ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلسام بانكا تەستىقتىن ئۆتكۈزمەپتى، لاۋمانىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇلار تەستىقلىمىسا مەن تەستىقلايمەن دەپلا alipay نىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئىقتىدارى «خەجلەڭ» مەيدانغا كەلدى.
«خەجلەڭ» دېگەن نېمە؟
بۇ ئىناۋەتلىك كارتىغا ئوخشاش ئالدىن چىقىم قىلغىلى بولىدىغان يەنى سىزگە قەرز بېرىپ تۇرىدىغان، تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىپ كېينكى ئاينىڭ 10 چىسلاغىچە پۇلىنى قايتۇرىدىغان ئىقتىدار.
بۇ يەردىن «خەجلەڭ»نىڭ ئورگان بېتىگە كىرىڭ.
«خەجلەڭ» ھازىرچە پەقەت تاۋباۋ تورىدىلا ئىشلەرمىش.
«خەجلەڭ»نىڭ تۆت چوڭ نۇقتىسى
«خەجلەڭ»نى قانداق ئىشلىتىمەن؟
تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋېلىپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا «خەجلەڭ» ئارقىلىق تۆلەيمەن دېگەننى باسسىڭىزلا بولىدۇ
«خەجلەڭ»نىڭ سىزگە بېرىدىغان نورمىسى قانچىلىك؟
سىناقلاردىن قارىغاندا بەش-ئالتە مىڭ ئەتراپىدا ئوخشايدۇ.
ئەخلاقىڭىز قانچە ياخشى بولسا شۇنچە جىق بېرەرمىش
«خەجلەڭ»نى قانداق ئىلتىماس قىلىمەن؟
ئورگان بېتىدىن ئىلتىماس قىلىش ياكى ئېچىش دېگەندەك گەپلەرنى باسسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ھازىر ئىچكى سىناق باسقۇچىدا بولغاچقا ئاز بىر قىسىمدىكى ئابونتلىرىغىلا ئېچىپ بېرىدىكەن.
ئەگەر «خەجلەڭ» ئىقتىدارىنى ئېچىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەي قالسىڭىز مەيۈسلەنمەڭ، پېقىردەك كۈندە alipay نى نەچچە ۋاخ يوقلاپ تۇرىدىغان ئادەممۇ ئاچالماي قويدۇم...
ئەمما بەك سەت كۆڭلۈمگە كەلدى... |