ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئەڭ ئاخىرقى دەرس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
790 16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 21:15  

ھەر بىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن مەزكۇر ھېكايىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىنى، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز - ئۇيغۇرتىلى نىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىنى، ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئاسراش، ئۇنى بېيىتىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قانداق يەتكۈزۈش توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. ئاندىن، مۇشۇ مەسلە ئۈستىدىكى بەس-مۇنازىرلەرنىڭ تىنچ، ياخشى پىكىرلەر بىلەن تۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەممەيلەن قايتا بىر ئويلىنايلى......................

ھېكايىدىكى سېرىق ۋە قىزىل رەڭلىك ئورۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈڭلار ۋە ئويلىنىڭلار.....




ئەڭ ئاخىرقى  دەرس


دائۇدېت (1840 _1897 )


  بۇھېكايە 1873 - يىلى يېزىلغان . 1871 - يىلى پرۇسىيە - فىرانسىيە ئۇرۇشى پارتىلىغان.پىرۇسىيە قوشۇنلىرى فىرانسىيە زىمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، ئېلزاس ، لوتارىنگىيە قاتارلىقفىرانسىيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زىمىنىنى بېسىۋالدى . فىرانسىيە خەلقى قوزغىلىپ قارشىلىقكۆرسەتتى. فىرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېت (1840 _1897 ) بۇ قېتىملىق ئۇرۇشقاقاتناشقان ھەم بۇ ھېكايىنى يازغان. ھېكايىدە ئىشخالىيەت ئاستىدىكى ئىلزاسرايونىدىكى بىر باشلانغۇچ مىكتەپتە فىرانسۇس تىلى ئوقۇتىشىنى چەكلەپ ، نېمىستىلىنى ئوقۇتۇشىنى جاكارلىغانلىقى تېما قىلىنىپ ، ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىكفىرانسۇس تىلى ئوقۇتۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق فىرانسىيە ئۆز ۋەتىنىنى قىزغىنسۆيىدىغانلىقىنى ، باسقۇنچىلارغا بولغان نەپرىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

      ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەكتەپكەناھايىتى كېچىكىپ باردىم، كۆڭلۈمدە خەنمەير ئەپەندى تىللايدىغان بولدى، دەپناھايىتى قورقتۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىزدىن پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنى سورايدىغانلىقىنىئېيىتقانىدى، لېكىن مەن ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيتتىم. شۇڭا مەكتەپكە بارماي، دالاغاچىقىپ ئويناپ كېلەيچۇ، دېگەن نىيەتكە كەلدىم.

      ھاۋا شۇ قەدەر ئىللىق، شۇ قەدەرسۈزۈك ئىدى!

      بۇلبۇللار ئورمان چېتىدە يېقىملىق،چاك- چاك سايرايتتى؛ تاختاي تىلىش زاۋۇتىنىڭ كەينىدىكى چىملىقتا پرۇسىيەئەسكەرلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرىلەر پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگەقارىغاندا خېلىلا قىزىقارلىق ئىدى؛ لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇپ، شۇ ھامانمەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.

بازار مەھكىمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېلان تاختىسى ئالدىداتۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇرۇستىكى مەغلۇبىيەت،سېلىنغان ئالۋان- ھاشارلار، قوماندانلىق شىتابىنىڭ ھەر خىل بۇيرۇقلىرى قاتارلىقيامان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردىن تارقىلاتتى. مەن توختىماي يۈگۈرۈپكېتىۋېتىپ ئىچىمدە: «يەنە نېمە ئىش بولغاندۇ» دەپ ئويلىدىم.

       تۆمۈرچى خۇاشىتمۇ شاگىرتى بىلەنبىللە كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئېلاننى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈپكېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا ۋارقىرىدى:

        ــ ئۇنچىۋالا تېز يۈگۈرۈشۈڭنىڭھاجىتى يوق ئوغلۇم، سەن مەكتەپكە بەرىبىر ھامان ناھايىتى بالدۇر بارىسەن!

       مەن، ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتساكېرەك، دەپ ئويلاپ، ھاسىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپ خەنمەير ئەپەندىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىغايېتىپ كەلدىم.

       ئادەتتىكى كۈنلەردە، مەكتەپتە دەرسباشلاش ۋاقتىدا ھامان بىر پەس ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولاتتى، بۇ كوچىغىمۇ ئاڭلىناتتى.پارتىنى ئاچقان ۋە ياپقان ئاۋازلار، ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن قۇلقىنى ئېتىۋېلىپكۆپچىلىكنىڭ ۋارقىراپ دەرس يادلاشلىرى... ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۆمۈرپالاقنى ئېلىپ، پارتىغا تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ: «تىنچ ئولتۇرۇڭلار، پەسرەك ئاۋازدائوقۇڭلار...» دەپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

       مەن ئاشۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭدىنپايدىلىنىپ ئۆز جايىمغا غىپپىدە ئۆتۈۋالارمەن، دەپ خىيال قىلغاندىم؛ لېكىن ئاشۇكۈنى ھەممە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكىدەك جىمجىتلىققا چۆككەنىدى. مەن ئوچۇقدېرىزىدىن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم؛ خەنمەير ئەپەندىبولسا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، قولتۇقىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھېلىقىتۆمۈر پالاق بار ئىدى. مەن نائىلاج ئىشىكنى ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆزىچىلاجىمجىتلىققا چۆككەن سىنىپقا كىردىم. سىلەر شۇ چاغدا مېنىڭ يۈزۈمنىڭ قانىچىلىكدۈپۈلدەپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭلار مۇمكىن!

       لېكىن ھېچقانداق ئىش بولمىدى.خەنمەير ئەپەندى مېنى كۆرۈپ، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:

        ــ تېز جايىڭغا ئولتۇر شاكىچىكفرانىس، دەرسنى باشلايمىز، سېنى كۈتمىدۇق،- دېدى.

       مەن ئورۇندۇقنى ئاتلاپلا جايىمغا ئولتۇردۇم. يۈرىكىم بىرئاز جايىغا چۈشۈپتىنچلانغاندىن كېيىنلا، مۇئەللىمىمىزنىڭ بۈگۈن ھېلىقى ناھايىتى چىرايلىق بايراملىقمايسىرەڭ كىيمىنى كىيىپ، بوينىغا گىرۋەك چىقىرىلغان گالىستۇك تاقاپ، بېشىغا چۆرىسىكەشتىلەنگەن كىچىككىنە قارا يىپەك شىلەپە كېيىۋالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ بۇكېيىملىرىنى مۇپەتتىش مەكتەپكە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەن ياكى مۇكاپات تارقاتقانكۈنلەردىلا كېيەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن پۈتكۈل سىنىپنى ئادەتتە كۆرۈلمەيدىغانئاجايىپ جىددىيلىك قاپلىغانىدى. مېنى ھەممدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، ئارقاتەرەپتىكى ھامان بوش تۇرىدىغان بىر نەچچە قاتار ئورۇندۇقلاردا بازاردىكى بىر مۇنچەئادەملەر ئولتۇراتتى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش سۈكۈتكە چۆككەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدەئۈچ قىرلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان خاۋسۇ بوۋاي، ئىلگىرىكى بازار باشلىقى، ئىلگىرىكىپوچتىكەش يەنە بەزى باشقا ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن غەم- قايغۇچىقىپ تۇراتتى. خاۋسۇ بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىرئوقۇش كىتابىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى. ئۇ كىتابنى ئېچىپ تىزىغا قويۇۋالغان، كىتابنىڭئۈستىگە ئۇنىڭ چوڭ كۆزەينىكى توغرىسىغا ياتاتتى.

       مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيرانبولۇپ تۇرغىنىمدا خەنمەير ئەپەندى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، بايا ماڭاسۆزلىگەندىكىدەك، مۇلايىملىق ۋە جىددىيلىك بىلەن بىزگە سۆزلەشكە باشلىدى:

       ــ بالىلىرىم، بۇ سىلەرگەئۆتىۋاتقان ئاخىرقى دەرسىم. بېرلىندىن ئىلزاس ۋە لوتارنگىيدىكى مەكتەپلەردە نېمىستىلىنى ئۆتۈشكىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. يېڭى ئوقۇتقۇچىئەتە يېتىپ كېلىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىنىئۆتىمەن، سىلەرنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

       بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىم سىيرىلىپكەتتى. ئاھ، ھېلىقى ئەبلەخلەرنىڭ بازا مەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلىغىنىمۇشۇ گەپ ئىكەن- دە!

       مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقىبىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىم ئىكەن بۇ! مەن تېخى ماقالە يېزىشنىمۇ تۈزۈكئۇقمايمەن! ئەمدى مېنىڭ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمگە ئىمكانىيەتمۇ يوق ئىكەن- دە!بۇنىڭغا بوپتىلا دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بۇرۇن ئوبدان ئۆگەنمەي، دەرستىن قېچىپقۇشقاچ ئۇۋىرىلىنى ئىزدەپ يۈرگەن، سائار دەرياسىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەنىدىم...مۇشۇلارنى ئەسلەپ، قاتتىق پۇشايمان قىلدىم! مەن تېخى ھېلىلا گرامماتىكا، تارىخقاتارلىق دەرسلىكلىرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئېغىر كۆرۈپ، بىزار بولغانىدىم.ئەمدىلىكتە، بۇلار خۇددى قەدىناس دوستلىرىمدەك بۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ،خەنمەير ئەپەندىگىمۇ شۇنداق. ئۇ كېتىدىغان بولدى، ئۇنى يەنە قايتا كۆرەلمەيمەن!مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جازالىرىنى، پالاقتا يىگەن تاياقلىرىمنىئۇنتۇدۇم.

      بىچارە ــ بايقۇش!

      ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى دەرسنى خاتىرلەشئۈچۈن بايراملىق چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپتىكەن! بازاردىكى بوۋايلارنىڭ نېمەئۈچۈن سىنىپقا كېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. بۇ ماڭا ئۇلارنىڭمۇ ئۆزۋاقتىدا مەكتەپكە پات- پات كېلىپ تۇرمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندەكبولدى. ئۇلار گويا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مۇئەللىمىمىزنىڭ سەمىمىي- ساداقەتلىك بىلەن 40نەچچە يىل ئىشلىگەن خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىۋاتقاندەك، قولدىن كېتىش ئالدىداتۇرغان زېمىنىمىزغا بولغان ئىززەت- ئېھتىرامىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

      مۇشۇلار خىيالىمدىن كېچىۋاتقاندابىردىندا مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ قالدى. يادلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى. ئاھ خۇدا، ئەگەرقېيىنلىقتا داڭق چىقارغان پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ قوللىنىلىشىنى جاراڭلىق، ئېنىق ۋەقىلچە خاتاسىز ھالدا باشتىن- ئاخىر ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولسام، بۇنىڭ بەدىلىگەھەر قانداق نەرسىنى قۇربان بېرەتتىم، لېكىن باشتىلا بىر نەچچە سۆزنى ئارلاشتۇرۇپقويۇپ گاڭگىراپ قالدىم، مەن نائىلاج ئۇياقتىن- بۇياققا ئىرغاڭلاپ، كۆڭلۈم قاتتىقبىئارام بولۇپ، بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمىدىم. خەنمەير ئەپەندىنىڭ ماڭاسۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:

      ــ مەن سېنىمۇ ئەيبلىمەيمەن، شاكىچىكفرانىس، ئۆزۈڭمىغۇ خېلىلا بىئارام بولۇۋاتىسەن، شۇمۇ كۇپايە. ھەممەيلەن ھەر كۈنى:« ۋاي بولدىلا، ۋاقىت بارغۇ، ئەتە ئۆگۈنسەممۇ كەچ ئەمەس» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمدىنەتىجىمىزگە قاراپ باقايلىچۇ. ھەي، ئۆگىنىشنى دائىم ئەتىگەقالدۇرۇش ئىلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى.ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە: « قانداق؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسۇز دەيسىلەر،ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۇقمايسىلەر! ...» دېسە، ھەقلىق.بىراق، بىچارە شاكىچىك فرانىس، بۇ سېنىڭلا سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بىزھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلىرىمىز بار.

      ــ سىلەرنىڭ ئاتا- ئاناڭلارئۆگىنىشىڭلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنىكىتابىڭلارنى تاشلاپ، ئېتىزغا، ئىگىرىش فابرىكىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ.مەنچۇ، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك جايلىرىم يوقمۇ؟ مەن سىلەرنى پات- پاتلادەرسىڭلارنى تاشلاپ گۈللىرىمنى سۇغىرىشقا سالمىدىممۇ؟ مەن بېلىق تۇتۇشقا چىققانچاغدا، سىلەرنى بىراقلا بىر كۈن قويۇۋەتمىدىممۇ؟...

      ئارقىدىن، خەنمەير ئەپەندى ئۇ ئىش-بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، فرانسۇز تىلى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىقتىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيىتتى: بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭتىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگەبولغاندەك بولىدۇ. ئۇ مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ، كىتابىنى ئېچىپگرامماتىكىنى ئۆتتى. ئاجايىپ ئىش، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى تولۇق چۈشەندىم.ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ناھايىتى ئاسان، بەكمۇ ئاساندەك تۇيۇلدى. مەن ئۆزۈمنى دەرسنىھېچقاچان مۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىغاندەك، ئۇمۇ ھېچقاچان مۇنچىلىك سەۋرچانلىقبىلەن چۈشەندۈرمىگەندەك ھېس قىلدىم. بۇ بىچارە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلىدىغاننەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بىزگە ئۆگىتىپ قويغۇسى، مېڭىمىزگەبىراقلا قۇيۇپ قويغۇسى كېلەتتى.

       گىرامماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈپبولغاندىن كېيىن، بىزگە خەت يېزىش مەشىقى دەرسىمۇ ئۆتۈلدى، شۇ كۈنى، خەنمەيرئەپەندى بىزگە يېڭى خۇش خەت ئۈلگىسى تارقىتىپ بەردى، ئۈلگىدە «فرانسىيە»،«ئىلزاس»، دېگەن چىرايلىق دۈگىلەك شەكىللىك خەتلار بار ئىدى. بۇ خەت ئۈلگىلىرىپاترىمىزنىڭ تۆمۈر دەستىسىگە ئېسىلغان بولۇپ، خۇددى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىچىكبايراقلىرى سىنىپتا لەپەلدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ھەممەيلەن شۇنچىلى دېققەت بىلەنبېرىلىپ خەت مەشىقى قىلاتتى، سىنىپ ئاجايىپ جىمجىتلىققا چۆككەن! قەلەمنىڭ قەغەزئۈستىدە شىتىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئالتۇن قوڭغۇزلار ئۇچۇپ كىرسىمۇ،ئۇلارغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى، ئەڭ كىچىك بالىلارمۇ دېققىتىنى بۇرمايىتتى، ئۇلارتاياق سىزىقلارنىمۇ خۇددى بۇلار فرانسۇز خېتى ھېسابلىنىدىغانداك ئىخلاس بىلەنزېھىن قويۇپ سىزاتتى. ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ- گۇلاپ پەس ئاۋازدا سايرايتتى.«ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!» دەپ ئويلىدىمئىچىمدە.

         مەن ھەر قېتىم بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىساملا، خەنمەير ئەپەندىنىڭ ھامان ئورۇندۇقتاقىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ، بۇ كىچىككىنى سىنىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆزىقىيماي، ئۇلارنى ئېلىپ كەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىغا كۆزۈمچۈشەتتى. 40 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل ھالا مەشەدە ياشىدى، دېرىزە سىرتىدا ئۇنىڭكىچىككىنە ھويلىسى، كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئۇزۇن يىللار ئىشلىتىلگەنپارتا- ئورۇندۇقلار سۈركىلىپ پارقىراپ ۋە ئۇپراپ كەتكەن؛ ھويلىدىكى ياڭاق دەرىخىئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن پىچەك گۈلى بۈگۈنكى كۈلدە دېرىزىنىئايلىنىپ ئۆگزىگىچە ياماشقانىدى. بىچارە ئادەم مانا مۇشۇلارنىدا ئويلىغاندا، ئەمدىمۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغاندا قانداقمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىبۇزۇلمىسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇياقتىن- بۇياققامېڭىپ يۈك- تاقىلارنى يىغۇشتۇرىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى! ئۇلار ئەتە بۇ يەردىنمەڭگۈگە ئايرىلاتتى.

        لېكىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەرسلەرنىئاخىرىغىچە ئۆتۈپ بولۇشقا چىدايدىغان غەيرىتى بار ئىدى. خەت مەشىقى دەرسىتۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر سائەت تارىخ ئۆتتى. ئارقىدىن باشلانغۇچ سىنپلارغا«با، بې، بى، بو، بۇ» بوغۇملىرىنى قوشۇپ ئوقۇشنىمۇ ئۆگەتتى. سىنپنىڭ ئارقاقاتارىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان خاۋسۇ بوۋاي كۆزەينىكىنى تاقاپ، ئىككى قولىداباشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش كىتابىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرپلەرنى ئۇلارغا ئەگىشىپ قوشۇپئوقۇيتتى. ئۇ ھاياجانلانغانلىقتىن ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقاتتى. ئۇنىڭ غەلىتە ئاۋازىنىئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھەم كۈلگىمىز كېلەتتى، ھەم كۆڭلىمىز يېرىم بولاتتى. ئاھ! بۇئاخىرقى دەرسنى مەن ھەقىقەتەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن!

        بىردىندا چىركاۋنىڭ سائىتى 12 قېتىمسوقتى، ئىبادەت قىلىش ۋاقتىنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ جاراڭلىدى. تاشقىرىدىن پىرۇسىيەئەسكەرلىرىنىڭ كاناي ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى ــ ئۇلار مەشىقتىن چۈشكەنىدى. خەنمەيرئەپەندى ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇ ماڭا ھېچقاچان مۇنداقبەستلىك- گىگانت كۆرۈنمىگەنىدى.

      ــ مېنىڭ دوستلىرىم،- دېدى ئۇ،-مەن... مەن... ،- لېكىن ئۇ دېمى سىقىلىپ سۆزلىيەلمەي قالدى.`

      ئۇ بۇرۇلۇپ قارا تاختىغا قاراپ،قولىغا بور ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چوڭ- چوڭ قىلىپ:

      ــ ياشىسۇن فرانسىيە! ــ دېگەنخەتلەرنى يازدى.

      شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېشىنى تامغا يۆلەپ،شۇ جايىدا تۇرۇپ قالدى، لام- جىم دېمەي، بىزگە قول ئىشارىسىلا قىلدى: .

      ــ دەرس تۈگىدى، سىلەر قايتىڭلار!


مەزكۇر ھېكايە مىسرانىم مۇنبىرىدىنئەكىرىلدى.....


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار16

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
abdusala ۋاقتى: 2016-2-5 21:12:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئەدەبىيات كىتاپتىكى  ھېكايىغۇ
بولسا ئىملا تۇزىتىدىغان دىتال  بولسا يوللاپ قويسىڭىز
يىكەنداز
abdusala ۋاقتى: 2016-2-5 21:16:56 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdusala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 21:18  

ئىملا تەكشۈرۈش


مەرھەمەت
گېلەم
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-5 21:18:57 | ئايرىم كۆرۈش
abdusala يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 21:12
ئەدەبىيات كىتاپتىكى  ھېكايىغۇ
بولسا ئىملا تۇزىتىدىغان ...

سىزنىڭ تور كۆرگۈچىڭىزدە قانداق كۆرۈندى ماۋۇ خەتلەر؟ مېنىڭكىدە بەك سەت ئىچاڭ-پىچاڭ كۆرۈنۈپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى. ئۇيغۇر سوفت كوررېكتور نى ئىشلىتىڭ
كىگىز
abdusala ۋاقتى: 2016-2-5 21:24:02 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭكىنى دەمسىز
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-5 21:26:03 | ئايرىم كۆرۈش

ھەئە، ماۋۇ يازما خېتىنى ئۆلچەملىك كۆرۈندىمۇ دېمەكچى ئىدىم. باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسەم نۇرمال ئىكەن دېدى...
داق يەر
abdusala ۋاقتى: 2016-2-5 21:28:06 | ئايرىم كۆرۈش
نورمالغۇ   تور كۆرگۈچنى  ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ
مىخ
Nejmi ۋاقتى: 2016-2-5 22:59:29 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭكىدە نورمالغۇ...
9#
delphi ۋاقتى: 2016-2-5 23:11:38 | ئايرىم كۆرۈش
باشلانغۇچتىكى ھىسلار .
10#
شۇڭقار ۋاقتى: 2016-2-5 23:21:06 | ئايرىم كۆرۈش
تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ئەدەبىيات كىتابتا ئوقىغان بولغىمىتۇق ياكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىغان بولغىمىتۇق، ئىشنى قىلىپ ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمىزدا دەرىسلىك كىتابىمىزدا بارتى بۇ ھېكايە .
11#
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-5 23:23:53 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 23:25  
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 23:21
تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ئەدەبىيات كىتابتا ئوقىغان بولغى ...

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىك كىتابىدا بار ئىدىغۇ دەيمەن..... ھازىر بارمۇ-يوقمۇ ئۇنىسى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، بىز ئوقۇغان ۋاقىتلار كونا دەرس ئىسلاھاتىنىڭ كىتابى ئىدى.
12#
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2016-2-5 23:28:48 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا خەتلەر ئاجايىپ سەت كۆرۈندى. تولوقسىز ئەدەبىياتىدا دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۆلگەنغۇ؟مەزمۇنى ھازىرغىچە ئىسىمدە باكەن
13#
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-5 23:29:01 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 23:21
تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ئەدەبىيات كىتابتا ئوقىغان بولغى ...

‹‹ ئەرۋاھلار رايونى ›› نىڭ ئىشلىرى قانداقراق بولىۋاتىدۇ؟ مەن ھەتتا مۇقاۋىسىنى ئىشلەپ بېسىپ قويۇپ تۇردۇم جۇما....... ۋاقتا كەلگەندە يۈز كۆرىشىدۇ......
14#
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-5 23:30:47 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاپاسىز يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 23:28
ماڭا خەتلەر ئاجايىپ سەت كۆرۈندى. تولوقسىز ئەدەبىياتىد ...

مېنىڭكىدىمۇ شۇنداق كۆرۈنگەن، مەنمۇ تور كۆرگۈچ ئالماشتۇرسام چىرايلىق كۆرۈندى. سىزمۇ ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. google دا ناھايىتى ئۆلچەملىك كۆرۈنىدىكەن....
15#
شۇڭقار ۋاقتى: 2016-2-5 23:56:55 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 23:29
‹‹ ئەرۋاھلار رايونى ›› نىڭ ئىشلىرى قانداقراق بولىۋات ...

پۈتتى،  مۇقاۋا ئىشلەش تىمىسىنى يوللىۋەتسەملا بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ تور دىسكىلىرىغا ئىشەنچ يوق، شۇڭا 3-4 تور دىسكىسىغا يوللاي دەيمەن .

باھا سۆز

چىڭتۇڭغا پارول بىكىتىپ يوللاڭە . مۇشۇ بىرقەدەر ياخشىكەن ھازىر  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-6 14:31
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

6پىنتوزىلىرى

3تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1