Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1072|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تېلىۋېزىيە تىياتىرى«تۈرمىدىن قېچىش» قايتىپ كېلىدۇ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!



مۇنبەرگە چىقمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، بۈگۈن قەدىمىم بىلەن تەڭ بىر قىسىم كىنوچىلىق خەۋەرلىرىنى ئالغاچ كەلدىم.


1.«تۈرمىدىن قېچىش» قايتىپ كەلمەكچى.

ھەممىمىزگە مەلۇم ، 2005-يىلى 8-ئايدا FOX تېلىۋېزىيەسىدە قويۇلغان تېلىۋېزىيە تىياتىرى «تۈرمىدىن قېچىش» بارلىق ئامرىكا تىياتىر مەستانىلىرىنىڭ تېلىۋېزىيە تىياتىرى كۆرۈشكە باشلامچىلىق قىلغان فىلىمى دېيىشكە بولىدۇ.  فىلىم ۋەقەلىكى جىددىي،  چىنلىققا يېقىن، تۇققاندارچىلىق ، مۇھەببەت، سىياسىي، سۈيقەسىت ئارلىشىپ كەتكەن بۇ فىلىم ھازىرغىچە ئامرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرچىلىقىدىكى  سەركە بولۇپ كەلمەكتە.  فىلىم 1- 2- 4- بۆلىمى 22 قىسىمدىن ، بولۇپ 3-بۆلۈم ئامرىكىدىكى سىنارىستلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەركىتىگە ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقتىن ئاران 13 قىسىم قىلىنغان ، ھەمدە ئاخىردىكى 2 ئالاھىدە قىسىم بىلەن جەمئىي 81 قىسىمدا توختىغانىدى.  فىلىم ئاخىرى كۆرۈرمەنلەر تەلىپى بويىچە ئىككى خىل قىلىپ ئىشلەنگەن.  قايىل قىلارلىق دېسەكمۇ بولىدۇ، قايىل قىلارسىز دېسەكمۇ بولىدۇ.


خوش ، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ،FOX تېلىۋېزىيەسى ئورگان بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ ، «تۈرمىدىن قېچىش» پىلانىنى قايتا قوزغىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەمدە فىلىم باش قەھرىمانى مىللېر ۋە دومىنىك پارسېل ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ فىلىمگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى، ئاشكارلىنىشىچە ، فىلىمگە يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق پىرسوناژلارمۇ قايتىپ كېلىدىكەن.  نۆۋەتتە تىياتىرنىڭ داۋامى تۇنجى بۆلىمى ، 10 قىسىم قىلىپ زاكاس قىلىنىپ بولغان .  2016-يىلى قويۇلىدىكەن.قېنى «تۈرمىدىن قېچىش» خۇمارلىرى چىشىڭلارنى بىلەپ تەييار بولدۇڭلارمۇ ؟
شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىلىمگە قايتىپ كېلىدىغان پىرسوناژلارنىمۇ ئەسلەپ قويايلۇق:

سارا قايتىپ كېلىشى ئېنىق


رازۋېدچىك ئالكىس ماھونى



سكورى



بەگۋېل، چاي خالتىسى كام بولسا قەتئىي بولمايدۇ







2.گۇمپىچى مۈشۈك ئېيىق3


دۆلىتىمىز كارتون فىلىمى «ئەۋلىيا ئەزەم قايتىپ كەلدى»  كىنوخانىدا قويۇلۇپ ، «گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق2» نىڭ جوڭگۇدىكى بىلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان تۇنجى يەرلىك كارتون فىلىم بولۇپ قالدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ «گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق3 » مۇ  تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا، فىلىم ۋەقەلىكىگە قىزىقساڭلار 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تەڭ قويۇلىدىغان بۇ كومىدىيە ۋە ھەركەتلىك كارتوننىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز.
تەشۋىق فىلىمىدىن ئارىيە:




