Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

JAVA ئۆگەنگۈچىلەرگە تەۋسىيە كىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ تېمىنى JAVA ئۆگەنمەكچى بولغان ۋە يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان تورداشلارغا پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە يازدىم. ئانچە-مۇنچە تور دۇنياسىدىن خەۋىرى بار، پىروگرامما تىلىنى جىجىپ باققانلارغا ئايان بولغىنىدەك بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە كىتابلار يوقنىڭ ئورنىدا. ئۆزۈم بىلىدىغاندىن ئىلگىرى JAVA ئۆگەنگەن چاغدا پايدىلانغان، ھازىرمۇ تەكرار قىلغاندا پايدىلىنىدىغان، چۈشىنىشلىك، تەپسىلىي يېزىلغان ئىدرىس ئىسرائىل ئاپتورلۇقىدىكى " JAVA پىروگرامما تىلىدىن ئاساس" دېگەن كىتابنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم.
بۇ كىتاب نەشردىن چىققىلى خېلى بولغان بولسىمۇ لېكىن بىلمەيدىغانلار خېلى بار ئىكەن، ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە ئەس قېتىپ قالار. بۇ كىتابنى پىششىق ئۆگىنىۋالسىڭىز باشقا پىروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىشىڭىزگىمۇ ( C++/C#/VB.NETۋە باشقا تىللار) زور پايدىسى تېگىدۇ.
كىتاب ھەققىدە چۈشەنچە:
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكىJAVA  پىروگرامما تىلىغا ئائىت تۇنجى كىتاب. كىتابتىكى ئاتالغۇ ۋە پروگرامما قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ئاپتورنىڭ تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى ۋە ياردەمچىسى بولالايدۇ.
كىتاب ئۇچۇرلىرى:

(كىتاب ئۇچۇرلىرى كىتابخانا تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى)
كىتابتىن بىر قانچە پارچە رەسىم:






(كىتاب رەسىملىرى كىتابخانا تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى)
كىتابنىڭ ئەسلىي باھاسى 45 يۈەن (قىرىق بەش يۈەن)، كىتابخانىلاردا شۇ بويىچە ساتىدۇ، تۆۋەندىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئۇسۇللاردا بۇنىڭدىن ئەرزان باھادا سېتىۋالالايسىز.
كىتابنى ئۆزىڭىزگە ئەڭ قولايلىق ئۇسۇلدا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى:
1. ھەر قايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە باشقا شەخسىيلەر ئاچقان كىتابخانىلار. ئارتۇقچىلىقى، ئۆزىڭىز بېرىپ ئاسانلا تاپىسىز، توردىن سېتىۋالغاندىكى يەتكۈزۈش ھەققى تېجىلىپ قالىدۇ.
2. كىتابخانا تورىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادرېسى: http://www.kitabhana.com/goods.php?id=10359
ئارتۇقچىلىقى، ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز زاكاز قىلىپ بولۇپ، كىتابخانا تورىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىڭىزگە قولاي ئۇسۇلدا تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. باشقا جايدىكىلەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزغا ئاساسەن يەتكۈزۈش ھەققىنى تۆلەپ تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ تور بەتتىكى سېتىلىش باھاسى كىتابخانىلاردىكىدىن ئەرزانراق بولۇپ 40.5 يۈەن. يەتكۈزۈش ھەققى سىز تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ.
3. مەندىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەپ (ئىسمىڭىز، تەپسىلىي ئادرېسىڭىز، ئالاقە ئۇسۇلىڭىز) بەرگەندىن كېيىن كىتابنى سېلىپ بېرىمەن. باھاسى 40 يۈەن، يەتكۈزۈش ھەققىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز. ئالىپاي، ئۈندىدار، ئۈندىدار قىزىل بولىقى ۋە بانكا كارتىسى قاتارلىقلاردىن ئۆزىڭىزگە قولاي بولغىنىدا پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ.
مەندىن سېتىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان سوۋغات: بىلىگ تورىدا ھەقسىز تارقىتىلغان، ئۇيغۇرچە سۆزلەنگەن JAVA" ئاساسىي بىلىملىرى" سىن دەرسى ۋە ئەسلىي كودىنى يوللاپ بېرىمەن.
ناۋادا خالىسىڭىز ئاپتورنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزۇپ ئەۋەتىپ بېرىمەن.

