Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1839|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ie تور كۆرگۈچىنى تاشلىمىغانلارغا!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
بىرلىكتە ie6نى يوقىتايلى! دېگەن تېمامدا دېگەندەك، بۈگۈن ھازىرقى ئىشلىتىلىۋاتقان تور كۆرگۈلەرنىڭ ئەڭ ئالدى ھېسابلىنىدىغان google chromeتور كۆرگۈچىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، google شىركىتىنىڭ ھەقسىز مۇلازىمەتلىرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئىنتايىن ياخشى. مەسىلەن googleئىزدەش ماتورى، google تەرجىمانى دېگەندەك. ھەتتا بىز ئىشلىتىۋاتقان android سىستېمىسىمۇ googleشىركىتى تەرىپىدىن ھەقسىز تارقىتىلدى، نۇرغۇنلىغان يانفون شىركەتلىرى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىق نەپ ئالدى، ئەگەر google شىركىتى androidنى ئوتتۇرىغا چىقارمىغان بولسا، بەلكىم يانفون ساھەسى apple تەرىپىدىن مونۇپۇل قىلىنىپ كېتەر ئىدى.  شۇنىڭدەك chromeتور كۆرگۈچىسىمۇ googleنىڭ ھەقسىز مەنبەلىك ئوچۇق كودلۇق تور كۆرگۈسى. تۆۋەندە بۇ تور كۆرگۈچنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.
1-يىنىك.
googleنىڭ ئىزدەش بېتىگە ئوخشاش chromeتور كۆرگۈسىمۇ ئىنتايىن ئاددى، ئارتۇقچە كونۇپكا، ئىستونلار يوق. ئىنتايىن ئازادە. ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە cpuغا بولغان بېسىمى ئىنتايىن تۆۋەن ھەتتا يوق دېيەرلىك.
2-سۈرئىتى تېز.
googleنىڭ پۈتۈن مەھسۇلاتلىرى سانلىق مەلۇمات سىتاتىسكىسى بىلەن ماڭىدۇ، chromeمۇ شۇنداق.  ئۇ سىزنىڭ توردا قانداق مەزمۇنلارنى ئىزدەيدىغان، كۆرىدىغانلىقىڭىزنى سىتاتىسكىلاپ تۇرىدۇ، سىزنىڭ قانداق مەزمۇنلارنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئۇ بىلىپ تۇرىدۇ.  سىز بىرەر ئۇلانمىنى بېسىشتىن بۇرۇن ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، سىزنىڭ قايسى ئۇلانمىغا كىرىش ئىھتىماللىقىڭىزنى تەخمىنىي پەرەز قىلىپ، شۇ ئۇلانمىغا ئالدىنئالا ئۇلىنىدۇ. دېمەك سۈرئىتى باشقا تور كۆرگۈلەردىكىدەك سىز ئۇلانمىنى باسقاندىن كېيىن ئاندىن يېڭى كۆزنەك ئېچىلغانغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە تېز!
3-ئىنتايىن قولاي
ئەگەر سىز تولا سىستېما يەڭگۈشلەپ، بۇرۇن زىيارەت قىلغان تور ئادرىسلىرىڭىزنى يۈتتۈرىدىغان بىغەم تور ئاھالىسى بولسىڭىز، chromeئىشلىتىڭ. بىردانە gmailھېساباتى ئىلتىماس قىلىپ، تور زىيارەت خاتىرىڭىزنى ماس قەدەملەشتۈرسىڭىزلا بۇ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىسىز. مەيلى سىز باشقا بىر جايدا تۇرۇپ، ئۆزىڭىز ئۆيدىكى كومپيۇتېردا زىيارەت قىلغان بىرەر بېكەتنىڭ ئادېرىسىنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭىزدا، gmailھېساباتى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپلا، يەنە ئۆيىڭىزدە chromeئىشلەتكەندەكلا ياقتۇرغان بېكەتلىرىڭىزىنى زىيارەت قىلالايسىز. chromeنىڭ مەخپىي نۇمۇر ساقلاش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسىڭىز، توربەتلەرگە تىزىملاپ كىرگىنىڭىزدە پارولنى قايتا كىرگۈزۈپ ئاۋارە بولمايسىز، ئەلۋەتتە مەخپىي نۇمۇرىڭىزنىمۇ ماس قەدەمدە ساقلاپ بېرىدۇ (بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق).
4-بىخەتەر
باشقا تور كۆرگۈچلەرگە قارىغاندا chromeنىڭ يوچۇقلىرى ئاز، بۇزغۇنچىلىققا ئاسان ئۇچرىمايدۇ.
5-ئىقتىدارى چەكسىز.
googleنىڭ webstoreسى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كېڭەيتمە ئىقتىدارلارنى قوشالايسىز. خۇددى يانفونىڭىزغا ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندەك.
6-باشقا قىستۇرمىلارغا بولغان قوللىشى ناھايىتى ياخشى
مەسىلەن سىز تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋالسىڭىز، 支付宝 نىڭ قارانچۇق سىستېمىسى قوزغىلىپ، سىزنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكىڭىزنى قوغدايدۇ.  google chromeنىڭ بۇ قارانچۇققا بولغان قوللىشى ناھايىتى ياخشى، مال سېتىۋىلىش ئۈچۈن ieنى ئېچىپ يۈرۈش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم بانكىلارنىڭ تور بانكا قارانچۇقى )u盾)لىرىنىمۇ نورمال قوللايدۇ.
7-تور دۇنياسىدا تىل چەكلىمىگە ئۇچرىمايسىز
ئەگەر ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان بىرەر يېزىقتىكى توربەتنى زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، يېزىق جەھەتتە قېيىنچىلىققا ئۇچرىمايسىز. googleتەرجىمانىدەك غايەت زور ئامبارغا ئىگە تەرجىمە سۇپىسىغا تايانغان chromeتور كۆرگۈچىسى ئارقىلىق ئۇ تور بەتتىكى يېزىقنى ئۆزىڭىز بىلىدىغان يېزىققا تەرجىمە قىلدۇرۇپ كۆرەلەيسىز. ھازىرچە ئۇيغۇر يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى يوق.
گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، google chrome ھەقىقەتەن ياخشى بىر تور كۆرگۈچ، ئىقتىدار، بىخەتەرلىك، سۈرئەت جەھەتتە سىزنى رازى قىلىپ ئاشۇرىۋىتىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ سىتاتىسكا قىلىشىچە google chrome ھازىر microsoftنىڭ internet explorerتور كۆرگۈسىدىن قالسىلا ئىشلەتكۈچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان تور كۆرگۈ بولۇپ قالغان. مەنمۇ بۇ تور كۆرگۈنىڭ كونا ئىشلەتكۈچىلىرىدىن بىرى سانىلىمەن.
ئەگەر يۇقارقى بايانلىرىمدىن ئاز تولا بىر نەرسىنى ھېس قىلىپ،
[url= https://www.google.com/intl/zh-C ... h-CN&brand=CHMI]بۇ تور كۆرگۈنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ بېقىشنى ئويلاپ قالغان بولسىڭىز بۇ ئادرېستىن كىرىپ ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ [/url]
قاچىلاش، ئىشلىتىش جەريانىدا قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىز، مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بىرلىكتە ھەل قىلىمىز.
تور كۆرگۈنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىپ، تورنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەيلى
ئاخىرىدا chrome ئارقىلىق ئىشلەنگەن بىر تەجرىبىنى كۆرۈپ باقايلى. chromeنىڭ سۈرئىتى ئوق، ئاۋاز ھەتتا چاقماقتىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن.
http://player.youku.com/player.php/sid/XMTcwODkxNjA0/v.swf