3. ئىمكانسىز ۋەزىپە5: يۈزسىز ھاكىمىيەت


فىلىم شىمالىي ئامرىكىدا قويۇلۇپ بولدى،  چاپاق نۇسخىلىرىمۇ دۆلىتىمىز تور بېكەتلىرىدە بىرە قۇر ئېلان قىلىنىپ بولدى.  چەتئەل ۋاستىلىرىنىڭ فىلىمگە بەرگەن باھاسى ئالاھىدە ياخشى . يەنى كېلىپ داۋامى ئىشلىنىۋاتقان ، يۈرۈشلۈك جاسوسلۇق فىلىملىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى چىققىنى دەپ قارالدى. تام كىرۇسمۇ ھېچ قېرىيدىغاندەك ئەمەس، فىلىم 9-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىز كىنوخانىلىرىدا قويۇلۇشقا باشلايدۇ.   تام كىرۇس تېخى يېقىندىلا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ، فىلىمنىڭ 6- بۆلىمىنى ئىشلىۋېتىپ ئاندىن پېنسىيگە چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. قېنى بىز چاپاق نۇسخىسىنى رەت قىلىپ ، كىنوخانىدا قويۇلغىچە ، تەشۋىق فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرايلى.





4.ئامرىكا كاپىتانى3: ئىچكى ئۇرۇش


گەرچە قويۇلۇشقا يەنە 1 يىلدەك ۋاقىت بولسىمۇ ، بىز يەنە ئازراق ئۇچۇرلار توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ باقايلى .  
يېقىندا شىمالىي ئامرىكىدا قويۇلغان «چۆمۈلە ئادەم» فىلىمىدىن كېيىن ، «مارۋېل ئالىمى» ئوڭۇشلۇق ھالدا 2-يۇرا دەۋرىگە ئۆتىۋالدى.  شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ، مارۋېل قەھرىمانلىق رىۋايىتىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.  شۇنىڭلىق بىلەن ، «مارۋېل ئالىمى» نىڭ 2- باسقۇچتىكى  فىلىملىرىدىن بىرى بولغان «ئامرىكا كاپىتانى3:ئىچكى ئۇرۇش»  كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەقەززاسىدا تۇرماقتا. چۈنكى فىلىمدىكى ئىچكى ئۇرۇش دەل  قەھرىمانلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، «تۆمۈر پالۋان» توني ستارىك باشچىلىقىدىكى قەھرىمانلار قاتارى بىلەن «كاپىتان روجىس» باشچىلىقىدىكى  قەھرىمانلار قاتارى كۈچ سىنىشىدۇ.  سىنارىست تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە ، يېقىندا بۇ بۆلەكتىكى ئىككى پالۋانلار قاتارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋانلار ئايرىلىپ بولغان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

تۆمۈر پالۋان قاتارىدىكىلەر:



كاپىتان قاتارىدىكىلەر:



نېمىدىگەن كاتتا كۈچ سىنىشىش، نېمىدىگەن كاتتا  سەپ شەكلى ھە ،  قارايدىغان بولساق بۇنىڭدا  تونىي سىتارك باشچىلىقىدىكى قەھرىمانلار بىر قەدەر كۈچلۈكتەك قىلىدۇ.  لېكىن كاپىتان گوروھىدىكى «چۈمۈلە ئادەم » بىلەن  «زېمىستان جەڭچىسى» نىڭ كارامىتىنى سەل چاغلاشقىمۇ بولمايدۇ.  يەنە بىر قىززىق نۇقتا بولسا ، ئۆمۈچۈك پالۋان زادى بۇ سەپ شەكلىدە قانداق رول ئالىدۇ؟   بەلكىم رەسىملىك كىتابىنى كۆرىدىغانلار بولىشى مۇمكىن .  «مارۋېل ئالىمى » توغرىسىدا كېيىن ۋاقىت چىقسا بىر تەپسىلى تېما يازماقچى، شۇ چاغدا بەلكىم كۆرۈرمەنلەر  بىر قەدەر تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولىشى مۇمكىن.


فىلىمدە يەنە بىر مەخپىي  دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋان بار، ئۇ بولسىمۇ « قارا قاپلان»  .  ئۇ فىلىمدە ئىككىلى تەرەپتە تۇرمايدىغان ، ئوتتۇرلۇقرىكى پىرسوناژ بولۇپ ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىلىگەن .





5.ئۆلۈك تەن «ھازىرچە مۇشۇنداق ئاتاپ تۇردۇم»


مارۋېلنىڭ يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانى «ئۆلۈك تەن»  مۇ پات يېقىندا قويۇلماقچى بولغان نادىر فىلىملەرنىڭ بىرى. لېكىن فىلىم بولسا X ئۇرۇش ساقچىسى فىلىمى يۈرۈشلۈكلىرى قاتارىدا ئىشلەنگەن.  چۈنكى X ئۇرۇش ساقچىسى فىلىمى يۈرۈشلۈكلىرىدىن بولغان «پولات بۆرە» فىلىمىدە  ئەمدىلا تېخى تەجىربىخانىدىن چىققان «ئۆلۈك تەن»  مۇنداقلا كۆرۈنۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەن.  لېكىن بۇ قېتىم ، ئۇ ھەقىقىي ئۆزىگە خاس بولغان فىلىم ۋەقەلىكىنى كۈتىۋالدى، فىلىمدىكى ۋېيد ۋىلسون  ئىنتايىن يۇمۇرىستىك ، ھەم چاققان بولۇپ ، كارتوندىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.  جىق سۆزلىمەي تۇراي، يېڭى تونۇردىن چىققان تەشۋىق فىلىمىدىن ھوزۇرلانغان فىلىمنى ساقلايلى ، فىلىم 2016-يىلى 2-ئايدا شىمالىي ئامرىكىدا قويۇلىدۇ.




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 10 ئىسىل!

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2015-8-19 12:09:11 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىسى مەن ياخشى كۈرىدىغان فىلىملەكەن ،رەخمەت سىزگە
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-8-19 12:45:33 | ئايرىم كۆرۈش
تۈرمىدىن قىچىش فىلىمىدە مايكول ئۆلگەن تۇرسا ، ئەمما سىنارىيەنى مايكولنىڭ كىچىك ۋاقتىن باشلامدىكىن تاڭ، ياكى مايكولنىڭ تۈرمىگە كىرمىگەن ۋاقتىدىن باشلامدىغاندۇ ؟ ئۇنداق قىلسا فىلىمنىڭ ئىسمىنى تۈرمىدىن قىچىش قويغىلى بولماس ؟..... بولدىلا بۇ سۇئالغان جاۋابنى يەنىلا ۋاقتى كىلىپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغاندا تاپايلى .

ئاۋۇ ئۆلمەس تەن دېگەن قەھرىمان ئاڭلىشىمچە بەك يامانمىش ، كىيىنچە مارىۋىلنىڭ قەھرىمانلىرىدىن پولات بۆرە بىلەن يىشىل نۇر پالۋاننى ئۆلتۈرۋىتەرمىش .

ئىمكانسىز ۋەزىپىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسىنى ساقلاپ قالدىم ، مۇنبەردىكى تەرجىمانلار بىر قولىغا ئالسا بولاتتى، بولمىسا بۆلۈشۈپ قىلىپلا تۈگىتىدىغان گەپمىكى .
گېلەم
ۋاقتى: 2015-8-19 13:11:10 | ئايرىم كۆرۈش
تۈرمىدىن  قېچىشنى 4- بۈلۈمنىڭ داۋامى قىلىپ ئىشلىمىسە قاملاشماسمىكى، لېكىن مايكول ئۆلگەن  كىيىنكى بۈلۈمنى ئالدىنقىسىغا ئۇلىمايلا ئايرىم ۋەقەلىك بىلەن باشلاپ قالارمىكى.
مۈشۈك ئېيىقنىڭ ئىككىنچى بۈلۈمى بىرىنچى بۈلۈمگە قارىغاندا خېلىلا چىكىنگەن ئىدى. ئۈچۈنچى بۈلۈمدە ئىناۋىتىنى قايتۇرۇپ كىلىشىنى ئۈمۈر قىلىمەن.
يۈرۈشلۈك فىلىملەردە داۋاملىق ئىناۋىتى ئېشىپ ماڭغىنى شۇ ئىمكانسىز ۋەزىپە ئىكەن.
ئاۋۇ ئۈلۈك تەن دىگەنگە ئالاقىدار ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن. ئىلگىرى بىرە فىلىمى قۇيۇلغانمۇ
كىگىز
ۋاقتى: 2015-8-19 13:52:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈلۈك تەن ، فىلىمىدىكى باش رولچى  ، يېشىل نۇر پالۋاندىكى باش رولچى  شۇغۇ ئۈزىنى ئۈزى ئۆلتۇردىكەندە.      
ئىمكانسىز ۋەزىپە 5 ، بىلەن ئاخىرلاشتۇرغۇچى 5 ، نى بۈلۈشۈپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولغىدەك ،  
مۇنبەردە ھازىر با تەرجىمانلا  بىلەن قىلىۋەتكىلى  بۇلا  دەيمەن ، دىلمۇراتكام ياكى  بىرەر تەرجىمان باش بولسا  بۇلاتتى  ، مەنمۇ  ، ئابدۇكىرەم ئابلېز ،چە ئۇسلۇپتا  ھەربىر فىلىمدىن 100 جۇملە تەرجىمە قىلىشىپ  بىرەي  قىلايلى دەپ  قالساڭلا  ،
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-8-19 13:57:11 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىملەنىڭ تەرجىمىسىنى باشلىغانلا يوق دىگىلى بولمايدۇ  ،شۇنداقلا  بولسا  ئۇچۇر بىرىۋەتسە بۇلاتتى ،
داق يەر
ۋاقتى: 2015-8-19 14:46:38 | ئايرىم كۆرۈش
تۈرمىدىن قېچىشنى 10 قىسىملىق مىكرو ت.ۋ قىلىدىغان چىراي، خۇددى 24 سائەتكە ئوخشاش.
مىخ
ۋاقتى: 2015-8-19 22:01:03 | ئايرىم كۆرۈش
تەشۋىق فىلىمىلا چوغ تاشلىۋەتتىدە يۈرەككە.
ئىمكانسىز ۋەزىپىنى 2 3 يۈز قۇر قىلىدىغان ئىشقا مەن تەييار.
9#
ۋاقتى: 2015-8-19 22:21:12 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئىمكانسىز ۋەزىپە 5 نىڭ مۇقاۋىسىنى كۆرسەملا، ئاشۇ ئۇسلۇپ بويىچە ئۇيغۇرچە مۇقاۋا ئىشلەش ئىستىكىمنى باسالمايمەندە
10#
ۋاقتى: 2015-8-19 22:51:01 | ئايرىم كۆرۈش
پەچەت كىنولانى كورگۇدەكمىز .
11#
ۋاقتى: 2015-8-19 23:10:43 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2015-8-19 22:01
تەشۋىق فىلىمىلا چوغ تاشلىۋەتتىدە يۈرەككە.
ئىمكانسىز ۋ ...

ئابلېزكا باللا بىلەن مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ئىشنى باشلىۋىتەيلىمۇ ئەمسە

باھا سۆز

ئۆلچەملىك خېتى چىقتىمۇ يوق، مەن بىر ئىزدەپ باقاي.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-8-19 23:14
12#
ۋاقتى: 2015-8-19 23:14:21 | ئايرىم كۆرۈش
18199390184 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-19 23:10
ئابلېزكا باللا بىلەن مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ئىشنى باشلىۋ ...

ئۆلچەملىك خېتى چىقتىمۇ يوق، مەن بىر ئىزدەپ  باقاي.
13#
ۋاقتى: 2015-8-19 23:21:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلىدۇ
14#
ۋاقتى: 2015-8-20 10:14:10 | ئايرىم كۆرۈش
تۈرمىدىن قېچىشنىڭ رەسىمىنى كۆرىۋاتسام  مۈشۈكئېيىقنىڭ رەسىمىگە كەلگەندە كومپىيوتېرىم قېتىۋېلىپ  تۇرمىدىن قېچىشقا مۈشۈكېيىقمۇ قاتناشقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ھى ھى ھى ...
كاپىتان تەرەپتىكىلەرنىڭ ئەڭ ئوڭدىكى ئوۋتىمەنما ؟

باھا سۆز

چۈمۈلە پالۋان بۇ يىل كىنۇسى چىقتى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-8-20 19:27
15#
ۋاقتى: 2015-8-20 19:27:18 | ئايرىم كۆرۈش
نۇر0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-20 10:14
تۈرمىدىن قېچىشنىڭ رەسىمىنى كۆرىۋاتسام  مۈشۈكئېيىقنىڭ  ...

چۈمۈلە پالۋان بۇ يىل كىنۇسى چىقتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 16:54 , Processed in 1.340905 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش