- UID
- 50
- تىزىملاتقان
- 2010-7-31
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ماقالە ياققان بولسا باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرمەي ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ قويۇڭ، ئۆتكەندە مىڭ جاپادا سۇپېر كېلىنچەك ھەققىدىكى خەۋەرنى تەرجىمە قىلسام ئەلكۈيى ۋە باشقا ئەخلەت بېكەتلەرگە كېتىپ قاپتۇ. ئۇ بېكەتكە يوللاشنىمۇ مەنمۇ ئۇقاتتىم، لېكىن مەقسەت ئاق بۈركۈتنى گۈللەندۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش. يەنە كېلىپ ماقالەمنىڭ ئۇنداق ناچار بېكەتلەردە سەرسان بولىشنى ئەسلا خالىمايمەن. شۇڭا گەپنى ئېنىق قىلىۋەتتىم، قەتئىي كۆچۈرۈپ سالماڭ.
ئۆزبېكىستاندىكى 1-ھاپىز يۇلدۇز ئوسمانوۋا تۈركىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتكەن. سەۋەب بولسا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋا بىلەن سەھنە تالاشقانلىق ئىكەن.
گۈلنارە كەرىموۋا. ئۆزبېكىستاننىڭ ئىپلاس مۇستەبىت زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموۋنىڭ چوڭ قىزى. سىياسىيون شۇنداقلا ناخشىچى، ئېنگىلىز تىلىدا بىرقانچە پىلاستىنكا چىقارغان. ھازىر سىياسىي يولغا قەدەم بېسىپ جاللات دادىسىنىڭ يولىدا ماڭماقچى بولىۋاتىدۇ، بىلمىدىم ئۆزبېك خەلقى بۇ يېرىم يالىڭاچ رەققاس سىياسىيوننى ياقتۇرامۇ؟
ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تىياتىر سارىيىدا كېچىلىك ئۆتكۈزۈش ئۆزبېكىستاندىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، يىللاردىن بۇيان شۇ سارايدا كىم يېڭى يىلدا تۇنجى كونسرتنى ئۆتكۈزسە شۇنىڭ ئىناۋىتى چوڭ بولۇشتەك ئەھۋال شەكىللىنىپ يۇلدۇزخان ۋە گۈلنارە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان. ئاخىرىدا گۈلنارە دادىسىنىڭ نوپۇزىغا تايىنىپ ئۈستۈنلىكنى ئېگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن يۇلدۇز ئۆزى سۆيگەن، ئۆزى كۈيلىگەن ۋەتىنىنى ۋە خەلقىنى تاشلاپ تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن، ۋە تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن (ئىزاھات، چەتئەلدە بىر ئادەم قانچە دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولىمەن دېسە بولىۋىرىدۇ، پەقەت بۇ يەردىلا ئۇنداق ئەمەس جۇمۇ، شۇڭا يۇلدۇزخان قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە).
بىراق بۇ ئەھۋال خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار يۇلدۇزنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بىراق يۇلدۇز خەلق سەنئەتكارى دېگەن نامىغا زىت ھالدا شان-شۆھرەت تالىشىپ ئاقىۋەت خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى.
بۇيىل يىل بېشىدا يۇلدۇزخان ئۆزبېكىستانغا كېلىپ ئويۇن قويدى. بىراق ئەھۋال يىللاردىكىگە قارىغاندا ئىنتايىن ناچار. ئۇنىڭغا نەدىكى بۇرۇنقىدەك چوڭ سەھنە، ئوركىستىر؟ بىر رىستوراننى ئىجارىگە ئېلىپ، 4-5مۇزىكانت بىلەن سەھنىگە چىقىپ ئۇرۇق تۇغقان ۋە دوستلىرىغىلا ئويۇن قويۇپ بېرىپ قايتىپ كەتكەن.
خەلق تۇپراق مىسالى، سەنئەتكار بولسا گىياھتۇر. تۇپراقتىن ئايرىلغان گىياھنىڭ ئۆمرى كۆتە بولغۇسى.
تامام
پايدىلانغان مەنبە: ئۆزبېكىستان سەنئەت ئالىمى تورى، سەيياد قانىلى
ھېچقانداق توربەتكە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ! |
|