Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 2617|ئىنكاس: 37
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەخلۇقلار ئۇنۋېرسىتېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئىسمى:مەخلۇقلار ئۇنۋېرسىتېتى
ئىنگلىزچە
Monsters University
دۆلىتى:ئامېرىكا
تىلى:ئېنگلىزچە؛ ئىتالىيەچە
تۈرى: كارتون، كومىدىيلىك، خەتەرلىك، ئاجايىپ
فورماتى:MKV، RMVB
ۋاقتى:2013
يېزىقى:ئۇيغۇرچە
رازمېرى:, 1080,720P
سىغىمى:790mb, 2.6G
ئۇزۇنلىقى:104 مىنۇت
رېژىسسور:
           
باش رولچىلار:
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:بۇ كارتوننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، ئالغان تەسىرات توغىرلۇق ئايرىم تىمىدا توختىلىمەن.



خەتلىك ئىشلىگۈچىلەر:
تەرجىمان: باسمىل
مۇھەررىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى:Ablazewolf
مۇقاۋا ئىشلىگۈچى:     Free

*
*

*

*

*

تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، م ك ۋ ۋە ر م ۋ ب ئىككى خىل نۇسقىدا 360 بوشلۇقىغا يوللاندى. چۈشۈرۈشنى بىلمىسىڭىز بۇنى بېسىڭ. چۈشۈرۈشتە قىينالسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ.
*

ئەسكەرتىش: م ك ۋ نۇسخىسى ئىتالىيەچە، ئېنگلىزچە قوش ئاۋازدا، يۇقىرى سۈزۈكلۈك ئالاھىدە ئۈنۈمدە، كۆپ ۋاقىت، نۇرغۇن جاپادا تەييار بولدى. سىن ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چىققان تىزىملىكىتىن ئاۋازنى تاللاپ بېرىلگەن ئاۋاز دېگەندىن خالىغاننى تاللاپ كۆرۈڭ. (ئەمگىكىمىزنىڭ قەدىرىنى بىلىڭ!)
بېلەت كىرىمى: 118

mkv.rar

133 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 135

باھاسى: 1 دوللار  [خاتىرە]

قوش ئاۋاز سۈزۈك نۇسخىسى

rmvb.rar

134 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 801

تاق ئاۋاز نورمال نۇسخىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش1 ياخشىياخشى2 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2014-1-16 00:12:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئابلىزبۆرىگە رەھمەت .
دىۋاننى پەتھى قىلىپ  تۇراي
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-16 01:06:19 | ئايرىم كۆرۈش
تېخى بىرە يىلنىڭ ئالدىدا مۇقاۋا ئىشلەشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان تىرىشچان دوستىمىز free نىڭ ئىشلىگەن مۇقاۋىلىرىدىن ئىككىسىگە ئەڭ يۇقىرى تەڭ بىلەت چۈشكەچكە ئىككىلا مۇقاۋىسى فىلىمگە ئىشلىتىلدى. مۇكاپات سۈپىتىدە م ك ۋ نۇسخىسىنىڭ كۆرۈش بىلىتىنى سوۋغا قىلدۇق.
گېلەم
ۋاقتى: 2014-1-16 06:30:25 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 01:06
تېخى بىرە يىلنىڭ ئالدىدا مۇقاۋا ئىشلەشنى ئۆگىنىشكە با ...

رەھمەت بۇرادەر جاپا تارىتتىڭىز تەرجىمان تەھرېر ئەپەندىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن
كىگىز
ۋاقتى: 2014-1-17 20:11:14 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 01:06
تېخى بىرە يىلنىڭ ئالدىدا مۇقاۋا ئىشلەشنى ئۆگىنىشكە با ...

بۇ فىلىمدىنمۇ تىل خاتالىقى تېپىۋالسا ھەقسىز كۆرەمدۇ؟ كەسمە رەسىمدىكى جۈملىدە گىرامماتېكىلىق خاتالىقنى بايقىۋالدىم.
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-17 23:56:15 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 20:11
بۇ فىلىمدىنمۇ تىل خاتالىقى تېپىۋالسا ھەقسىز كۆرەمدۇ؟ ...

شۇغىنىسى بۇ فىلىمدىكى ئىملا خاتالىقىنى كۆرۈپ تاپىدىغان گەپتە.
داق يەر
ۋاقتى: 2014-1-18 01:05:00 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 23:56
شۇغىنىسى بۇ فىلىمدىكى ئىملا خاتالىقىنى كۆرۈپ تاپىدىغ ...

ياقەي، مەن فىلىمنى كۆرۈشتىن ئاۋۋال تېپىپ بولدۇم.
‹قورقۇنچلۇق بولۇش مەخلۇقلۇقنىڭ زۆرۈرىي شەرتى› دېگەن جۈملىدىكى زۆرۈرىي دېگەن سۆز خاتا ئىشلىتىلىپتۇ. ‹-ىي› قوشۇمچىسى پارس تىلىدىن كەلگەن قوشۇمچە بولۇپ، بۇ قوشۇمچىنىڭ رولى بولسا، ئىسىم بىلەن سۈپەتنىڭ ئارىسىدا تىراسىپورتلۇق قىلىش. يەنى ئىسىمنى سۈپەتكە، سۈپەتنى ئىسىمغا ئۆزگەرتىش. مەزكۇر قوشۇمچىنىڭ تىلىمىزدا يەنەبىر خىلى شەلى بار بولۇپ، ئۇلار ‹-لۇغ، -لۈگ، -لىغ، -لىگ› لاردىن ئىبارەت. بىراق سىزماۋۇ جۈملىدە ‹زۆرۈر› گە ‹-ىي› نى قوشۇۋېتىپ مەزكۇر سۆزنى ئىسىم سۆزگە ئۆزگەرتىۋېتىپسىز. دېمەك ‹زۆرۈر› ۋە ‹شەرت› تىىن ئىبارەت ئىككى سۆزئارا، ھېچقانداق ئېنىقلاش ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتى ھاسىل بولماغلىق. ھەمدە مەزكۇر جۈملە ھازىر گىرامماتىكا جەھەتتىن ھېچقانداق مەنە بىلدۈرەلمەپتۇ. ناۋادا ھېچبولمىغاندا ‹زۆرۈرىي› دېگەن سۆزنىڭ ئايىغىغا ئۈچۈنچى شەخس قوشۇمچىسى ‹-سى› نى قېتىۋېتىپ، ئاندىن يەنە ئۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇۋەتكەن بولسىڭىز ياكى ‹ۋە، ھەم› دىن بىرەرسىنى قىستۇرغان بولسىڭىز مەلۇم مەنە ھاسىل قىلغان بولاتتىيۇ، جۈملە ئۆزىڭىزنىڭ ئويىدىكى مەنىنى بىلدۈرەلمەيتتى. مەسىلەن مانا مۇنداق:
قورقۇنچلۇق بولۇش مەخلۇقلۇقنىڭ زۆرۈرىيسى (زۆرۈرىيلىگى)،  شەرتى
ياكى- قورقۇنچلۇق بولۇش مەخلۇقلۇقنىڭ زۆرۈرىيسى (زۆرۈرىيلىگى) ھەم (ياكى ۋە)  شەرتى.
ئېنىقكى سىز شەرتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى سۈپەتلىمەكچى ئىكەنسىز. ‹قانداق شەرتنى؟ زۆرۈر شەرتنى›.
چۈشۈنۈشلۈك بولمىغان بولسا ئىنكار قىلسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئۇچۇرغا يوللاپ قويسىڭىزمۇ بولاۋېرىدۇ.
مىخ
ۋاقتى: 2014-1-18 01:21:33 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تېپىۋالدىم 1-كەسمە رەسىمدىكى مەخلۇقلۇقنىڭ بولۇپ قاپتۇ بۇ ئىملا خاتالىقىغا كىرەمدۇ يا
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-18 02:12:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ablazewolf تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 02:17  
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 01:05
ياقەي، مەن فىلىمنى كۆرۈشتىن ئاۋۋال تېپىپ بولدۇم.
‹قو ...

تولۇق قايىل ئەمەسمەن.
بۇ يەردە زۆرۈرىيتى، شەرتى دېمەكچى،  گەپ شۇ زۆرۈر شەرتى. زۆرۈرىي شەرتى دېسەك نېمىشقا بولمايدۇ؟ زۆرۈر گە ىي قوشۇلۇپ شەرت دېگەن ئىسىمنى سۈپەتلەپ كەلسە بولمامدۇ؟ مەسىلەن ئالايلۇق، ئىنقىلاب، ئىنقىلابىي قەھرىمان دېگەندەك.
تېخىمۇ قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرسىڭىز ۋە ياكى فىلىمنى كۆرۈپ باشقا ئىملا خاتالىقلىرنى تاپالسىڭىز نۆۋەتتىكى ئىلان قىلىدىغان فىلىمنىڭ ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەرسەم تامامەن بولىدۇ.
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-18 02:13:13 | ئايرىم كۆرۈش
كىنوچى1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 01:21
مەن تېپىۋالدىم 1-كەسمە رەسىمدىكى مەخلۇقلۇقنىڭ بولۇپ قا ...

چۈشەندۈرۈپ باقمامسىز؟ كەسمە رەسىمدىنلا ئىزدىمەي، فىلىمنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىزدەپ باقمامسىز...
11#
ۋاقتى: 2014-1-18 14:29:43 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 02:12
تولۇق قايىل ئەمەسمەن.
بۇ يەردە زۆرۈرىيتى، شەرتى دېمەك ...

ماقۇل مەن يەنىمۇ تەپسىلىي ئىزاھلىۋېتەي.
‹زۆرۈر› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى سۈپەت سۆز تۈركۈمىگە تەئەللۇق. سىز ھازىر ئۇنىڭغا ‹-ىي› نى قوشۇۋېتىپ ئۇنى ئىسىم سۆز تۈركۈمىگە ھەيدىۋەتتىڭىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ئۇ سۆز باشقا ئىسىمنى سۈپەتلەش فۇنكىسىيەسىدىن مەھرۇم بولۇپ بولدى. نەتىجىدە ‹زۆرۈر› ۋە ‹شەرت› تىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆز تەڭداش مۇناسىۋەتتە بولۇپ قالدىيۇ، لېكىن سىزنىڭ جۈملىڭىزدە تەڭداشلىق مۇناسىۋىتىمۇ ئەك ئەتمەگلىك. چۈنكى سىز تەڭداش مۇناسىۋەتنى بىلدۈرگۈچى ‹ۋە، ھەم› شۇنداقلا پەشنىمۇ ئىشلەتمەگلىك. جۈملىڭىز ھېچقانداق گىرامماتېكىلىق مەنا بىلدۈرمەپتۇ دېيىشىم مۇشۇنىڭدىن.
ئالدىنقى ئىنكاسىمدىكى ماۋۇ گەپكە پەرۋا قىلماپسىز، تولۇقلاپ تەكرارلىۋېتەي:
‹-ىي› قوشۇمچىسى پارس تىلىدىن كەلگەن قوشۇمچە بولۇپ، بۇ قوشۇمچىنىڭ رولى بولسا، ئىسىم بىلەن سۈپەتنىڭ ئارىسىدا تىراسىپورتلۇق قىلىش. يەنى ئىسىمنى سۈپەتكە، سۈپەتنى ئىسىمغا ئۆزگەرتىش. مەزكۇر قوشۇمچىنىڭ تىلىمىزدا يەنەبىر خىلى شەلى بار بولۇپ، ئۇلار ‹-لۇغ، -لۈگ، -لىغ، -لىگ› لاردىن ئىبارەت. بىراق سىزماۋۇ جۈملىدە ‹زۆرۈر› گە ‹-ىي› نى قوشۇۋېتىپ مەزكۇر سۆزنى ئىسىم سۆزگە ئۆزگەرتىۋېتىپسىز. ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، قىسمەن ئەھۋالدا ‹-چە› قوشۇمچىسغا باراۋەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئەمدى ‹ئىنقىلاب› دېگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ سۆزنىڭ ئۆزى ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم سۆز. بۇ سۆز قەھرىمان دېگەن سۆزنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇ سۆزنىڭ ئايىغىغا، ئىسىم ۋە سۈپەت ئارا تىرانسىپورتلۇق قىلغۇچى قوشۇمچە ‹-ىي› نى قېتىۋېتىپ، سۈپەت سۆز تۈركۈمىگە كىرگۈزۈۋېلىپ لازىم. بولمىسا تومتاقلا ‹ئىنقىلاب قەھرىمان› دەپ قويساق، بۇلار ئارا ئېنىقلاش ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ھېچقانداق گىرامماتېكىلىق مۇناسىۋەت ھەم مەۋجۇد بولمايدۇ.
12#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-18 15:17:12 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 14:29
ماقۇل مەن يەنىمۇ تەپسىلىي ئىزاھلىۋېتەي.
‹زۆرۈر› دېگە ...

ئىنكاسىڭىزنىڭ ئىلمىيلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، فىلىم ئادىرسى ئۇچۇر قىلىندى. يەنە باشقا ئىملا خاتالىقلىرىنى بايقىسىڭىز، پىكىر، تەكلىپ بېرەرسىز.
13#
ۋاقتى: 2014-1-18 15:43:45 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 14:29
ماقۇل مەن يەنىمۇ تەپسىلىي ئىزاھلىۋېتەي.
‹زۆرۈر› دېگە ...

ئەسسىلامۇئەلەيكۇم.
مەن مۇشۇنداق ئىلمى مۇنازىرىلەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بېكەت باشلىقىغا تەكلىپىم شۇكى، شارائىت پىشىپ يېتىلگەن بولسا «تەرجىمە نەزىريىسى» سەھپىسىدىن بىرنى تەسىس قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەرجىمە جەريانىدىكى ئۇچرىغان مەسلىلەرنى ئورتاقلىشىدىغان سورۇن ھازىرلەپ بېرىلسە... تورداشلار قىزىقامدۇ-يوق بىلمەيمەن..
سىزنىڭچە «زۆرۈر» سۈپەت، «شەرت» بولسا ئىسىم، زۆرۈرگە «ئى» قوشۇمچىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىسىمغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئىككى سۆز تەڭداش مۇناسىۋەتتە بولۇپ قالدى دېمەكچى،
ئەمدى ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ «زۆرۈر شەرتى» دېسەكچۇ؟ «شەرت» كە «ئى» قوشۇلسا سۈپەتكە ئايلانماس..
14#
ۋاقتى: 2014-1-18 16:10:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 15:43
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم.
مەن مۇشۇنداق ئىلمى مۇنازىرىلەرنى  ...

دەرۋەقە شۇنداق. ‹زۆرۈر› گە ‹-ىي› قوشۇلغاندىن كېيىن ئىسىمغا ئايلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ‹-ىي› قوشۇمچىسىنى قېتىپ ئىسىمغا ئايلاندۇرىدۇ. مەزكۇر قوشۇمچىنى رولى دەل شۇ. سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تەتۈر قىلىۋېتىپسىز.
‹ئەمدى ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ «زۆرۈر شەرتى» دېسەكچۇ؟› دەپسىز، بۇ ھەرگىزمۇ ئىككى سۆزنىڭ ئورنى ئالماشقانغا باراۋەر بولماستىن، ‹زۆرۈر›نىڭ ئايىغىدىكى نامۇۋاپىق‹-ىي› نى تاشلىۋېتىپ، جۈملىنى مەناغا ئىگە قىلغانلىق، بولۇپمۇ جۈملىنى ئەسلى مەقسەتتىكى مەناغا ئىگە قىلغانلىق بولىدۇ.
بۇنىڭ ئىزاھاتىنى، بۇندىن بۇرۇن شەمسى بۇرادەرگىمۇ يېزىپتىم، بۇ سوئالىڭىزغا مۇشۇ ئىنكاسنى ئوقۇۋەتسىڭىز بەلكىم يېتەرلىك بولار، يېتەرلىك بولمىغان بولىسا داۋاملىق ئىنكار قىلىڭ. تېخىمۇ تەپسىلىي ئىزاھلىۋېتىمەن.

ئۈچۈنچى كەسمە رەسىمدىكى جۈملىدىكى ‹شۇندىن باشلاپ، ئۆزۈمگە ھەقىقى ئىگە بولدۇم› دېگەن جۈملىدىكى ‹ھەقىقى› دېگەن سۆزدە خاتالىق سادىر بولۇپتۇ. مەزكۇر سۆز، ئايلاندۇرغۇچى قوشۇمچە ‹-ىي› بىلەن تۈرلەنمەستىن، بەلكى ئۈچۈنچى شەخس بىرلىك ھالىتىنىڭ تەۋەلىك كېلىش قوشۇمچىسى ‹-ى› بىلەن تۈرلىنىپ قاپتۇ. ئايلاندۇرغۇچى قوشۇمچە ‹-ىي› نىڭ، ئۈچۈنچى شەخس كېلىش قوشۇمچىسى ‹-ى› بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلاندۇرغۇچى قوشۇمچە ‹ىي›نىڭ ئۇرغۇسى، شەخس قوشۇمچىسى ‹ى› نىڭ ئۇرغۇسىدىن روشەن كۈچلۈك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
جىددىي ئەسكەرتىش:- ئايلاندۇرغۇچى قوشۇمچە ‹-ىي› نىڭ، ئۈچۈنچى شەخس كېلىش قوشۇمچىسى ‹-ى› بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى يوق. ‹نېمىنىڭ زۆرۈر شەرتى؟ -مەخلۇقلۇقنىڭ زۆرۈر شەرتى›. بۇ ‹-ى› دەل ‹زۆرۈر شەرت› نىڭ مەخلۇقلۇققا، يەنى مەخلۇق بولالاشقا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرىدۇ.
15#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-18 16:42:05 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 16:10
دەرۋەقە شۇنداق. ‹زۆرۈر› گە ‹-ىي› قوشۇلغاندىن كېيىن ئى ...

بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-25 11:22 , Processed in 1.434526 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش