ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

360 تور دېسكىسىدىكى مەزمۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇلتۇر 360 تور دېسكىسى شەخسىي بەتلەرگە تەمىنلەنگەن ھەقسىز بوشلۇقنى پۈتۈنلەي بىكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  ماتىرياللىرى بوشلۇقتا قالدى. ئۈلگۈرەلىگەنلەر چىقىرۋالغان بولسىمۇ ، ئۈلگۈرەلمىگەنلەر «ئاپلا» دەپ قالغان بولىشى مۇمكىن. لېكىن  بۇنىڭمۇ ئامالى بار بولدى.   بۇرۇنقى دېسكىڭىزدىكى مەزمۇنلار ھازىرمۇ 360 بوشلۇقىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بىز پەقەت بىر نەچچە باسقۇچلۇق مەشغۇلات بىلەنلا بۇرۇنقى لازىملىق نەرسىلەرنى  ھازىرقى ھەقلىق بوشلۇققا يۆتكەپ كىرىپ چۈشۈرۈۋالساق بولىدۇ.

ئارتۇقچىلىقى:  بۇرۇنقى مۇھىم ماتىرياللىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالالايسىز.


كەمچىلىكى: ھەق ئالىدۇ.


ئەڭ ئاۋال بۇرۇنقى  تور دېسكا ئاكونتىڭىزنى تىزىملىتىپ كىرىسىز. (كىرگەندە  كارخانا بوشلۇقى دەپ كىرىدۇ. كارىڭىز بولمىسۇن )



ئىككىنجى قەدەمدە ، سىز تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇدىغان بىر كۆزنەككە يولۇقىسىز، شۇنى  تەپسىلىي تولدۇرۇڭ. بۇ  بەيدۇنىڭ ھەقىقىي ئىسىم دەلىللىشىگە ئوخشاش مەشغۇلات.
ئاندىن سىز تور بوشلۇقىڭىزغا كىرىپ قارىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى تىزىملىك ئىستونىدا«导入原360云盘文件»  «بۇرۇنقى  360 دېسكىسىدىكى مەزمۇننى ئەكىرىش» دەپ بىر خەتنى كۆرىسىز.




شۇ جاينى باسىمىز. باسقاندىن كېيىن ، بىزنىڭ بۇرۇنقى دېسكىمىزدىكى ھەممە مەزمۇن كۆرىنىدۇ. بىز شۇلاردىن خالىغاننى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز. (ئەگەر سىز يېڭى تور دېسكىڭىزغا ھەق تۆلەپ ھەقلىق بوشلۇق سېتىۋالغان بولسىڭىز، بىۋاستە يۆتكەشكە بولىدۇ. ئەگەر تۆلىمىگەن بولسىڭىز پۇل تۆلەڭ دەپ چىقىدۇ. پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى. مەن تۆلەپ بولغاچقا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ كېتىمەن.)



تاللاپ بولغاندىن كېيىن مۇقىملاشنى باسىمىز.  ئاندىن ھازىرقى تور دېسكىمىزدىكى مۇندەرىجىلەر چىقىدۇ، ياكى يېڭىدىن قۇرۇڭ دەپ چىقىدۇ.



بىز بۇ يەردە ھازىرقى ماتىرياللار بىلەن بۇرۇنقىسىنىڭ ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن  يېڭىدىن بۇرۇنقى ماتىريال دەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرىۋالدۇق.



ئاندىن جەزملىۋەتسەكلا، تاللىغان مەزمۇننىڭ سىغىمى  ، ئۇچۇرى چىقىدۇ، ئۇ باسقۇچنىمۇ جەزملەيمىز. ئاندىن بۇرۇنقى مەزمۇنلار ھازىرقى تور دېسكىڭىزغا قايتىپ كېلىدۇ.



بىز ئىچىدىكى مەزمۇننى ئېچىپ ، خالىغان ماتىريالنى  تور كۆرگۈچنىڭ ياكى شۈنلىي قاتارلىق باشقا  چۈشۈرگۈچلەردە چۈشۈرۋالساق بولىدۇ. ئەزا بولغاندىن كېيىنكى چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن. بۇرۇنقى مۇھىم مەزمۇنلىرىڭىزنى ھەممىنى ناھايىتى تېزلا يەرلىك دېسكىڭىزغا چۈشۈرۈپ زاپاسلىۋالغىلى بولىدىكەن.


شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق كىچىك ھۈنەر ئاياقلاشتى.



مەنبە: ئۆزۈمنىڭ تەجىربىسى


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار2

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
سەردار. ۋاقتى: 2017-8-25 19:37:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ قاقۋاش بوشلۇقنى ئەمدى ئىشلەتمەيدىغان  بوپ كەتتۇق
يىكەنداز
يېڭسارى ۋاقتى: 2017-8-29 14:34:15 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ نۇرمال بۇ 360 دىكى ھەممە نەرسىلەر ،ئەمما چۈشۈرسەم دەھشەت ئاستا چۈشىدۇ شۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىدى،
ئاق بۈركۈتنىڭ بۇرۇنقى خەتلىك فىلىملىرىدىن بىر ئىككى كىنونى چۈشۈرۋىلىپلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

7پىنتوزىلىرى

41تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1