Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 2844|ئىنكاس: 78
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

باياۋاندىكى ئوۋچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-11 01:30  

فىلىم ئىسمى: باياۋاندىكى ئوۋچى
خەنزۇچە ئىسمى: 荒野猎人
ئېنگىلىزچە ئىسمى: The Revenant
باشقا ئىسىملىرى: قىساس ئالغۇچى ئەزمەت، غايىپ ئوۋچى، تىرىلگەن ئەرۋاھ ئوۋچى، قايتىپ كەلگۈچى

قازاندىن چىققان ۋاقتى: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئىشىلىگەن ۋە تارقاتقان شىركەت: 20-ئەسىر فوكس شىركىتى
دۆلىتى: ئامېرىكا
سۈرەتكە ئېلىنغان رايۇن: كانادا
تەنەرىق: 135 مىليۇن
سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقتى: 2014-يىلى 9-ئايدىن 2015-يىلى 4-ئايغىچە

فىلىم تىلى: ئېنگىلىزچە، يەرلىك ئىندىئانچە، فرانسوزچە
خېتى: ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە
فىلىم تۈرى: ۋەقەلىك، خەتەر
ئۇزۇنلۇقى: 156 مىنۇت
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى (ئامېرىكا)
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى (جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، ھازىرمۇ داۋاملىق كىنوخانىدا)
فىلىم رازمىرى: 1920*1808
فورماتى: mp4
سۈپىتى: ھەقىقى سۈزۈك نۇسخىسى بولمىسىمۇ، 1-دەرجىلىكى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئاققىر
خەتتات: مۇھەممەد ئېلى سىدىق خەتخۇمار

(مەزكۇر مۇقاۋىدىكى ھۆسنىخەتنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى خەتتات ۋە ئاق بۈركۈت تورىغا تەۋە)
كىنو ئىشلىگۈچىلەر:

رېژىسسور: Alejandro González Iñárritu


ئاساسلىق روللاردا:

خۇنتىر  گلاس رولىدا ----Leonardo DiCaprio
ئاساسلىق كىنولىرى: چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى، چەكلەنگەن ئارال، تىتانىك


فىتىزگېراد رولىدا ---- Tom Hardy
ئاساسلىق كىنولىرى: چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى، كېپىنەك ئېففېتكتى-تۈن چەۋەندازىنىڭ باش كۆتۈرۈشى


جىم بىرېدگىر رولىدا --- Will Poulter
ئاساسلىق كىنولىرى: 2-تامچە قان،  كۆچمە سىرلىق قەلئە


ئاندىرې رولىدا --- Domhnall Gleeson
ئاساسلىق كىنولىرى: بىروكلىن، پلانېتلار ئۇرۇشى، باياۋاندىكى ئوۋچى


ئاندېرسون رولىدا ---Paul Anderson
ئاساسلىق كىنولىرى: بىئو خىمىيە كىرزىسى سېستىمىسى، ئۈچ چەۋەنداز، ھالاكەتلىك ئۇچقۇر ماشىنا


جونېس رولىدا --- Lukas Haas
ئاساسلىق كىنولىرى: گۇۋاھچى، خالىي  فوتېر

قىسقىچە مەزمۇنى: گلاس بولسا بىر ئوۋچى، بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق سەپىرىدە ئۇنى ئېيىق تالىۋېتىپ، ئېغىر يارلىنىپ، سەپداشلىرى ۋە كاپىتان ھېنرى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۋېلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى سەپەر ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئۇلار ئىندىئانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرگەچ چېكىنىشى ۋە ھالاكەت دالاسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان گلاسنى بىخەتەر قايتۇرۇپ كېتىشى كېرەك ئىدى...گلاسنىڭ ھايات قېلىشىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغان كاپىتان، فېتىزگىراد، بىرېدگىر ۋە گلاسنىڭ ئوغلىنى گلاس بىلەن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ۋە بىخەتەر قايتۇرۇپ كېتىشىنى تاپىلىغاندىن كېيىن، ئۆزى قالغان ئەسكەرلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەتمەكچى بولىدۇ...فىتىزگېراد بولسا ناھايتى ئاچ كۆز، رەھىمسىز ئادەم بولۇپ، گلاسنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، بىرېدگىرنى قايتىپ كېتىشكە قايىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىچارە گلاس بۇ ھالاكەت دالاسىدا سەكراتتىكى ھالەتتە يالغۇز قالىدۇ....فىتىزگېراد بىلەن بىرېدگىر ئۇنى چوقۇم ئۆلىدۇ دەپ قاراپ خاتىرجەم كېتىپ قالىدۇ..ئەمما گلاس سۇلماس روھ، ھاياتقا بولغان ئۈمىد ۋە قىساس ئوتى سەۋەپىلىك نەچچە ئايلىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ھايات قېلىپ، ساق سالامەت قايتىپ كېلىدۇ ھەمدە قىساس ئېلىش پىلانىنى ئورۇنداشقا كىرىشىدۇ...


فىلىمدىكى ئاساسلىق ئوبرازلار
  خۇگ گلاس: 1820-يىللاردىكى بىر ئوۋچى، بىر قېتىملىق ئوۋ ئوۋلاشتا ئۇ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئىندىئانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چېكىنىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، چېكىنىش چەريانىدا ئۇنى ئېيىق تالىۋېتىپ ئېغىر يارلىنىدۇ، قارا نىيەت فىتىزگېراد ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۇنى ھالاكەت دالاسىغا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇ نەچچە ئايلىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئەزرائىلنىڭ قولىدىن ھايات قايتىپ كېلىدۇ.







فىتىزگېراد: بۇ بىر ئىنتايىن ئاچ كۆز ۋە قارا نىيەت ئادەم. كاپىتان ئەسلىدە ئۇنى گلاسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، گلاسنىڭ پۇل مېلىنى كۆزلەپ، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىنى باياۋاندىكى ئۆلۈم چاڭگىلىغا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. بازىغا قايتقاندىن كېيىن كاپىتاننى ئالداپ، گلاس  ئۆلۈپ كەتتى دەيدۇ، كېيىن گلاسنىڭ ھاياتلىقنى بىلگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ، گلاس بىلەن بولغان ھايات ماماتلىق جېڭىنى تەييارلىقىنى قىلىدۇ.






بىرېدگىر: بىردېگىر كۆڭلى ياخشى، ئەمما قورقۇنچاق ئوۋچى، ئۇنى ئەسلىدە كاپىتان گلاسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، فىتېزگېرادنىڭ ئالدىشى نەتىجىسىدە گلاسنى ئۆلۈم گىردابىغا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ..








ھېنرىي: بۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئوفېتسىر بولۇپ، بىر قېتىم قول ئاستىدىكىلەرنى يېتەكلەپ، ئوۋ ئوۋلاش ئارقىلىق، تىرە سودىسى قىلىش مەخسىتىدە دالىغا كېلىدۇ. گلاس ئېيىق تەرىپىدىن ئېغىر يارلانغاندىن كېيىن، 300 دوللار چىقىرىپ، فېتىزگېراد ۋە بىرېدگىرنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قالدۇرىدۇ.

فىلىم ئارقا كۆرۈنىشى:
Hugh Glass بولسا (1780--1833) ئامېرىكا تارىخىدا ئۆتكەن ھەقىقى بوز يەر ئاچقۇچى ۋە خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قەھرىمان. ئۇ فىنسىلۋانىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئاتا ئانىسى شىمالىي ئىرلاندىيىلىك. ئېيىق تەرىپىدىن يارلانغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرى تەرىپىدىن باياۋانا تاشلىۋېتىلىدۇ ۋە مۆجىزىلەرچە ھايات قالىدۇ.
كىنودىكى يەنە بىر ئوبراز Jim Bridger مۇ تارىختا ئۆتكەن ھەقىقى بوز يەر ئاچقۇچى. "نومۇسسىز ئەبلەخ" (无耻混蛋) دېگەن كىنودىمۇ تاغلىق بىرېدگىر دېگەن نامدا بۇ ئوبراز چىقىدۇ. 1971-يىلى ئىشلەنگەن "باياۋاندىكى ئادەم" دېگەن كىنودىمۇ خۇگ گلاسنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ.

فىلىم ئېرىشكەن مۇكاپاتلار:



فىلىم كەسمىلىرى:












فىلىم چېڭ توڭ ۋە بەيدۇرغا يوللاندى
mp4 نى چېڭ توڭدىن چۈشۈرۈش
بەيدۇدىن چۈشۈرىدىغانلار بەيدۇدىكى juxkunjan  بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ياكى دوستلۇققا قوشۇڭلار....سۈزۈك نۇسخسى چىققاندا م ك ۋ قايتا كىرىشتۈرلىدۇ.



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر ياخشىياخشى1 ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2016-4-10 14:59:10 | ئايرىم كۆرۈش
مايكۇل يوللىغان ۋاقتى  2016-4-10 14:37
ئاققىركا ، مىنىڭ دوللىرىم تۈگەپ كەتكەنتى ئەمدى ، 7تال ب ...

بېلەت ئالماشتۇرساڭلارمۇ دوللار يېتىشمىگۈدەك بۇرادەر... ئاققىركامنى ئىزدىسەڭلەر بولغۇدەك. 838361006
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2016-4-10 18:56:47 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇر چەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-15 00:25  

بۇ لېناردو.دېكاپىرو دىگەن گۇي تىتانىكنى ئۆرىۋېتىپمۇ ئالاممىغان ئوسكارنى، بىر ئېيىقنى ئۆلتۈرۈپ ئاپتۇ ھە
فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي سۆرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر دەۋاتىتى، بۇلۇپمۇ ئاشۇ سوغۇقتا ئاتنىڭ قارنىنى يېرىپ كىرگەن كۆرۈنىشىنى ، ئەگەر شۇنداق بولسا ھېلىغۇ ئوسكاركەن، پوسكار، موسكارنى برىۋەتسىمۇ ئەرزىگۈدەك، ھاياتتىن ۋاز كەچمەيدىغان، ئۈمۈتۋار روھى مېنى تەسىرلەندۈردى.
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-10 12:37:39 | ئايرىم كۆرۈش
كىنونى زال ئىچىدە ئالماي، ھەقىقەتەن ئاشۇ دالىلاردا سۈرەتكە ئالغان بولسا، ئارستلىرىغا نېمە بەرسە ئەرزىگۈدەك....
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-4-10 12:46:43 | ئايرىم كۆرۈش
نەچچە رەت كۆرۋەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،راس ياخشى كىنو بۇ،  ئاخىرى تەرجىمىسى چىقپتۇدە،،،   رەھمەت سىزگە ئاققىر ئەپەندىم،،،   
گېلەم
ۋاقتى: 2016-4-10 12:50:29 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىم مۇقاۋىسىنىڭ خېتىگە خەتتاتلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدا پۈتۈلگەن ھۆسىنخەتنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، ھازىر ھۆسىنخەتكىلا قاراپ قالدۇق.  ھۆسىنخەت تەييار بولۇشىغىلا بۈگۈندىن قالدۇرمايلا مۇقاۋا ئېلان قىلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز...
كىگىز
ۋاقتى: 2016-4-10 13:14:40 | ئايرىم كۆرۈش
لېناردونى ئوسكارغا ئېرىشتۈرگەن فىلىم. رەھمەت.
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-10 13:42:49 | ئايرىم كۆرۈش
دوللار يوقلارغا ئىككىلىك كود ئارقىلىق سېتۋالدىغان ئۇسۇلنى بىكار قىلۋەتمىگەن بولساڭلارچۇ!!!!بولسا بۇرۇنقىدەك ئىككىلىك كودنى سىكانكىرلاپ سېتۋالغىلى بولدىغان قىلىپ قويغان بولساڭلار!!!........
داق يەر
ۋاقتى: 2016-4-10 13:44:01 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ ، ۋاھ ،،، ساقلاۋاتقىلى نىزامان تېخى كۆرمىگەن ئىدىم ... رەھمەت ئاققىركا، مۇشۇ يەردە بولسىلا ساقاللىرىدىن تۇتۇپ ئاپىرىپ بىر مېھمان قىلۋىتەكەنمەن
مىخ
ۋاقتى: 2016-4-10 13:45:09 | ئايرىم كۆرۈش
ياۋ پانا -- كىنوخانىنىڭ ئالدى ئورۇن تىگىپتۇ بىر قىتىم   تازا ئىشقىم بىلەن كۆرەيچۇ !!  
چاققاچ ئولتۇراپ تازا!
9#
ۋاقتى: 2016-4-10 13:50:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ كىنونىڭ داڭقىنى كۆپ، ئاڭلىغان ئەمدى  سىزنىڭ. قولىڭىزدىن كۆرۈپتۇ.
10#
ۋاقتى: 2016-4-10 13:51:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكاش1 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-10 13:45
ياۋ پانا -- كىنوخانىنىڭ ئالدى ئورۇن تىگىپتۇ بىر قىتىم   ...

ما بالىنىڭ يامانلىقىنى
11#
ۋاقتى: 2016-4-10 14:15:25 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت
12#
ۋاقتى: 2016-4-10 14:15:25 | ئايرىم كۆرۈش
كىنونىڭ چۈشەندۈرلىشى ۋە ئارتىسلارنىڭ چۈشەندۈرلىشى ماڭا بەك يارىدى ، ھەممە تىما يوللىغۇچىلار سىزدەك ئەستايىدىل بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .......
13#
ۋاقتى: 2016-4-10 14:29:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ، جامائەت .
مەن كىيىن قالمىغاندىمەن .
14#
ۋاقتى: 2016-4-10 14:37:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركا ، مىنىڭ دوللىرىم تۈگەپ كەتكەنتى ئەمدى ، 7تال بېلتىم بارتى ، دوللارغا ئالماشتۇرلۇپ بىرلەمدۇ ياكى  بىكار بۇلامدۇ ؟ ئالماشتۇرغىلى بولسا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز بۇلاتتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 12:42 , Processed in 1.396739 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش