ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

توردىكى ئىسىملىرىمىز توغرىسىدا سۆزلەشمەيلىمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
46#
sazguri ۋاقتى: 2012-10-13 22:53:56 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 22:32
تەلىيى باركەن، ھېلىمۇ ماڭا ئۇچراپ قالماپتۇ، بولمىسا 5 ...

بىلەمسىزكىن مەنمۇ قەشقەرلىك .....شۇڭا  تازا  سېسق گەپنى قىسام باللار ئويغۇنۇپ كىتىپتۇ ....بوش كەلمەي مەنمۇ  نۇرغۇن گەپلەرنى قىلسام قاراپلا تۇردۇ گەپمۇ قىماي، ئاندىن  زۇۋان بامۇ يا  بىرەرسى چىشلىۋالدىمۇ ، يا تېگىدە قاپسىزمۇ گەپ قىىپ بەمەملا خان دىسەم ،،،،خوش ئەمدى تىلفۇن قىلمايمەن دەپلا قويۋەتتى
47#
رىشتە01 ۋاقتى: 2012-10-15 19:28:56 | ئايرىم كۆرۈش
مەن قاپتىمەن...12 يىل ئاۋۋال مەن تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىز ئوقۇشقا ئىچكىرىگە كەتكەچكە...
3 يىلدىن كىيىن كومپىيوتىر بىلەن تونۇشتۇم..شۇ ۋاقىتلاردا مەيىن شامال(سەلكىن نىڭ بۇرۇنقى ئىسمى) چايخانىسىغا باشقىلار كىرىشنى ئۈگەتكەن..شۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى باشلىنىپ بولغان.ئۇ ئىچكىرىدە.مەن قاغىلىقتا بولغاچقا..ئۇنىڭ بىلەن رىشتىمىز ئۈزۈلۇپ قالمىسۇن دەپ رىشتە دىگەن ئىسىمنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.ئەمما بەزى تور بەتلەرگە يىقىندىن بىرى باشقىلار مەندىن بۇرۇن تىزىملىتۋالغاچقا تۇغۇلغان ئاي كۈنۇمنى قوشۇپ 01 قىلىۋالدىم1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان.
48#
nawa0998 ۋاقتى: 2012-10-15 19:56:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرىدىن سانىغاندا مەن 1- بولدۇممۇ نىمە
شۇنداقتىمۇ مەنمۇ دەپ باقاي، مىنىڭ ناۋا دىگەن ئىسىمنى قوللىنىۋاتقىنىمغا 6 يىلدىن ئاشتى،كىيىنچە بۇ ئىسىمنى ئۆزۈمنىڭ ئېلان -سەنئەت ئورنۇمغىمۇ قوللاندىم، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىسىمغا قىز بالىغا كۆيگەندىنمۇ بەك كۆيەپ قالدىم دەڭلا، قالغان تەپسىلاتىنى باش سۈرىتىمگە قارىساڭلا خېلى ئوبدانلا چۈشىنىپ قالسىلە.........
49#
رانگو ۋاقتى: 2012-10-15 23:09:38 | ئايرىم كۆرۈش
مەن مۇ با.دوستۇمنىڭ ئويىگە (مۇشۇ تور بەتتىكى ،ئادىل)نىڭ ئويىگە كىنو چۇشۇرگىلى بارسام.مۇشۇ (رانگو) دىگەن كارتون فىلىمنى بىللە قاچىلاپ قۇيۇپتىكەن.بىرلا كۇرۇپ يامان بەك كاللامغا ئورنىۋالدى.قايسى تور بەتتىن چۇشەدىڭلا دىسەم .شالۋىغىنى چاچىرتىپ (ئاق بۇركۇت) تىن دەيدۇ.كىرىپ كىنو كوراي دىسەم دوللار باما دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن شاققىتەڭلا ئەزابولدۇمدە، ئىسمىمنى رانگو قويۋالدىم. باشقا توربەتلەردىمۇ مۇشۇ ئىسىم (خاسلىقنى يوقاتمىدىققۇ).ئاق بۇركۇتكە ھەۋسىم با .رەھمەت
50#
mathteach ۋاقتى: 2012-10-16 10:18:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ تېمىنى بەك كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. شۇنداق بولىسمۇ ئىشتىراك قىلاي...
مېنىڭ ئىسمىم MathTeach =MathmaticTeacher يەنى ماتېماتىك ئوقۇتقۇچىسى دېگەن مەنىدە. ئۆزەمنىڭ كەسپى شۇ. ئالامەت قىزىقىمەن بۇ ئۆمۈرلۈك كەسپىمگە! شۇڭا بۇ ئىسىمنى قوللىنىۋاتىمەن. ئەسلى ھەقىقى ئىسمىمنى قوللانغۇم بار ئىدى. لېكىن قارىسام بۇنداقلار بەك ئازكەن، خۇددى باشقا بىر ئىسىم قوللانمىسام بولمايدىغاندەك ھېس قىلىپ مۇنداقچىلا قويۇپ قويغان بۇ ئىسىمنى. باشقا مۇنبەرلەرگە تىزىملاتسام، تىزىملىتىپ بولغان دەپ ئاۋارە قىلمايدۇ ياخشى يېرى. مۇشۇ مۇنبەردىكى كىمدۇر بىرسى مۇشۇنداقمۇ ئىسىم بولامدۇ؟ دەپ تۇرۇۋالغانمۇ بولدى، لېكىن شۇ ئۆزگەرتمىدىم. ئەمدى كۆرسەڭلار ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدىن تۇنىياز مۇئەللىم شۇكەن دەپ بىلسەڭلار بولدى. ئۆزەممۇ ئانا تىلنى سۆيىدىغانلارنىڭ بىرسى. شۇ سەۋەبلىك خەتلىك فىلىملارغا بەك قىزىقىمەن. ئاندا ساندا تەرجىمىمۇ قىلىپ قويىمەن. قىسقىسى ئۆزەم ئىشتىن سىرىتقى ئاقبۈركۈت ھەۋەسكارى. كۆپچىلىك بىلەن تونۇشقىنىمغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
51#
Mrdon ۋاقتى: 2012-10-16 17:50:14 | ئايرىم كۆرۈش
دەسلىۋىدا تورخانىغا كىرگەن چاغلىرىمدىن تارتىپلا دون دىگەن مۇنى ئىسىمنى قويۇپ كەپتىكەنمە
ئۇ ۋاقىتلاردا 33591 بلوگىدا بلوگ ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى
قويۇۋالغان ئىسمىمنىڭ مەنچە مەنىسى يوقمىكىن تاڭ بىلمىدىم  مۇشۇ ئىسىمدىن باشقىنى قويغۇم كەلمەيدىغۇ تاڭ....


52#
ياساۋۇل ۋاقتى: 2013-11-29 01:42:50 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
PolatAlemdar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:00
Polat بولسا Başı Hep Belada Olan دىگەن مەنادا.

تۈرۈكچىنى قەيەردە ئۈگەنگەن،خىلى ياخشى تەرجىمە قىلدىكەنسىز...
53#
alimjan580 ۋاقتى: 2013-11-30 08:39:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى ماڭا كەلسەك تولۇق ئوتۇرىغا يىڭى چىققان چىغىمدا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغانلىق تالونى نى چىقىرىپ بەرگەن ئىدى ، قارىسام ئسىمىمنىڭ ئاخرىدا 580 دەپ يىزىقلىق ، كىيىن مەن بىلەن ئىسمى ئاتىسى ئوپمۇ ئوخشاش بىر بۇرادەر بىزنىڭ سىنىپقا تەخسىملىنىپ كىرگەن ئىدى ، ئۇنىڭمۇ تالونىدا 496 دەپ بارئىكەنتۇق ، توربىكەچىلار ئاساسەن ۋەھىمە دەپ چاقىرىدۇ ، بۇ ئىسىم جنغا ئامراقىلىقىمدىن بولسا كىرەك جۇمۇ ، ;P
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +50 يىغىش سەۋەبى
teklimakan + 50 جىنغىمۇ ئامراق بولامد.

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +50

54#
زۇلئاي ۋاقتى: 2013-12-3 01:11:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ تېمىنى بەك كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. شۇنداق بولىسمۇ ئىشتىراك قىلاي...
55#
كىرەم953 ۋاقتى: 2013-12-9 02:13:19 | ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا مەنلا قالغان ئوخشايمەن!  مەن ئاقبۈركۈتكە تۇنجى قېتىم كىرگەندە  ھەقسىز يوللانغان بىر فىلىمنى كۈرۈپ ئىچىمگە بىر ئوت چۈشتى! چۈنكى مەن بىر كىنو ھەۋەسكارى ئىدىم ، ئۇ فىلىمنىڭ سۈزۈكلىكى ھەم تەرجىمىسىنىڭ شۇنداق ياخشى چىققانلىقى مىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئادەتتىكى تور بىكەتلەردىكى فىلىملەرنى   كۈرۈپ يۈرەتتىم، بىرەر بىكەتكە تىزىملىتىپمۇ باقمىغان ئىدىم شۇنىڭ بىلەن تىزىملىتاي دەپ  ئۇئىسىمنى يازساممۇ تىزىملاتقان دەپ چىقتى بۇ ئىسىمنى يازساممۇ تىزىملاتقان دىدى  ئىشقىلىپ ئىسىمگە كەلگەن ھەممە ئىسىمنى سىناپ بېقىپ ئاخىرى  تىلفۇن نۇمۇرۇمنىڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىسىنى يازسام تىزىملىتىلىپ كەتتى، كىيىن ئۆزگەرتەي دەپمۇ ئۆزگەرتەلمىدىم .  باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ ئاشۇ نۇمۇرنىڭ بشىغا ئىسمىمنى يېزىپ تىزىملىتىپ شۇنىلا قوللىنىۋاتىمەن!  ئىشقىلىپ        مىنىڭ راستىنلا ئاقبۈركۈتكە چۇڭقۇر مىھرىم بار!
56#
banker ۋاقتى: 2013-12-9 19:36:42 | ئايرىم كۆرۈش
كىيىن قاپتىمەن، شۇنداقتىمۇ تونۇشتۇرۋىتەي.
يىڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقىتىلىرىمدا مۇنبەرلەرگە sardar دىگەن ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان ئىدىم،  كىيىن قارىسام بۇ ئىسمنى ئىشلىتۋاتقانلار بەك كۆپكەن، ئۇيغۇرچە سەردار دەپ بىر ئاداش قويۋاپتىكەن، ئۇنىڭغا دىسەم ئۆزگەرىتۋەتكىلى ئۇنمىدى، كىيىن ئۇ ئاداشنىڭ تىلىنى مەن تولا ئاڭلاپ ئۇ ئىسىمدىن زىرىكىپ تۇرسام ئۇ ئاداشنى توڭلاتتىم دەپ مىنى توڭلىتىپ قوياپتۇ، بىر ئايغىچە مۇنبەرگە كىرەلمەي كىيىن ھازىرقى ئىسمىمغا ئالماشتىم. ھازىرقىسى چ چ غا باغىلىغان ئىسىم، دەسلەپتە 人生如梦دىگەن ئىسىمنى ئىشلەتكەن، كىيىن قارىسام مۇنبەرنىڭ ھەممە يىرى ئانا تىل خىتى بىلەن، مەن بولسام بەسەيلەرنىڭ خىتى بىلەن كىرىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئالدى-ئالدى كەينى ئۆزۈم ياقتۇرغان ئىسملاردىن 50نى كىرگۈزۈپ باققاندىمەن باشقىلار تىزىملىتىپ بولاپتۇ، خەيىر ئامال يوقتە، باشقىلارغا ئىسمىڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەر دىگىلى بولمىغاندىكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم پۇل مۇئامىلە خىزمەتچىسى بولغاندىكىن دەپ banker دەپ ئىسىم قويۋالدىم، قارسىام بۇ ئىسىمنى قوللىنىدىغانلار يوقكەن، خاتىرجەم بوپقالدىم.
57#
irshad ۋاقتى: 2013-12-9 21:01:23 | ئايرىم كۆرۈش
كىيىن قالغان بولساممۇ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قوياي .
مەنمۇ ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كىيىن  مۇنبەرلەرگە تۇيغۇن ، ئۇچقۇن دىگەندەك ئىسىملار بېلەن تىزىملاتقان ئۇچقۇن دىگەن ئىسىم بەك جىقكەن دەپ ئۇنى ئىشلەتمىدىم ھازىر تۇيغۇن ۋە ئۆز ئىسمىم ئىرشاد نى ئىشلىتىۋاتىمەن . مېنى تور دۇنياسىدا مۇشۇ ئىككى ئىسىم بېلەن ئۇچۇرىتىسىلەر . ئىرشاد(irshad) : يول باشلىغۇچى . يىتەكلىگۈچى دىگەن مەنىدە ئىكەن .
58#
oygan9 ۋاقتى: 2013-12-20 20:06:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالام ، ماۋۇ تىما خىلى قىززىپتۇ ، مەنمۇ سۆزلەپ باقاي .
مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شۇ ناملىق شىئىرىغا بەك ئامراق ،جىق ئادەملەر مۇشۇ ئىسىمنى قوللىنىدىكەن شۇڭا مەن ئامراق بىرلەر خانىسىنىڭ چوڭى بولغان توققۇز رەقىمىنى قوشىۋالدىم.
باشقا مۇنبەرلەردىمۇ شۇنداق ،باشقا تورداشلارنىڭ بۇ ئىسىمنى تالاشماسلىقىنى سورايمەن .چۈنكى بۇ ئىسىمىنى ھەممە يەردە قوللىنىپ كۆنۈپ قاپتىمەن .
59#
MARD ۋاقتى: 2014-1-30 13:00:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆز ئىسمىمنىڭ بېشىدىكى تۆت ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆز .
60#
ھىدايەت. ۋاقتى: 2014-8-8 13:20:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆھھۆ ئۆھھۆ     تېمىنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلمىگەنلىكىمنى توغرا چۇشۇنەرسىلەر    چۇنكى كۇزۇم بىر ئاجىز   ....  مەنمۇ ئەل قاتارى ئۆزۈمنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي  .   
مەن مۇشۇ مۇنبەرنىڭ نىمىلىگىنى بىلگىلىمۇ ئاران بىرەر يىلدىن ئاشتى   .  قاچان ئۆگەندىم مۇنبەرگە تېزىملىتىشنى شۇنىڭدىن بىر ناچار ئادەت يىتىلدۇرۋالدىم    ھەر قانداق توربەتنى كۆرسەملا ئەزا بۇلۇۋالىمەن   ...  ‹‹ھىدايەت.››  دىگەن ئىسىمغا كەلسەك ئەسلى  ئىسمىممۇ ھىدايەت    ھەم ھەرقانداق  مۇنبەردىكى    ھىدايەت.   ھىدايەت  hidayat hidayet    مۇشۇ ئىسىمنى كۆرسەڭلار ئاق بۇركۇتتىكى بالا شۇكەن دەپ بىلساڭلار بولۇدۇ   .
ھەراس يەنە بىر گەپ ئاق بۇركۇتتىن ھىدايەت ئەزا ئىزدەتسەم پەقەت مەنلام بار   بىراق   تىزىملىتاي دىسەم  كۆزنەكتە  ‹‹ بۇ ئىسىم تېزىملىنىپ بۇلۇنغان ››  دەپ  چىقۋېلىپ بارىدۇ  ؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1