ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە خەتلىك فىلىم تەرجىمىسىگە ھەمكارلاشقۇچى ئ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىرادە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-15 20:40  

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن فىزىكا ۋە شۇنىڭ ئىچىدىكى ئاسترونومىيە،كۋانت فىزىكىسى، زەررىچە فىزىكىسى ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى دېگەنلەرگە بەك قىزىقىمەن، ھەم بۇندىن كىيىن شۇ كەسىپتە ئوقۇشنى پىلانلىدىم. توردىن داۋاملىق مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك فىلىم ۋە يازمىلارنى ناھايىتى ھاياجان  كۆرىمەن، كۆرگەنسېرى كاللام كەڭرىپ قالغاندەك، ئۆزۈمنى كائىناتقا نىسبەتەن ھېچنىمە، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يوقلۇق دەرىجىسىدە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن، ھەم مۇشۇنداق بىلىملەرگە باشقىلارنىڭمۇ قىزىقىشىنى، كەسىپ قىلمىسىمۇ ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ ساھەدىن ساۋاتلىق بولۇشىنى، ئۆزىنىڭ قانداق دۇنيادا، قايسى شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقىنى توغرىسىدا ئويلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم ئىگەللىشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن. بايا بىر نەرسە كۆرۈۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئاق بۈركۈتتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى خەتلىك تەرجىمە قىلىپ تارقاتساق، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئويلىنىشىنى، قىزىقىشىنى قوزغىيالىساق ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ بۇ يازمىنى يوللىدىم. مېنىڭ بۇ ساھەدىكى بىلىمىم يوق دىيەرلىك، ھازىر پەقەت قىزىقىش باسقۇچىدا، كەسىپ قىلىپ ئۆگىنىش باسقۇچىغا تېخى كەلمىدىم.
  ئەمدى ھەمكارلىشىدىغان ئىشقا كەلسەك، فىلىم ۋە خېتىنى مەن تەمىنلەيمەن، ئەلۋەتتە تەرجىمە قىلىدىغان فىلىمنى تەڭ بېكىتسەك بولىدۇ. تەرجىمە قىلىش ئىشىدا  تەرجىمىسىنى تەڭ بۆلۈشۈپ قىلساق بولىدۇ، مەن ئىنگىلىزچە ماتېريالدىن تەرجىمە قىلالايمەن، پرېسلاش، ۋاقىت ئوقى ياساش ۋە كىيىنكى ئىشلارنى ماڭا ھەمكارلاشقۇچى قىلىدۇ. مەن ھازىرچە بۇ ئىشلارنى قىلالمايمەن،  ھازىر سەل جىددىي بولغاچ تەرجىمە قىلىش ۋە مەنبە تېپىشقا ئاران كۈچىيەلىشىم مۇمكىن، كىيىنچە پۇرسەت بولسا ئۇ ئىشلارغىمۇ ياردەملىشىمەن.
  تەرجىمە قىلىدىغان دائىرە: ئۈستىدە دىگەندەك فىزىكا ئىچىدىكى ئاسترونومىيە، ئالەم نەزەرىيەسى(cosmology)، كۋانىت فىزىكىسى، زەررىچە فىزىكىسى ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى. تەرجىمە دائىرسىنى بەك كەڭ قىلىۋېلىشنى خالىمايمەن، ھېلىمۇ مۇشۇلار بەك كەڭ ساھە.
  فىلىم مەنبەسى: مەن 1080پ لىقتىكى فىلىم ۋە ئىنگىلىزچە خېتىنى تەمىنلەيمەن. فىلىم ئۇزۇنلىقى 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە بولغان فىلىملەر بولىدۇ.
  قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ مۇنبەردە قىسقا ئۇچۇر يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر تال فىلىم ئېلىپ كەلدىم.
  فىلىم ئىنگىلىزچە ئىسمى: .How Far Can We Go? Limits of Humanity
  ئۇيغۇرچە ئىسمى: قانچىلىك يىراقلىققا بارالايمىز؟ ئىنسانىيەتنىڭ چېكى.(ئۆزۈم قىلغان تەرجىمە، سۆزلەنى تازا سۈپەتلىك قىلالمايمەن، لېكىن تېرىشىمەن).
  ئەسلى مەنبە تور بىكەتكە يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى 5-ماي
  ئۇزۇنلىقى: 7:44 مىنۇت
  خېتى: ئىنگىلىزچە
  ئېنىقلىقى: 1080پ
  فىلىم چوڭلۇقى: 64.3 مېگابايىت
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://pan.baidu.com/s/1mibBmys
پارولى : v6jv
ئىچىدە يۇقارقى ئادرىستا فىلىم خېتىمۇ بار.
كەسمە رەسىملىرى:




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار21

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تەۋسىيىلەش
abid ۋاقتى: 2016-5-16 09:40:30 | ئايرىم كۆرۈش
گىرۋەك پىلانى دىگەن قىسىملىق فىلىمدىمۇ ئاسترونومىيە،كۋانت فىزىكىسى، زەررىچە فىزىكىسى ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى دائىر مەزمۇنلار بار تەرجىمە قىلىشقا لايىق كىنو ئىدى. فىلىم ختىنى چۇشۇرۇپ قۇيدۇم خەنزۇچە ئىنگىزلىزچە ئىكەن. تەرجىمانلار يەنە بىر ئويلىشىپ باقسا بولاتتى.
/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=7450
بۇنىڭدا كەسپى ئاتالغۇلار بەك كۆپ ئۇچىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەھەتتە چىقىۋاتقان سۆزلەرنىڭ ئىلىم پەن ئاتالغۇلىرىنى كىنودىكى فىلىملەردىكىدەك قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭغا مەيلى خەنچىدىن قىلايلى ۋە ياكى ئۆز تىلدىن قىلايلى 5 مىنۇتلۇق فىلىمگە كۆرىدىغان ماتىرىياللارمۇ ئاز ئەمەس. ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتسام تۇلۇق ئوتتۇردىكى ئاشۇ فىزىكىلىق ئاتالغۇلارنى بىر بىرسىگە باغلاپ چۈشىنىشكە ئامالسىز ئىدىم. بۇنى قىلىشتىن ئاۋال ئاشۇ ئاتالغۇلارنى چۈشىنىشكە، ئىزاھلاشقا، ئۇنى ئۆز تىلىمىزغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ دەپ قارايمەن. مۇشۇلاردىن قىينالمىغان بولسام مەنمۇ قاتنىشاتتىم. مېنىڭچە ئارىمىزدا تالانتلىقلار كۈمۈلۈپ ياتماقتا، بەلكىم چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
دىۋان
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-5-15 21:04:03 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىش تەس جۇمۇ ،، بولسا خەنچە بولسا ئاسانراق بولاتتى
يىكەنداز
نامسىز01 ۋاقتى: 2016-5-15 21:28:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئەگەر خەنچە خىتى بولسا مەن تەرجىمىگە ياردەملىشەي
گېلەم
 ئىگىسى| ئىرادە ۋاقتى: 2016-5-15 21:34:29 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 21:28
ئەگەر خەنچە خىتى بولسا مەن تەرجىمىگە ياردەملىشەي

رەھمەت، خەنچىدىن ئارىلاپ چىقىپ قالىدۇ، لېكىن ماتېرياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگىلىزچە بولغاچقا، ئىنگىلىزچىنلا قىلىشنى ئويلاشقان.
كىگىز
ئۇيغۇر05 ۋاقتى: 2016-5-15 22:28:01 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇمكىن بولسا خەنزۇچە مەنبەلەرمۇ بەك كۆپ بۇ ئاسترونومىيە فىزىكا توغرۇلۇق شۇلاردىن ئىزدىنىپ باقسىڭىز، بىۋاستە ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىشقا كۆپىنچەىلەن ئاجىزلىق كېپ قالىدۇ . مەنمۇ مۇشۇ ئاسترونومىيە، UFO ۋە يەنە  ھەرخىل تۈردىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرگە بەك ئامراق
ئورۇندۇق
ئۇيغۇر05 ۋاقتى: 2016-5-15 22:28:36 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇر05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-15 22:34  

第三类接触مۇنۇ فىلىمنى تەۋسىيە قىلاي دۇنيادىكى سىرلىق ۋەقەلەر توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ . ئەلۋەتتە يەنە ھەمكارلىشىش داۋامىدا قىلىدىغان فىلىملەرنى بىرگە تاللايمىزغۇ ئەمدى ، خەنزۇچە مەنبەلەردىن ئىزدىنىش توغرۇلۇق پىكرىمنى خوپ كۆرسىڭىز ھەمكارلىشىشقا مەن با
QQ نومۇر 1047967097
مىخ
 ئىگىسى| ئىرادە ۋاقتى: 2016-5-15 23:17:06 | ئايرىم كۆرۈش
مەردان428 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 22:47
بۇنىڭدا كەسپى ئاتالغۇلار بەك كۆپ ئۇچىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈس ...

توغرا، لېكىن ھازىر قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ تۇرغىنىمىز ياخشى، بىلمىسەك ئىزدىنىمىز، ئىزدىنىش جەريانىدا بارا-بارا ياخشىلىنىپ ماڭىدۇ،بىرنى قىلساق بىرگە ھېساب. مېنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيەممۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، پەقەت ئوتتەك قىزىقىش بىلەنلا ئىلىپ ماڭاي دەۋاتىمەن. تەرجىمە جەريانىدىمۇ نۇرغۇن بىر نەرسىنى ئۆگىنىدىغان گەپ، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز پاراڭلىشىپ باقساق بولىدۇ.
9#
مەردان428 ۋاقتى: 2016-5-16 00:11:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئىرادە يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 23:17
توغرا، لېكىن ھازىر قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ تۇرغىن ...

ھە ئەلۋەتتە بولىدۇ، 1498218613
10#
Nejmi ۋاقتى: 2016-5-16 00:44:48 | ئايرىم كۆرۈش
قولللايمەن..... بولسا بىر تېرجىمە قىلىۋېتىڭلار....
11#
barchuq ۋاقتى: 2016-5-16 01:14:39 | ئايرىم كۆرۈش
ئەپسۇس ئۈزىڭىز تەرجىمە قىلغان فىلىم بەيدۇ بوشلۇقتىن ھەمبەھرىر ئادىرسى ئۈچۈرلۈپتۇ، بولسا بەيدۇ بوشلۇقۇمغا يوللاپ قۇيارسىزمۇ مۇمكىن بولسا  بەيدۇ ئادىرسىم   akbarr98
13#
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-5-16 10:23:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئىرادە يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 23:17
توغرا، لېكىن ھازىر قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ تۇرغىن ...

ئاشۇ بەيدۇ دەيدىغان نىمىنىزە خەپ  ئادرىسىنى يەنە قۇرۇق قىلىۋىتىپتۇ
14#
saarhil ۋاقتى: 2016-5-16 11:17:01 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى ئويلاپسىز
سىزگە ھەمكارلاشقۇچى چىقىشىغا تىلەكداشمەن
15#
saarhil ۋاقتى: 2016-5-16 11:17:35 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى ئويلاپسىز
سىزگە ھەمكارلاشقۇچى چىقىشىغا تىلەكداشمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

1پىنتوزىلىرى

0تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1