- UID
- 10107
- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 150
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ئىسمى: | پولات مۇشت
| ئىنگلىزچە
| Real Steel | دۆلىتى: | ئامېرىكا | تىلى: | ئېنگلىزچە
| تۈرى: | فانتازىيە، ھەركەتلىك، ۋەقەلىك | فورماتى: | MKV | ۋاقتى: | 2011 | يېزىقى: | ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچە
| رازمېرى: | 1080P | سىغىمى: | 3.4G | ئۇزۇنلىقى: | 126 مىنۇت | رېژىسسور: | | باش رولچىلار: | | قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: | چارلى ئەسلىدە بىر داڭلىق بوكىسچى بولۇپ، بىر چوڭ مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قېلىپ، شۇندىن باشلاپ
چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. كىيىن تىرىكچىلىك ئۈچۈن، ماشىنا ئادەم بوكىس مۇسابىقىسى بىلەن
شۇغۇللىنىدۇ ۋە بۇ جەرياندا نورغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، ھەتتا پۇل تېپىپ بوكىسچى
ماشىنا ئادەم سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىنى سېتىۋەتمەكچى بولىدۇ،
بىراق ئوغلى كەلگەندىن كىيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن داڭ قازىنىپ
تەقدىرىنى، كىشلىك ھايات قارشىنى ئۆزگەرتىدۇ.
فىلىمدىكى ئاتا-بالىنىڭ دەسلەپتىكى ئۆچمەنلىكتىن بارا-بارا بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى
بەك تەسىرلىك. فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى جىددى، ماشىنا ئادەم بوكىس مۇسابىقىسى
ئادەمنى تولىمۇ جەلىپ قىلىدۇ.
بۇ فىلىمنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.
ئېرىشكەن مۇكاپاتى:
84-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر كۆرۈش ئۈنىمى تۈرىدە (نامى ئاتالغان).
38-نۆۋەتلىك ئامىركا كىنو تېلىۋىزىيە ساتۇرېن مۇكاپاتى-ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش
ئارتىس تۈرىدە نامى ئاتالغان. (داكوتا گويو)
|
كەسمە رەسىملىرى:
خەتلىك ئىشلىگۈچىلەر:
تەرجىمان: باسمىل
مۇھەررىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى: Ablazewolf
مۇقاۋا ئىشلىگۈچى: قىران
تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، م ك ۋ نۇسقىدا 360 بوشلۇقىغا يوللاندى.
چۈشۈرۈشنى بىلمىسىڭىز بۇنى بېسىڭ. چۈشۈرۈشتە قىينالسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ.
بىر ئىككى ئاي بۇرۇن تېلىۋىزوردىن ئۆسمۈر چولپان داكوتا گويو تۇنۇشتۇرۇلغان
بىر پېروگراممىنى كۆرۈپ قالدىم. دېمىسىمۇ بۇ كىچىك چولپان بىر قانچە فىلىمدە
رولنى قالتىس ئالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ چۈشىنىپ، بۇ فىلىمنى
تەرجىمە قىلىشنى باسمىل ئاغىنەمگە تەۋسىيە قىلدىم. ئۇ بىرەر ھەپتىدە تەرجىمىسنى
ئىشلەپ بەردى. تەھرىرلەپ بولغاندا، مۇنبەرگە قارىسام، بۇ فىلىمنى ئەسلى باپكار بۇرادەر
ئىككى يىل بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىپ خەتلىك ئىشلەپ بوپتىكەن. ئەستا ماۋۇ ئىشنى، يوللايمۇ
يوللىمايمۇ دەپ بىرە ئاي ئۆتتى. ئاخىرى فىلىم ئېسىل بولغاچ ئەجىر قىلغانكەنمىز، سۈزۈكىگە
كىرىشتۈرۈپ يوللاشنى توغرا تاپتىم. باپكار بۇرادەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ فىلىمنىڭ بۇرۇن ئىلان قىلىنغان نۇسقىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قېنى مەرھەمەت.
بېلەت كىرىمى: 23 |
-
-
polat.rar
135 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 2558
پولات مۇشت
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|