ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

«شەمشەر تورى» ھەققىدە ئومومىي بايان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2118 27
شەمسى ۋاقتى: 2012-9-20 11:44:58 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
  «شەمشەر تورى» دېيىلىپ ئۆتكىنىدەك ياپونىيە يازغۇچىسى كاۋاخارا رېكى (川原砾) شۇ ناملىق بازارلىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىم. مەزكۇر رومان ھازىر سەككىز كىتاب نەشىر قىلىندى، كارتون فىلىم رومان ۋەقەلىكىنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە راۋاجلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. بىز كۆرىۋاتقان كارتون فىلىم ۋەقەلىكى ئاساسەن روماننىڭ ئالدىنقى ئىككى قىسىمىدىن ئېلىنغان. گەرچە  بۇ كارتون فىلىم قويۇلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ھازىر ياپونىيىدىلا ئەمەس باشقا دۆلەتلەردىمۇ خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن، جۈملىدىن دۆلىتىمىزدمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كۆز تىكىۋاتقان كارتون فىلىم بولۇپ قالغان.



تەرجىمە جەريانىدىكى مەسىلىلەر:
  تەرجىمە داۋامىدا ياپون تىلىدا ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپلىگىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم، ئەمما ئوخشىمىغان تىل سېستىمىسىدىكى ئىككى تىل ئارىسىدا (ئەمما بەزى مۇتەخەسىسلەر ياپون تىلىنىمۇ ئالتاي تىل سېستىمىسىغا تەۋە دەپ قارايدىكەن) ھەر قانچە ئوخشاشلىق بولسىمۇ ئۆز مۇكەممەل تەرجىمە قىلىش تەسكە توختايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپون تىلىدا چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ناھايىتى كۆپ يەنە كېلىپ يېقىندىن بېرى پەيدا بولۇۋاتقان يېڭى ئېقىم ئاتالغۇلىرى ۋە بەزى كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەر ئادەمنى گاڭگىرىتىپلا قويدى...
  ئالدى بىلەن فىلىم ئىسمىنىڭ تەرجىمىسىدە، فىلىمنىڭ ياپونچە ئىسمى ソードアート·オンライン (سودو ئاتو ئونلاين) يەنى sword art online نىڭ ياپونچە تەلەپپۇزى بولغاچقا بۇ بىۋاستە ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى.
  كىشى ئىسىملىرى: بۇ كارتون فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىسىملىرى ئاساسەن ياپون تىلىدىكى ئىسىملار بولغاچقا ئۇيغۇر تىلىدا ياپون تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلدى. («ئاخرىقى فانتازىيە 7» دە پېرسوناژ ئىسىملىرى ئاساسەن ئېنگىلىز تىلىدىكى ئىسىملار، يەنە كېلىپ ياپونلارنىڭ ئېنگىلىز تىلىنى تەلەپپۇز قىلىشى بىر قىسمىلا غەلىتە بولغاچقا ئىسىملار بىۋاستە ئېنگىلىزچە يېزىلغان) بىراق «شەمشەر تورى» دىمۇ ئوخشاشلا باشقا تىللاردىكى ئىسىملار يوق ئەمەس، شۇ ئىسىمنىڭ ماس ھالدىكى ئېنگىلىزچە يېزىلىشىنى تاپالمىغانلىقتىن ھەم بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارمۇ ياپون تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىندى.
  ئۇندىن كېيىن يەن بىر باشنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە ئۈستىدە مۇنبەر ئەھلىنىڭ مەسلەھەتىگە موھتاجمەن، يەنى ياپون تىلىدا تىلىمىزدىكى ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلىدىغان «جان، خان، گۈل، ئاخۇن» بىلەن ئوخشايدىغان «كۈن، چاڭ، ساڭ، ساما» قاتارلىق قوشۇمچىلار بار، بۇ قوشۇمچىلارنى تاشلىۋەتسەك ئەسلى مەزمۇندىكى سۆزلىگۈچىنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قارىشىنىڭ بىزگە بېرىدىغان چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن (ئويلىغىنىمنى تازا توغرا ئىپادىلىيەلمىدىم)، مەسىلەن 6- قىسىمنىڭ ئاخىرىدا ئاسۈنا كىرىتونى تۇنجى قېتىم «كىرىتوكۈن» دەپ چاقىرىدۇ، بۇنداق چاقىرىش ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتى يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى، ئەگەر بۇ قوشۇمچىلارنى ئۇيغۇرچىدىكى قوشۇمچىلارغا ئالماشتۇرساقچۇ؟ «سېنىڭ دوپپاڭنى مەن كەيسەم، ساڭا ئوخشامدىمەن يارىم» دېگەندەك «كىرىتوجان، ئاسۈناگۈل، كۇرايىن ئاخۇن» دەپ ئالساق بىر قىسمىلا تۇيۇلۇپ قالىدىكەن. بۇرۇنقى بەزى تەرجىمىلەردە ئوغۇللارغا ئىشلىتىلىدىغان قوشۇمچىلارنى ئاساسەن تالىشۋېتىپ قىزلارغا ئىشلىتىدىغان قوشۇمچىلارنى «خانقىز، ساۋاقداش» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرگە ئالماشتۇرغان، ئەمما بۇنىڭدا جۈملە ئۇزىراپ كېتىپ پېرسوناژنىڭ سۆزى ئىككى ئېغىز، ئاستىدىكى خەت بىرمۇنچە چىقىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. شۇڭا «شەمشەر تورى» نىڭ تەرجىمىسى داۋامىدا بۇ قوشۇمچىلار ئۆز پېتىچە ئېلىندى، بولۇپمۇ يېڭىلا چىققان 11- قىسىمدا بۇنداق قوشۇمچىلار ئىنتايىن كۆپ.  كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىغىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
  تۆتىنچى قىسىمنىڭ ئىسمى «قارا چەۋەنداز» نىڭ ياپونچىسى 黒の剣士, يەنى قارا شەمشەرۋاز ئىدى، ئەمما تازا راۋان ئاڭلانمىغاچقا  «قارا چەۋەنداز» دەپ تەرجىمە قىلىندى. تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ دېققەت قىلىشىنى سورايمەن.

  پېرسوناژلار تىزىملىكى:

كىرىتو: باش قەھرىمان
باشقا ئاتىلىشلىرى: قارا چەۋەنداز، بېكىنمىچى
ئويۇندىكى سالاھىيىتى: تەنھا باتۇر
قورالى: قارا شەمشەر-تەپسىرچى، ئاق شەمشەر-تۈن قوغلىغۇچى

ئاسۈنا: ئايال باش قەھرىمان
باشقا ئاتىلىشلىرى: چاقماق
ئويۇندىكى سالاھىيىتى: «قان چەۋەندازلىرى» ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كىرىتونىڭ ئايالى (10- قىسىمدىن كېيىن)
قورالى: ئىنچىكە شەمشەر-چاقماق نۇرى

كۇرايىن: قوشۇمچە پېرسوناژ
باشقا ئاتىلىشلىرى: قىلىچۋاز (ئۆزىنىڭ كەسىپ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ)
ئويۇندىكى سالاھىيىتى: «يانارتاغ شامىلى» ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى
قورالى: ياپون قىلىچى

ئېگىرۈ: قوشۇمچە پېرسوناژ
باشقا ئاتىلىشلىرى: دۇكاندار
ئويۇندىكى سالاھىيىتى: 55- قەۋەتتىكى جابدۇق دۇكىنىنىڭ خوجايىنى
قورالى: چوڭ جەڭ پالتىسى

ساچى: قوشۇمچە پېرسوناژ
ئويۇندىكى سالاھىيىتى: «قارا مۈشۈك ئۆمىكى» ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى
قورالى: نەيزە

رىزۈ: قوشۇمچە پېرسونا
باشقا ئاتىلىشىلىرى: رىزۈبېتتو
ئويۇندىكى سالاھىيىتى: قورال- ياراغ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى
قورالى: جەڭ پالتىسى

شىرىكا: قوشۇمچە پېرسونا
ئويۇندىكى سالاھىيىتى: مەخلۇق كۆندۈرگۈچى
قورالى: خەنجەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 11:45  

قاتناشقانلار سانى 3نومۇر +30 دوللار +120 يىغىش سەۋەبى
pasiban + 40 ئوغۇل بالا !
dilmurat + 30 + 30 ئىسىل !
سۈرخان + 50 تەپسىلىي بوپتۇ

