ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئەجەل پۈتۈكى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1515 17
ahsaxum ۋاقتى: 2012-11-27 11:33:05 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئاۋال مۇشۇ فىلىمنى ئىشلىگەنلەرگە ، ئاندىن كىيىن مۇشۇ فىلىمنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈگەن تەرجىمان ۋە كىرىشتۈرگۈچىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن !

كىنو ۋەقەلىكىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا ھەممە يېرى ماڭا شۇنداق ياقتى ، بۇنداق دىسەم بىر نەچچىڭلار كاللىسىنىڭ دەردى بار نىمىمۇ بۇ دەپ قالماڭلار دىمەكچى بولغۇنۇم چېكىنمە بايان قىلىپ ئىشلەنگەن بولسا بىزنى تېخىمۇ قىزىقتۇرار بولغىيتى دىمەكچىمەن ! ھازىرمۇ قىزىقىپ يەنە بولسىچۇ دەۋاتقاندىمىز ! ئاشۇ رايىتونىڭ ئاتىسىنىڭ قولىدا جان تالىشىۋاتقان يېرىدىن باشلانغان بولسا كىنو تېخىمۇ جەلىپكار بولاتتىكەن ! مەن ئويلىغاننى ئۇلار ئويلىماي قالارمۇ ؟ دەپمۇ ئويلۇدۇم ! شۇ ۋاقىتتا شەمسىنىڭ ئۈچۈنجى بۆلىمى بار دىگىنى يادىمغا كېلىپ شۇڭلاشقا ۋەقەلىك مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانمىدۇ دېدىم ! مەن نىمىلا دىمەي بۇ بىكار ! ئىشنى قىلىپ كىنو ماڭا شۇنداق ياقتى !
رايىتو بىلەن ئىرو ئوتتۇرسىدىكى بىر ئورتاقلىق ئۆزىنىڭ سەزگۈسىگە شۇنداق ئىشىنىدىكەن ! مەيلى نىمە ئىش قىلمىسۇن ئەقلىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ قىلىدىكەن ! ئۇلارنىڭ ئ.اشۇ ئۆتكۈر پىكىرلىرى ۋە ئىشلىرى ئادەمنى كىنو ۋەقەلىكىگە شۇنداق قىزىقتۇردىكەن !
رايىتو - ھەققانىيەت دىگەننىڭ مانا مەن ! دىگەچكىمۇ ، ياكى ھەققانىيەتنى تولۇق چۈشەنمىگەچكىمۇ كىرا بولۇپلا ھەممە ئىشنى باشلاپ كەتتى ! بىرىنجى بۆلۈم باشلانغاندىلا ماڭا ئۇنىڭ بەرگەن تۇيغۇسى ھاكاۋۇر بولدى ، بارا-بارا ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغانلىقى مېنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئەسلىدىكى ھاكاۋۇرلۇقى كۆزۈمگە كۆرۈنمەيلا قالدى . ھېلقى 11نەپەر FBIخادىمىنى ئۆلتۈرگەندىن باشلاپ كۆزۈمگە باشقىچىلا بىر نىمە بولۇپ كۆرۈندى ، دەسلەپ ئاشۇ ئەجەل پۈتۈكىنى ئالغاندا مېنىڭمۇ بىرى بولسىچۇ دەپ ئويلۇدۇم !  بارا-بارا ئۇنىڭ سەزگۈرلىكى مېنى قىزىقتۇردى ، ئۆيىگە كامىرا ئورۇنلاشتۇرغىننى ئالدىن سەزدى ، ئەمدى ئادەمنى سىرىتتا ئۆلتۈردىغۇ دىگەن خىيال كاللامغا كەلدى ، بىراق ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئادەم ئۆلتۈرمىسە ئېنىق گۇماننى قوزغاپ قويمامدۇ دەپ ئويلۇدۇم ! ئەمما تىلىۋزورادا بەرگەن بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئۆلتۈرگىننى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يەنە بىر قايىل بولدۇم ! ئۇلارنىڭ گۇمانىدىن قۇتۇلدى ، ئەمدى ئارام خۇدا ئادەم ئۆلتۈردىغان بولدى دېدىم ! بىراق ئىرو يەنىلا بولدى قىلمىدى ، ئۇنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى كۈزۈتۈپ تۇردى ! بىرىنجى بۆلۈمنىڭ ئاخىردىكى ئۆزىنىڭ قىز دوستۇنى ئۆلتۈرگەن ئاشۇ تەپسىلاتلارنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . بىرىنجى بۆلۈمدە رايىتونىڭ ماڭا بەرگەن ئاساسلىق تەسىرى يۇقىردىكىدەك بولدى ، ئەقىلىق ، سەزگۈر ، ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان ، ئەتراپلىق پىلان تۈزىدىغان ، شەخسىيەتچى ، ھاكاۋۇر ! بىراق ئۇنىڭ ئارتۇقچىلۇقلىرى ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى يېپىپ كېتەلىدى !
ئىككىنجى بۆلۈمدىن سۆز باشلىسام ھېلقى مىسا چىققاندىن كىيىنلا ئادەم ئۆلتۈرۈشنى باشلاپ كەتتى . تاكى رايىتونىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەنگە قەدەر ئادەم ئۆلتۈرۈشنى توختاتمىدى ، كىيىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كىيىنمۇ رايىتوغا سادىق بولدى ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن قەيسەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، بىراق ئۇنىڭ ئەخمەق ئىكەنلىكىنىمۇ ئويلۇدۇميۇ ، ئۇنىڭ ئاشۇ سادىللىقى ، سادىقلىقى بولغاچقا ئەخمەقلىقى ماڭا ئانچە چېلىقمىدى ، كىيىن چىققان مۇخبىر قىزمۇ شۇنداق قىلدى ، خۇددى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندەك ئادەم ئۆلتۈرۈشكە خۇمار بولۇپ قالدى دىسەممۇ بولىدۇ ! ئۇ پەقەت كىرا بولۇش ئۈچۈنلا ئادەم ئۆلتۈرگەنمىدۇ دەۋاتقىنىمدا ئۆز كەسىپدىشىنى ئۆلتۈردى ، شۇ ۋاقىتتىلا بۇنىڭ خۇمار بوپ قېلىش ئەمەس بەلكى كۆرەرمەسلىك ، يۇقىرىغا يامىشىش ، ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، ئەنە شۇ ۋاقىتقىچە جىم ياتقان رايىتومۇ خاتىرىسىنى ئەسلىگە ئالدى ، ئۇنىڭ قانداق يېڭى ماددا تۈزگىنىگە قەتتىي ئەقلىم يەتمىدى ، ھەممىنى ئويلاپ باقتىم ، شۇ ۋاقىتتا كىنو قېتىۋالدى . كىيىن خەنزۇچىسىنى كۆرەي دېدىممۇ ئەمما توختاپ قالدىم . بۈگۈن بۇ كىنونىڭ ئىككىنجى بۆلۈم تولۇق چۈشۈپ بولغانغا قەدەر كىنونى قويمۇدۇم ، چۈنكى شۇنداق ئالدىراپ كېتىدىكەنمەن ! ئۇنىڭ دىۋىگە قاتۇرغان يېڭى ماددىسى 13كۈندىن كىيىن پۈتۈكنى ئىشلەتكەن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىكەن ! ئۇنىڭ ئەقىلىقلىغا يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم ، سائىتىگىمۇ شۇنچىىك پەم بىلەن قىستۇرغان قەغەزنى كۆرگىنىمدىغۇ ئاغزىم ئېچىلىپلا قالدى ! كىنونىڭ ۋەقەلىكى شۇ يەردە تۈگەمدىكىن دىگەن ئۇنداق بولمىدى ! رايىتو ھەممىنى يېڭىدىن باشلىدى مىسانىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ يەنە بۇرۇنقىدەك ئادەم ئۆلتۈرۈشكە سالدى ! رايىتونىڭ شۇ ۋاقىتتا ماڭا بەرگەن تەسىرى ۋاجدانسىز بولدى ، بىراق دادىسىنىڭ ئىسمىنى خاتىرىگە يازغىنىدىن باشلاپلا ئۇنى ئادەم قاتارىدىن چىقىرۋېتىپ ھايۋان دېدىم . ئۇ دادىسى قوينىدا تىپىرلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغۇلۋاتقىنىدا ئىچىم ئاغرىپ كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى ، رايىتوغا ئەمەس داىسىغا ئىچىم ئاغرىدى ، بىر دادا ئۆز پەرزەنتىنىڭ قوينىدا جان تالشىۋاتقىنىدا دادانىڭ يۈرىكىمۇ بەلكىم شۇ ۋاقىتتا جان تالىشار ، نۇرغۇن گەپلىرىنى دىيەلمىگەندۇ بەلكىم ! دادىسىنىڭ ئۇ ئۆلگىلىۋاتقاندا پەقەت بىر ئېغىزلا قىلغان گېپى مېنىڭ رايىتوغا بولغان ھەممە كۆز قارىشىم ۋە ھېسلىرىمنى جەملىدى ‹‹ ئەخمەق ›› ئۇنى ئۇنداق دەپ تىللاشقىمۇ ، بۇنداق دەپ ماختاشقىمۇ بولمايدىكەن ئويلاپ باقسام ئۇ پەقەتلا ئەخمەق ئىكەن !
ئىرو- ئۇنىڭ بىرىنجى بۆلۈممدە تۇنجى ئېكرانغا چىققاندا شۇنچلىك يىرگەندىم ، بىلەمسىلەر ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقىغا قاراپ كۈلۈۋەتتىم ، ھېلقى قېرى بۇلارنى ئەخمەق قىپتۇ دەپ ئويلۇدۇم ، بىراق ئۇنىڭ ھەققى ئىرو ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ھەيران بولمۇدۇم ! بىكار تۇرماي بىر نەرسە يەيدىغان - كىينىشى ، تۇرشى ، ياسىنىشى مېنى ھەيران قالدۇرمىغان يەردە ئۇنىڭ ئىرولىقى مېنى ھەيران قالدۇرمىدى . بىراق ئۇنىڭ ئاشۇ كاللىسى مېنى ھەيران قالدۇردى . ئەقىلىق ، سېزىمىغا ئالاھىدە ئىشىنىدىغان بۇ تەرەپلىرى رايىتو بىلەن تەڭ تۇرسىمۇ بىراق ئۇنىڭ بىر تەرپى رايىتودىن ئۈستۈن تۇردىكەن ! ئۇنىڭ ئۆز گۇماننى گۇمانلا ئەمەس ھەقىقەت دەپ ئىشىنىدىغان تەرىپى ئۈستۈن تۇردىكەن ! چاندۇرمايلا رايىتونى قاپقانغا نەچچە دەسسەتتى بىراق ئۇنىڭ شۇنچىلىك كۈچگىنىگە رايىتو قاپقانغا دەسسەپمۇ چەتەندۈرمىدى ، بۇ ئىككى رەقىىپتىن بىرى ئۆلمىگىچە كىنونىڭ تۈگىمەيدىغانلىقى ئېنىقلا ئىدى ! ئىرو مىسانى تۇتقاندىلا ريىتو تۈگەشتى دېدىميۇ ، بىراق ئىرونىڭ شۇنچە كۈچەپمۇ مىسانى ئېغىز ئاچۇرالماسلىقىغا ھەيران بولدۇم ، ئۇ قىزنى دەۋېتىدىغۇلا دېدىم ، بىراق ئۇ قىز پۈتۈكتىن ۋاز كەچتى ! ئىرو يەنە مەغلۇپ بولدى ، مانا بۇ رايىتونىڭ كاللىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن بولغان بولسىمۇ بىراق ئىرونىڭ ھېلقى گۇماننى گۇمان ئەمەس بەلكى ھەقىقەت دەپ بىلىدىغان تەرپى رايىتونى مەغلۇپ قىلدى ، ئۇ مىسانى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن پۈتۈكنى قولغا چۈشۈردى ، بىراق بۇ ۋاقىتتا پۈتۈككە ئالىقاچان ئىرونىڭ ئىسمى پۈتۈلۈپ بولغان ئىدى . ئىرومۇ كىنونىڭ ئاخىردا ئۆلدى ، جىمجىتلا . ئۇنىڭ ماڭا كىنودىن ھېس قىلدۇرغان ئالاھىدىلىكلىرى : ئەقىلىق ، سەزگۈر ، ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان ، جاھىل
مىسا - ماڭا بەرگەن تەسىرى ۋاپادار ، ۋاپادار دىگەندىمۇ ئادەتتىكىچە ئەمەس ، ئۇنىڭ ساداقىتى مېنى قايىل ، قىلدى ئەڭ ئاخىرغىچە رايىتودىن ۋاز كەچمەسلىكى مېنى تەسىرلەندۈردى ! بەلكى بۇ ساددا بىر يەكۈن بولسا كېرەك ! بىراق ئۇنىڭ شۇنچىلىك قىلىپ كېتىشىگە رايىتو ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن !
دىۋە - مانا بۇ كىنودا ماڭا تەسر قىلغان يەنە بىر تەرەپ ، ئاق دىۋە - ئىككىنجى بۆلۈمدىن باشلاپ چىقتى ، ئۇنىڭ چىقىشىدىنلا ماڭا بەرگەن تەسىرى بىر خىل قوپال ، چىرايىدىن شۇنداقلا دەپ ئويلۇدۇم . ئەمما ئۇنىڭ كىيىن قىلغان ئىشلىرى ماڭا تەسىر  قىلدى ، ئۇ دىۋە ئۆزىنىڭ ھاياتىغا مىسانىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇردى ھەم ئۇزارتتى . بىراق راستىنى دىگەندە شۇ ۋاقىتتا ئىرو يەنە بىر ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ دىۋە قۇمغا ئايلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆلگەن بولىۋالغان ، رايىتومۇ بۇنىڭغا ئىشەنگەن ! مەنمۇ تېخى ئەمدى رايىتو بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ۋەيران قىلارمۇ يا تۈزەرمۇ دىگەننى ئويلۇدۇم ، بىراق ئۇ ئەكىسچە دادىسىنىڭ ئىسمىنى پۈتۈككە يازدى ! قارا دىۋە - ھېلگەر ، چىرايىدىكى شۇ يالغان كۈلكىدىنلا چىقىپ تۇرمامدۇ ؟ ئىشەنچىسىز ! ئۇنىڭ بىر گېپى ماڭا ھەقىقەتەن يارىغا ‹‹ رايىتو ، سەن دىۋە بولۇشقا مەندىنمۇ بەك يارايدىكەنسەن ›› رايىتونىڭ شۇ ۋاقىتتىلا دىۋىدىن نىمە پەرقى قالغان ؟ ئەڭ ئاخىردىكى ئىشەنچىسىزلىكىگىچە قارا دىۋە ئەزەلدىن ياخشى ئىش قىلىپ باقمىغان !
كىنودا ئەتراپىمىزدىكى ھەر قانداق تىپتىكى ئادەملەرنى تاپقىلى بولدىكەن ! شۇنداق ياخشى ئىشلىنىپتۇ !

ئەمدى كىنونى تەرجىمە قىلغانلارغا ، ئىشلىگەنلەرگە شۇنچىلىك رەھمەت ئېيتىمەن ! ماڭا شۇنداق يارىدى ! سىلەرگە كۆپرىن كۆپ رەھمەت !!!

مەن مۇشۇنچىلىك تەسىرات ئ.الدىم ! بەلكىم نۇرغۇنلىرىڭلارنىڭ پىكىرى بىلەن زىت بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن ! شۇنداق بولسىمۇ ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ كىنودىن ئالغان تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ دە ! قېنى سىلەرمۇ بىر يېزىپ بېقىڭلار ، ئورتاقلىشايلى !
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
باياۋان + 20

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +20

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار17

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
sazguri ۋاقتى: 2012-11-27 12:50:43 | ئايرىم كۆرۈش
ئامما  كىنو بولا مۇشداق بولا ....ھېچقاچان كىنونى مانداق قىزقىپ كۆرمىگەن مەن ...شۇنداق قىزقىپ كۆرۋاتسام  ماۋۇ  قىز  دوستۇم  كومپىيۇتېرىنى ئىشلىتىمەن دەپ ئېلىپ چىكىتىپتۇ ...ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ كومپىيۇتېرنى ياندۇرۇپ كىردىپ يەنە داۋاملىق كۆرۈپتىمەن شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقانىلىقىم ئۇچۈن ئاستا كەچۈرۈم سوراپ تاماققا تەكلىپ قىلىپكۆڭلىنى ئېلۋالدىم
يىكەنداز
banker ۋاقتى: 2012-11-27 13:02:53 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ دائىم دىگۈدەك كىنو كۆرىمەن، لىكىن مۇشۇنداق ئىسىل كىنونى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم، ھەقىقەن كۆرۈشكە ئەرزىگىدەك كىنو ئىكەن، تەرجىمانلارغا كۆپ رەھمەت
گېلەم
dilmurat ۋاقتى: 2012-11-27 13:22:10 | ئايرىم كۆرۈش
يائاللا ئاق بۈركۈتتە ماندا ئىشنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، ھاردۇق بىراقلا چىققاندۇ ھە شەمسىۋاي ما تېمىنى كۆرۈپ، مەنمۇ مانچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ MKV قىلغىنىمغا رازى بوپ كەتتىم جۇمۇ، باللا ماندا يېرىڭلا بولسا ھارغانلىقىمىزمۇ چانمايدىكەن، ماۋۇ فەچەت كىنوكەن شۇڭا يېزىپسىلەر، مۇنداقراق كىنو بوپ قالسىمۇ ياراتمىغان يەرلىرىڭلارنىمۇ يېزىپ تۇرساڭلار كىنوغا ئىشلىگەن بىزلەر مۇشۇنداق خۇش بوپ قالساق نېمىدېگەن ياخشى ھە !
كىگىز
رىشتە01 ۋاقتى: 2012-11-27 13:47:36 | ئايرىم كۆرۈش
مەنغۇ موشۇ كىنو ئۈچۈن بىر كۈن ئىشقا چىقمىدىم..زاڭلىق قىلماڭلا ھە...
ئورۇندۇق
2012 ۋاقتى: 2012-11-27 14:19:23 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ 2-بۆلۈمنى بىركىچە ئۇخلىماي چۈشۈرۈپ كۆردۈم ....ئەمما لىكىن ما كىنو بەك سۈزۈك بولغاچقا شۇنداق ھوزۇرلۇنۇپ كۆردۈم جۇما .. بۇندىن كىيىنمۇ كىنولارنى ماۋۇ    م ك ۋ دىگەن قاتىل فورماتتا يوللىشىڭلارنى بەك ئۈمۈد قىلمەن ،بۇ كىنونى بىرنەچچە ئاغىنەم بىلەن بىللە كۆرگەنتىم سۈزۈكلۈكىگە ئۇلارمۇ ھەيران قالدى..ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىمۇ مۇشۇنداق سۈزۈك كىنولار يوللىندىكەن ھە دەپتى....ئاق بۈركۈتنىڭ بۇرۇن يوللانغان كىنولىرنىمۇ قوياپ بىرىپ تازا بىر ماختىنۋالدىم ...
داق يەر
上蛧нúМa ۋاقتى: 2012-11-27 16:20:59 | ئايرىم كۆرۈش
ياپونلارنىڭ كىنولىرى ئاجايىپ بىر ئۇسلۇپتا ئىشلىنىدۇ بۇنى ھىچقانداق دۆلەت ئىشلىيەلمەيدۇ
كىنودىكى باش قەھىرماننىڭ بىر كىنوسى بولىدىغان
قىمار ئوينايدىغان ۋاقىت چىققاندا شۇنى يوللاپ قويسام بولغىدەك
مىخ
sazguri ۋاقتى: 2012-11-27 17:15:38 | ئايرىم كۆرۈش
2012 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-27 14:19
مەنمۇ 2-بۆلۈمنى بىركىچە ئۇخلىماي چۈشۈرۈپ كۆردۈم ....ئەمم ...

شۇنداق....ئاستا  بولسىمۇ ئالدىرماي چۈشۈرۋالمىز...بۇگۈن چۈشۈپ بولالمىسا ئەتە چۈشە ئەتە چۈشۈپ بولالمىسا ئەتىسى چۈشە  
تىزلىك ئەمەس سۈپەت قوغلىشايلى
9#
razzak ۋاقتى: 2012-11-27 20:04:59 | ئايرىم كۆرۈش
مەنغۇ ياپۇننىڭ كىنولىرىنى پەقەت ياقتۇرمايتتىم لىكىن ما كىنو شۇنداق ياراپ كەتتىكى كىنو بولا مۇشۇندا بولا
مەن بۇكىنونى كۇرۇپ بۇلۇم بەك ئەپسوسلاندىم نىمىگە دىسەڭلار
1-نىمە ئۇچۇن  بەش ئالتە بۇلۇم ئەمەستۇ دەپ ئۇمۇتسىزلەندىم
2- L نىڭ ئۇلۇپ كەتكىنىگە بەك ئەپسۇسلاندىم
3-شەمسى ئەپەندىمنىڭ 3-بۇلۇمنى تەرجىمە قىلمايمەن دىگەندەك ئىنكاسلىرىنى كۇرۇم كوڭلۇم بەك يىرىم بولدى.
4-رايتونىڭ شۇ زىرەكلىكىگە بىر ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا تولىمۇ ئىچىندىم ( ئۇ قاراپ تۇرۇپ ھىلىقى ئاق دىۋىنى ئۇلۇۋىلىشقا مەجبۇر قىلدى ئەمەسمۇ ئۇ ئۇلۇش ئالدىدا ئۇنى سەن ھەقىقەتەن ئالۋاستى ئىكەنسەن دىدى ، قار دىۋىمۇ شۇنداق دىدى )
ئاخىرىدا بۇ كىنونى تەرجىمە قىلغان شەمسى ئەپەندىمگە كوپتىن كوپ رھمەت  سىز بۇ كىنونى تەرجىمە قىلمىغان بولسىڭىز بىزنىڭ بۇنداق ئىسىل كىنونى كۇرەلىشىمىز ناتايىن ئىدى رەھمەت سىزگە بولسا مۇشۇنداق كىنولارنى كوپرەك تەرجىمە قىلغايسىز

باھا سۆز

1-بەك ئۇزىراپ كەتسە زېرىكتۈرۋىتىدۇ، 2-ئېرۈ ئۆلمىسە كىنونىڭ پەيزىسى چىقمايدۇ 3-3-بۆلۈمنى توردىن ئىزدەپ بېقىڭ، 10  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-28 05:20
10#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-11-28 05:20:43 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2012-11-27 20:04
مەنغۇ ياپۇننىڭ كىنولىرىنى پەقەت ياقتۇرمايتتىم لىكىن م ...

1-بەك ئۇزىراپ كەتسە زېرىكتۈرۋىتىدۇ،
2-ئېرۈ ئۆلمىسە كىنونىڭ پەيزىسى چىقمايدۇ
3-3-بۆلۈمنى توردىن ئىزدەپ بېقىڭ، 10مىنۇتلۇق يېرىنى كۆرۈپلا بولدى دەيسىز.
4-تەرمىلەر ژورنىلىنىڭ 9-سان 1-بېتىدىلا بىر ماقالە بار، ھوقۇق خۇددى كوكايىنغا ئوخشايدۇ دەيدىغان، شۇنى ئوقىسىڭىز چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز
ئىنساننىڭ نەپسى يوغىناپ كەتسە ئالۋاستى بىلەن شەيتان بىر يەردە قالىدۇ
11#
شەمسى ۋاقتى: 2012-11-28 09:01:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى مەن نېمە دەي... بۇ تېمىنى ۋە ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر خىل خۇش بولۇپ قالدى، كىنو تەرجىمە قىلىپ بۇنداق پۇخادىن چىقىپ باقماپتىكەن، شۇ تاپتا كۆزۈمدىن ياش ئەگىۋاتىدۇ... ھەممىڭالارغا رەھمەت.
  كىنو توغۇرلۇق بىر ئېغىز گەپنى قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ، ھېس قىلىشىمچە ئەسلىدە رايتو تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئەجەل پۈتۈكىدىن ۋاز كەچكەن بىر مەزگىلدە L بىلەن رايتونىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر خىل دوستلۇق شەكىللىنىدىكەن. بۇنى 2- قسىمنىڭ ئاخىرىدىكى L نىڭ «مېنىڭ ئەسلىدە رايتو بىلەن دوست بولۇپ قالغۇم بار ئىدى» دېگەن گېپىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۆزەمچە بۇنى مۇنداق چۈشەندىم، كىنودىكى ۋەقەلىك ۋە دېئالوگلاردىن قارىغاندا L نىڭ ۋاتارىدىن باشقا ئارلىشىدىغان ئادىمى ياكى دوستى يوق، ئۇ ئۆزى بىلەن ئوخشايدىغان رايتونى ئۇچراتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قېلىشنى ھەمدە ئۇنىڭ كىرا ئەمەس بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ئەمما ئۇنى كىرا دېگەن گۇماندىنمۇ ئىزچىل ۋاز كەچمەيدۇ...   ھەققانىيەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارىسىدىكى زىددىيەت ئاشۇنداق ئەپچىللىك بىلەن L نىڭ خارەكتېرىگە سىڭدۈرىۋېتىلگەن ئىكەن...

ھە راست كارتون نۇسقىسىنى كۆرۈپ باققۇسى بارلارغا چۈشۈرۈش ئادرىسى مانا   http://dl.vmall.com/c0tee0wz4f

باھا سۆز

لېكىن ئېرۈنىڭ قانداق بولۇپ رايتودىن گۇمان قىلغىنى، ھېلىقى FBIنىڭ قانداق بولۇپ ئۇنىڭ كەينىگە چۈشكىنى بۇ تەرەپل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-28 09:48
12#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-11-28 09:48:32 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-11-28 09:01
ئەمدى مەن نېمە دەي... بۇ تېمىنى ۋە ئاستىدىكى ئىنكاسلارن ...

لېكىن ئېرۈنىڭ قانداق بولۇپ رايتودىن گۇمان قىلغىنى، ھېلىقى FBIنىڭ قانداق بولۇپ ئۇنىڭ كەينىگە چۈشكىنى بۇ تەرەپلەرنى تازا ئېنىق ئەكىس ئەتۈرمەپتىمۇ قانداق؟ ئالدىنقى كۈنى توپتا مۇشۇ گەپلەرنى دېيىشىپ قالدۇق
13#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2012-11-29 03:55:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇ كىنوغا قىزىقىپ قالدىم، بىر چۈشۈرۈپ باقاي، تاڭ ئاتقۇچە چۈشۈپ قالسا ئەتە سەھەردە كۆرەرمەن....
14#
ئالىپ0998 ۋاقتى: 2012-11-30 01:26:13 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ 2- قىسمى ناھايىتى تېزلا چۇشتى........بۇگۇن كۆرۇپ تۇگەتتىم...ھەقىقەتەن ياخشى ئېشلەنگەن فىلىمكەن بۇ .
ئالدى بىلەن بۇ فىلىمنى كۆرەشكە مۇيەسسەر قىلغان شەمسى بورادەرگە رەخمەت ئىيتىمىز.

15#
بۇغرا68 ۋاقتى: 2012-11-30 01:42:31 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسىگە رەھمەت . لېكىن تورداشلار ھوزۇرلىنىش باشقا چوقۇنۇش باشقا .
بەزىلەر كىرا بولۇشنى ئويلۇدۇم دەيسىلە ، بۇ گەپ سەل چەكتىن ئېشىپ كىتىپتۇ .
كىرا بولۇش بىر ئادەمنىڭ ياشاش ياشىماسلىقىنى بەلگۈلەش دىمەكتۇر . (ئەلۋەتتە فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى بويىچە دەۋاتىمەن .)
لېكىن بىز ئۇ ھوقۇققا ئىنتىلگۈچى ئەمەس . ھەممەيلەننىڭ توغرا يولدا مېڭىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
شەمسى بۇرادەرنىڭ نىمىشقا دىۋە دىگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىگە قارىساقلا كىرا بولۇش ئويۇڭلا پەسكويغا چۈشىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

4پىنتوزىلىرى

95تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1