يازغۇچى:: سۈرخان
باسما سودىگىرى :: فارۇخ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار -10 يىغىش سەۋەبى
سۈرخان -10 كۆچۈرمىكەش سولتەك

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار1
دىۋان
ۋاقتى: 2013-8-23 21:53:54 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋان سودىگىرى باياۋان
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-23 22:14:24 | ئايرىم كۆرۈش
يۈزۈمنى داپشاخ قىلىپ كۆچۈرسەم پەيزى بولىدىكەن
گېلەم
ۋاقتى: 2013-8-23 22:27:22 | ئايرىم كۆرۈش
فارۇخ يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 22:14
يۈزۈمنى داپشاخ قىلىپ كۆچۈرسەم پەيزى بولىدىكەن

جەرىمانە يېسىچۇ؟
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-23 23:24:31 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 20:27
جەرىمانە يېسىچۇ؟

ھامان بىركۈنى قايتۇرۋالىمەن ئۇ پۇلنى
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-8-23 23:37:06 | ئايرىم كۆرۈش
EI10توركۆرگۈچىمۇ ياخشىغۇ
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-23 23:59:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فارۇخ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-23 22:01  
ۋاپاسىز يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 21:37
EI10توركۆرگۈچىمۇ ياخشىغۇ


تىمىنى تەپسىلى ئوقىماپسىز؟ تەپسىلى ئوقۇڭ. يۇقارقىلار ھەممىسى تەكلىپ پەقەت تەكلىپ بىرىپ قويدۇق خالاس.بىراق ئىشلىتىش ئىشلەرمەسلىك تىمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شاشلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مىخ
ۋاقتى: 2013-8-24 06:50:46 | ئايرىم كۆرۈش
قارىسام سىز خىلى بىلىملىكتەك تۇرىسىز سىزدىن http://www.youtube.com جۇڭگودا بارمۇ  يوق  
قانداق         
ئىشلىتىمىز بىلسىڭىز ئايىمايسىز
9#
ۋاقتى: 2013-8-24 11:14:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئاغىنە ن http://www.youtube.com جۇڭگودا ئىچىلمايدۇ ئەگەر بەك ئاچىمەن دەپ تامدىن ئارتىلىپ قالسىڭىز ئۇچاغدا ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىدا ئەمەس قادىخاننىڭ كەپتەر خانىسدا كۆرىسىز شۇڭا ئەڭ ياخشىسى  بارىغا شۇكرى قىلىپ تۇرغايسىز         
10#
ۋاقتى: 2013-8-24 11:41:44 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ google chrome تور كۆرگۈچىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بىر ھەپتىدەك بولدى سۈرئىتى يامان ئەمەس ئىكەن ،بولمىسا كومپىيوتېرىمدا تور كۆرگۈدىن تۆت-بەشى بار تور بەتلەر قايىسىسىدا نورمال ئېچىلسا شۇنىڭدا كۆرىۋىرىمەن ،بۇ ئىنكاس google chrome تور كۆرگۈسىدە يېزىلدى.
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-24 12:20:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئابلەت123 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-24 04:50
قارىسام سىز خىلى بىلىملىكتەك تۇرىسىز سىزدىن http://www.youtube ...

مەن بىلىملىك ئەمەس ، بىراق يوۋتۈۋبى ، تېۋىتىر قاتارلىق بىكەتلەر چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىچىلمايدۇ. تامدىن ئاتىلىپ چۈشىۈشنى ھەرگىز ئويلىماڭ.
12#
ۋاقتى: 2013-8-24 16:54:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئەپسۇس بىر كەمچىللىك پەقەت ئەزا بولغىلى بولمىدى.....
13#
ۋاقتى: 2013-8-24 22:19:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئابلەت123 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-24 06:50
قارىسام سىز خىلى بىلىملىكتەك تۇرىسىز سىزدىن http://www.youtube ...

http://www.youtube.com چىققىلى بولىدۇ لىكىن بۇنى ئۇچۇن چوقۇم مەكتەپتىكى تەنتەربىيەئاساسىڭىزياخشىبولىشى كىرەك!!!!!!
تام ئاتلىسىڭىز100% چىقالايسىز!!!!!!!!!!!!!!!
14#
ۋاقتى: 2013-8-25 02:10:47 | ئايرىم كۆرۈش
چىرومى   ھەقىقەتەن ياخشى .
ئاقبۈركۈتتىن باشقا جايدا .   سىز ئېلاننى خاتا ئورۇندا بېرىپسىز  فەرۇقجان .
15#
ۋاقتى: 2013-8-26 11:26:48 | ئايرىم كۆرۈش
لىكىن ئاق بۈركۈتنىڭ كىنوسىنى كۆرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار جۇمۇ بۇنىڭدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 06:01 , Processed in 1.368980 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش