فىلىم
دەرىجىسى: -
ئىسمى:
خەنزۇچە ئىسمى:
دۆلىتى:
تىلى:
تۈرى:
فورماتى: -
ۋاقتى:
يېزىقى:
رازمېرى: -
سىغىمى:
ئۇزۇنلىقى:
رېژىسسور: -
باش رولچىلار: -
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: -
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-23 18:10  


فىلىم بەدىئىلىكى: مەزكۇر كىنو ياپونىيەنىڭ ئايرۇپىلان ئاتىسى خورىكو جىرونىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن تەزكىرە خاراكتىرلىك كارتون فىلىمى بولۇپ، كارتوندا بالىلارچە كارتون ئوبراز يوق ياكى ئاجايىپ-غارايىپ ھايۋانات، گىگانت نەرسىلەر يوق، بەلكى رىئالنى تارىخ سۈرەتلەپ بېرىلگەن...
ياپون كارتونچىلىقىنىڭ ئاساسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە ئايان، ئەمما بۇ كارتوننى كۆرگەن كىشى خۇددى داڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىنى كۆرگەندەك، داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ ئېسىل مۇزىكىلىرىنى تىڭشاپ چوڭقۇر خىيالغا كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ...چوڭلارغا ئۆتمۈشنى ئەسلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىسە، بالىلارنى ياخشى بىر دەرسلىك بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ..كىنودا ئۈمىدۋارلىق، مېھرىبانلىق، چىن مۇھەببەت ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى مۇجەسسەملەنگەن بولسا، ياشلارغا ئىرادە تىكلىگەندىن كېيىن شۇ ئىرادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشنىڭ لازىملىقىدىن ئىبارەت ياخشى دەرس بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىنودا "شامال چىقتى، تىرىشساقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز" دېگەن ياپونچە روھنى كەڭ تەشۋىق قىلىدۇ...ئۇنىڭدا باشقا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياپون مىللىتارىزىمى، فاشىتستلارنىڭ بەزى زورلۇق زومبۇلۇقلىرى ۋە مۇستەبىتلىكلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ..

فىلىم ئارقا كۆرۈنۈشى:

جىرو

فىلىمنىڭ باش قەھرىمان خورىكو جىرو ھەقىقى ئۆتكەن شەخس بولۇپ، ئۇ 1903-يىلى 6-ئاينىڭ 22- كۈنى ياپونىيىنىڭ گۇنما ناھىيسىىدە تۇغۇلغان، ياپونىيە ئىمپىريە ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئاۋئىاتسىيە سانائىتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ياۋرۇپا، ئامېرىكىلاردا ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. يەنە ئامېرىكىدا 1.5 يىل ئەتراپىدا سەييارە مەكتەپتە ئوقۇغان. ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ ياپونىيىنىڭ تۈرلۈك ئايروپىلانلارنى لايىھىلەشلەرگە قاتناشقان. ئۇنىڭ تىپىك ئىجادىيىتى 0-نومۇرلۇق كۆرەشچى ئايرۇپىلان بولۇپ، بۇ ئايروپىلان ياسالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى تىرە پىرەن قىلىۋەتكەن، ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئامېرىكا تېخنىكىسىنى يېڭىلىغانلىقتىن بۇ ئايروپىلان ئۆز رولىنى يوقىتىپ كارغا كەلمىگەن..ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە ياپون پىدائىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشتىكى قورالى ئايروپىلان بومبا رولىنى ئۆتىگەن.

ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن خورىكو جىرو ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ، 1963-1965-يىللىرى يوكيو ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورنىدا لېكتور بولغان، 1965-يىلى توكيو ئۇنىۋېرستىتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1965-1969-يىللىرى مۇدپئىە ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ پىروپىسورى بولغان، 1972-1979-يىلىغىچە ياپونىيە ئۇنىۋېرستىتىنىڭ سانائەت بۆلۈمىدە پىروپىسور بولغان. 1973-يىلى 11-ئايدا قۇياش ئوردىنىغا ئېرىشكەن. 1982-يىلى 11-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى ياپونىيە پادىشاھى گاۋخېى ئۇنىڭغا 4-دەرجىلىك نام ئاتاق بەرگەن...

فىلىمدىكى ئوبرازلار:


خورىكو جىرو -- فىلىمدىكى باش پېرسوناژ، ئايرۇپىلان لايىھىلىگۈچى



خونجو -- خورىكونىڭ خىزمەتدېشى



نائوكو -- جىرونىڭ سۆيگۈنى، گۈزەل، نازۇك، كېسەلچان قىز.



كوروكاۋا -- جىرونىڭ باشلىقى، جىرونىڭ تالانتىنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ئادەم، ئۇ جىروغا قاتتىق تەلەپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىدۇ.


فىلىم ئېرىشكەن مۇكاپاتلار:




دوستىمىز دېل نىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن فىلىمنىڭ تەرجىمە ئىشلىرى تۈگىدى. پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ..بولسا مۇقاۋىچىلار مۇقاۋسىنى ئىشلىگەچ تۇرغايسىلەر....


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار15

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-4-23 18:37:52 | ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈنلا تۇتۇش قىلمىسام بولماپتۇ....
يىكەنداز
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-4-23 19:18:23 | ئايرىم كۆرۈش
تۇغتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-4-23 18:37
بۈگۈنلا تۇتۇش قىلمىسام بولماپتۇ....

چىڭ تۇتۇڭ جۇمۇ قىچىپ كەتمىسۇن ، بولمىسا ئىسىل فىلىمدىن بىرسى كىيىن  قالىدۇ
گېلەم
يولۇچې ۋاقتى: 2016-4-23 19:31:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسېل كارتونكەن
كىگىز
شۇڭقار ۋاقتى: 2016-4-23 22:40:29 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كارتوننى مىيازاكى ھايائونىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى دېگەندەك يادىمدا
ئورۇندۇق
abdusala ۋاقتى: 2016-4-23 23:17:57 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdusala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-23 23:21  

مىيازاكى ھايائونىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى  
مىيازاكى خايائو ئەپەندىمنىڭ قول سىزما رەسىمى   
http://uyghur.cntv.cn/2015/04/22/PHOA1429671155865905.shtml
داق يەر
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-4-24 03:57:07 | ئايرىم كۆرۈش
مۇقاۋا كەتتى... تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر؟ باش رولچىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسىمىنى تېپىپ بولالماي يوللاپ قويۇپ تۇردۇم. بىلدىغانلار بولسا ئىنكاس قىلىپ قويساڭلار. كىرگۈزۈپ قوياي....  فىلىم خېتىنى خەتتات مۇھەممەد ئېلى سىدىق خەتخۇمار يازغان.


مىخ
بىركۈي ۋاقتى: 2016-4-24 15:42:39 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىركۈي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-24 18:26  

9#
barchuq ۋاقتى: 2016-4-24 18:08:56 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ακβαя تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-24 18:29  

كەتتى .

xama0l.jpg (237.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

xama0l.jpg
10#
نۇرئەلى2 ۋاقتى: 2016-4-24 19:53:20 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ۋاقىتلاردا مەن دونيا ھەپتىلىكىدە كۆرگەنتىم بەكلا داملىۋاتاتتى بۇ كارتوننى
11#
del ۋاقتى: 2016-4-24 21:40:18 | ئايرىم كۆرۈش
مۇقاۋا ئىشلەش بۇ يەردىمۇ باشلىنىپ كىتىپتىغۇ ؟

باھا سۆز

ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپلا سايلام ئېلىپ بارسڭىز بولغۇدەك..  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-4-24 22:32
12#
del ۋاقتى: 2016-4-24 21:58:44 | ئايرىم كۆرۈش
تۇغتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-4-24 03:57
مۇقاۋا كەتتى... تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر؟ با ...

ئەمەتجان بۇرادەر ئوڭ تەرەپ ئۇستىدىكى خەنچە خەتنىڭ ئورنىغا ئاق بۇركۇت تامغىسىنى چاپلاپ قويسىز بولماسمۇ ؟يا بۇمۇ بەك يارىشامدىكەن
13#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-4-24 22:19:23 | ئايرىم كۆرۈش
del يوللىغان ۋاقتى  2016-4-24 21:58
ئەمەتجان بۇرادەر ئوڭ تەرەپ ئۇستىدىكى خەنچە خەتنىڭ ئو ...

ئۇ ياپونىيەدىكى داڭلىق بىر كارتون شىركىتىنىڭ بەلگىسى ئىدى. شۇڭا ئۆچۈرگۈم كەلمىدى. ھەم ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۆچۈرۋەتمىدىم. سول تەرەپكە ئاق بۈركۈت بەلگىسىنى چىقىراي دېگەن.... مۇقاۋىنىڭ پاكىز چىقىشىنى ئويلاشتىم.....
14#
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2016-4-24 22:32:29 | ئايرىم كۆرۈش
del يوللىغان ۋاقتى  2016-4-24 21:40
مۇقاۋا ئىشلەش بۇ يەردىمۇ باشلىنىپ كىتىپتىغۇ ؟

ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپلا سايلام ئېلىپ بارسڭىز بولغۇدەك..
15#
del ۋاقتى: 2016-4-24 23:00:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2016-4-24 22:32
ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپلا سايلام ئېلىپ بارسڭىز بولغۇد ...

بۇنى يەنىلە سىزگە تاپشۇردۇم ؟ كوت كوتتا دىگەندەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1