ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

تەرجىمە فىلىم قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2818 3
推荐 سۈرخان ۋاقتى: 2011-3-18 14:59:35 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
Ⅰتەييارلىق

1. فىلىم مەسئۇلى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىق ھۆججىتىنى تەرجىمانغا تەمىنلەپ بېرىدۇ. 2. تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن كۆرۈپ پايدىلىنىدىغان فىلىم ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلايدۇ. ئەگەر تاپالمىسا فىلىم مەسئۇلى ياردەم قىلىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمگە ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.
Ⅱتەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى   
1. ئالدى بىلەن خەنزۇچە يېزىق ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسىدا ئاچىمىز.
2. ئاندىن كۆرۈنگەن خەنزۇچە خەتنى ئۆچۈرۈپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز


Ⅲتىنىش بەلگىلىرى باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار   
ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرلىك تۈزۈپ چىقىلدى. 1. چېكىت «.»
قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق جۈملىنىڭ كەينىدە چېكىت «.» قەتئىي ئىشلەنمەيدۇ.
2. پەش «،»
قوشما جۈملىلەردە پەش «،» نىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قويۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم قويۇش كېرەك.   

3. سوئال «؟»   
خەۋەر جۈملىلەردە چېكىت قويۇلمىغىنى بىلەن سوئال جۈملىلەردە سوئال «؟» بەلگىسى چوقۇم قويۇلىدۇ.   

4. يالاڭ تىرناق «()»   
يالاڭ تىرناق پەقەت تېكىستتىكى ئەسكەرتىش كېرەك بولغان مەزمۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نېمىنى ئەسكەرتىش كېرەك؟ بۇنى تەرجىمان ئۆزى بەلگىلەيدۇ.   
مەسىلەن:
مەن قىزىل پايپاق (داڭلىق زەيتون توپ كوماندىسى) نى ياخشى كۆرىمەن

5. قوش تىرناق ««»»
قوش تىرناق ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس كەلگەن قوش تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. «»   
6. دىئالوگ بەلگىسى «—»   
ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە چوقۇم جۈملە بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ. mY&ud>
7. كۆپ چېكىت «...»
تولۇق ئاياغلاشمىغان جۈملىدىن كېيىن ۋە، تولۇق باشلانمىغان جۈملىدىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بەزىدە دۇدۇقلىغانغا ئوخشاش شارائىت ئۈچۈنمۇ قويۇلىدۇ. پەقەت ئۈچلا چېكىت كۇپايە.   

8. بوش ئورۇن  
يا ھەزرەت. ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىدىن ھېچ قانداق ئورۇن ھەم ئېنىقلىما بەرمىگەن، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بۇ بايقۇشقا بىز ئەڭ ئېغىر تەلەپنى قويىمىز. ھەرقايسى بەلگىلەردىن ئەڭ كۆپ قوللىنىدۇ ھەم رولى ئەڭ چوڭ. (1) ئىككى سۆز ئارىسىدا بوش ئورۇن قويۇلىدۇ.   
(2) پەشتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، پەشتىن كېيىن چوقۇم قويۇلىدۇ.
(3) ئېچىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ، كېيىن قويۇلمايدۇ. يېپىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(4) سوئال بەلگىسىدىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(5) دىئالوگدىن كېيىن قويۇلىدۇ. 2 – دىئالوگدىن بۇرۇن بوش ئورۇندىن بەشنى قويىمىز.   
(6) ساندىن كېيىنكى ـىنچى، ـنىنچى بەلگىسىنىڭ ئالدىدا قويۇلمايدۇ، كەينىدە قويۇلىدۇ.
(7) كۆپ چېكىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قويۇلىدۇ.  
(8) سىزىق‹—› بىلەن سىزىقچە‹-› نى چوقۇم پەرقلەندۈرۈشىڭىز شەرت!!  
قوش خەتلىك فىلىم ھۆججىتىدىن ئۆرنەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بارلىق قائىدىلەرنى تۆۋەندىكى ئۆرنەكتىن تاپالايسىز.
Ⅳباشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار   
(1) قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاشنىڭ بەلگىلىك قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن، قوش خەتلىك قىلىش قىلماسلىقنى فىلىم مەسئۇلى بىلەن تەرجىمان كېڭىشىپ بەلگىلەيمىز. شۇڭا ئەگەر قوش خەتلىك قىلىش توغرا كەلسە بارلىق يەر جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى تەرجىمە قىلىدۇ. بۇ خىل تەرجىمىدە ھازىرغىچە ئېنىق بىر قائىدە بولمىغانلىقتىن تەرجىمان ئۆزى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالسا بولىدۇ. لېكىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ش  ئۇ ئا ر تىل-يېزىق كومىتېتى قېلىپلاشتۇرۇپ بولغان يەنى بىرلىككە كېلىپ بولغان سۆزلەرگە ھېسسىياتىنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇ سۆزگە قارىتا پىكرى بولسا كۆپچىلىك بىلەن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىمىز(شۇ ئاتالغۇنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئالغانلىقىڭىزغا چوقۇم قايىل قىلارلىق ئىلمىي پاكىتىڭىزنى كۆرسىتەلىشىڭىز شەرت!).
تەۋسىيە:
(1) فىلىمدە ئۇچرىغان ئىسىملارنى بىر باشتىن خاتىرىلەپ ماڭساق، كۆپ ئىشلاردا ئاسان بولىدۇ ھەم بىردەكلىك ساقلىنىدۇ.
(2) قوش خەتلىك قىلىنمىسا، ئەسلى يېزىقى بىلەن ئېلىنسا بولىدۇ.  
(3) خاتىرە دەپتەرنىڭ ئوڭدىن سولغا تەڭشىكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەم تىنىش بەلگىلىرى، سانلار ۋە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغان ھەرپ - بەلگىلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.  



  قۇتيار تورىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈرخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-18 15:01  

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار3

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
assalam ۋاقتى: 2012-4-7 09:36:58 | ئايرىم كۆرۈش
ساندىن كىيىن خەت يازماقچى بولساقچۇ ؟
يىكەنداز
كوكتاش ۋاقتى: 2012-10-7 15:21:35 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىۋالدىم. كۆپ رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

22پىنتوزىلىرى

297تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1