بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نامسىز01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-17 21:13
«پىدائىيلار ئەترىتى-3» فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ھەممەيلەن كالپۇك شۈمۈرۈپ ساقلاپ تۇرغان مۇشۇ پەيىتتە، تور ئارلاۋىتىپ بۇ فىلىمدىكى چولپانلار ئىشلەتكەن قۇراللارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، شۇڭا سىلەرگىمۇ بىلمىگەنلەر بىلۋالسۇن دەپ بۇ تىمىنى يوللىدىم.
ھوللىۋودنىڭ يېڭىدىن بازارغا سالغان «پىدائىيلار ئەترىتى-3» فىلىمى كىنو مەستانىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، بولۇپمۇ فىلىمدە رول ئالغان داڭلىق ئارتىسلارنىڭ ئىشلەتكەن قورال-ياراغلىرى كىشلەرنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلدى. بۇ فىلىمدە دۇنياغا داڭلىق 17 ئارتىس رول ئالغاندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرى ئىشلىتىلگەنىدى.
1. ستايلون ئىشلەتكەن«C36» تىپلىق ئاپتومات، ستايلون فىلىمدە يەل بېسىملىق «C36» تىپلىق ئاپتومات ئىشلەتكەن. بۇ ئاپتومات سىلكىمەيدۇ، ئىستوۋولى 480 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بۇ ئاپتومات كوسوۋو، ئافغانىستان ئۇرۇشلىرىدا ئىشلىتىلگەن.
2. جىسسىن ئىشلەتكەن «C36C» تىپلىق ئاپتومات. جىسسىن فىلىمدە «C36C» تىپلىق ئاپتومات ئىشلەتكەن. بۇ ئاپتومات تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار قورال بولۇپ، قىسقا ۋە يىنىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەمما بۇ ئاپتوماتنىڭ ئوق ئۈزۈش سۈرئىتى بىلەن ئىقتىدارىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
3.شىۋاشېنگىر ئىشلەتكەن «AA-12» تىپلىق ئاپتومات. بۇ ئاپتوماتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 966 مىللىمېتىر بولۇپ، ئوق سېلىنمىغان ھالەتتىكى ئېغىرلىقى 4760 گىرام كېلىدۇ. بۇ قورال يېقىن ئارىلىقتىكى ئۇرۇش ۋە ئۆي ئىچى ئۇرۇشىغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. بۇ ئاپتومات 1972 -يىلىدىكى ۋىيېتنام ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوق ئۈزۈش سۈرئىتى تېز، زەربە بېرىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
4. لى ليەنجيې ئىشلەتكەن «MNM»تىپلىق ئاپتومات. ئايروپىلاندىن يەر يۈزىدىكى نىشاننى ئوققا تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بۇ ئاپتوماتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1040 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى ئالتە كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ. بۇ ئاپتوماتنىڭ قۇرۇلمىسى، مەشغۇلاتى ئاددىي بولغاچقا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، بىرونېۋىك دېۋىزىيەسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاۋىيەتسىيە قىسمى كۆپ ئىشلىتىدىغان مۇنتىزىم قورال ھېسابلىنىدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن يەر يۈزىدىكى نىشانغا زەربە بېرىشكە ماس كېلىدۇ.
5. جېپسون ئىشلەتكەن «M629C» تىپلىق تۇلۇقلۇق تاپانچا. جېپسون فىلىمدە ئىشلەتكەن تاپانچا داڭلىق «M629C» تىپلىق تۇلۇقلۇق تاپانچا بولۇپ، بۇ تاپانچىنىڭ ئۇرۇنلۇقى 30.5 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 1.37 كىلوگىرام كېلىدۇ. زەربە بېرىش كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تاپانچىنىڭ گەۋدىسىگە ئېسىل پولات ۋە ياغاچ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن.
6. لونىدگېرىن ئىشلەتكەن «M4A1» تىپلىق كارابىن مىلتىقى. بۇ مىلتىقنىڭ ئېغىرلىقى 4.5 كىلوگىرام كېلىدۇ، بۇ مىلتىق سىلكىمەيدۇ، ھۇجۇم قىلىش كۈچى زور. ئالاھىدە ئۇرۇشقا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. ھازىر بۇ مىلتىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەر قايسى مۇنتىزىم قىسىمى ۋە ئالاھىدە قىسىملىرىغا سەپلەنگەن.
7. باندىراس ئىشلەتكەن «C36K» تىپلىق ئاپتومات. بۇ ئاپتومات ئەسلىدىكىدىن 160 مىللىمېتىر قىسقارتىلغان، بىرونېۋىك ئەسكىرى ۋە ئالاھىدە قىسىم، قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
|
 رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...
|