ئالاقە: چ چ ۋە ئۈندىدار 1692242149 (كىتاب سېتىۋېلىشتىن باشقا ئىشقا ئاۋارە قىلىدىغانلار قوشماڭ)
چ چ ۋە ئۈندىدار ئىشلەتمەيدىغانلار ياكى رايون چەكلىمىسى تۈپەيلى ئىشلىتىشكە ئامالسىزلار مۇنبەر ئۇچۇرى ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ماتېرىيال ياخشى بولسىمۇ ئۆگىنىش ئۆزىمىزگە باغلىق، ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2016-5-4 02:06:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-4 02:11  

500 دوللارغا سېتىۋالسام بولامدۇ،  پوچتا ھەققىنى ئۆزىڭىز چىقرىسىز لېكىن..
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-5-4 09:52:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2016-5-4 02:06
500 دوللارغا سېتىۋالسام بولامدۇ،  پوچتا ھەققىنى ئۆزىڭىز ...

ما بوۋاينىڭ يامانلىقىنى ! سودىغا ئېپى بار ئادەمدە ئۆزى !
سۇنۋۇكۇڭنىڭ پاسىق سۆڭەكنى ئۇرۇشى تونۇردىن چىقاي دىدىمۇ ئاققىركا

باھا سۆز

ئاز قالدى، دىلمۇرات باشلىق ئۆز قولى بىلەن تەھرىرلەۋاتىدۇ...پۈتتىغۇ دەيمەن...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-5-4 23:37
گېلەم
ۋاقتى: 2016-5-4 10:40:50 | ئايرىم كۆرۈش
سىن دەرسلىكىنىمۇ قوشۇپ بىرىدىغان ئىش بولسا، مەنمۇ ئالىمەن... مۇشۇ نەرسىگە نىسبەتەن شىركەتلەرنىڭ ئېھتىياجى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ... شۇنداقلا، جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
كىگىز
ۋاقتى: 2016-5-4 10:51:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-4 11:19:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2016-5-4 02:06
500 دوللارغا سېتىۋالسام بولامدۇ،  پوچتا ھەققىنى ئۆزىڭىز ...

كەم بولا، يەنە بى چۆرگىلەپ كەلسىلە.
داق يەر
ۋاقتى: 2016-5-4 13:22:10 | ئايرىم كۆرۈش
uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى  2016-5-4 11:19
كەم بولا، يەنە بى چۆرگىلەپ كەلسىلە.

پوچتا ھەققى بىلەن ئوبدانلا باھا بوپتىكەن... ئۇنىڭ ئۈستىگە دوللار تولۇقلىساڭلارمۇ ھامان خەجلەيسىلەر ئەمەسمۇ شۇ پۇلنى...
مىخ
ۋاقتى: 2016-5-4 19:02:59 | ئايرىم كۆرۈش
مەن سېتىۋالاي.... مۇشۇ جاۋادا زادى نېمە ئىشلارنى قىلدىلى بولىدۇ شۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز...
qq:1357213039
9#
ۋاقتى: 2016-5-4 23:37:28 | ئايرىم كۆرۈش
nur719 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-4 09:52
ما بوۋاينىڭ يامانلىقىنى ! سودىغا ئېپى بار ئادەمدە ئۆز ...

ئاز قالدى، دىلمۇرات باشلىق ئۆز قولى بىلەن تەھرىرلەۋاتىدۇ...پۈتتىغۇ دەيمەن...
10#
ۋاقتى: 2016-5-5 11:55:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈندىدارغا قوشتۇم، مەن سېتىۋالاي.
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-5 15:10:39 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2016-5-5 11:55
ئۈندىدارغا قوشتۇم، مەن سېتىۋالاي.

ئاققىركامغا كەتتى كىتاب، پۇلغا.
سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق يەردىن ئىزدەپ بېقىڭ، كىتابنى نەدىن ئالسىڭىز ھايت دەپ قويسىڭىز سىن دەرسنى ھەقسىز سوۋغا قىلىۋېرىمەن سىزگە.
12#
ۋاقتى: 2016-5-5 18:34:35 | ئايرىم كۆرۈش
uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى  2016-5-5 15:10
ئاققىركامغا كەتتى كىتاب، پۇلغا.
سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشل ...

خوشامەت پۇرايدىيا.....
13#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-5 19:26:11 | ئايرىم كۆرۈش

ئاران بىر كەلگەندە قىلىۋالاي دېدىمغۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 14:59 , Processed in 1.335658 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش