Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 2007|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تولۇق ئوتتۇرىدىكى كەچمىشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىسىمى:تولۇق ئوتتۇرىدىكى كەچمىشلەر 1978
ئىنگلىزچە نامى: Once Up on a Time in High School
قويۇلغان ۋاقتى: 2004-يىلى1-ئاي
ئىشلىگەن دۆلەت: كورىيە
تۈرى: ھەرىكەتلىك، مۇھەببەتلىك
تىلى: كورىيانچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
فورماتى:MKV
فىلىم ئۇزۇنلۇقى: 116 مىنۇت

رىژىسسور : Ha Yu
ئاساسلىق روللاردا :
Sang-woo Kwon
Ga-in Han
Jong-hyuk Lee
Jeong-jin Lee
Hyo-jun Park
Dong-won Seo
Byeong-chun Kim
Nae-sang Ahn

تەرجىمە قىلغۇچى: hope318
كىرىشتۈرگۈچى: Ablazewolf

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
   يۈنسۇ مالجۇك كوچىسىدىكى يۆتكىلىپ كەلگەن مەكتىپىگە تۇنجى كۈنى بېرىپلا كەيپىيات تۇقۇنۇشىغا ئۇچرايدۇ. لېكىن كېيىنچە دوستلۇق، مۇھەببەت ئۇنىڭغا يېڭى بىر ئۈمۈد ئېلىپ كېلىدۇ.  بۇ ئىككى خىل ھېسسىيات ئالدىدا، ئۇ دەسلىپىدە ئېنجۇغا بولغان مۇھەببىتىنى يۇشۇرىدۇ چۈنكى دوستى ۋۇسىك ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما ئەمەلىيى تۇرمۇشنىڭ رەزىللىكى بۇ ياشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا ھەر خىل سىناقلارنى ئېلىپ كىرىدۇ. ۋۇسىك ئەزەلدىن قىزلارغا ئامراق،شاللاقراق بولغاچقا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. ئېنجۇنىڭ رادىئودا قايتۇرغان جاۋابى يۈنسۇنى قايتىدىن ئۇنى قوغلاشقا، ۋاز كاچمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار پويىز بىلەن ساياھەتكە چىقىدۇ. بۇ ئىشلار ۋۇسىك بىلەن يۈنسۇنىڭ دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
   ۋۇسىك مەكتەپ تەكشۈرۈش (ئۇيۇشما) ئەزاسى بىلەن بىر مەيدان دوئىلغا چۈشۈپ قاتتىق ئېچىنىشلىق يېڭىلىپ قالىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ مەكتەپنى تاشلاپ، قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر قىز بىلەن يىراق جايلارغا كېتىدۇ (بۇ قىزنى باشقىلار ئېنجۇ دەپ ئويلايدۇ بەلكىم شۇدۇ). بۇ ئىككىسىنىڭ يۇقاپ كېتىشى يۈنسۇنى مەكتەپتىن زىرىكىدىغان، تۇرمۇشى مەنىسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
   بۇ چاغدا ئۇ داۋاملىق ئاجىز ھەم ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، كۆڭلىدىكى قەھرىمانى لى شىياۋلوڭدىن ئۆگۈنۈشكە بەل باغلايدۇ. ھەم ۋۇسىك بىلەن دوئىلغا چۈشكەن مەكتەپ تەكشۈرۈش ئەزاسى ھەم ئۇنىڭ غالچىلرى بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىدۇ.
    ئازاپلىق ھەم شىرىن بولغان ئۆتمۈش ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ، ئادەم مانا شۇنداق چوڭ بولىدۇ.


بۇ فىلىم 2004-يىلنىڭ بېشىدا كورىيە بىلەت كىرىمىنى ياراتقان بولۇپ، ئۇمۇمى كىنوخانىغا كىرگەن ئادەم سانى 3 مىليۇن 500 مىڭ ئادەم قىتىمغا يەتكەن. (كورىيىدە كىنوخانىغا كىرگەن ئادەم سانى بويىچە ئۆلچەيدىكەن).  توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق  ئەڭ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىنو بولۇپ تاللىنىپتىكەن. شۇنداقلا مەكتەپ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ھەرىكەتلىك، مۇھەببەت فىلىمى دەپ ئاتىلىپتىكەنمىش.
1-قىسىم
چۈشۈرۈش
2-قىسىم
چۈشۈرۈش

بېلەت كىرىمى: 86
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش3 ياخشىياخشى1 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2014-1-10 14:50:28 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ فىلىم ئالدىنقى كۈنى لاپپىدە يوللىنىپ يوقاپ كەتلەنتى来自: Android客户端
يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-1-10 20:36:00 | ئايرىم كۆرۈش
قايسى كۈنى سېتىۋالغانتىم بۇ كىنونى لىكىن ئىككى قىسىمغا بۈلۈنگەن rimvbشەكىلدىكىنتۇق لىكىن ھازېر قىسى mkvشەكىلدىكەن  بۇرادەر ئازراق ئېتىۋار قىلاسىز
گېلەم
ۋاقتى: 2014-1-10 20:40:45 | ئايرىم كۆرۈش
كوريەمۇ بارغانسىرى ئىسىل  كىنولارنى ئىشلەييدىغان بوپ كەتتىيا
كىگىز
ۋاقتى: 2014-1-10 22:00:06 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 14:50
ماۋۇ فىلىم ئالدىنقى كۈنى لاپپىدە يوللىنىپ يوقاپ كەتلە ...

