شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن بۇ يىللىق 88 – نۆۋەتلىك ئوسكاردا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، زور ئۇتۇقلارنىڭ قازانغان<< بەش خىل كەيپىيات >> ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈپ، بىرەر قېتىمدىنبولسىمۇ، چاڭقاق دىلىمىز، فىلىمگە تەشنا خۇمارىمىزنى بېسىقتۇردۇق. ئەمدىلىكتە مەنمۇشۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىلىشىدا ئۆز كۈچىنىچىقارغان
ئۇيغۇر چەۋەنداز (تەرجىمان) قېرىندىشىمىزغا، فىلىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىكروياپقا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان
مەن (مۇھەرىر) قاتارلىق ئەركان (مۇھەرىر)،
ئاققىرغا(كىرىشتۈرگۈچى) ۋە
بېكەت قورغۇچىسى دىلمۇرات قاتارلىقلارغا چوڭقۇر ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ئەلۋەتتە، كونىلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك سۇ ئىچكەندە، قۇدۇق قازغۇچىلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.
سۆزنىمۇ ئوبدان باشلىۋالدىم ئەمدى، فىلىمدىكى ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان بەش خىل كەيپىيات توغرىسىدىكى تەرجىمان بىلدۈرگۈسىنى ئوتتۇرغا قويۇۋېتىپ ئاندىن تەسىراتنى باشلاي.....
خۇرسەن (خۇشاللىق): ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولسا رۇئايلىغا ياخشى كەيپىيات ئاتاقىلىش ھەم شۇنداقلا رۇئايلى يۇلۇققان كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى شۇھامان خۇشاللىقا ئايلاندۇرۇپ، غەم-ئەندىشىسىز، ئۈمۈدۋارم، ئۇچۇق-يورۇق قىلىش ئىدى.
غەمكىن (قايغۇ): غەم-ئەندىشىسى يوق قانداق ئادەم بار؟ غەم-ئەندىشىسىزخۇشاللىقنىڭ يەنە نىمە رۇلى بار؟ ئىنساندا غەم-ئەندىشە، قايغۇ-ھەسرەت مەۋجۈت بولمىغان بولسا خۇشاللىق ھىچ بىركىمگە ياخشى بىلىنمەيتى، شۇڭا بۇ خىل كەيپىياتنىڭمۇ رولى مۇھىم، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھەممەيلەنگە ئايان، كۆڭۈلسىز ئىشلارغا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش، بىئارام بۇلۇش، غەم-ئەندىشە قىلىش، باشقىلارنىڭ قايغۇسىغا جۆرە بۇلۇش، يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىش مۇھىمى پۇشايمان قىلىش قاتارلىقلار ئىدى.
ۋەھىمە (قورقۇنۇچ): ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولسا رۇئايلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇ ئېھتىمالى يۈز بىرىدىغان يۇشۇرۇن خەۋىپ-خەتەرنى ئويلاش ۋە قورقۇش ھەم ھەرۋاقىت ھۇششيار تۇرۇش ئىدى.
يىرگىنىچ: ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولسا رۇئايلىنىڭ جىسمانى جەھەتتىن ياكى روھىي جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتى بولسۇن ئۇنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى، مەسلەن: ئۇچۇرشىش جەھەتتە، باشقىلارغا بىرىدىغان تەسىر جەھەتتە، ياسىنىش جەھەتتە، مودا ئېقىملار ئۇنى بىزار قىلاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلچىمى ئاددى ساددىلىق ئىدى .
غەزەپ (ئاچچىقلىنىش): ئۇ ئادىل بولمىغان ئىشلارغا ئاچچىقلىناتتى، ئۇ رۇئايلىنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئىرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاچچىقلىناتتى،ئىشلار ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك چىقمىسا غەزەپلىنەتتى، مۇكەممەل بولمىغان تۇرمۇشقا چىداشقا ئامالسىز ئىدى.
تەسىراتىمىنى تومتاقلا باشلاپ بېرەي قالغىنىنى كۆپچىلىك بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەم سۆھبەتتە بولايلى.....
بۇ فىلىمنىڭ ئاساسلىق بىزگە يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇن بولسا، بۇ فىلىمدە ئادەمنىڭ ھاياتلىق كەچۈرۈش جەريانىدا، كەيپىياتتىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئادەم ئۆزىدىكى ھەرخىل كەيپىياتلارنى ھەمراھ قىلىپ ياشايدىغانلىقى،ئادەمدە ھېچقانداق كەيپىيات بولمىغاندا، خۇددى قارانچۇققا ئوخشاپ قالدىغانلىقىدەك ھاياتلىقنىڭ يارقىن نوقتىسى يورۇتۇپ بېرىلگەن. شۇنداقلا، فىلىم ئاخىرىدا بولسا، قىسقا كۆرۈنۈشلەرنى بېرىش ئارقىلىق كەيپىياتنىڭ ھەرقانداق ئادەمدە مەۋەجۇت بولۇپ تۇردىغانلىقى ۋە شۇ ئادەمگە يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ھەتتا، كەيپىياتنىڭ ھايۋاناتلاردىمۇ بولدىغانلىقى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. كەيپىيات ئادەم ۋە ھايۋاناتلاردىن سىرت باشقا ھەرقانداق جانلىق نەرسىلەردىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. فىلىمدە دەل مۇشۇ كەيپىياتلارنىڭ رۇئايلنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىش –ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرۇشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدىكى ھەرخىل كەچۈرمىشلىرى بىزگە كەيپىياتنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەردى.
فىلىم بېشى رۇئايلنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ يورۇقلۇق ئىچىدىن خۇرسەننىڭ پەيدا بولۇپ، رۇئايلىغا كۈلكە ئاتا قىلىشى، كېيىن بولسا، غەمكىننىڭ پەيدا بولۇپ يىغا ئاتا قىلىشىدىن باشلىنىپ، فىلىم ئاخىرىدا بولسا، غەمكىننىڭ رۇئايلىنى يىغىلىتىپ، كېيىن بولسا، خۇرسەننىڭ رۇئايلىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشى بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ. ئارلىقتىكى ۋەقەلىكلەر بولسا، دەل مۇشۇ خۇشاللىق ۋە قايغۇنىڭ يادرولۇق ئەسلىمە رايونىدىن، باشقۇرۇش سۇپىسىغا بېرىشقىچە بولغان ئارلىقتا نۇرغۇنلىغان سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا رۇئايلى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان خۇشاللىق ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى تېپىپ كېلىدۇ. شۇنداقلا، خۇرسەن بىلەن قايغۇ ئىككىسىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردىغانلىقى ۋە ئىككىسى بىر يەرگە كەلگەندە ئاندىن، رۇئايلىغا خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ پاسسىپ مۇناسىۋەتتە بولماسلىق كېرەكلىكىنى، خۇشاللىق بار يەردە قايغۇنىڭمۇ بولىدىغانلىقى، قايغۇ بار يەردە خۇشاللىقنىڭمۇ ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇردىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. دېمەك، ھاياتلىق خۇشاللىق ۋە قايغۇ بىلەن باشلانغان بولسا، ئاخىرەتتىمۇ ھەم قايغۇ ۋە خۇشاللىق بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ. شۇنداقلا، ھاياتلىق خۇشاللىق ۋە قايغۇ بىلەن بېقىندىلىق ھالەتتە داۋاملىشىدۇ. بۇ نوقتا ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ياشاشقا توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى، كەيپىياتنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ياشاش قانۇنىيىتىگە بويسۇنىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگەن.
فىلىم ئاخىرىدا يەنى، باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ تېخىمۇ ئېلغارلىشىپ كېتىشى بولسا، ئادەم چوڭ بولغانسىرى ئويلايدىغانلىرىنىڭ ۋە تەپەككۇر قىلدىغان، ئۆگىنىدىغان ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپىيدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا كەيپىياتلارنىڭمۇ ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى، ھاياتلىقنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. دېمەك، ئادەم ئۆسۈپ يېتىلگەن سىرى ئادەمنىڭ ئويلايدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان، قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ كۆپىيدىغانلىقى ۋە ھاياتلىقنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغانلىقىنى فىلىم ئاخىرى تېخىمۇ ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن.
يوقاردا مەن پەقەت فىلىمنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەربىيىۋىي ئەھمىيتى ۋە ماڭا بەرگەن قىسقىچە تەسىراتنى ئوتتۇرغا قويدۇم. ھېسابتا سۆز بېشىنى باشلاپ بەردىم دېسەممۇ بولىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا، فىلىمنىڭ رەسمىي ئوپىراتسىيە قىلدىغان تەسىراتچىلار مەھەللىگە كەلسەڭلار ئاندىن، بار مەسلىھەتتە فىلىم تەسىراتىنى پەلەككە ياڭرىتايلى!!! قېنى ئەمىسە ئۇيغۇر چەۋەنداز (تەرجىمان) باشچىلىقىدىكى چوڭلار ۋە تەسىراتچىلار غېرىپ كۆلبەمگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار........
ياخشى يېزىلغان تەسىراتلارغا مۇكاپات تارقىتاي دېسەم، مەنمۇ چىقىش قىلىپ بولالماسلىقىم مۇمكىن شۇڭا،ئۇيغۇر چەۋەنداز (تەرجىمان) ۋە روھچىننى شۇنداقلا بىر قىسىم قولى ئۇچۇق پومشېچىكلارنى ھەمدەمدە بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن....