ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئارمانلىق فىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


مۇنبەرداشلار، ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا يېڭى ئۇتۇقلار ۋە خاتىرجەملىك، سالامەتلىك ھەممىمىزگە يار بولسۇن!

بۈگۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويۇپ ئولتۇرۇپتىمىز... گېپىمىزگە كەلسەك، ئۆتكەن بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ياكى ئۇيغۇرچە خەتلىكى بولسا ، بىر كۆرىۋەتكەن بولسام، ۋاي ئىسىت مۇشۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى يوقكەن....دەپ ئارماندا قالغان فىلىملەر بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز، يىلنىڭ بېشىدا ئەھۋالغا پىلانغا ئالساق ياكى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرساق، سىزنىڭمۇ ئارمىنىڭىز روياپقا چىقسا، بېكىتىمىزمۇ يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەر بىلەن گۈللەنسە دېگەن مەقسەتتە بۇ تېما يېزىلدى!
فىلىم تەۋسىيە قىلىشتىكى تەلەپ:
1. بۇرۇن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى پەقەت چىقمىغان بولۇش
2. باشقا تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىلىرى تەرجىمە قىلمىغان بولۇش
3. تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە خەتلىكى بولمىغان بولۇش
4. ۋاي ئىسىت دەپ ئۇزۇن يىل ئارمان قىلغان بولۇش
5. ھەقىقەتەن تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان بولۇش


قېنى ئەمىسە، يۇقارقى تەلەپلەرگە چۈشىدىغان ئېسىل فىلىملەر بولسا تەۋسىيە قىلىڭ، بۇنىڭ بىلەن سىزمۇ ئارزۇيىڭىزدىكى فىلىمىڭىزنى تەرجىمە قىلدۇرالايسىز!!!!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار63

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   janbilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-2 00:16  

مەنمۇ بىرنى تەۋسىيە قىلاي
ئىنگىلىزچە ئىسمى : fight club (مۇشتلىشىش كۇلۇبى)
چىققان ۋاقتى : 1999
IMDB نومۇرى : 9.0
قىسقىچە مەزمۇنى : مىنىڭچە بۇنى يېزىش بىر ئەھمىيەتسىز، يەنىلا فىلىمنى بىر كۆرگۈلۈك. بۇ بىر ئىدىيە، ئىشخانىدا، كومپىيۇتېر ئالدىدا ياكى ۋاھاكازا ماددىيەت دۇنياسىدا ئەرلىك ئىدىيەنىڭ بوغۇلۇپ ئۆلۋاتقىنىغا قارشى چىققان بىر ئىسيان !


a7013269d58a86fc8915ac58e4bb4e61.jpg (50 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6)

a7013269d58a86fc8915ac58e4bb4e61.jpg

ئۇيغۇرچە ئىسمى: دېڭىز يۈرىكى
ئېنگىلىزچە ئىسمى: In the Heart of the Sea
خەنزۇچە ئىسمى: 海洋深处
رەسىملىرىدىن:






ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Gravity
خەنزۇچە ئىسمى: 地心引力
فىلىم رەسىملىرىدىن:


تەۋسىيىلەش
razzak ۋاقتى: 2016-1-1 19:05:20 | ئايرىم كۆرۈش
پىلانىتلا ئارا ئۇرۇشى 1-7 گىچە .
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى : ئارلىقتىكى 2\3بۈلۈمنىڭ تەرجىمىسى بار . بىراق سۈزۈك نۇسخىسىغا كىرىشتۈرۈلمىدى (بەلكىم مەن قىلسام بۇمۇ بوپقالا ) قالغان بۇلۇملىرىنىڭ ئاۋازلىقى يوق ياكى تېپىلمىغان .
ئۇيغۇرچى خەتلىكى : بۇھەقدە ھىچقاندا بىر بىكەتتە تەرجىمىسىنى كۈرۈپ باقمىدىم .
سەۋەبى : بۇ فىلىمنى دىيىشىمدىكى سەۋەپ . IMDB  نۇمۇرى يۇقۇرى ۋە دۇنيا دا كىنو مەستانىسى ئەڭ كۆپ فىلىم ئىكەن .
ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ يەنە بىرسى ، بۇ مىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئەڭ ئامراق فانتازىيە فىلىمى ئىدى .
مۇشۇ كىنونىڭ گېپى چىقسا بەك ھاياجانلىنىپ كىتەتتى .
گەرچە مەن ئۆزتىلنى 1-6 گىچە كۈرۈپ بولغان بولساممۇ ، بىراق 40% چۈشەنگن بولسام ئۇنىڭغا مەن نىمە دەي، بۇ كىنونىڭ نىمىشقا بۇندا ھاياجانلىنىپ كۈرۈپ كىتىدۇ ، نىمە ئۇچۇن مەستانىلىرى شۇنچە كۆپ شۇنى بىر بىلىپ بىقىڭ ئارزۇيۇم بار ئىدى .
شۇڭلاشقا بۇ كىنونى ئارمان سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويدۇم ، ئۇنىڭدىن باشقا كىنولارمۇ بار بولمىسا ھازىرچە مۇشۇ بولسۇن ، يەنە بىرگە ماۋۇ كىنونى جىق دەپ قالساڭلار .
خارىي پوتتىرنىڭ 3\4-بۈلۈملىرىنى بىرتەرجىمە قىلۋىتىڭلا ، ئاۋازلىقى بولغان بىلەن ، بەك-بەك-بەك ناچار ئاۋاز بىرىپتىكەن مۇشۇ كىنونىڭ 3\4بۈلۈملىرىگە .
دىۋان
mohsin ۋاقتى: 2016-1-1 17:42:19 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى گەپ بوپتۇ .  ئەمىسە مەن باشلاپ باقاي ...

لېۋ تولسىتوينىڭ مەشھۇر رومانى ئاساسىدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن فىلىم  -  "  ئاننا كارېنىنا "  2012 - يىل نۇسخىسى .  

تەۋسىيە قىلىشىمدىكى سەۋەب ،  بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى رومانى ئىنسانىيەت جەمىيتىگە تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب ،  19 - ئەسىردە يېزىلغان ئەڭ داڭلىق 10 ئەسەرنىڭ قاتارىدا بار بولغان مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر .  

بۇندىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم تەكلىپ بېرىلگەن ،  لېكىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى ئىشلىنىپ باقمىدى .  ئۇيغۇرچە ئاۋازلىغىنىڭ بار يوقلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن .  

يىكەنداز
mohsin ۋاقتى: 2016-1-1 17:47:49 | ئايرىم كۆرۈش
Anna karenina

ئەسلى ئەسەر ھەقىقەتەن نوچى ،   لېكىن ئىشلەنگەن كىنونىڭ IMDB سى سەل تۆۋەنكەن ،  بولمىسا جۇدى لوۋ ، كېيرا نايتلېي قاتارلىق داڭلىق چولپانلار رول ئالغان .  مۇشۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىر كۆرۈپ باققۇم بارتى ،  ئويلىشىپ باققايسىلەر ...
كىگىز
 ئىگىسى| arkan2010 ۋاقتى: 2016-1-1 18:32:55 | ئايرىم كۆرۈش
yarqinbeg يوللىغان ۋاقتى  2016-1-1 18:25
ئۇيغۇرچە ئىسمى: دېڭىز يۈرىكى
ئېنگىلىزچە ئىسمى: In the Heart  ...

ئالەمنىڭ تارتىش كۈچ تەرجىمە قىلىنغان فىلىم...كۆۋرۈك تورىدا بار:
http://www.kowruk.cn/?a=show&id=855
يۇقاردا بار...
دېڭىز يۈرىكى دېگەن فىلىم ئەمدى قويۇلۇپتۇ، سۈزۈك نۇسخىسى ۋە ئۆلچەملىك خېتى چىققاندا ئاندىن پىلانغا ئالىمىز!
ئورۇندۇق
asim707 ۋاقتى: 2016-1-1 19:01:56 | ئايرىم كۆرۈش
守望者
بۇ فىلىمنىڭ ، ئۇيغۇرچە خەتلىكى ۋە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى يوق
2009- يىلى قۇيۇلغان   ،
دۆلىتى ؛ ئامرىكا
فانتازىيەلىك بۇ فىلىم قۇيۇلغاندىن  تاتىپ  كومپىيوتىرىمدا  با  نەچچە قېتىم كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق  مىنىڭچە ھەقىقەتەن  تەرجىمە قىلىپ تورداشلاغا  سۇنۇشقا  ئەرزىيدۇ
ۋەقەلىكى  ؛ بىر توپ ئالاھىدە قەھرىمانلانىڭ  ئىش ئىزلىرى بۇلۇپ ،يەنە سىز كۈرۈپ باقمىغان فانتازىيە
يەنە دوسلانىڭ بىر كۈرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ،ئەگەر  تەرجىمە قىلىنىپ قالسا دوسلار ھەقىقى رازى بۇلىدۇ
مىخ
نۇرئەلى2 ۋاقتى: 2016-1-1 19:16:37 | ئايرىم كۆرۈش
گىگانىتلار زەربىدەنى تەرجىمە قىلغان بولساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى يەنە شەھەرلىك ئوۋچىنىڭ 15- قىسىمنىڭ داۋامىنى بىر تەرجىمە قىلىغان بولساڭلار
9#
asim707 ۋاقتى: 2016-1-1 19:19:37 | ئايرىم كۆرۈش

ك


10#
asim707 ۋاقتى: 2016-1-1 19:21:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asim707 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 19:24  

ئېنگىلىزچە ئىسمى؛WATCHMEN
خەنچە ئىسمى؛守望者
بۇ فىلىمنىڭ   ئىسمىمۇ  سەل باش  قاتتۇرىدۇ  مۇشۇنىڭغىمۇ  بىر  كاللا يۈگۈرتۈپ باقساق
11#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-1-1 19:37:57 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2016-1-1 19:05
پىلانىتلا ئارا ئۇرۇشى 1-7 گىچە .
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى : ئار ...

رازاقجاننىڭ ماۋۇ پىكرىگە مەنمۇ كۈچلۈك ئاۋز قوشىمەن. شۇنداقلا، رازاقجان ئېيتىپ ئۆتكەندەك خاررىي پوتتېرنىڭ 3- ۋە 4- بۆلۈمىنى بىر تەرجىمە قىلساڭلار بولاتتى.
12#
taxbala ۋاقتى: 2016-1-1 20:18:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taxbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 20:30  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن.
ئەركان ئۇستازنىڭ بۇ تىمىسى مۇنبەرداشلارغا بىرىلگەن يېڭى يىللىق كاتتا سوۋغات بوپتۇ. ئۇستازغا رەھمەت...

مەنمۇ ئارمان قىلغان بىرنەچچە فىلىم بار ئىدى، تىمىنى كۈرۈپلا ئىسىمگە كەلگەن بىر فىلىمنى تەۋسىيە قىلاي، ئۇستازلار توغرا تاپسا باشقا فىلىملەرنى تەۋسىيە قىلارمەن.

فىلىم ئىسمى :  刚果惊魂
قۇيۇلغان ۋاقتى : 1995 - يىلى
فىلىم تىلى : ئىنگىلىزچە
يېزىقى : خەنزۇچە
تىپى : فانتانزىيە، ئارخىلوگىيە، تەۋەككۇلچىلىك، ۋەھىمىلىك

فىلىمنى ئەڭ دەسلەپ vcd پىلاستىنكىسىدىن كورگەن، كىيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم كۆردۇم. يېقىندا توردىن ئۇچرىتىپ يەنە بىر قېتىم كۆردۈم. فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن بۇلۇپ زىيادە فانتانزىيە، مۇبالىغە قىلىنمىغان، ئۇنۇڭ ئۈستىگە باشتىن-ئاخىر ياپيىشىل ئورمانلىق ئىچىدىكى ھايات-ماماتلىق كۈرەش ھەمدە تەۋەككۇلچىلىك، كاپىتالىزىمنىڭ ئىنسان ھاياتى بىلەن قىممەت قارىشى ھەققىدىكى تاللىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ۋەقەلىكنى تىما قىلغان بۇلۇپ. ئارىدىن 20 يىللار ئوتكەن بولسىمۇ ھىلىھەم فىلىمنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنۇڭ ئۈستىگە فىلىم دىيالوگلىرىمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس، تەرجىمان ئۇستازلار بىر كۈرۈپ باقسا...فىلىم قىستۇرمىللىرى :






13#
abdukerim99 ۋاقتى: 2016-1-1 20:32:27 | ئايرىم كۆرۈش
Fight club مۇشىتلىشش كۇلۇبى ، گۈللۈك مۇنبىرى ۋە ئىزدىنشلەردە تەۋسيە قىپتىكەن ، مۇشلىشش كۆرنۈشلىرى يوق دىيەرلەك ، ئەمما پىسخىكا ، ئىقتىساد ، قاتارلىق مەسىللەر ناھايتتى ياخشى ئەكىس ئەتكەن دەپتۇ،  ئاندىن ئاۋۇ ( ئاننا كارنىنا ) 2012 -يىلى ئىشلەنگەن نۇسخىنى بىر تەرجىمە قىلۋەتسەڭلار ، كىتابىنى ئوقۇش خوش ياقمىدى ، بەك توم ئىككى قىسىم كىتابكەن.
14#
Nejmi ۋاقتى: 2016-1-1 20:51:46 | ئايرىم كۆرۈش
قايسى فىلىم ئۇ ؟؟؟
15#
 ئىگىسى| arkan2010 ۋاقتى: 2016-1-1 20:56:34 | ئايرىم كۆرۈش
نۇرئەلى2 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-1 19:16
گىگانىتلار زەربىدەنى تەرجىمە قىلغان بولساڭلار بەك ياخ ...

گىگانىتلار زەربىدە كارتون نۇسخىسى تولۇق ئىككى بۆلۈم تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان...ماۋۇ تور بەتتە:
http://www.2p2p.com/thread-7523-1-1.html
ئادەم نۇسخىسى مۇنبەردە بار....ئىزدەش ستونىنى ئىشقا سېلىپ ئىزدەپ بېقىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1