بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taxbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-3-31 16:52
ھالاكەت ئېدرى مۇھېنجۇدارو شەھىرى
نەچچە كۈن ئاۋال ماتىريال كۆرۈش جەريانىدا مۇنبىرىمىزدىن ئەركان خۇتەنى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر چەۋەنداز كىرىشتۈرگەن «مۇھېنجۇدارو ـــــ ئەپسانە» ناملىق فىلىمگە ئالاقىدار بىر مەزمۇننى كۈرۈپ قالدىم. بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مەزمۇننى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن مۇنبەرگە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. يازمىنىڭ مەن ۋە تەرجىمانلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. پەقەت بۇ ھەقتىكى تۇنۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى مەخسەت قىلىپ يوللاندى.
ئالىملار تەرىپىدىن دۇنيادىكى يېشىش ئەڭ قىيىن بولغان ئۈچ چوڭ تەبىئەت سىرنىڭ بىرى بولغان «ھالاكەت ئىدىرى ۋەقەسى» بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3600 يىل ئىلگىرىكى مەلۇم بىر كۈنى يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ھىندى دەرياسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئارالدىكى يىراق قەدىمكى زامان شەھەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئاساسەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن، ئارقىدىنلا قەدىمكى شەھەر يوقالغان. 1922 - يىلىغا كەلگەندە ھىندىستانلىق ئارخېئولوگ بانارېنسەي بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان. شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە ئىسكىلىت بولغانلىقى ئۈچۈن «ھالاكەت ئىدىرى» دەپ ئاتالغان.
مۇھېنجۇدارو شەھىرى ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىرقى پاكىستاننىڭ سىنىد ئۆلكىسى لاركانا ناھىيىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى بۈلەكتىن تەركىب تاپقان، غەربىي بۆلىكىنىڭ ئورنى سەل ئېگىز بولۇپ، ئۇ يەر ئېھتىمال ھۆكۈمرانلار تۇرىدىغان، يىغىن ئاچىدىغان ۋە دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان جاي بولۇشى مۇمكىن، شەرقىي بۆلىكىنىڭ ئورنى سەل تۆۋەن بولۇپ، ئۇ يەر ئېھتىمال ئاھالىلەر رايونى بولۇشى مۇمكىن، مۇھېنجۇدارو شەھىرىدە جەنۇب -شىمال يۆنىلىشىدىكى ئىككى يول بىلەن شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى ئۈچ يول ئۆز -ئارا گىرەلىشىپ شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى كاتەكچىسىمان ھالەتكە كەلتۈرگەن، كەڭلىكى ئون مېتىر كېلىدىغان كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە مۇكەممەل يۇندا يولى قېزىلغان. ئاھالىلەر ئۆيى كوچا بويلاپ سېلىنغان بولسىمۇ، شاۋقۇندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيلەرنىڭ كوچىغا قارىغان تەرىپىگە دەرىزە قويۇلمىغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ھەممە ئۆيگە دېگۈدەك مۇنچا، ھاجەتخانا ۋە ئەۋرەز يولى سېلىنغان ھەمدە كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يۇندا يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيلەرگىمۇ تامنى بويلاپ يۇندا تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان، بۇلار مۇھېنجۇدارو شەھەرنى ھازىرقى زامان ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن مۇھېنجۇدارو شەھەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مۇھېنجۇدارو شەھىرىدىن ساپال بۇيۇم، ساپال ھەيكەل، تۇچ بۇيۇم، مىس تاختا قاتارلىق نۇرغۇن نەپس يادىكارلىق ۋە چاسا شەكىللىك يېزىقلىق مۆھۈر قېزىۋېلىنغان. تۇچ بويۇملار بازغانلاش، قۇيۇش، كەپشەرلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياسالغان، بۇنىڭدىن مۇھېنجۇدارو شەھرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ خېلى يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ مەدەنىي شەھەرنى كىم بەرپا قىلغان؟
مۇھېنجۇدارو شەھەرنىڭ سېپىلى ئىنتايىن پۇختا، كوچىلىرى رەتلىك، ئىمارەتلىرى ھەيۋەتلىك، قوللىنىلغان تېخنىكا سەرخىل بولۇپ، بۇ شەھەرنى زادى كىم بەرپا قىلغان؟ ئۇزاقتىن بۇيان بۇ ھەقتە كىشىلەر توختىماي تالاش تارتىش قىلىپ كەلگەن. مۇھېنجۇدارو شەھىرىنى كىم بەرپا قىلغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قاراش بار: بىر خىل قاراشتىكىلەر، مۇھېنجۇدارو شەھىرىنى ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان سومېرلار بەرپا قىلغان. چۈنكى ھىندى دەرياسى ۋادىسى ئەينى ۋاقىتتا سومېرلارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئىككى دەريا ۋادىسىدىن بۇ يەردە ئىشلەنگەن مۆھۈر، مارجان ۋە ساپال بۇيۇم قاتارلىقلار تېپىلغانلىقى بۇنىڭغا گۇۋاھ بولالايدۇ دەپ قارىغان. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر، مۇھېنجۇدارو شەھىرىنى ئارىيانلار بەرپا قىلغان دەپ قارىغان. ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر مۇھېنجۇدارو شەھىرىنى دىراۋىدلار بەرپا قىلغان دەپ قارىغان. بۇ ئۈچ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز گېپىنى يورغىلاتقان. شۇڭا مۇھېنجۇدارو شەھرىنى كىم بەرپا قىلغانلىقى ھازىرغىچەسىر بولۇپ تۇرماقتا.
قەدىمقى شەھەرنىڭ ۋەيران بولىشىدىكى سىر
شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۇ قەدىمكى شەھەر زادى نېمەسەۋەبتىن بىر كېچىدىلا ئادىمىزاتسىز ھالاكەت دۆڭىگە ئايلىنىپ قالغان؟ بۇ ھەقتە ئالىملار تۈرلۈك قىياس ۋە ھەرخىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ سىرلىق قەدىمكى شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبىنى تاپماقچى بولغان. بەزى ئالىملار مۇھېنجۇدارو شەھىرىدە ئىلگىرى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان بىر قېتىملىق چوڭ پارتلاش يۈز بېرىپ، شەھەر ۋەيران بولۇش، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى تراگېدىيىسى كۆرۈلگەن. چۈنكى شەھەر ئىچىدىكى بەزى ئىزلاردىن بۇيەردە بىر قېتىملىق چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. يەنە بەزى ئالىملار مۇھېنجۇدارو شەھىرى ئۈچ قېتىم چوڭ كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ۋابا تارقالغان، مۇھىت ناچارلاشقان، ئاخىرىدا شەھەر قاقاسلىققا ئايلىنىپ ۋەيران بولغان. يەنە بەزى ئالىملار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1500 - يىلى ئەتراپىدا ئارىيانلار ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئىنسان قەلبىدىن چىقىپ مۇھېنجۇدارو شەھىرىدە رەھىمسىزلەرچە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن، شەھەر مەدەنىيىتى ۋەيران بولغان، دەپ قارىغان. بىراق، بۇ قاراشلارنىڭ ھېچقايسىسى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمكى شەھەر مۇھېنجۇدارونىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقى تا ھازىرغىچەسىر بولۇپ تۇرماقتا.
مەنبە : يەرشارىدىكىسىرلار ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى شىنجاڭ خەلق باش نەشىرياتى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرياتى 2013-يىلى 8-ئاي2-نەشىرى 246-250 بەتلەر (بىر نەچچەپارچە قىستۇرما رەسىمنى تەڭ يوللاش ئىمكانى بولماي قالدى. ئۆزۈر...) |