Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 2704|ئىنكاس: 50
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇھەببەت داستانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-7 23:32  


فىلىم نامى: مۇھەببەت داستانى
باشقا ناملىرى: مەڭگۈلۈك مۇھەببەت/باجىراۋ-مەستانى
ئەسلى نامى: Bajirao Mastani
خەنچە نامى:帝国双璧/美人心计(台)/江山美人
دۆلىتى: ھىندىستان
تىلى: ھىندىچە
خېتى: ئۇيغۇرچە/ئىنگىلىزچە
تۈرى: مۇھەببەت /ۋەقەلىك/ ناخشا-ئۇسسۇل
قويۇلغان ۋاقتى: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
IMDb نومۇرى: 7.2/10
IMDb ئۇلىنىشى: http://www.imdb.com/title/tt3735246/
ئۇزۇنلىقى:158 مىنۇت
سىغىمى: 3.23GB / 1.78GB
رازمېرى: 1920X1080
فورماتى: mkv
ئۈن كودى: DTS
رېژىسسورى:
Sanjay Leela Bhansali/سانجاي لىلا بانسالى  
باش روللاردا:
Priyanka Chopra /پىرىيانكا چوپرا
Deepika Padukone /دىپىكا پادىكون
Ranveer Singh /رانۋىر سىڭ
Tanvi Azmi
Aditya Pancholi
Vaibbhav Tatwawdi
Mahesh Manjrekar
Raza Murad
Sukhada Khandkekar
Anuja Gokhale
Ganesh Yadav
Yatin Karyekar
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركان خوتەنى
كىرىشتۈرگۈچى: زۇلپىقار/ئاققىر
مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى: wx_ItIu3wZu

قىسقىچە مەزمۇنى:
فىلىمدە بۇندىن 300 يىلقى ماراتا خانلىقىنىڭ شاخۇ شاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋرلەردە يۈز بەرگەن، خانلىقنىڭ پېشۋاسى باجىراۋ بىلەن مەستانى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆلمەس مۇھەببەت تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، باجىراۋ ھىندىستان تارىخىدا ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن ئەمىر بولۇپ، ئۇ ھاياتىدا 40 قېتىم ياۋغا قارشى يۈرۈش قىلغان بولۇپ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە بىر قېتىممۇ مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان، فىلىمدە ئۇنىڭ خانلىققا قوشقان تۆھپىلىرى بايان قىلىنىشتىن سىرت ئاساسلىقى ئۇنىڭ جەڭگاھلاردىن رىشتە باغلانغان مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلىنىپ ئاخىرىدا بۇ مۇھەببەت ھېكايىسىدىكى باش قەھرىمانلار ئۆلمەس مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى ئۈچۈن جا تەسلىم قىلىش بىلەن تارىختا  تىللاردا داستان بولغۇدەك مۇھەببەت ھېكايسى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئىزاھات:
1. پېشۋا (Peshwa)- بۇ قەدىمقى ھىندىستان خانلىق دەۋرىدە قوللىنىلغان بىر خىل ئەمەل نامى بولۇپ، فىلىمنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە تەرجىمىلىرىدىن بۇنىڭ باش مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەل ئىكەنلىكى مەلۇم، فىلىمدا ئەينەن  ئېلىندى.

2. پان (Paan)-فىلىمدا بىر قانچە يەردە بۇ سۆز چىقىدۇ، بۇ قەدىمدە ھىندىستاندا خۇش كەيىپ ئۈچۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يېتىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قارىمۇچ يوپۇرمىقىغا ئورۇلۇپ چايناپ تۈكۈرۋېتىدىغان نەرسە، خەنچە تەرجىمىدە چاينىلىدىغان تاماكا دېيىلگەن، تۈركچە تەرجىمىسىدە ھۆرمەتلىك ئىكراملىق كاتتا يېمەكلىك دېيىلگەن. بۇ نەرسە ئېھتىمال قەدىمدە تاماكا ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، كەيپ بولۇش مەقسەتتە، بۇ سۆزگە ماس كېلىدىغان ئەينەن ئىبارىنى تىلىمىزدىن تاپالمىغاچقا كونىلاردا شۇنىڭغا ئوخشاشراق بىر نەرسە بولىدىغان ھازىر تاماكىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئىستىمالدىن قالغان، «ناسىۋال» دەپ ، شۇ سۆز ئېلىندى. ۋاقىپ بولغايسىلەر!
فىلىم شان-شەرەپلىرى:
61-نۆۋەتلىك فىلىمفار(كىنو كۆرۈرمەنلىرى) مۇكاپاتى (2016)
ئەڭ ياخشى فىلىم
ئەڭ ياخشى رېژىسسور-سانجاي لىلا بانسالى
ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى-رانۋىر سىڭ
ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى: پىرىيانكا چوپرا
ئەڭ ياخشى كىيىم-كېچەك لايىھىسى
ئەڭ ياخشى گۈزەل-سەنئەت لايىھىسى
ئەڭ ياخشى ماھارەت ئۇستىسى
ئەڭ ياخشى ئۇسسۇل ئىشلىگۈچى
فىلىمدىكى ئەڭ نادىر ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئارىيە:


كەسمە سۈرەتلەر:













چۈشۈرۈش ئورنى:
فىلىم ئىككى خىل پرىسلانغان بولۇپ ئۆز ئېھتىياجىڭلارغا ئاساسەن چۈشۈرۋالغايسىلەر:
ئاققىر كىرىشتۈرگەن نۇسخا:
3.23 جى
چىڭتۇڭدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://page14.ctfile.com/fs/2B0147416370
بەيدۇ ئادرىسى لازىم بولسا juxkunjan بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

زۇلپىقار كىرىشتۈرگەن نۇسخا:
1.78 جى
چىڭتۇڭ ئادرېسى2:   http://page14.ctfile.com/fs/tL8147443247
بەيدۇ ئادرىسى لازىملار arkan2010 نى قېتىۋېلىپ، ماڭا ماۋۇ كىنونى ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەن ئاقبۈركۈتتىكى پالانى دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ!



باشقا رەسىملەر كىچىك رەسىم چوڭ رەسىم
رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ياخشىياخشى ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2016-4-9 00:25:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئاپىرىن ئەركان ئاپىرىن !
مانا ماۋۇ كىنودىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى راۋۇرۇس ھىس قىلدىم ! نىمە دىگەن گۈزەل تىل بۇ ھەي باللا ! تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراڭلار !



ھەقىقەتەن كاتتا تەرجىمە بوپتۇ ! قول قويدۇم ئەركان !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2016-4-3 20:04:43 | ئايرىم كۆرۈش
ھى ھى ھى -- بۈگۈن كۆرەلەمدۇقيا بۇ كىنونى ؟
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2016-4-4 00:06:45 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە   قولىڭىزغا  دەرت  بەرمىسۇن   تېخىمۇ  تىرىشىڭ    قولىڭىزدىن    گۈللەر  ئۈنسۇن
دىۋان
ۋاقتى: 2016-4-3 19:25:32 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل فىلمدەك تۇرىدۇ يېڭى كىنولارنى كۆپچىلىككە سۇنغىنىڭزغا تەشەككۈر
گېلەم
ۋاقتى: 2016-4-3 20:33:15 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھەپتە دەم ئېلىش كۇنلىرى بەك ئاۋاتلىشىپ كەتتىغۇ ؟ ئاق بۇركۇت مۇشۇنداق يېڭىلىقلار ئۇزۇلمىسە نىمە دىگەن ياخشى ئەمسە كىنونى ساقلايمىز ......
كىگىز
ۋاقتى: 2016-4-3 20:37:38 | ئايرىم كۆرۈش
دوللار يوق يانفۇنچىلارغىمۇ سېتىڭلار........قىزىل بولاققا سېتىشنىمۇ ئويلۇشۇپ بېقىڭلار.........
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-3 20:39:09 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسەبى يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 20:37
دوللار يوق يانفۇنچىلارغىمۇ سېتىڭلار........قىزىل بولاققا ...

ئۈندىدار ۋە چ چ ئوخشاشلا 897832748
بىلەن ئالاقىلىشىپ دوللار تۇلۇقلاڭ!
داق يەر
ۋاقتى: 2016-4-3 20:42:10 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىم تىلى ھىندىچە دەپ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا خىتى ئۇيغۇرچىمۇ ياكى ھىندىچە ياكى ئىنگىلىسچىمۇ ؟؟؟؟
مىخ
ۋاقتى: 2016-4-3 20:52:44 | ئايرىم كۆرۈش
كوكنۇر يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 20:42
فىلىم تىلى ھىندىچە دەپ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا خىتى ئۇيغۇرچى ...

ئۇيغۇرچە خەتلىك ھەي بۇ كىنو -- ئۆتكەندە ئەركان ئەپەندىم تەرجىمىسى پۈتتى دەپ شەپە بەرگەنغۇ مۇنبەردە !!
9#
ۋاقتى: 2016-4-3 20:53:43 | ئايرىم كۆرۈش
كوكنۇر يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 20:42
فىلىم تىلى ھىندىچە دەپ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا خىتى ئۇيغۇرچى ...

فىلىم خېتى ئىسپانچە
10#
ۋاقتى: 2016-4-3 21:21:49 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي.....ئەجەپ ئېسىمگە كەلمەپتۇ..    شۇ مەزگىللەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھېندىستان ئاق سۆڭەكلىرىدە ئەڭ ئومۇملاشقان كەيىپ "مەجۈن" ئىدى.....ئۆمەر شەيخ مىرزا، بابۇر، سەئىدخان، ئابدۇرەشتخان ۋە باشقا پادىشاھلار ئىستىمال قىلغان نەرسە ئىدى...."بابۇرنامە“ دە بابۇرنىڭ بىر قېتىم زىياپەت بېرىپ، ھاراق ۋە مەجۇننى تاشلىغانلىقى كېيىن چىدىماي يىگەنلىك خاتىرىسىمۇ بار ئىدى...سىز دېگەن ناسىۋال شۇ نەرسە بولمىغاي....
11#
ۋاقتى: 2016-4-3 21:54:59 | ئايرىم كۆرۈش
16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 17--ئەسرىنىڭ باشلىرى دىنى ئېتقاد جەھەتتە ئەۋرەڭزىپ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى، ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ غەيرى مۇسۇلمانلاردىن جان بېجى ئالدى، مەخسىدى بولسا كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ھىندى دىنى مۇرتلىرىنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئىدى. ئۇ يەنە ھىندى دىنىدىكى سودىگەرلەردىن ئېغىر باج ئېلىشتەك كەمسىتىش خاراكتىرىدىكى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئەۋرەڭزىپ تەختتىكى چاغدا ھەرخىل مىللىي، دىنىي قوزغىلاڭلار توختىماستىن يۈز بېرىپ ئىمپېريەنىڭ بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ زور بولغان مىللى قوزغىلاڭ بولسا ھىندى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان ماخاراشتالار(Maharashtra) نىڭ قوزغىلىڭى ھېساپلىنىدۇ.

1656-يىلى، ماخاراشتالار سىۋاجى (Sivaji) نىڭ رەھبەرلىكىدە مۇسۇلمان موغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈچلۈك ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ، موغۇل خان ئوردىسى ۋە ئۆلكىدىكى ۋالىي ئارمىيسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، غەربى قىسىمدىن ئوتتۇرا قىسىمغا ھۇجۇم قىلدى، جەنۇپ ۋە شىمال ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى، ھەتتا پايتەخت دېھلىگىمۇ باستۇرۇپ كىرىپ، پۈتكۈل ئىمپېريەنى تەۋرىتىۋەتتى، بىراق ماخاراشتالار ناھايتتى تېزلا ئەۋرەڭزىپ قوشۇنىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەۋرەڭزىپ غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا مەجبۇرلاش، كەمسىتىش خاراكتىرىدىكى سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلدى، بۇ خىل سىياسەتلەر دۆلەتنى تېخىمۇ گۈللەش يولىغا باشلاپ كىردى.

17-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەنگىلىيە ئۆزىدىن سەل ئىلگىرى ھىندىستانغا كىرگەن پورتىگالىيە، گوللاندىيەلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، 1600-يىلى ئەنگىلىيە ھىنىدىستاندا «شەرقىي ھىندىستان سودا شىركىتى» نى قۇرۇپ ئۇنى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ موغۇللارنى ئاغدۇرشىدىكى ئاساسى قورالىغان ئايلاندۇردى."ھېندىستاندىكى موغۇل ئىمپېريىسى" دېگەن يازمامدىن.-----
12#
ۋاقتى: 2016-4-3 21:57:17 | ئايرىم كۆرۈش
زەئىپلەشكەن دۆلەت مىخاينىزىمىنىڭ ئەمدى غەربىي شىمالدىن كەلگەن ياتلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرالىغۇدەك كۈچى يوق ئىدى. 1748-يىلى، ئافغانىستانلىقلار موغۇللارنىڭ شىمالىي قىسىمىغا تاجاۋۇز قىلىپ، بىرنەچچە قېتىملىق ھۇجۇم بىلەن دېھلىنى ئىگىللىدى، 1761-يىلى، ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەر بىلەن ماراتى (Marathi) لارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ئوتتۇرسىدىكى جەڭدە ماراتىلار ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى، ماراتىلار موغۇللارنىڭ غەربلىك تاجاۋۇزچىلارغا قارشىلىق كۆرەش قىلىشىدىكى ئاساسلىق كۈچى ئىدى، بىراق بۇ قېتىمقى جەڭ ئۇلارنى خېلى بەك ھالسىزلاندۇرۇپ قويدى، بۇ چاغدا ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە موغۇل ئىمپېريىسىنى تالىشىش ئۇرۇشى قىلىۋاتاتتى، 1756-يىلىدىن 1763-يىلىغىچە بولغان ئەنگىلىيە-فرانسىيە «يەتتە يىللىق ئۇرۇش» ئارقىلىق ئەنگىلىيە فرانسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تولۇق سۈپۈرۈپ تاشلىدى.
"ھېندىستاندىكى موغۇل ئىمپېريىسى" دېگەن يازمامدىن...
13#
ۋاقتى: 2016-4-3 22:00:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 21:21
ھەي.....ئەجەپ ئېسىمگە كەلمەپتۇ..    شۇ مەزگىللەردىكى ئوت ...

بۇ گەپ ئەسلى توغرا  ، لېكىن مەجۈن دەپ ئېلىنسا ھازىرقى چۈشەنچىمىزگە تازا ئۇيغۇن توغرا كەلمەيدۇ .
ناسىۋال  تېخىمۇ سەلبى گەپ .
14#
ۋاقتى: 2016-4-3 22:52:32 | ئايرىم كۆرۈش

ھە رۇسچە بولغان بولسا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 12:42 , Processed in 1.381682 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش