ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

فىلىم تەرجىمە قىلىشتىكى ياخشى ياردەمچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاق بۈركۈتلۈكلەر ئەھۋال ياخشىمۇ ؟
مەن ھازىر تور ئارىلاۋىتىپ جۇڭگۇ مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ جۈملە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تور بېتىنى بايقاپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن بېكىتىمىز ئاتامانى دىلمۇرات تەمىنلىگەن قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ بەزى جۈملىلىرىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقتىم ، جۈملىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەرجىمە قىلالايدىكەن . بىز ئەمدى شۇنىڭ باش ئايىقىنى ماسلاشتۇرۇپ تەھرىرلىسەك فىلىم تەرجىمە ئىشلىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بولىشى مۇمكىن . تۆۋەندىكىسى بۇ تور بەتنىڭ ئادرىسى  :

http://www.mzywfy.org.cn/translate.jsp

7 خىل تىل يېزىقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدىكەن . تۆۋەندىكىسى كەسمە رەسىملەر !

ئاخىردا ھەممەيلەن قولىمىزدىن تېخنىكىلارنى مۇنبەرگە يوللىساق ! ئاق بۈركۈتنىڭ سەھىپىلىرىگە قارىساق نۇرغۇن سەھىپىلەر باركەن ! بىرلىكتە ئاق بۈركۈتنى تېخىمۇ ئىگىز ئۇچۇرايلى !  

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار10

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەمما زە باللا ماۋۇنىڭدا تەرجىمە قىلغان نەرسەڭلارنى تەھرىرلىككە بېرىپ سالماڭلار ھە، بەش كىنو تەرجىمە قىلىدىغان ۋاقىت كېتىدۇ.
دىۋان
razzak ۋاقتى: 2015-9-28 01:33:46 | ئايرىم كۆرۈش
مەن سىناپ باقتىم ، خىلى پايدىسى تىگىدىغان چىراي .
توغرىلىق دەرجىسى قانچىلىك بۇنى بىلىپ  بولاممىدىم ، بىراق تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىدا كۆپ ئاسانلىق ئىلىپ كەلگۈدەك مەنچە .
بۇنى مۇندالا تەرجىمە قىلىپ كۈرۈپ باقتىم ، خاتا بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر ھە !







يىكەنداز
نامسىز01 ۋاقتى: 2015-9-28 09:39:38 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2015-9-28 01:33
مەن سىناپ باقتىم ، خىلى پايدىسى تىگىدىغان چىراي .
توغرى ...

ئاشۇنىڭدا چىققان بىۋاستە تەرجىمىمۇ يا سىز ئازراق ئۆزگەرىتتىڭىزمۇ؟
گېلەم
razzak ۋاقتى: 2015-9-28 12:46:07 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-28 09:39
ئاشۇنىڭدا چىققان بىۋاستە تەرجىمىمۇ يا سىز ئازراق ئۆز ...

95% ئاشۇنىڭدىن چىققىنى .
مەن ئازراق باغلاشتۇرۇپ قويدۇم شۇ .
ئورۇندۇق
arkan2010 ۋاقتى: 2015-9-28 21:00:56 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ بېكەتنى سىناپ باققىلى خېلى بولدى، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام تەرجىمانلىرىمىزغا مەزكۇر بەتنى تەۋسىيە قىلمايمەن...چۈنكى بۇ ماشىنا تەرجىمە بولغاچقا سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىدۇ، ئۇنىڭدا جۈملىلىئەرنى گرامماتىكىلىق باغلايدىغان ئىقتىدار يوق...شۇڭا ئۇنىڭدا تەرجىمە قىلدۇرۇپ جۈملىلىئەرنى قايتىدىن باغلاپ تەرجىمە قىلىش ۋاقىت ئالىدىغان ئىشكەن...شۇڭا سۆز تەرجىمە قىلدۇرىدىغانلار بۇنى ئىشلىتىڭلار سۆز بىرىكمىسى بولىدۇ...ئەمما كىنو تەرجىمە قىلىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭلار!
داق يەر
نۇسرۇت ۋاقتى: 2015-9-28 21:16:30 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-28 21:00
مەن بۇ بېكەتنى سىناپ باققىلى خېلى بولدى، كۆڭلۈمدىكى گە ...

توغرا ، مېنىڭچىمۇ بۇنى پەقەت سۆزلۈك لوغىتى ئورنىدىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ . جۈملە تەرجىمە قىلغىلى بولىدىكەن دېسەك تەھرىرنى ھاڭغا ئىتتىرگەن بىلەن باراۋەر . فىلىم تەرجىمە قىلىشتا گىراماتىكىلىق باغلىنىش بىلەن ھېسسىتات بەك مۇھىم ئەمەسمۇ . يەنە كەپ بەزى جۈملىلەر فىلىم ئىچىدە ئەكسى مەنانى بىلدۈرۈپ كىلىدىغان جايلار بار . ئەمما بۇنىڭدەك مۇنتىزىملاشقان تەرجىمە تورىنى ساقلىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ . ھامان بىر كۈنى ئەس قېتىپ قالىدۇ .

تېما ئىگىسىگە رەھمەت
مىخ
kokqin ۋاقتى: 2015-9-28 21:32:38 | ئايرىم كۆرۈش
مەن  بەيدۇنى  ئاچسام بۇ  خەت باكەن تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقسام مۇشتا قىلدى   

      八年生四胎!曝“千亿儿媳”徐子淇上周再产子

سەككىز يىل تۇغۇلغان تۆت كېزەك ! « 100 مىليارد كېلىنى ، « شۈي تارماق چىشيەن ئالدىنقى ھەپتە يەنە توخۇملاۋاتقان
9#
 ئىگىسى| nur719 ۋاقتى: 2015-9-28 22:51:16 | ئايرىم كۆرۈش
kokqin يوللىغان ۋاقتى  2015-9-28 21:32
مەن  بەيدۇنى  ئاچسام بۇ  خەت باكەن تەرجىمە قىلدۇرۇپ باق ...

شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى يەپ تۇرمامسىز دەيمە !
10#
Jam ۋاقتى: 2015-9-28 23:51:21 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ دىتالنىڭ چىقىشى بىر ياخشى باشلىنىش، تەرجىمانلار نۇقۇل بۇنىڭغا باغلىنىپ قالماي قۇشۇمچە پايدىلانسا بۇنىڭمۇ تەرجىمە ئىشلىرغا پايدىسى تېگىدۇ دەپ قارايمەن.
11#
abdusala ۋاقتى: 2015-9-29 01:13:35 | ئايرىم كۆرۈش
http://dict.okyan.com/index.php?ac=show_uy بۇنىڭدا ھەر قانداق سۆزلۇكلەرنى تەرجىمە قىلالايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


3ئەگەشكىنى

1پىنتوزىلىرى

6تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1