باشقۇرۇش ھوقوقۇم يەتكەن بولسا ئېملاغا دوللار تۇتاتتىم ...
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-10 23:05:35 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ياساۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-01-10 22:00:06


باشقۇرۇش ھوقوقۇم يەتكەن بولسا ئېملاغا دوللار تۇتاتتى

يانفوننىڭ ئىكرانى كىچىك، كونۇپكا تاختىسى بەك زىچ بولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكاس يېزىۋاتقاندا ھەرپلەر ئۇلاپ كۆرۈنمىگەچكە مۇشۇنداق ئىملا خاتالىقى سادىر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ……来自: Android客户端
داق يەر
ۋاقتى: 2014-1-11 00:51:51 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 23:05
يانفوننىڭ ئىكرانى كىچىك، كونۇپكا تاختىسى بەك زىچ بولغ ...

ئالبەنىنىڭ 50g لىقىنى يىگەچ يېزىلغان ئىنكاس....
مىخ
ۋاقتى: 2014-1-12 08:01:56 | ئايرىم كۆرۈش
خەنچىسىنى كۆرگەنتىم ، ماۋۇ ۋۇشىك دىگەن ئىتنىڭ بالىسى  يۇنسۇ بىلەن ئىككىسى ئۇرۇشىدىغان يەردە دىگەن گىپى  يامان ئاچچىقىمنى كەلتۈرىۋەتتى....
باشقا يەرلىرى ئالا مەت ياخشى چىققان فىلىمكەن!!!
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-12 23:55:27 | ئايرىم كۆرۈش
free يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 20:36
قايسى كۈنى سېتىۋالغانتىم بۇ كىنونى لىكىن ئىككى قىسىمغ ...

بولىدۇ، چ چ رىمنى كۇشىۋېلىڭ ئەۋەتىپ بېرەي. 1339121289
10#
ۋاقتى: 2014-1-15 23:47:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەمنىڭ مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىتىدىغان ئىسىل فىلىمكەن، بولۇپمۇ ئۇرۇشقان يەرلىرى، ھېچقانداق قېلىپ يوق، ناھايىتى تەبىئىي چىققان، ئەمما فىلىمنىڭ بىر قانچە چاكىنا يەرلىرى ئۆزلىشىپ قاپتۇ، ئامال بار يېپىپراق، ئىلمىي ھالدا تەرجىمە قىلىپ، چاكىنا كۆرۈنۈشلەرنى تەھرىرلەپ چىقىرىۋېتىپ كۆپچىلىككە سۇنساق، فىلىمنى بىر نەچچە ئادەم بىللە ئولتۇرۇپ كۆرسىمۇ ئوڭايسىزلانمايدۇ دېمەكچىمەن.
11#
ۋاقتى: 2014-1-19 14:11:05 | ئايرىم كۆرۈش
راسدەيدۇ....
12#
ۋاقتى: 2014-1-20 01:33:51 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 23:47
ئادەمنىڭ مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىتىدىغان ئىسىل فىلىمكەن ...

مەنمۇ بۈگۈن كۆردۈم. خېلى يامان ئەمەس كىنوكەن...
ئۆز ۋاقتىدا كىرىشتۈرۈشنىلا بىلىپ، تەھرىرلىك قىلمىغاچقا، ھەم ئالدىراشچىلىقتا كىنونى كۆرمىگەچكە سەل بىئەپ يەرلىرى چىقىرۋېتىلمەي قاپتۇ. ئۆزرىلىكمەن.
13#
ۋاقتى: 2014-10-21 16:14:43 | ئايرىم كۆرۈش
نىمىشقا 此分享一地球上消失(دەپ چىقىدۇ.؟
14#
ۋاقتى: 2014-10-23 16:33:26 | ئايرىم كۆرۈش
مەنبە يۇيۇلۇپ كەتتىمۇ ما فىلىمنىڭ، چۈشۈرۈش ئادرىسى ئىچىلمىدىغۇ.
15#
ۋاقتى: 2014-10-24 00:18:45 | ئايرىم كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلا... بەك ياخشى بۇلاتتى...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 11:33 , Processed in 1.355401 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش