۆرۈش
kokbora001 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-23 22:05
بۇ كارتون راسلا ياخشىكەن، لىكىن بەكلا قىسقا . 1 قىسىم ئا ...

بەش مىنۇتلۇق تەرجىمە فىلىمنى تەرجىما قىلىش ئۈچۈن 1 سائەت كېتىپقېلىشى مومكىن، كىرىشتۈرۈش ۋە باشقىلارنى قوشقاندا قالغىنىنى ئۆزىڭىز ھىساپلاپ چىقارسىز
بىر يۈەنگە بەكلا ئەرزان فىلىم
داق يەر
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-1-23 22:21:08 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2013-1-23 19:57
مەن بۇ كارتوننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى كۆرۈپلا شۇنداق ھايا ...

رەھمەت... 2013- يىلى ئاق بۈركۈت تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولغۇسى...
مىخ
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-1-23 22:27:03 | ئايرىم كۆرۈش
kokbora001 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-23 20:05
بۇ كارتون راسلا ياخشىكەن، لىكىن بەكلا قىسقا . 1 قىسىم ئا ...

ئامما «ئەجەل پۈتۈكى» دەك ئۇزۇن ئۇزۇن كىنولارنى يۈزچە ئادەم سېتىۋالسا مانىڭدەك قىسقىلىرىنى ئاران ئون-يىگىرمە ئادەم سېتىۋالىدىكەن، تارتقان جاپالارغۇ ئاستىدىكى چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بىراقلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ بولمىسا... قارىغاندا كېيىن يەنە مۇشۇنداق كۆپ قىسىملىق بىر نەرسە تەرجىمە قىلىپ قالسام باھاسىنى سەل تۆۋەنرەك قىلساق بولغۇدەك...
9#
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2013-1-24 01:09:28 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ شەمسىگە بەكلا ھۆرمىتىم بار   
10#
كۈمەچ ۋاقتى: 2013-1-24 01:32:19 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
Ejringiz ga kop texekkur men gerqe 30gha kirip kalghan adem bolsammu  bu kartunni wakit qikirip tuluk kordum ,kartun xundak yahxi ixlengen uning gha kitilip terjime ,tehrirlik,filimni pirislash xundak mas kelgen kaysi tereptin bolsun kop ejir kilindi silerning tirishqanlikinglarni mediyelep ognishka erziydu
rehmet aman bulunglar!
(INKAS TILFUNDA YIZILGAN LIKI UQUN YINGI YIZIK ISHLETTIM KEQURUNGLAR)
11#
كۈمەچ ۋاقتى: 2013-1-24 01:43:32 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   小莎车 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-24 22:58  

ماسكا كودى دىگەن نىمە؟
12#
شۇڭقار ۋاقتى: 2013-1-24 13:10:50 | ئايرىم كۆرۈش
مەن يازىدىغان ئىنكاسنى 25-قىسىمنى كۆرۈپ بولۇپ شۇ 25قىسىمنىڭ تىمىسىغىلا يىزىۋىتىپتىمەن . بۇ يەردە بىزنى مۇشۇ كارتون فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان جاپاكەش تەرجىمان شەمسى ئەپەندىگگ يەنە بىر قتىم رەھمەت ئىيتىمەن . شەمسى ئەپەندى سىزنىڭ يىڭى يىڭى تەرجىمىلىرىڭىزگە تەشنامىز .
13#
كۈمەچ ۋاقتى: 2013-1-24 23:00:39 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ماسكا كودى دىگەن نىمە؟
14#
ئاققىر ۋاقتى: 2013-1-25 12:16:55 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبىغا مەنمۇ ناھايتتى قايىل، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ھارمىغايسىز..
مەن كارتون فىىملەرنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەيمەن، نۇرغۇن كارتونلارنى چۈشۈرۈپ قويدۇم ئەمما كۆرۈپ باقمىدىم، بەلكىم مېنىڭ دەۋرىمدىكىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى شۇنداق بولۇشى مۈمكىن، تاسادىپەن «شەمشەر تورى» نىڭ 11-12-قىسىمىنى كىرىشتۈرۈش ۋەزىپىسى ماڭا يۈكلەندى، تەھرىرلەش ۋە كىرىشتۈرۈش جەريانىدا فىلىمدىنمۇ شەمسىنىڭ ئەستايدىللىقىغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم، سۆز جۈملىلەرنىڭ باش ئاخىرىنىڭ ماس كېلىشى ئىنتايىن جايىدا، ئېلىۋېتىدىغان ياكى قوشىدىغان بىرمۇ سۆز يوق، ئاتالغۇلارمۇ ئىنتايىن ئويلىشىلىغان، مېنىڭچە ھەر بىر ئاتالغۇلاردا خېلى كۆپ باش قاتۇرغان، ھېلىقىدەك لۇغەت تەرجىمىسىنى ئۇدۇللا يېزىپ قويىدىغان ئىش يوق، گەپلىرى يەڭگىل، سىلىق تەرجىمە مۇشتاغ بولسا، يەنە تەھرىرلەش بىھاجەت بولسا.... «ئەجەل پۈتۈكى» نىڭ تەرجىمىسىمۇ شۇنداق ياخشى..مەن ئۆزۈمنى خېلى ئەستايدىل ھېسابلايمەن (ئىلگىرى راست مەنمۇ سىزدەكلا بەك ئەستايدىل ئىدىم ئۆزۈمنىمۇ ماخىۋالاي) ، سىزنىڭ ئەستايدىللىقىڭىزغا ھەقىقەتە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن..يەنە ھارمىغايسىز، تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىدىن يەنە نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنى بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىغايسىز، قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ چوقۇم ئەجرى بولىدۇ..
15#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-1-25 15:15:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-25 10:16
شەمسى ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبىغا مەنمۇ ناھايتتى قاي ...

مۇنبەردە نېمىشقا يىغلاپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىۋاتقان چىراي ئىپادىسى يوق...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1