باھا خاتىرىسىجەمئىي : نومۇر +30 دوللار +120

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار27

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
مۇز ۋاقتى: 2012-9-20 13:50:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ياپون تىلىدىكى (كۈن)قانداق مەنىسى بارلىقىنى مەنمۇ بىلمىدىم ،
مەسىلەن :نارۇتودا ساسكىنى ساكۇرا ساسكىكۈن دەپ چاقىرىدۇ ،ساكۇرانى بولسا نارۇتو ساكۇراجان دەپ چاقىرىدىكەن،يەنى ھىناتا نارۇتونى چاقىرغاندا نارۇتوكۈن ديدىكەن،
ئاندىن پاقا نارۇتونى چاقىرغاندا نارۇتوجان ديدىكەن.
بۇ يەردىكى كۈن دىگىنى ھۆرمەتلەش سۆزى بولسا ، جان دىگىنى ئەركىلەتمە سۆزمۇ قانداق؟

باھا سۆز

كۇن دىگىنى قىزلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللىرىغا ھۆرمەت تۇيغۇسۇدا دەيدۇ(يەنى مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىدىن ياخشى بولغ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-17 19:48
كۇن دىگىنى قىزلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللىرىغا ھۆرمەت تۇيغۇسۇدا دەيدۇ(يەنى مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىدىن ياخشى بولغ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-17 19:45
يىكەنداز
hackir ۋاقتى: 2012-9-20 14:09:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىمنىڭ كەينىگە ياپونلار قوشۇمچە قوشۇۋالىدىكەن،بۇ ئۇلارنىڭ يېقىنلىقىنى ئىپادىلىگىنى بولسا كىرەك،مەسلەن بىز باشتا ھاشمجان دىگەن بىرى بىلەن تونۇشساق باشتا ھاشمجان دەيمىز،مۇناسىۋەتىمىز يېقىنلىغاندىن كىيىن ھاشىماخۇن دىگەنگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز،،سىز مۇشۇ خىل ئىشنى دەۋاتقانسىزمۇ،،مەن خاتا چۈشۈنۈۋالغاندىمەنمۇ
گېلەم
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-9-20 14:19:01 | ئايرىم كۆرۈش
مۇز يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 13:50
بۇ ياپون تىلىدىكى (كۈن)قانداق مەنىسى بارلىقىنى مەنمۇ ب ...


«كۈن» ئوغۇللارغا «چاڭ»(جان ئەمەس، ئەمما ياپون تىلىدىكى ン يەنى يالغۇز ن ھەرىپى ڭ بىلەن ن نىڭ ئوتتۇرىسىدا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، بەزى كىشىلەر ڭ غا مائىل تەلەپپۇز قىلسا بەزىلەر ن غا مائىل. ياپون تىلىدا بۇنداق ئىككى ھەرىپنىڭ ئوتتۇرىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ھەرىپلەر كۆپ) قىزلارغا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما بۇلار تەڭتۈشلەر ئارا ياكى چوڭلار كىچىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. «ساڭ»نى ئۇلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ھۆرمەت تۇيغۇسى كۈچلۈكرەكلەرگە ئىشلىتىدۇ، بۇنى بىۋاستە «ئەپەندى» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 14:19  

باھا سۆز

راست، دېڭىز قاراقچى شاھىدا رۇفىينى تولا رۇفىي ساڭ دەپ چاقىراتتى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-20 14:28
كىگىز
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-9-20 14:27:05 | ئايرىم كۆرۈش
hackir يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 14:09
ئىسىمنىڭ كەينىگە ياپونلار قوشۇمچە قوشۇۋالىدىكەن،بۇ ئ ...

مەنمۇ مۇشۇنداق دېمەكچى، ئەمما ياپون تىلىدا باشقىلارنى چاقىرىشىتا سۆزگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ، ھەم بىزنىڭ تىلىمىزدىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ. يەنە كېلىپ يېڭى تونۇشقان ياكى مۇناسىۋېتى بەك يېقىن دېگىلى بولمايدىغانلارنى فامىلىسى بىلەن، مۇناسىۋېتى يېقىنلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىدىغان بىر ئىشلىرى بار.
ئورۇندۇق
سۈرخان ۋاقتى: 2012-9-20 14:28:39 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 14:19
«كۈن» ئوغۇللارغا «چاڭ»(جان ئەمەس، ئەمما ياپون تىلىدى ...

راست، دېڭىز قاراقچى شاھىدا رۇفىينى تولا رۇفىي ساڭ دەپ چاقىراتتى

باھا سۆز

رۇفىينىڭ ئەمما دەھشەت يېرىگە كەپ كەتتىدە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-17 19:49
داق يەر
上蛧нúМa ۋاقتى: 2012-9-20 16:04:11 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق جان خان دىگەندەك قوشۇمچىلارنى ياپۇنلارمۇ ئىشلىتىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم ئەمدى بىلدىم
مىخ
pasiban ۋاقتى: 2012-9-20 20:26:01 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، مەن ياپۇنچە بىر نەچچە ئېغىز بىلىشتىن باشقا ھىچنىمە بىلمەيمەن. مۇشۇ تىل بىلىدىغانلارغا ھۆرمەت قىلىمەن. تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

باھا سۆز

مەنمۇ شۇ يوش پوش، باگا، كونىچىۋا، ۋاتاشىۋادىن باشقىنى بىلمەيمەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-21 14:02
9#
uygurum ۋاقتى: 2012-9-21 01:27:36 | ئايرىم كۆرۈش
مىنڭچە بۇ «سان ، كۈن ، جان » دىگەنلەرنى تاشلىۋەتسەك بولارمىكىن دەيمەن . نارۇتو ۋە ۋاسكېتبول ماھىرى«ساكۇراگى» دىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ۋە يېقىنلىرىنى بىۋاستە ئىسىم بىلەن چاقىرىدىكەن . مەسىلەن ۋاسكېتبول ماھىرى دىگەن كارتوندا  توپ كوماندىسىدىكىلەر بىر بىرىنى چاقىرغاندا كەينىگە يۇقىرقى قوشۇمچىلارنى قوشمايدۇ .  پەقەت ئاياكونى چاقىرغاندىلا قوشىۋالىدۇ .  يەنە نارۇتودا  نارۇتو بىلەن نىنجالار مەكتىپىدە بىرگە ئوقۇغانلار  بىر بىرىنى چاقىرغاندا ئۇنداق قوشۇمچىلارنى قوشمايدىكەن . پەقەت ساكۇرانىي چاقىرغاندىلا قوشىۋالىدىكەن . مىنىڭچە بۇلارنى ئالساق شۇ قىزلارغا كەلگەننى خانقىز ياكى خانىم دەپ ئالساق بولىدىكەن . لېكىن بۇنداق بولغاندا جۈملە مەزمۇنى ئۇزۇراپ كىتىدۇ . ئوغۇللارغا كەلگەندە مىنىڭ كاللامدا مۇۋاپىق كەلگۈدەك پىلان يوق .  
گەپ سوزلەرنى ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شۇ گەپ سۆز بولغان ئەھۋالغا قاراپ سەن ۋە سىز دىگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ  كەينىدىكى «جان، سان ،،...» دىگەندەلەرنى تاشلىۋەتسەك دەخلىسى بولماس دەپ قارايمەن .  
ئەمما «ساما » دىگەن ئالىيلىرى ، بىگىم دەپ ئالسا مۇۋاپىق بولارمىكىن . نارۇتو دىمۇ  ئوروچىمانىڭ قولچوماقچىلىرى  ئوروچىمانى ئوروچىما ساما دەپ ئاتايدىكەن . قىسقىسى شۇ يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنى شۇنداق ساما دەيدىكەن .
10#
uygurum ۋاقتى: 2012-9-21 01:36:55 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ماۋۇ پىرسوناژلارنى بىر ئوخشىتىپ باقاي ھە !!
كىرىتو : نارۇتو دىكى  يۇجىھا ساسكې (uchiha sasuke)  غا ئوخشاپ قالىدىكەن . يەنە ۋاسكېتبول ماھىرىدىكى  رۇكاۋاغا مۇ ئوخشاپ قالىدىكەن .
ساچى : نارۇتو  دىكى  ھىناتا غا ئوخشاپ قالىدىكەن
رىزۈ :   بۇنىڭ چېچى ۋە چىرايى نارۇتودىكى ساكۇرا غا ئوخشاپ قالىدىكەن .
شىرىكا :  بۇمۇ شۇ نارۇتودىكى  ھېلىقى گارا نىڭ ئاچىسى ئىسمى نىمىتى ئۇنتۇپ قاپتىمەن شۇنىڭغا بىر ئاز ئوخشاپ قالىدىكەن .
مەن بۇ ياپون كارتونلىرى ئارىسىدا نارۇتو بىلەن شۇ  slam dunk   تەپسىلىيرەك كۆرگەچكە شۇنىڭغىلا ئوخشاتتىم . ھى ھى ھى
11#
uygurum ۋاقتى: 2012-9-21 01:38:43 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ماۋۇ پىرسوناژلارنى بىر ئوخشىتىپ باقاي ھە !!
كىرىتو : نارۇتو دىكى  يۇجىھا ساسكې (uchiha sasuke)  غا ئوخشاپ قالىدىكەن . يەنە ۋاسكېتبول ماھىرىدىكى  رۇكاۋاغا مۇ ئوخشاپ قالىدىكەن .
ساچى : نارۇتو  دىكى  ھىناتا غا ئوخشاپ قالىدىكەن
رىزۈ :   بۇنىڭ چېچى ۋە چىرايى نارۇتودىكى ساكۇرا غا ئوخشاپ قالىدىكەن .
شىرىكا :  بۇمۇ شۇ نارۇتودىكى  ھېلىقى گارا نىڭ ئاچىسى ئىسمى نىمىتى ئۇنتۇپ قاپتىمەن شۇنىڭغا بىر ئاز ئوخشاپ قالىدىكەن .
مەن بۇ ياپون كارتونلىرى ئارىسىدا نارۇتو بىلەن شۇ  slam dunk   تەپسىلىيرەك كۆرگەچكە شۇنىڭغىلا ئوخشاتتىم . ھى ھى ھى
12#
uygurum ۋاقتى: 2012-9-21 01:39:29 | ئايرىم كۆرۈش
سىز بۇنى ياپونچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلدىڭىزما ؟؟
13#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-9-21 11:25:36 | ئايرىم كۆرۈش
uygurum يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 01:27
مىنڭچە بۇ «سان ، كۈن ، جان » دىگەنلەرنى تاشلىۋەتسەك بول ...

