- UID
- 11272
- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 30
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
فىلىم نامى: Transformers: Age of Extinction
خەنچە نامى: 变形金刚4:绝迹重生
رايونى: ئامېرىكا، جۇڭگو
ۋاقتى: 2014-06-27
تىلى: ئىنگلىزچە، خەنزۇچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە
فورماتى: MKV
رازمېرى: 1280X534
سىغىمى: 2.22GB
ئۇزۇنلىقى: 166 مىنۇت
رېژىسسور: 迈克尔·贝
سىنارىست: 伊伦·克鲁格
روللاردا: 马克·沃尔伯格 / 斯坦利·图齐 / 凯尔希·格兰莫 / 妮可拉·佩尔茨 / 杰克·莱诺 / 提图斯·维里沃 / 索非亚·迈尔斯 / 李冰冰 / T·J·米勒 / 彼特·库伦 / 约翰·迪·玛吉欧 / 罗伯特·福克沃斯 / 约翰·古德曼 / 马克·瑞安 / 渡边谦 / 弗兰克·维尔克 / 雷诺·维尔森 / 阿比盖尔·克莱因 / 托马斯·列农 / 韩庚 / 巫刚 / 吕良伟 / 王敏德 / 纪培慧 / 邹市明
Cade Yeager
كەشپىياتچى كېيىد يىگىر، كەسىپتە ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، مەقسەتسىزلا بىر كېرەكسىز يۈك ماشىنىسىنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كېلىدۇ، ئۇنى رېمونتلاش جەريانىدا بۇ ئەسكى تۆمۈرنىڭ ئۇيقۇ ھالەتتىكى جاھان تۈۋرۈكى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. كىم بولسۇن تەجرىبە ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن بۇ ئەسكى يۈك ماشىنىسى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ھايات-ماماتلىق كۈرەشكە سۆرەپ كىرىدۇ.
Tessa Yeager
بۇ 17 ياشلىق قىزچاق تېسا يىگىر كىچىك چېغىدىلا ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ھازىر دەل قارشىلىق دۋرىدە ئىدى، ئۇ دادىسىنىڭ ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆي بىلەن كارى يوق ئاتالمىش كەشىپياتلىرىدىن ئۆلگۈدەك بىزار بولغان ئۇشبۇ كۈنلەردە ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بىر جەڭ بىلەن دادىسىغا بولغان كۆز-قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.
Shane
تېسانىڭ ئوغۇل دوستى، بۇ ئېرلاندىيەلىك ماشىنا ماھىرى گەرچە تېسا بىلەن مەخپىي ئارىلىشىۋاتقان بولسىمۇ بۇ قېتىملىق جەڭدە قىزنىڭ دادىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى خېلىلام چىقىشىپ قالىدۇ.
Joshua
KSI شىركىتىنىڭ تەكەببۇر لىدىرى، ئالدىنقى بۆلۈملىرىدىكى قالدۇق ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق يېڭى ماشىنا ئادەملەرنى ياساپ، ئۆزگىرىشچان ئىلمېنتى بايقاپ چىقىدۇ.
Su Yueming
كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئايال ئوبرازىدا مەيدانغا چىقىدۇ، جۇڭگودىكى تارماق شىركەتنىڭ باش لىدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە جوشىيا ئىككىيلەن بىرگە يۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئايال ئەلەمدىمۇ قەلەمدىمۇ بار ئىدى. ماشىنا ئادەملەرنىڭ قانلىق جېڭى باشلانغاندا جوشىيانىڭ شەخسىي قوغدىغۇچىسىدەكلا بولۇپ قالىدۇ.
Harold Attinger
بىر تەرەتپتىن شىركەتتىن مەنپەئەتلىنىپ ئاستىرىتتىن ماشىنا ئادەملەرنى قىرغىن قىلىۋاتقان، گۆر شامىلى ئەترىتىنىڭ باشچىسى.
Savoy
خارلودنىڭ ياردەمچىسى، گۆر شامىلى كىچىك ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى، كېيىدنىڭ ھەمراھى لۇكاسنىڭ پۇل ئۈچۈن كېيىدنى سېتىۋېتىشى بىلەن بۇ ئەترەت باشلىقى كېيىدنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.
Optimus Prime
جاھان تۈۋرۈكى ئاقكۆڭۈل، باتۇر، ئادالەتپەرۋەرلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر ئوبراز، ئۇ ئىنتايىن ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۆزىگىلا كۆڭۈل بولۇپ قالماي ھەمراھلىرىغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، باشقىلار قىيىنچىلىقتا قالغاندا جان پىدالىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ھېسداشلىق قىلىش كۈچى مول بولۇپ، دۈشمەنلىرىگىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلالمايدۇ.
Autobot Hound
تايغان تەبىئەتنى سۆيىدۇ، ئىنسانلار بىلەن دوستلىشىشنى ياقتۇرىدۇ، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆزىنىمۇ بىر يەرشارىلىق بولۇپ قالسامكەن دەيدىغان تەشنالىقى بار.
Drift
لەيلەپ سىلجىش ئىلگىرى زوراۋان يولۋاسلارنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كېيىن ئادالەتكە قايتىپ ماشىنا ئادەملەرگە قېتىلغان، ئۇ ياپونىيە سامۇرايلىرىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.
Crosshairs
تىك كېسىشكەن سىزىق ئىنتايىن ئېھتىياتچان، خاراكتېرى نازۇك، بەزىدە گەپ قىلغاندا ئىككىلىنىپ قالىدۇ، جەڭ قىلغاندا بولسا نىشاننى مۇقىملىمىغىچە بىر پاي ئوقنىمۇ ئىسراپ قىلمايدۇ. يېشىل جەڭ فورمىسى كيىگەن، بېشىغا شامال كۆزەينىكى تاقىۋالغان، پاراشوت سەپلەنگەن، بوشلۇق جېڭىگە ماھىر ئوبراز.
Ratchet
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئادەتتە جەڭلەرگە قاتنىشىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ماشىنىلارنى ۋە شتابنى رېمونتلاشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئەقىللىق، يۇمۇرستىك، ئېغىر-بېسىق، ھەر بىر يارىدارلارنى كۆڭۈل قويۇپ رېمۇنت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا سەپلەنگەن داۋالاش ئۈسكىنىلىرى لازىرنۇرلۇق ئوپېراتسىيە پىچىقى، كەپشەر، ئاقما تەقسىملىگۈچ قاتارلىقلار.
Galvatron
زېمىن تەۋرەتكۈچى مېجەز خاراكتېرى غەلىتە، توك يولىدىن كاشىلا كۆرۈلگەچكە قالايمىقان چېچىلىپ قول-ئاستىكىلەرنى تۇرغۇزمايدۇ، شىركەت جاھان تىتىرەتكۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ ياساپ چىققان گىگانت.
Lockdown
قامال - مىليونلاپ پۇل خەجلىسىمۇ ئۆزى خالىغان نەرسىنى سېتىۋالىدۇ، ئىگىدارچىلىق ئىستىكى كۈچلۈك، نەيرەڭۋاز، ھىيلىگەر ئەبلەخ. ئىنئام ئوۋچىسى دەپمۇ نام ئالغان، چىراي قىسىمى ئۆزگىرىپ زەمبىرەك بولالايدۇ.
ھېكايە چىكاگو ھەل قىلغۇچ جېڭىدىن 4 يىل كېيىن يۈز بەرگەن. ماشىنا ئادەملەر بىلەن زوراۋان يولۋاسلار يەرشارىدىن ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتكەن، ئىنسانلار بولسا خارابە ئىچىدە يېڭى ھاياتلىق ئىزدەۋاتقان. بىر قىسىم ھوقۇقدارلار سودىگەرلەر بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ توپىلاڭدىن توغاش ئوغرىلاپ، ئاتالمىش يېڭى تېخنىكىلارنى پۇلغا ئالماشتۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىللەردە، ئىنسانلارنىڭ سۆيۈملۈك يەرشارىسى يەنە بىر قېتىملىق تەھدىتكە دۇچار بولىدۇ...
ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى ۋەقەلىك سىنارىيە ئاشكارلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
65 مىليون يىل ئىلگىرىكى بور ۋەرىدە، ماشىنا ئادەملەرنىڭ ياراتقۇچىلىرى(Creator) ئۇرۇقنى((Seeds) يەرشارىغا چېچىپ، دىنوزاۋورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلارنى گۇمران قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مۇتەخەسسىس دەرسىي(Sophia Myles) بىر دىنوزاۋور قالدۇقىنى بايقايدۇ، ئۇ غەلىتە بىر خىل مېتال ئىچىدە ئوراقلىق ئىدى.
ئالدىنقى بۆلمىدىكى چىكاگو جېڭىدىن 4 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، تېكساسلىق كېيىد يىگىر(Mark Wahlberg) ماشىنىلار بىلەن ھەپىلىشىپ بىر نەرسە كەشىپ قىلىشنى ياقتۇراتتى. ئۇنىڭ بىر ئالىي مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان تېسا(Nicola Peltz) ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. لۇكاس(T.J. Miller) بولسا ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، بۇ ئىككىيلەن بىر كۈنى بىر ئەبجەق يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ قايتىپ كېلىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يارىلانغان جاھان تۈۋرۈكى بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا CIA قابىللار ئەترىتى كىچىك گۇرۇپپىسى Cemetery Wind نامى بىلەن خارلود ئەتتىنگىر(Kelsey Grammer)نىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا يەرشارىدىكى قالدۇق زوراۋان يولۋاسلارنى تازىلاش ھەرىكىتىدە ئىدى. ئەمەلىيەتتە خارلود زوراۋانلار مەزھىپىدىكى ئىنئام ئوۋچىسى بولغان قامال كېمىسى(Lockdown) بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، ماشىنا ئادەملەر ۋە زوراۋان يولۋاسلارنىڭ ھەممىنى يوقاتماقچى بولىدۇ. ماشىنا ئادەملەردىن «قۇتقۇزۇش ماشىنىسى» ۋە «قوغۇشۇن پۇت» ئۇلار بىلەن تىركىشىش جەريانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ.
كېيىد تېكساستا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە قامال كېمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ھالقىلىق پەيتتە، جاھان تۈۋرۈكى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. تېسانىڭ مەخپىي ئوغۇل دوستى شېيىن دەل ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ قالتىس ماشىنا ماھارىتى بىلەن كېيىد بىلەن تېسانى ئېلىپ قاچىدۇ، بۇ جەرياندا كېيىدنىڭ ياردەمچىسى بولغان لۇكاس قامال مەركىزىنىڭ بومبىسىدا كۆيۈپ ئۆلىدۇ. جاھان تۈۋرۈكى قالدۇق ماشىنا ئادەملەرنى يىغىدۇ، ئۇلار سېرىق ھەرە، لەيلەپ سىلجىش، تايغان، تىك كېسىشكەن سىزىقلار ئىدى. كېيىد مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كومپىيۇتېرىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئەترەتنىڭ بىر KSI ناملىق شىركەت بىلەن قاراڭغۇ بازار سودىسى قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ.
KSI نىڭ باش لىدىرى جوشىيا ئاللىقاچان ئۆزگىرىشچان ئىلىمېنتنىڭ سىرىنى ئىگىلەپ بولغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خالىغانچە ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم ياسىيالايتتى. KSI يەنە ئالدىنقى بۆلۈمىدىكى زوراۋان يولۋاسنىڭ كاللىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى لازىملىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئۆزلىرى ياساپ چىققان ماشىنا ئادەملەرنىڭ مېڭىسىگە كۆچۈرىدۇ. ھەم ئىچىدىكى ئەڭ قابىل بىرىگە «زېمىن تەۋرەتكۈچى» دەپ نام بېرىدۇ، ئۇنىڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇر دەل زوراۋان يولۋاسلارنىڭ ئاتامىنى جاھان تىترەتكۈچىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە زېمىن تەۋرەتكۈچى جاھان تىتىرەتكۈچىنىڭ قايتا تۆرىلىشى ئىدى. جاھان تۈۋرۈكى ماشىنا ئادەملەرنى باشلاپ KSI باش شتابىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، جوشىيا ئۇلارغا ئىنسانلار ئەمدى مۇھتاج ئەمەسلىكىنى ئۆزلىرى خالىغانچە ماشىنا ئادەم ياساپ چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ماشىنا ئادەملەر ئازابلانغان ھالدا كېتىپ قالىدۇ.
جاھان تۈۋرۈكى بىلەن زېمىن تەۋرەتكۈچى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان قانلىق جەڭ بولىدۇ، قامال كېمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر تالاپەت تارتىدۇ. يارىلانغان جاھان تۈۋرۈكى بىلەن تېسا قامال كېمىسىگە ئېلىپ چىقىلىدۇ. بۇ يەردە جاھان تۈۋرۈكى قاماپ قويۇلغان ماشىنا دىنوزاۋورنى بايقايدۇ. كېيىد بىلەن شېيىنمۇ كېمىگە چىقىپ سېرىق ھەرە بىلەن تىك كېسىشكەن سىزىقنىڭ ياردىمىدە تېسانى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. تايغان بىلەن لەيلەپ سىلجىش قاتارلىقلارمۇ جاھان تۈۋرۈكىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا جاھان تۈۋرۈكى زېمىن تەۋرەتكۈچى دېگەننىڭ دەل ئۆزىنىڭ كونا رەقىبى جاھان تىتىرەتكۈچىنىڭ قايتا تۆرىلىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ KSI نىڭ قولى بىلەن بىر قوشۇن تەشكىللەپ يەرشارىدىكى ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
جوشىيا بىلەن دەرسىي ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگودىكى سودا شېرىكى سۇ مىڭ يۆ بىلەن شىياڭگاڭغا كېلىدۇ. بېيجىڭدا زېمىن تەۋرەتكۈچى شىركەت ياسىغان بارلىق ماشىنا ئادەملەرنى ئاكتىپلايدۇ. تايغان بىلەن سېرىق ھەرە ئىنسانلارنى قوغداش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ زور جەڭدە جېنى ئارانلا قالىدۇ، بۇ چاغدا ئاتامان جاھان تۈۋرۈكى ئۆزى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن ھەرخىل ماشىنا دىنوزاۋورلارغا ئولتۇرۇپ ئۇچۇپ كېلىپ، زېمىن تەۋرەتكۈچىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. قامال مەركىزىنىڭ بۇ چاغدا قاراپ تۇرغۇسى كەلمەي غايەت زور ماگنىت بىلەن يەرشارىدىكى بارلىق مېتاللارنى تارتىپ جاھان تۈۋرۈكى بىلەن ماشىنا دىنوزاۋورلارنى تۇتماقچى بولىدۇ. ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. فىلىم ئاخىرىدا جاھان تۈۋرۈكى تەنھا ھالدا ئالەم بوشلۇققا ئۇچۇپ ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسىغا يەرشارىلىقلارنى ئاۋارە قىلماسلىققا خىتاپ قىلىدۇ.
10 چوڭ ئىش
1. Michael Bay نىڭ «گىگانتلار 4»نى تارتىشقا تۈرتكە بولغان ئەڭ چوڭ سەۋەب، ئۇنىڭ سىنگاپوردا كىشىلەرنىڭ «گىگانتلار 3» نى كۆرۈش ئۈچۈن 3 سائەت ئۆچرەت تۇرغانلىقىنى كۆرگەن، شۇڭا تەجرىبىسىز بىرەر رېژىسسورغا 4 نى تاشلاپ بېرىشكە كۆزى قىيماي ئۆزى قولىغا ئالغان.
2. فىلىم تارتىلىشقا باشلىغاندا ھەرقايسى ماشىنا سودىگەرلىرى ئۆزلىرى ئەڭ ئىسىل دەپ قارىغان ماشىنىلىرىنى مەزكۇر فىلىمدە چىقرىىشقا ئاتلانغان.
3. Michael Bay ئىلگىرى Dwayne Johnson نىمۇ مەزكۇر فىلىمگە تەكلىپ قىلماقچى بولغان، ئەمما ۋاقىت جەدۋىلىدە توقۇنۇش بولۇپ قالغانلىقتىن ئەمەلگەن ئاشمىغان، بولمىسا Pain and Gain فىلىمىدىكى ئىككى باش پېرسوناژ يەنە بىر يەرگە كېلەتتىكەن.
4. بۇ فىلىمدە تەخمىنەن 18 دانە يېڭى گىگانت ئوبرازى مەيدانغا كەلگەن.
5. Michael Bay نىڭ قول ئاستىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭكىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 850 يىللىق فىلىم ئىشلەش تەجرىبىسى بولۇپ چىققان.
6. بۇ فىلىم تۇنجى 4K IMAX 3D تېخنىكىسى بىلەن تارتىلغان بولۇپ، ئىشلەتكەن بىر دانە ئاپپاراتى ئۈچۈنلا 1 مىليون دوللار خەجلىگەن.
7. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر مىليونلۇق ئاپپارات 50 مىڭ دوللارلىق cayenne Porsche ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
8. Michael Bay گىگانتلار ئوبرازىنى قايتا لايىھىلىشى خۇددى شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ھەر بىر بۆلۈمىدىكى يېڭى جەڭ كىيىم ئۆزىگىرىشىگە ئوخشايتتى.
9. Michael Bay دەسلىپىدىلا شىياڭگاڭدا يۈز بېرىدىغان بىر يۈرۈش ۋەقەلىكلەرنى ئويلاپ قويغان بولۇپ قانداقتۇر بىر جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرى ئۈچۈن ئالاھىتەن كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلىمىگەن.
10. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپكە مەزكۇر فىلىمدە جىق «رول» بېرىلمىگەن.
|
|