ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يېقىننىڭزى كۆرگەن كىنولىرىم-ئىدىيە مۇستەقىللىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
933 6
سۈرخان ۋاقتى: 2015-7-10 22:54:59 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لۈكچەكلەر ئاق بۈركۈتنى خەققە بېرىۋەتتى دەپ قىيداپ يۈرسەم، ھەرقايسىڭلار بۇ ئۆڭكۈرگە تىقىلىۋىلىپ ئولتۇرۇپسىلەر ئەمەسمۇ. يا دىلمۇراتمۇ توۋلاپ قويماپتۇ.
ئۇنداق قلىپ بۇنداق قلىپ يۈرۈپ ئۇزۇننىڭزى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ئۇنى بۇنى جىجاپ باقىدىغان ئوسال خۇيۇم بارتى، شۇنىمۇ تاشلاپتىمەن. ئەمما كىنوغا ئامراق مىجەزىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم. بولۇپمۇ خەتلىك فىلىمنىڭ ئوتىنى دېمەيلا قوياي.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە كۆۋرۈك كىنو تورى تەرجىمە قىلغان كىنولارنى بەكرەك كۆرۈپتىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈكرەك تەسىر قىلغىنى تەنھا ئارالدىكى ۋەھىمە بىلەن قارا ئەينەك ئاق روژىستىۋا بوپتۇ. ئەمدى بۇ ئىككى كىنودىكى مەزمۇننى بىر باشتىن سۆزلىگەچ مەن ھېس قىلغان جايلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي.

ئالدى بىلەن قارا ئەينەك ئاق روژىستىۋاغا كېلەيلى. كىنونىڭ باشلىنىشى ۋېل شىمىسنىڭ   دېگەن كىنوسىغا ئوخشاشلا باشلىنىدۇ، يەنى مەسىيۇ ئىسىملىك تېخنىك باشقىلارغا ياردەملىشىپ قىز كەلتۈرۈشۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەلىك بولسا باشقا بىرىگە يەنى غەلىتىلا بىر ئۆيدىكى جوغا ئېيتىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ قىز كەلتۈرۈش ھېكايىسى تۈگىگەندىن كېيىن مەسىيۇ ئىككىنچى ھېكايىسىگە يەنى كاتتا باي گىرىتانىڭ ئېڭىنى نۇسخىلاپ، كۆپەيتىلگەن گىرىتانىڭ ئېڭىنى رىئال ئىنسان گىرىتاغا خىسمەت قىلدۇرۇش ھېكايىسى. مەسىيۇ بۇ ئىككى ھېكايە بىلەن جونىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، ئاندىن جو ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى باشلايدۇ. ئۇ سۆيگەن قىز يوقىلاڭ سەۋەبلىك ئۇنى توسىۋەتكەن (يەنى ھەربىر ئىنسان ئۆزىگە ئەقلى كۆز سالدۇرغان، سىز ئۇنى توسىۋەتسىڭىز ئۇنى كۆرەلمەيسىز، ئۇ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى تاپشۇرىۋالمايسىز، سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنمەيدۇ) قىز دوستىنىڭ قورسىقىدا بولسا جونىڭ <بالىسى> بار ئىدى، جو ئۇنىڭغا يېقىنلاشسىلا ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ كېتەتتى، شۇڭا جو ئىزچىل يېراقتىن بالىسىنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ كېلىدۇ (توسىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نىسبەتەنمۇ توسۇش كۈچكە ئىگە). كۈنلەرنىڭ بىرىدە تېلىۋىزوردا جونىڭ قىز دوستىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى ئاڭلىتىلىدۇ، جو قىز دوستىنىڭ دادىسنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قىزىنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى، توسۇشنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇ قىزىغا يېقىنلىشىپ قىزىنىڭ ئاسىيالىقلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ يېقىن ئاسىيالىق دوستىنىڭ ئۇنىڭغا يېشىل دوپپا كېيدۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

جو شۇ خارامۇشلۇقتا قىز دوستىنىڭ دادىسى بىلەن تاكاللىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، ئاندىن ئۇ قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ، قىز بولسا شۇيەردە توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ. كېيىن ساقچىلار چاچ ساقىلى ئۆسۈپ كەتكەن جونى تۇتىدۇ.

جو بۇ ھېكايىلەرنى مەسىيۇغا سۆزلەپ بېرىدۇ. مەسىيۇ مەن چىقىپ كەتتىم دېگىنىچە ئۇ ئۆيدىن غايىپ بولىدۇ، ئاندىن باشقا بىر ئۆيدە، باشقا بىر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا غەيرى بىر ئۈسكۈنىدىن بېشىنى چىقىرىپ <ۋەزىپە تۈگىدى> دەيدۇ.
2-ھېكايە ھېلىھەم ئېسىڭلاردا بولسا گىرىتانىڭ ئېڭى نۇسخىلىنىپ مەۋھۇم گىرىتادىن بىرنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا جونىڭ ئېڭىنى كۆپەيتىپ بىر بوشلۇققا ئەكىرگەن ۋە مەسىيۇنى شۇ بوشلۇققا كىرگۈزۈپ ئالداپ ئىقرار قىلدۇرىدۇ. نەتىجىدە رىئال جو قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىدۇ. مەسىيۇ بولسا خەتەرلىك ئىنسان دەپ قارىلىپ پۈتۈن ئىنسانلاردىن توسىۋىتىلىنىدۇ.
كىنو مۇشۇنداق تۈگەيدۇ. بىراق ئەڭ مەركىزى نۇقتا بولسا بىز قەتئىي دىققەت قىلمىغان، مۇنداقلا ئۆتكۈزىۋەتكەن قىسمىدا، يەنى 1-ھېكايىدە.

مەسىيۇ يېراقتىن ياردەملىشىپ بىر ھاڭۋاقتىغا قىز كەلتۈرۈشىپ بېرىدۇ. ۋەزىپە ئاساسى جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ قىز ئۇ ھاڭۋاقتىنى باشلاپ ئۆيىگە ئاپىرىدۇ، كارۋاتقا چىقىپ بىر رۇمكا ئىچىملىكنى ئۇنىڭغا ئىچكۈزىۋەتكەندىن كېيىن كىنونىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى باشلىنىدۇ.

-بۇ نېمە؟
-ف***ك سۈيى
-كىمنى ف***ك؟
-ھەمىشە ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېگەن ئادەمنى، ئۇلار توختىماي سۆزلەيدۇ،ئۇلار ماڭا يېيىشىڭىز كېرەك دېگەن دورىنى توختىتىپ قويدۇم. چۈنكى ئۇلار قۇلىقىمنى ئېغىر قىلىپ قويىدىكەن. ئۇلار ھەمىشە ماڭا گەپ قىلىدۇ. ئىزچىل مۇشۇنداق، بۇنىڭدىن جاق تويدۇم. ئۇلارنى مەڭگۈگە توختىتاي دەپ ئويلىغان، ئەمما ئىككىلىنىپ قالغان ئىدىم. ئەمدى سىزگە ئۇچرىدىم، ئۇلارنىڭ سىزگە سۆزلىگىنىنى كۆردۈم (مەسىيۇ خاررىيغا يېراقتىن بۇيرۇق قىلغىنىدا ئۇ قىز كۆرۈپ قالغان)
شۇنداق دېيىشىپ يۈرۈپ ئىككىلسى ئۆلىدۇ، ئەسلى قىز ئىچىملىككە زەھەر سېلىۋەتكەن، سەۋەبى بولسا ئۇنىڭ نېرۋىسىنى كونتىروللاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغانلاردىن بىزار بولۇپ جاق تويغان. خاررىينىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ كونتىروللىقىغا چۈشۈپ قالغان دەپ ئويلاپ قالغان. مەسىيۇ ئالدىراپ سالدىراپ بارلىق ئۇچۇر ۋە خاتىرىلەرنى ئۆچۈرۈۋىتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆلۈمىنى مەلۇم قىلسا تېخى مەلۇم قىلمىسا تېخى ئۆزىگە گەپ كېلەتتى.
مۇنداق بىر ئادەت سىزدىمۇ بار، يەنى گەپ تېمىسى تۇيۇقسىز باشقا ياققا بۇرىلىپ كەتسە ئالدىدا ئۆزىڭىز دەۋاتقان، مۇلاھىزە قىلىۋاتقان تېمىنى ئۇنتۇپلا قالىسىز. مەنمۇ كىنونى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە 1-ھېكايىگە ئانچە ئېرەن قىلماي كېيىنكى ۋەقەلىك ۋە يۇقىرى تېخنىكىغا مەستانە بولۇپ كېتىپتىمەن. ئەسلىدە رىژىسور كۆز ئالدىمىزدىن ئۆز ئاڭ مۇستەقىللىقى، ئىدىيە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغان بىر قەھرىماننىڭ ھېكايىسىنى ئوغۇرلاپ قېچىپتۇ ئەمەسمۇ.

.....................
داۋامى بار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار6

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
alip ۋاقتى: 2015-7-10 23:45:02 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تەھلىل بوپتۇ. ئاۋۇ قارا ئەينەكنىڭ كۆپ قىسىملىقى بار. ھەر بىر بۆلۈمى 2-3 قىسىملىق. ئۇمۇ شۇنداق ئېسىلكەن. ئۇنىڭدىكى تەسەۋۋۇر باشقىچە، ھەيران قالارلىق. شۇلارنىمۇ خەتلىك تەرجىمە قىلغان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى.
يىكەنداز
بۇغرا1 ۋاقتى: 2015-7-11 00:15:26 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخانجان ئەپەندىم يامانلاڭ دىسە قاراپمۇ قويمايدىغان ئىش بارمۇ
ئۆزىنىلا ئويلاپ بىزلەرنى شۇنداق تاشلاپ كەتكەن چىغۋا دەپ قالغانكەنمەن
باركەنلا ھە ھەجەپ سىغىندىم سىلىنى ئەمەس سىلى يازغان خەتلەرنى

باھا سۆز

يامانلىغۇدەك ئىش بولمىسا نېمىگە يامانلايمەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-11 00:16
گېلەم
 ئىگىسى| سۈرخان ۋاقتى: 2015-7-11 00:16:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇغرا1 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-11 00:15
سۈرخانجان ئەپەندىم يامانلاڭ دىسە قاراپمۇ قويمايدىغان  ...

يامانلىغۇدەك ئىش بولمىسا نېمىگە يامانلايمەن
كىگىز
Ablazewolf ۋاقتى: 2015-7-11 00:39:30 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ كۆرگەن ئۇ قارا ئەينەكنى.... قالغىنى تەسىراتنىڭ كەينىنى ساقلاي
ئورۇندۇق
نامسىز01 ۋاقتى: 2015-7-11 12:19:51 | ئايرىم كۆرۈش
تەنھا ئارالدىكى ۋەھىمەنى كۆرگەن ئەمما قارا ئەينەك ئاق روژىستىۋا نى كۆرمىگەنگە پۇشايمان قىلدۇر ۋەتتىلە جۇما سۈرخان غوجاممممممم
مىيەلەردە سىللىنىڭ زاپەرلىرى پەيدا بولغان جىڭپەرلىرى باشقىچىدە....
داق يەر
mohsin ۋاقتى: 2015-7-28 15:44:39 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ " قارا ئەينەك "  نىڭ يۈرۈشلۈك بۆلۈملىرىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەتكىلى بەك ئۇزۇن بولدى ،   ئاخىر كۆۋرۈك تورى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن بىر قىسىمىنى بولسىمۇ كۆرەلىدىم ،  بۇ فىلىمنىڭ داڭقى بىكارغا چىقماپتىكەن .  راستىنلا بەك ئېسىل ئىشلەنگەن فىلىمكەن ،   " گۈللۈگ " مۇنبىرىدە مۇشۇ فىلىم ھەققىدىكى بىر تېما باركەن ،  ئۇ تمىنى كۆرۈپ بۇ فىلىمنىڭ باشقا بۆلۈملىرىگە بولغان ئىشتىياقىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . كۆۋرۈك تورىمۇ بەكلا جىمىپ كەتتىغۇ تاڭ يېقىندىن بېرى ،  داۋامى تەرجىمە قىلىنغان بولسا بولاتتى ،  ياكى بولمىسا بۇ مۇنبەردىكى تەرجىمانلىرىمىز تەرجىمە پىلانىغا ئېلىپ باقسا بوپتىكەن ...

http://www.gullug.com/forum.php? ... A%D9%86%DB%95%D9%83

يۇقارقى ئادرىستىكى  تېمىغا قارىغاندا بىز ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرگەن  بۇ " قارا ئەينەك -  ئاق روژدىستۇۋا "  دىگەن بۆلىكى ئۈچىنچى بۆلىكى ئىكەن .   يۇقارقى ئادرىستىكى تېما يازغۇچى ئاكېللىس ( مەرھۇم بوكىس چېمپىيۇنى ئابدۇراھمان ئابلىكىم ) نىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان نادىر فىلىملەر ھەققىدە بىر بىرىدىن ئېسىل يېزىلغان مۇلاھىزە تېمىلىرى كۆپ گۈللۈگ تورىدا ،   ھەر بىر تېمىدا ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن كۆزىتىپ يازغان مۇلاھىزىلىرى ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ .  ۋاقتى بارلار بۇ مەرھۇمنىڭ باشقا تېمىلىرىنىمۇ كۆرۈپ باققاي .  ( گۈللۈگ تورى تور دۇنياسىدىكى ماڭا ئەڭ ياقىدىغان تور بەتلەرنىڭ بىرى )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

22پىنتوزىلىرى

297تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1