سىز دېگەندەك بۇرۇنمۇ بۇ قوشۇمچىلارنىڭ ئوغۇللاغا قارىتا ئىشلىتىلگىنىنى تاشلىۋېتىپ قىزلارغا ئىشلىتىلگىنىنى «خانقىز، خېنىم، ساۋاقداش» دېگەندەك دەپ ئالغان، ئوغۇللارنىڭكىنى تاشلىۋەتسەك ھېچقانچە تۇرمايدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە ئازراق ئەسكەرتىش بەرسەكلا بولىدكەن، ئەمما يەنە بىر يەرلىرى بىر قانداق، بەزى ئىنچىكە تەرەپلىرى تازا جايىغا چۈشمىگەندەك بولۇپ قالىدىكەن.
  «ساما» دېگەن ھۆرمەت قوشۇمچىسىنى بېگىم ياكى ئالىيلىرى دەپ ئالساق بولىدۇ ئەمما تىلىمىزدىكى بۇ سۆزلەر مەلۇم نوپوز-مەرتىۋىگە ئىگە كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما ياپون تىلىدا ئاتا-ئانىسىدىن تارتىپ ھۆرمەتتە چوڭ كىشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بۇنىمۇ بەزى جايلاردا تاشلىۋېتىپ «سىلى، ئۆزلىرى» دېگەندەك ئالماشلار ئارقىلىق ھۆرمەت مەنىسىنى ئىپادىلىسەك ئوبدانراق بولىدىكەن...
  ھەراست، ئادەتتە ئوغۇللار تەڭتۈشلىرى ئارا بىر-بىرىنى چاقىرغاندا بىۋاستە ئىسمى بىلەنلا ئاتايدۇ، ياش جەھەتتە پەرقى چوڭراق ياكى مۇناسىۋېتى ئانچە يېقىن ئەمەس بولسا ئاندىن قوشۇمچە قوشىدۇ. ئەمما قىزلارنىڭ ئۇنداق ئەمەس
14#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-9-21 11:26:43 | ئايرىم كۆرۈش
pasiban يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 20:26
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، مەن ياپۇنچە بىر نەچچە ئېغىز بىلىشت ...

رەھمەت... مەنمۇ تېخى ئۆگەنچى، تا ھازىرغىچە بۇلارنىڭ يېزىقىنى راۋان ئوقۇيالمايمەن...
15#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-9-21 11:27:51 | ئايرىم كۆرۈش
uygurum يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 01:39
سىز بۇنى ياپونچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلدىڭىزما ؟؟

ياقەي، تېخى ئۇ سەۋىيەگە يەتمىدۇق دەڭە... خەنزۇچىسىنى ئاساس قىلىپ ياپونچىسىغا سېلىشتۇرۇپ دېگەندەك قىلىۋاتىمەن شۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1